پەرىشانلىق
يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر
پەرى يوق، ياكى شان يوق، بار پەرىشانلىق،
كۆزۈم سۆزگە كىرەر بۇ دەمدە ئەپغانلىق.
قەپەستۇر تەن، يۈرەك قۇشنىڭ مىسالىدا،
نېچۈن قۇش بولمىغاي بىر كەڭرى ئاسمانلىق؟
يۈرەكنى «گۆش ئەمەس، ئەينەك» دېدىم شۇ تاپ،
بولۇپ چۇل-چۇل، ئادادۇر ئۇشبۇ مېھمانلىق.
جاھاننىڭ غەملىرى يۈك ئارتتى بىر توننا،
نەپەسنىڭ شامىنى «پۈف» دېدى بىر جانلىق.
يۈسۈفنىڭ رەڭگىدىن كۈزنىڭ كۆزى نەمدۇر،
دېدى: «نېچۈن سېنىڭدە بۇنچە ۋەيرانلىق؟»...
2016-يىل 22-فېۋرال، پەيزاۋات