ئانا تىل
مۇھەممەدباي بادۇر شاۋگۇنى
دۇنيادا ئەڭ شېرىن، ئەڭ پەخىرلىكمۇ ئانا تىل. ئانا تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان، تاغنىمۇ تىك تۇرغۇزغىنى، ئاسمانغىمۇ قانات ئاتا قىلغىنى يەنىلا ئانا تىل.
ئانا تىل بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغۇچى زەمزەم. ئانا تىل-مېھىر بۇلىقى، ئۈمىد يۇلتۇزى. شۇڭا بوۋاقنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلىشى ئانىنىڭ بەخىتى!
ئانا تىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا بەخت چاچقۇلىرى ھەر دائىم كۆزلىرىمىزدە ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. شېرىن خىياللارمۇ، ئويلارمۇ، غەم ۋە غەمسىزلىك نىدالىرىمۇ ئانا تىلدىن باشلىندۇ .
بىز شېرىن مۇھەببەتنىمۇ نىگارغا ئانا تىلدا بايان قىلىمىز، ئانا تىل بولمىسا نەدىمۇ يېنىمىزدا گۈزەل يار، قەلبىمىزدە لەززەتلىك تەلپۈنۈش بولسۇن؟
ئانا تىل-ھاياتلىقنىڭ ئالتۇن بۆشۈگى. بىز ئانا تىل بىلەنلا تەبىئەت قوينىدا ھاياتلىقنىڭ گۈزەل كۈيلىرىنى يارىتىش بىلەن بەخىتلىكمىز.
ئانا تىل-قەلىب قۇياشى، ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا قەلبىمىز دائىم يورۇق، كۆزلىرىمىز روشەن تۇرىدۇ.ئۇ،قەلب بىلەن قەلبنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك. بىزنىڭ ھەر خىل تىللاردا ئالاقىلشىشمۇ دەل ئانا تىلدىن باشلىندۇ ئەمەسمۇ؟
ئىنساننى ئاسمانغا ئۇچۇرۋاتقىنىمۇ، دېڭىزغا چۆكۈرۈپ، دېڭىزدىن لەئلى-ياقۇت، مەرۋايىتلەرنى قېزىشقا ئۈندەۋاتقىنىمۇ دەل ئانا تىل.
ئانا تىل-سەن بىر ئۆچمەس نۇر.ئانا تىل-سەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان، كۈيلىشىگە ئەرزىيدىغان گۆھەر سەن.
دۇنيادىكى بارلىق گۈزەل كۈيلەر،مەدھىيەلەر پەقەت ساڭىلا مەنسۇپ بولسۇن.سېنى بۇزغۇچى ئىنسانلار يەر بىلەن يەكسان بولسۇن!
قەشقەر ژورنىلى (2014-يىل 4-سان) دا ئېلان قىلىنغان.
|