يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 207|ئىنكاس: 2

ئەزىز ئەيسا: قارلىغاچ ھەققىدە قىسسە (نەسر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 01:55 PM  

قارلىغاچ ھەققىدە قىسسىە

(نەسر )

ئەزىز ئەيسا

   ھەريىلى ئىللىق باھار شامىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن بۈك-باراقسان يېشىلچىلىققا پۈركىنىپ خۇددى  چىمەنلەرنىڭ ئۈلگىسى چۈشۈرۈلگەن نەپىس خوتەن ئەتلىسىدەك ھەممە يەر گۈل-چېچەك، ھەممە يەر غۇنچە-رەيھان، ھەممە چىمەنزارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مانا شۇ گۈزەل چىمەنزارلىق ئورمانلىقلاردا يەككە يېگانە ھالدا چەكسىز ئىنتىزارلىق، بىناۋالىق بىلەن <كاككۇك! كاككۇك!...>دەپ سايراپ، ۋىسالسىز سۆيگۈ ئارزۇسىنى ئىزھار قىلىۋاتقان "كاككۇك" دەپ نام ئالغان بىر قۇشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. كاككۇكنىڭ بۇ داۋاسىز سۆيگۈ نىداسى، ئاھۇ زارىنى ئاڭلىغان ئەمىدىلا سۆيگۈ-مۇھەببەت يولىغا قەدەم ئېلىشقان ئاشىق-مەشۇقلار چىن كۆڭلىدىن ئۆز سۆيگۈ بەختىدىن مەستخۇش بولۇشۇپ تاتلىق-تاتلىق ھېس تۇيغۇغا چۆمۈشسە، يەنە كىملەردۇر؛-<بىچارە بايقۇش، قانداق بولۇپ مۇشۇنداق داۋاسىز دەرد-ھەسرەتكە دۇچار بولغان ۋىسالسىز ئاشىق بولۇپ قالغانسەن؟ سىنىڭ ئىشق ئالىمىدە تىنماي ھىجران چۆلىنى كېزىۋاتقان مۇشۇنداق سەۋدايى ئاشىقلىقىڭنى، مۇشۇ يولدا تارتىۋاتقان ھىجران-ئازابىڭنى سەن ياخشى كۆرگەن مەشۇقۇڭ ئازراق بولسىمۇ بىلەمدىغاندۇ، چۈشىنەمدىغاندۇ؟ سەن ئۆمۈر بۇيى ھەر باھار پەسلىدە چىن يۈرىكىڭدىن سۆيگەن مەشۇقۇڭنىڭ ئىسمىنى تىنماي زىكرى قىلىپ پاك سۆيگۈ مۇھەببىتىڭنى، چەكسىز ۋاپادارلىقىڭنى ئىزھار قىلىسەن. ھەقىقەتەنمۇ سەن سۆيگۈ-مۇھەببەت ئالىمىدە ۋاپادارلىق تاجىنى تاقاشقا ھەقلىقسەن! > دېيىشىپ كاككۇكقا چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇشىدۇ. ئەمما باھار قارلىغىچىنىڭ سۆيگۈ مۇھەببەت دۇنياسىدا ۋاپادارلىق تاجىنى تاقاشقا ھەقىقىي مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ساختىپەز كاككۇك چەكسىز ھىجران ئىلىكىدە بىناۋالىق بىلەن تەنھا ھالدا كانىيى يىرتىلغۇدەك بولۇپ سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋاپادارلىقى، ۋىسال ئارزۇسى داۋاسى قىلىپ، تىنماي ئاھۇ-زار ئۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، باھار قارلىغاچلىرى ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۆز سۆيگۈسىگە بولغان دېڭىزدەك چوڭقۇر ئىشەنچ-ئېتىقادى، ۋاپادارلىقى بىلەن ئۆز ئارا كۆيۈمچانلىق مېھرىبانلىق، ئۆز سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە بولغان جاپالىق، ئازابلىق ساداقەت ئەجىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ جۈپ-جۈپ بولۇپ بوستانلاردا، ئۇۋىلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بەخت قەسرىنى قۇرۇپ چىقىشىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە كاككۇك بىلەن زەينەپ بىر زامانلاردا خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز جۈپ كېلىپ ياراشقاندەك مۇھەببەت ئالىمىدە بىر-بىرسىگە شۇنداق كۈيۈشكەن ھەم جۈپ كەلگەن بەختلىك ئاشىق-مەشۇقلار ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل مۇھەببەتلىك، شېرىن كۈنلىرىنى شوردەرياسى ① بۇيىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كاككۇك ئوزۇق ئىزدەپ ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ كېتىدىكەن. زەينەپ مەشۇقىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ ھەركۈنى سۆيگەن يارىنىڭ يولىغا قاراپ، زارىقىپ ئۇۋىسىدا ھىجران ئازابىنى چېكىپ يالغۇز قالىدىكەن. دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە زەينەپنىڭ ئەتراپىدا بىر چار پاقا پەيدا بولۇپ، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن زەينەپكە بولغان سۆيگۈ مۇھەببىتىنى تىنماي ئىزھار قىلىدىغان، زەينەپتىن ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق بولسىمۇ سۆيگۈ ۋىسال ئارزۇسىغا ماقۇل بۇلىشىنى ئۆتۈنىدىغان بولۇپتۇ. زەينەپ باشتا پەسكەش چار پاقىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى سۆيگۈ ئىزھارىغا قىلچىلىك پەرۋا قىلماپتۇ. ئەمما كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن چار پاقىنىڭ كۈچلۈك سۆيگۈ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن زەينەپ ئاستا ئاستا تەۋرىنىپ ؛<مەشۇقۇم يىراقلارغا كەتكىلى شۇنچە ئۇزۇن بولۇپتۇ، ھازىرغىچە يا ئۆزى ياكى ھېچ بىر خەت خەۋىرىمۇ يوق. مېنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟ ياكى كۆڭلى بۆلۈنىپ كەتكەنمىدۇ؟!مانا يېنىمدا بولسا مىنىڭ ئىشقى پىراقىمدا ئىزچىل كۆيۈۋاتقان چار پاقىمۇ ياراتقۇچى ياراتقان بىر جان تۇرسا ...بىرقېتىملىققا نېمە بۇلاتتى ؟>دەپ ئويلاپ چارپاقىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپتۇ. ئەمما ساداقەت ۋاپادارلىق دەشتىدە تۈمەنلىگەن رىيازەتلەرنى تارتىپ ئازراقمۇ تەۋرىنىپ قالماي كۆپ داۋانلارنى ئېشىپ قايتىپ كەلگەن كاككۇك دەل مۇشۇنداق شەرمەندىلىك ۋاپاسىزلىق روي بېرىۋاتقان مىنۇتلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قىلىپتۇ ...ئاشىقىنىڭ پەزىلەتسىزلىكى، ۋاپاسىزلىقى…تۈپەيلى ئۆز سۆيگۈ ئەقىدىسى، ساداقىتىنىڭ خارلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت بەخت قەسرىنىڭ كۆكۈم تالقان بولغانلىقىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن كاككۇك چەكسىز ئازاب، كۆتۈرەلىگۈسىز خورلۇق، ئالەمچە رەنجى-ئازاب ئىچىدە يىراقلارغا باش ئېلىپ كېتىپتۇ، بۇ دۇنيادىن ئۈنسىز غايىب بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا، ئازغۇنلىقىغا كۆپ پۇشايمان قىلغان زەينەپ <كاككۇك، كاككۇك!>دەپ نىدا قىلىپ تىنماي سايراش ئارقىلىق ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ …ئۆز ئاشىقىنى ۋاپادارىنى سېغىنارمىش… چاقىرارمىش !!!بۇلارنىغۇ بىر رىۋايەت دەيلى. رىيال دۇنيارىمىزدا بولسا كاككۇك، ئەزەلدىن مۇستەقىل ئۇۋا ياساپ، مۇستەقىل تۇخۇم بېسىپ ,ئۆز ئاتا ئانىلىق ساداقىتى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ جاپالىق ھالدا مۇستەقىل چۈجە بېقىپ قاتارغا قوشۇشنى ئازراقمۇ ئويلاپ باقمايدۇ. ئەكسىنچە بوستانلاردا ئۇۋا بۇزۇش قارا نىيىتىدە <قايسى ئۇۋا مىنىڭ ئوغرىلىقچە تۇخۇم تاشلاپ قويۇشۇمغا مۇۋاپىق كېلىدىغاندۇ-›دەپ خۇپىيانە مارىلاپ يۈرگەندە، ئاتا-ئانا قارلىغاچلار پاك ساداقەت، ئۇيۇل تاشتەك يىمىرىلمەس ئاتا ئانىلىق مەسئۇلىيەت بىلەن بارلىق ئەقىل ئىقتىدارىنى كۈچ مادارىنى ئىشقا سېلىپ كۆڭۈل قۇيۇپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇسى ئەۋلادلىرى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پاخال ۋە لاينى بىرىكتۈرۈپ مۇستەھكەم، ئىللىق ئۇۋا ياسايدۇ. يەنە كاككۇك ئۆز بالىلىرىنى قارا نىيەت  ،باغرى تاشلىق بىلەن سۈندۈك، تورغاي، پاختەك، تۇرلۇغا قاتارلىق باشقا قۇشلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بېرىپ داپ يۈزلۈك بىلەن غىپپىدە تىكىۋېتىدۇ. ئەمما ئۇۋىسى پۈتكەندىن كېيىن ئانا قارلىغاچ نەچچە ئون كۈن ئۆز بالىلىرىنىڭ تۇخۇمدىن ساغلام بىخەتەر چىقىشى ئۈچۈن ئۆز ئۇۋىسىدىن مىنۇت ئايرىلماي تۇخۇم بېسىپ يېتىشقا مەجبۇر بولغاندا ئاتا قارلىغاچ -،ئانا قارلىغاچنى شۇنچىلىك كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق ۋاپادارلىق بىلەن ئۆز ئېغىزىدا سۇ ئوزۇق توشۇپ كېلىپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيدۇ. يۈرەك پارىلىرى تۇخۇمدىن چىققاندا بولسا ئاتا قارلىغاچ بىر كۈندە تەخمىنەن ئىككى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇپ بېرىپ كېلىپ ئوماق بالىلىرىغا سۇ ئوزۇق توشۇپ بېقىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇس كارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بالىلىرى ئۇچۇرۇم بولغاندا بولسا بالىلىرىغا قانداق ئۇچۇش، قانداق ئوزۇق سۇ تېپىپ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش، قانداق ياشاش قاتارلىق ھاياتلىق ماھارەتلەرنى زېرىكمەي تېرىكمەي بىر-بىرلەپ ئۆگىتىدۇ. تېخى بۇ دۇنيادىكى ياۋايى ئۇچار قۇشلار ئىچىدە قارلىغاچلاردەك ئادەملەرنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دوست ھېسابلايدىغان، شۇڭا پەقەت ئادەملەرنىڭ ئۆي-ھويلا ئاراملىرىغا ئۇۋا سالىدىغان، زەھەرلىك يىلان بار ئۆيدە ،ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىمايدىغانلار ئۆيىدە، ئۇرۇش جېدەل قۇرىمايدىغانلار ...ئۆيىدە ئۇۋا سالمايدىغانلىقىدەك ئىنسانلار تەپەككۇر ئىقتىدارىدىن تاشقىرى ئاق قارا، ھالال-ھارامنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئۆزىنى يىتتۈرۈپ قويغان، ئۆز ھالاۋىتىنى، ئەيشى ئىشرىتىنى، پۇلدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، پۇل، ئەمەل، ئەيشى-ئىشرەت، ھۇزۇر ھالاۋەت ئۈچۈن ھەرقانداق شۇملۇق پەسكەشلىكتىن يانمايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدىغان، قايىل قىلىدىغان ، ھەيران قالدۇرىدىغان ئىناقلىقنى، پاك مۇھەببەتنى، ۋاپادارلىقنى، ھالاللىقنى قەدىرلەيدىغان گۈزەل پەزىلىتىنى دېمەمسىز ؟!كالام تامامكى؛-ئانا تەبىئەت دۇنياسىدا پەقەت قارلىغاچلار ھەقىقىي ۋاپادارلىق، پەزىلەت تاجىنى تاقاشقا مۇناسىپ قۇشلارنىڭ بىرسىدۇر.
قارلىغاچلىرىم! يەنە داۋاملىق ھالدا پىشايۋىنىمدا زوق شوق بىلەن يېقىملىق ۋىچىرلىشىپ سايرىشىپ پاك سۆيگۈ مۇھەببەت، ۋاپادارلىق قىسسەلىرىڭنى ئېيتىپ بېرەلەرسەنمۇ ؟
ئىزاھات؛ ① شور دەريا-قىزىل دېڭىزنى كۆرسەتسە كېرەك

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-23 00:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەريىلى ئىللىق باھار شامىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن بۈك-باراقسان يېشىلچىلىققا پۈركىنىپ خۇددى رەڭگارەڭ-رەڭ گۈل چېچەك، چىمەنلەرنىڭ ئۈلگىسى چۈشۈرۈلگەن نەپىس خوتەن ئەتلىسىدەك ھەممە يەر گۈل-چېچەك، ھەممە يەر غۇنچە-رەيھان، ھەممە چىمەنزارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ......
‹ كاككۇك ھەققىدە قىسسە › بولسىمۇ بولاتتىكەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 13:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت     

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش