كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 11

ئەدىھەم ئىبراھىم: ئوباما ئۇچتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 12:02 PM  

ئوباما ئۇچتى
ئەدىھەم ئىبراھىم
ۋاقىرىدى ئوغلۇم تالادا،
دادا-دادا،قارا ئاسمانغا.
نىمە بولدى دىسەم،دىدى ئۇ،
قارىغىنا ئۇچتى ئوباما.

دېرىزىدىن قارىسام كۆككە،
ئۆرلىۋاپتۇ ئۇنىڭ لەگلىكى.
كوچىمىزنى سېلىپ لەرزىگە،
غاڭىلداپتۇ داقىراتمىسى.

نەدە ئۇچتى؟-ئوباما دىسەم،
شەرەتلىدى لەگلىكىنى ئۇ.
-نەرە تارتىپ غاڭىلداۋاتقان،
ئوبامانىڭ ھەيۋىسىغۇ بۇ.

قاندىقىغا؟دىسەم دىدى ئۇ،
لەگلىكىمدە سۈرىتى بار-دە!
ئۇچتى شۇڭا ھەممىدىن ئىگىز،
دادا مېنىڭ لەگلىكىم بۇ-دە!...



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-23 13:04:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوباما ھەرگىزمۇ دۇنيانىڭ خوجىسى ئەمەس، ئامېرىكا دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە خوجا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بالىلارغا چۈشەنچە بەرگەندە نازۇك نوقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. شېئىرنىڭ ئىھتىياجى دەپ شەخىسنىڭ ئابرۇيىنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ قۇيۇش تازا ياخشى ئىش ئەمەستە.

باھا سۆز

مەنمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلىمەن.  ۋاقتى: 2016-2-23 01:26 PM
ۋاقتى: 2016-2-22 12:56:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم، ماۋۇ « غاڭىلداۋاتقان» سۆز يېڭىمۇ-قانداق؟ ئۇچراتماپتىكەنمەن. يەنە « دېسەم، ئېگىز، دېدى، نېمە، » دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاپ قويۇڭ. شېئىردىكى سەمىمىيەتتىن بالقىپ تۇرغان مۇھەبەتتىن سۆيۈندۈم.

باھا سۆز

ئابلاجان ئەپەندىنىڭ دىگىنى توغرا. غاڭىلداش دەيدىغان سۆز يوق.  ۋاقتى: 2016-2-22 09:56 PM
غىڭىلداش،غاقىلداش...دىگەندەك" غاڭىلداۋاتقان" نورمال سۆزغۇ ئادىشىم  ۋاقتى: 2016-2-22 03:45 PM
ۋاقتى: 2016-2-22 13:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىيازنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا يىپى ئۈزۈلۈپ كەتمىسۇن لەگلەكنىڭ.سەل پەسلىتىۋىلىڭ.

ۋاقتى: 2016-2-22 15:49:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا يېزىلغان بۇ شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسىدا يەنە بىر ئىشارە باركەن-ھە؟

ۋاقتى: 2016-2-22 18:18:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار تىلىغا خاس يېزىلغان شېئىركەن.‹‹كوچىمىزنى››دېگەن سۆزنى باشقىچىرەك ئىپادىلىسەڭ قانداراق؟(دەيمەن ئۆزەمچە)
ئىجادىيىتىڭ ئۈزۈلمىگەي.

ۋاقتى: 2016-2-22 19:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-نەرە تارتىپ غاڭىلداۋاتقان،
ئوبامانىڭ ھەيۋىسىغۇ بۇ.

بۇ ئىككى مىسرا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى ناتايىن. ئوباما تەخىتكە چىقىپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان بۇ يىلغا كەلگىچە ئۇنىڭ ھەيۋە كۆرسەتكىنىنى ، چوڭ - چوڭ سەھنىلەردە ھەيۋە خاراكتىرلىك سۆزلەرنى قىلىغىنىنى كۆرمىدىم ھەم ئاڭلىمىدىم. ھەيۋە سۆزىنى شەخىس بىلەن باغلىغاندا ، ئەڭ ئاۋۋال شۇ شەخىسىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىش كېرەك بولىشى مومكىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 23:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىمغا پىكىر بەرگەن دوستلارغا رەھمەت!..
نۇربەگ،سىزمۇ ياخشى پىكىردىن بىرنى بېرىپسىز،مەن ئۇ پىكىرىڭىزنى داۋاملىق ئويلىشىمەن.
بىز بالىلارغا ئوبامانى دۇنيانىڭ خۇقىسى دەپ چۈشەنچە بېرىپ كېلىۋاتىمىز.بىراق نۇرغۇن بالىلار  بۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ياقى ئوباما مەيلى ھەيۋە كۆرسەتسۇن ياكى كۆرسەتمىسۇن ئۇنى ئەسلا بىلمەيدۇ،پەقەت ئۇلار ئۇنىڭ دۇنيانىڭ خۇجىسى ئىكەنلىكىنىلا بىلىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى يامان دەپ بىلىدۇ،بۇ ئۇلاردىكى ھېسسى تۇيغۇ.شۇڭا مەن ئۇ مىسرانى مۇشۇنداق ئالغان ئىدىم...
يەنە كېلىپ بۇ مىسرا سىز دىگەندەك بالىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپ ئەمەس،بۇ پەقەت شېئىرنىڭ ئېھتىياجىدىن بېرىلگەن مىسرا.بەلكى بەزى بالىلار شۇنداق دىيىشىمۇ  مۇمكىنغۇ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 16:31:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسقىرتىش

ئۇچۇرماق بولۇپ،
لەگلەكنى ئوغلۇم،
چىقتى تالاغا.
دىدىم ئۇنىڭغا،
قويغىن ھەي ئۇنى،
شامال يوق،قارا.

چىقىدۇ شامال،
ئىستقىرتسام دادا.
ئۇچىدۇ راسا
ئىگىز ئاسماندا...

ئات سۇغارغاندەك
ئىستقىرتسا يېنىك.
كەلدى ئەركىلىپ،
شامالجان قىززىق!..

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش