بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 07:47 PM
ھاياتنى بىر گۈل دەپ ئويلىسام ئەگەر
مىرادىل راخمان ئىزچى
ھاياتنى بىر گۈل دەپ ئويلىسام ئەگەر،
نىمە دەي بۈگۈن مەن چەككەن ئازاپنى.
شىۋىرغان تۇزۇتۇپ كەتكەنگە قەدەر،
ئىچكۈم بار ئۇنىڭدىن ياسساپ زەھەرنى.
ئۆلۈمنى بىر چۈش دەپ ئويلىسام ئەگەر،
نىمە دەي كۆزۈڭدىن سىرغىغان ياشنى.
ئويغاتما قانچە رەت ئۆتسىمۇ سەھەر،
ئۈگىنەي قايتىدىن قانداق ياشاشنى.
ئۆزۇمنى كۈلكەڭ دەپ ئويلىسام ئەگەر،
نىم دەيمەن بىر ئىللىق كۈلمىسەڭ سىنى.
تاپايمەن قەبرەمگە ئايلانسا بۇ يەر،
چۈشلەردىن گۈللەرگە قاراپ تەسەللى.
2016-يىلى 22-فېۋرال
|