بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 02:23 PM
ئالىپتېكىن
(مۇۋەششەھ)
قۇربانجان مۇھەممەدئىمىن
(ئىبراھىمجان ئالپتېكىننىڭ«بۈيۈك تىلچى ھەزرىتى مەھمۇد كاشىغەرى» ناملىق كىتاۋېنىڭ ئەنجۈمەن خاتىرسى)
ئانا يۇرتتا تالاي ئوغلان ياتار مەشھۇر مازارىم بار،
ئۇنىڭ بىرسى بوۋام مەھمۇد جاھاندا ئىپتىخارىم بار.
لەفىز ھەقدادىغا يەتكەن، ئۆمۈر پۈتكەن پۈتۈكلەردە،
ناۋا ئەيلەشتە ئۆز تىلدا، يوقالماس تىل تۇمارىم بار .
ئىلىم دۇنياسىدا يەكتا، قالار ھەيرەتتە كەڭ ئىقلىم،
ماڭا ھەر بىر قۇرى كەۋسەر، ئىچىپ قانماس خۇمارىم بار.
پاراسەت ئىزدىسە ھەر كىم تۆكۈلگەي دىلغا دۇردانە،
لەئىننىڭ قەستىنى بەربات قىلارغا غەمگۇزارىم بار.
تەۋەرۈك بىزگە مىڭ يىللىق بۇلاقتۇر چاڭقىساق ئىچكەن،
سۈيىگە قانمىسام بىر كۈن بىمارمەن ئاھۇ-زارىم بار.
ئېقىپ سانسىز تاراملاردىن ئۇلۇغ دەريالىرى ھاسىل،
ئاۋام قەلبى ئېتىزدۇر كەڭ ئۇنى باشلاش قارارىم بار.
كامالەت تاپقۇسى ئىنسان ئۇلۇغ ئەجدات نۇرى بىرلە،
بوۋام ياققان چىراقلاردا يوقالماس قەدرى-ئارىم بار.
ئىزى نۇرلۇق قەلەم سۇلماس ئىكەن يىللار بورانىدا،
ئۇدۇم قالدى ماڭا ئىشقى، جانانىم، دىلئۇزارىم بار.
نەسەبىڭ، دىل بايانىڭنى ئايان قىلدى مانا ھونساك،
دىيەلەيدۇ سېنىڭدەك ئەر «بوۋامدەك قەبرىگاھىم بار».