ئازاپ قەلئەسى
ئەنۋەرجان ساۋۇت
كېچىنىڭ كۆزلىرى چەكچەيگەن دەمدە،
يۇلتۇزلار تاش بولۇپ ياغار ئېھتىمال.
پەرىشان ھېسلارنىڭ كىرپىكى نەمدە،
ھەسرەتتە چېچىنى تارايدۇ زاۋال.
ئۆلۈمگە ئىچكىرلەپ ماڭغاندا تەنلەر،
تۇيغۇنىڭ كۆزىگە كەتتى قان تولۇپ.
كۆڭۈلنىڭ غەشلىكى ئاستا يۈكىنەر،
سېلىنغان بەخىتكە شىفىرلىق قۇلۇپ.
ئىزتىراپ ئۆزىگە سالغاندا كاچات،
ئاھ بۇدەم گۈللەردىن يوقالغان پۇراق.
ئارىدا ۋاژىلداپ كۆيەر سۈكۈنات،
مۇڭ باسقان خانەمگە يېقىلماس چىراق.
ئەل بولدى ئەلەمگە كۆڭۈل لەشكېرى،
ئازاپنىڭ قەلئەسى شۇنچە بەھەيۋەت.
يۇيۇلماس ھەسرەتلىك كەچمىش دەپتىرى،
يامغۇردەك تورۇكلاپ ياغماقتا نەپرەت.
ھېلالنىڭ كىرپىكى تۆكۈلدى بىر-بىر،
قەلبىمنىڭ كۆكىنى ئەگىيدۇ تۇمان.
تاشلانسام قېلىچنىڭ بىسىغا ياپىر،
كېسىلمەس جېنىمنى چىرمىغان گۇمان.
كەربالا دەشتلىرى كار قىلماس ماڭا،
ئېھتىمال ئۆلمەيمەن مىڭ بىر ئۆلۈمدە.
بۇقۇلداپ قېنىدىن تاشىدۇ دەريا،
مىڭ يىللىق سۆيگۈ بار ھېجران كۈيۈمدە.
بۇ كېچە باغرىمدا ھۇۋلايدۇ بوران،
قۇم كۆچەر،تاغ كۆچەر، كۆچمەيدۇ دەردىم.
ئەڭ ئاچچىق قىسمەتتە بولساممۇ ۋەيران،
رازىمەن، مەھشەرگە يوق قىلچە ئەرزىم.
قايغۇنىڭ كېرىچى تارتىلدى مەھكەم،
كېچەمدە پىغاننىڭ لالما ئىتلىرى.
تامىمەن قىرتاڭغۇ تەمدە ھىلىھەم،
سوۋۇدى كۈيە چۈشكەن مېھىرنىڭ تېنى.
قېنىمدا سۇغارغان ئەتىرگۈللىرىم،
يېيىلدى يولۇمغا بولۇپ تىكەنزار.
ئەگىشەر بىر ماڭا غېرىپ چۆللىرىم،
ياپراقنىڭ تېنىدە تاراملار باھار.
شۇ شېرىن خىياللار قاتتى مۇز بولۇپ،
سارغايغان غازاڭغا يىزىلدى قىسمەت.
كۆكسۈمدە مەي بولغان سۆيگۈمنى يۇلۇپ،
سېيرىلدى ئورنىغا لىپمۇ-لىق نەپرەت .
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۈشەنبە، كېچە.
|