بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-22 11:57 PM
سەندىن باشقا
نۇرشات ئەنۋەر
سەندىن باشقا لەۋ
لەۋلىرىمگە تىكەندۇر تىكەن.
سەندىن باشقا تۈن
ھېسلىرىمغا چۈمكەيدۇ كېپەن.
سەندىن باشقا گۈل
ئەكېلەلمەس بېغىمغا باھار.
سەندىن باشقا سۆز
دىلغا دوزاخ تەپتىدە ياغار.
سەندىن باشقا قۇش
ئەسكە سالماس ئاسمانلىقىمنى.
سەندىن باشقا ئاي
يورۇتالماس سەنسىزلىكىمنى.
سەندىن باشقا جان
تېپىچەكلەپ تۇرماس تېنىمدە.
سەندىن باشقا مۇڭ
خىيالىمنى چىللار ئۆلۈمگە.
سەندىن باشقا ئوت
يۈرىكىمدە كۆيمەس يېلىنجاپ.
سەندىن باشقا يول
بارماس مېنى ئۆزۈمگە باشلاپ…
2016-يىل،20-فېۋرال.
توقسۇ-كۇچا.