يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 314|ئىنكاس: 7

ئالىپ ئوغۇز(ت): رىلكى ـــ ئىككى شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 11:48 AM  

ئىككى شېئىر
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى

راينېر مارئىا رىلكى (1875ـ 1926) نېمىس تىلى ئەدەبىياتىدا تەسىر ئىنتايىن زور بولغان ئاۋسترىيىلىك شائىر

كىشىلەردىن كۈتىمەن ياساشنى ماڭا

كىشىلەردىن كۈتىمەن ياساشنى ماڭا ،
بۆشۈك ئەمەس بىر تاۋۇت پەقەت .
يۇمۇلسا لەۋلىرىم مەڭگۈ تۇن ئارا ،
راھەتلىك تۇيغۇغا چۆمەتتىم قەۋەت .


بەڭۋاش ئويلار ئىلكىدە ئۇ چاغ ،
تەشۋىشلىنىپ سوقمايتى يۈرەك .
ئەسلەپ يۈرمەيتتى ئۇنى باشقىلار ،
ئۇ ئالقانچە يەرنى ئەيلىگەچ تۆشەك .


پەقەت ئۆرلەيتتى قاۋۇل ،ياش بىر روھ ،
ئاستا ـ ئاستا پەر قېقىپ يۈكسەك .
نە ئۈچۈن كىشىلەر ياسىماس ماڭا
كىچىكى بىر تاۋۇت خۇددى بۆشۈكتەك ؟


سېزىمەن، بىر ئۆي ماڭا تەۋە

سېزىمەن، بىر ئۆي ماڭا تەۋە ،
ئولتۇرىمەن ئىشىكىدە ئۇزاق.
قۇياش پېتىپ زاۋال كەلگەندە .
چېكەتكىلەر باشلايدۇ    قوشاق ،
تۇرۇپ ئەتراپىدىكى شاخلار كەينىدە .
ئوخشار مۇغ باسقان ئۆگزىسى ،
يېشىل رەڭلىك يۇمشاق سەللىگە.
ھەل بېرلگەن زىچ راملىرىنىڭ  
سۈزۈك ـ يورۇق ئەينىكى ،
قۇچاق ئاچار تەلمۈرۈپ سەھەرگە.
تۈن قوينىدا جىمىرلىغان يۇلتۇزنى،
چۈشلىرىمدە تۇتىمەن قول سۇنۇپ .
ئاڭلىنىدۇ كەنتتىن‹‹مەريەمگە دۇئا...››
نىشانسىز بىر كېپىنەك يۈرىدۇ ئۈچۈپ ،
ئاپئاق يەسىمەن گۈلى شېخىدا.
بالا چوپان چالىدۇ ئۈشتەك ،
ئۆتىدۇ ئۈزۈلمەي ھارغىن پادا.
سېزىمەن ،دىل تارام ئۈنلەيدۇ لەرزان ،
مەن ئاڭلايمەن ئۇنى ئۇيقىدا .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-22 13:21:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرىن چۈش پىروگىراممىسىدا ئورونلىسا بولىدىغان نۇمۇر ئىكەن.

ۋاقتى: 2016-2-22 14:09:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 01:21 PM
شىرىن چۈش پىروگىراممىسىدا ئورونلىسا بولىدىغان نۇمۇر ئ ...

      توۋا دەيمەن، مۇشۇ كەمدە ئىنكاس ھۆددىگەرلىرىنىڭ يازغان بىر- بىرىدىن قاملاشقان ، بەك تەسىرلىك ئىنكاسلىرىغا قاراپ.
2016  - يىلى مەلۇم بىر نەشىرىيات تاققا- تۇققۇ ئىنكاسلار توپلىمى چىقىرىش پىلانىنى تۈزگەنمىش، پات ئارىدا تەستىق چىقسا مۇنداق ئىنكاسلار چەتتە قالمىسىكەن دەيمەن...

ۋاقتى: 2016-2-22 16:13:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارىس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 02:09 PM
توۋا دەيمەن، مۇشۇ كەمدە ئىنكاس ھۆددىگەرلىرىنىڭ يا ...

بەكمۇ توۋا دەپ كەتمەڭ ئۇكام تۇرغۇنجان،ھەر بىر ئادەم ئۆزنىڭ تەپەككۇر قىلىشىغا ئاساسەن ئىنكاس يازىدۇ.يازغان ئېنكاسىمنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار.

ۋاقتى: 2016-2-22 17:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەخەت مۇئەللىم ‹‹قاريۇمۇر››تۈسىدە ئىنكاس يېزۋاتقان بولىشى مۈمكىن...

ۋاقتى: 2016-2-22 17:51:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   بۇ تەرجىمە ئەمگىگىڭدىن بەكلا سۆيۈندۈم. شېئىرلاردىكى شېئىرىي پىكىر ۋە شېئىرىي موھىتقا ئاساسلىنىپ، بۇ تەرجىمىنى ئۆزگەرتىپ باقتىم. ئەسلى ئەسەر  مەنبەسىگە مۇۋاپىق كېلەمدۇ- يوق، سېلىشتۇرۇپ باققىن. بىلەرمەنلىكىمنى ئەپۇ قىلغىن، دوستۇم. قولۇڭغا دەرت كەلمىسۇن، ئىشلىرىڭ تېخىمۇ خەيىرلىك بولسۇن!


ئىككى شېئىر
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى

( راينېر مارىيا رىلىك- نېمىس ئەدەبىياتىدا زور تەسىرگە ئىگە  ئاۋسترىيىلىك شائىر، 1875ـ يىلدىن 1926- يىلغىچە ياشىغان.)

كىمىلەردىن كۈتىمەن ياساشنى ماڭا


كىملەردىن كۈتىمەن ياساشنى ماڭا ،
بۆشۈكتەك سېھىرلىك بىر تاۋۇت پەقەت .
يۇمۇلسا لەۋلىرىم چەكسىز تۈن ئارا ،
لەززەتلىك تۇيغۇغا چۆمەتتىم قەۋەت .

تىنىچسىز، بەڭۋاش ئوي- خىيال ئىلكىدە،
تەشۋىشلىك سوقمايتتى بۇ نىمجان يۈرەك .
كىملەردۇر ئەسلەپمۇ يۈرمەيتتى بەلكىم ،
ئالقانچە يەرنى ئۇ ئەيلىگەچ تۆشەك .

ئۆرلەيتتى بەردەم ،ياش، يىگانە بىر روھ ،
چەكسىزلىك باغرىغا پەر قېقىپ يۈكسەك .
نە ئۈچۈن كىشىلەر ياسىماس ماڭا
كىچىكرەك بىر تاۋۇت خۇددى بۆشۈكتەك ؟

سېزىمەن، بىر ئۆي ماڭا تەۋە

سېزىمەن، بىر ئۆي ماڭا تەۋە ،
ئولتۇرىمەن ئىشىكىدە ئۇزاق.
زاۋال پەيتى، شاخلار كەينىدە .
چېكەتكىلەر باشلايدۇ قوشاق.

ئوخشار مۇخلار باسقان ئۆگزىسى ،
يېشىل رەڭلىك يۇمشاق سەللىگە.
راملاردىكى سۈزۈك ئەينەكلەر،
تەلمۈرىدۇ سېخىي سەھەرگە.

تۈن چۈشىدە تۇتتۇم يۇلتۇزنى .
كەنت قىلار مەريەمگە دۇئا...
بىر كېپىنەك ئوينار نىشانسىز ،
ئاق يەسىمەن گۈلى شېخىدا.

بالا چوپان چالىدۇ ئۈشتەك ،
ئۆتەر سېپى ئۈزۈلمەس پادا.
زىل دىل تارام ئۈنلەيدۇ لەرزان ،
مەن تىڭشايمەن شىرىن ئۇيقۇدا.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 21:23:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى سۇلتان ئىزچى بۇرادەر تەرجىمىدە بوشاشماي ئىزدىنۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خوش بولدۇم .تەرجىمەڭ بەك ياخشى چىقىپتۇ !!!

ۋاقتى: 2016-2-22 21:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇقارقىدەك ئىلمى روھقا ئىگە قەلەمكەشلەرنىڭ ھەمكارىدىن مەلۇم بىر ھەقىقەت بالقىپ تۇرىدۇ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش