كۆرۈش: 378|ئىنكاس: 0

ئادىل ئىمىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادىل ئىمىن

QQ截图20160224001729.jpg


        بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئادىل ئىمىن(ئەدەبىي تەخەللۇسى شادتېكىن) 1965-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى يەكەن ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،1987-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتىتىنى  پۈتتۈرگەندىن كىيىن يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە قاتناشقان،ھازىرغىچە ئىزچىل شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا .
        ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ كىتاپ ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ،ئالى مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدا يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ،بۇلاردىن مول مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىش ئاساسىدا ئۆزىمۇ شېئىر-چۆچەك ،مەسەل ئىجادىيىتىنى باشلىغان ، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تۈزگەن كوللىكتىپ توپلامغا بېسىلغان ‹‹مەكتىۋىم ››ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەر سېپىگە قوشۇلغان،شۇنىڭدىن تارتىپ ھەرقايسى گېزىت –ژورناللاردا چۆچەك ،مەسەل، يەكەن تارىخى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى  تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن بولۇپ،40پارچىدەك ئەسەر ئېلان قىلغان،بىرقىسىم چۆچەكلىرى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن،شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەرقايسى نەشىرىياتلار تەرىپىدىن ھازىرغىچە ‹‹بۇلبۇلنامە ››،‹‹خاسىيەتلىك چۈش ››،‹‹ئەتىرگۈل مەلىكە ›››،‹‹بەخت ئارىلى ئىزلەش ››،‹‹خىرۇستال شاھزادە››،‹‹چارپاقا مەلىكە ››،‹‹كېپىنەكقىز ››قاتارلىق چۆچەكلەر توپلاملىرى،‹‹توز مەلىكە››،‹‹خىرۇستال كەش ››،‹‹ئاققۇ مەلىكە ››قاتارلىق چۆچەك ۋە مەسەللەر توپلاملىرى،‹‹شاھزادە نۇرئېزىز ھەققىدە قىسسە››،‹‹پەخىرىدىننىڭ سىرلىق دۇنيادىكى  سەرگۈزەشتىلىرى ››قاتارلىق بالىلار رومانلىرى نەشىر قىلىنغان،ئۇ يەنە يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ دەرسلىكى ‹‹مۇقام يۇرتى يەركەن››)ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە يەرلىك دەرسلىكلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتلانغان)،يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىغا بېغىشلانغان ‹‹شانلىق50يىل››قاتارلىق كىتاپلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان،نۆۋەتتە   ‹‹شادىمان شاھزادە››ناملىق بالىلار رومانى ۋە چۆچەك –مەسەللەردىن تەركىپلەنگەن ‹‹ئاققۇغا مىنگەن شاھزادە››،‹‹شاتۇتى شاھزادە››،‹‹باتۇر ياغاچ بالا ››،‹‹قار لەيلىسى مەلىكە ›› قاتارلىق توپلاملىرى  نەشىرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا  ، ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر  جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش