بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-22 09:07 PM
قاشتاش
ئۈمىدجان قادىرى
ئانامنىڭ بىغۇبار قەلبى سېنىڭدە دەل ئايان قاشتاش،
شۇڭا ئىخلاس-ئەقىدەمگە ئۆزۈڭ مەنسۇپ ھامان قاشتاش.
كۆزۈم تالماس قاراپ جىسمىڭ،دىلىمدا جۇش ئۇرار مېھرىڭ،
يۇيۇپ پاكىز ۋۇجۇدۇمنى،سۆيۈلدۈرگەن جانان قاشتاش.
تەۋەللۇتۇڭ ئەمەس گۈلشەن،ۋە يا ئوردا ھەرەملەردە،
تۆرەلدىڭسەن قاقاس تاغدا،قىنى دەريا ماكان قاشتاش.
سەھەردە چاپچىغان تۇيغۇ كۆرۈرلەر ئەسلىنى سەندە،
گۈزەللىك جىلۋىلەر ئاچقان،ئۆمۈرگە چىن بايان قاشتاش.
قېتىپ كۈيگە سېنى ھەردەم غەزەل پۈتكەن ئۈمىدجانمۇ،
ئېلىپ ئۆرنەك ھامان يەتكەي كېزىپ مەنزىل پايان قاشتاش.