كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 0

دىلداش:ئاتۇش شەھرىدە ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭ«ئاتۇش خەلق ئېغىز ئەد...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 03:48 PM  
# p2 j5 |' v- n, l7 G5 b1 s  u' G2 C. z% X
ئاتۇش شەھرىدە ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭ«ئاتۇش خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن جەۋھەرلەر»ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلاش ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈلدى.
; W& s4 X7 r7 _# D5 S

' `& C9 G% S0 \1 H: y1 v+ @  o- E! ?; \, r, }* g
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئاتۇش شەھرىدىكى ئاتۇش بۇرادەر قەلەمكەشلىرىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن ئاتۇش شەھرىنىڭ يېڭى ئارزۇ رىستۇرنىدا ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭ«ئاتۇش خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن جەۋھەرلەر»ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلاش ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈلدى.
' w$ X( z5 m! ?; n/ Qئىلىم چېيىغا  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكىلىپ بىلەن كەلگەن، ھەر ساھە زىيالىلىرى،يازغۇچى شائىر تەرجىمان، ئوبزورچى، نەشىريات سودىگەرلىردىن تۇنۇلغان شائىر ئىمىن ئەھمىدى، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى، ئۇستاز ھاجى مىرزاھىت كىرىمى، ۋە ئاتۇش شەھرى، قەشقەر شەھەرى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى، قاتارلىق  ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن  400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
8 @% w/ {3 I: ?  T( Dئىلىم چىيىدا ئالدى بىلەن ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭ تەرجىمالى تۇنۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلدى. ئىبراھىم ئالىپ تېكىن 1968–يىلى 7–ئايدا ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاتۇش شەھەرلىك 1–باشلانغۇچ ۋە قىزىلسۇ 1–ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە شىنجاڭ ساقچى ئوفېتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان.1988–يىلىدىن 1996–يىلىغىچە ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان.1996–يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپ نەشرىيات سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى 1983–يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «بىخ» « قىزىلسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. شۇنۇڭدىن كىيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «تارىم»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»قاتارلىقلاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 500 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر ۋە ئون بەش پارچە ھېكايەسى. «بۇلاق» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئون پارچىگە يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. 1999 –يىلى ۋە 2000–يىللاردا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇ تۈزۈپ نەشرگە تەييارلىغان «مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى»«ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى»«ھۈسەينىيە روھى-تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش»ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. 1992 –يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇنىڭ «جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار»(بىرلەشمە توپلام) ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2004–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى ئۇنىڭ «ئاتۇش مائارىپى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك قامۇسى ، 2005–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇنىڭ «جەننەت يولى» «مۇھەببەت  تەلقىنلىرى»«ئاتا-بىرتۈپ سۆيگۈ دەرىخى» قاتارلىق 3 قىسىملىق نەسرلەر توپلىمى شۇيىلى ئۇ نەشرگە تەييارلىغان «تارىخىمىزدىكى خاقانلار»ناملىق تارىخىي تەزكىرە كىتابى. «جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى»نەشرگە تەييارلىغان «جەزبىدار گۈلدەستىلەر» ناملىق كىتابنىڭ 1—2–قىسىمىغا ئۇنىڭ بىر يۈرۈش نەسىرلىرى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۆرنەك ماقالىلەر» ناملىق كىتابقا ئۇنىڭ بىر تۈركۈم نەسىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 10–نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئۇنىڭ «ئاتا-بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى»ناملىق نەسىرى ئېرىشىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. 2007–يىلى «يېڭىشەھەر مائارىپى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابى (قامۇس) شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئىلىم چىيىدا ئىبراھىم ئالىپ تېكىن ئىجادى ئەمگەكلىرى مۇئايەنلەشتۈرلۈپ، تۈرلىك مەزمۇندا يېزىلغان باھا ۋە كۆز قاراشلار ئوقۇپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرگە.ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئۇستاز ئىمىن ئەھمىدى ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭ تىرىشچانلىقىغا يۇقرى باھا بەردى. ئاخىرىدا ئاتۇش بۇرادەر قەلەمكەشلىرى ئىبراھىم ئالىپ تېكىنگە ھۆرمەت تونى كەيدۈردى. ھەمدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەميىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەبرىك سۆزى ئوقۇلۇلۇپ، ئاخىرىدا ئىلىم چىيىغا داخىل بولغان ھەر قايسى شەخس ۋە ئورۇنلار ئىبراھىم ئالىپ تېكىنگە ئاتاپ كەلگەن كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى.1 P0 f+ v: R) {3 q9 F

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش