يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 201|ئىنكاس: 3

ئادىلجان ھەسەن: تېڭىرقاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 12:27 AM  


تېڭىرقاش

(ھېكايە)

ئادىلجان ھەسەن


   مەن ئۇنىڭ غەزەپلىك چىرايىغا قاراپ تېڭىرقاپ قالدىم. كۆكۈشكە مايىل كۆزىدىن زەھەرلىك يىلاننىڭ كۆزىدىن چاقنىغان نۇردەك بىرخىل تەننى شۈركەندۈرىدىغان نۇر چاقناپ تۇراتتى. قوشۇمىسى تۈرۈلىپ، كۆزى قىسىلىپ كەتكەچكە ،كۆزىنىنىڭ ئىككى جىيىكى ۋە قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پۈرۈم-پۈرۈم قورۇقلار ھاسىل بولغان ئىدى.
_ ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن ،ئەقىدەمگە يىغلايمەن دىگەن ناخشا بىكارغا چىقمىغان ئادىلكا ، مەن خوتۇن ئالدىم دەپ ئالۋاستى ئالغان ئوخشايمەن. ئۇ سالام-سائەتمۇ قىلماي سۆزلىگىلى تۇردى. تىترەۋاتقان قولى بىلەن موخۇركا قەغىزىگە موخۇركا قۇيدى، موخۇركىنىڭ يېرىمى قەغەزگە ،يېرىمى گىلەمگە تۆكۈلدى.
_ ئولتۇرۇپ سۆزلە سىدىق ، بەكلا ئەلپازىڭ يامانغۇ ؟ دىدىم مەن ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ.
_ شۇ ،تاماكا چېكىدۇ دەيدۇ ،ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ ،دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ دىگەن ناخشىنىمۇ ماڭا ئوخشاش بىر دەرتمەن تاپقان ،ئۇ موخۇركىسىنى قاتتىق شوراپ تورۇسقا پۈۋلىدى ، كۆكۈش ئىس ئۆي ئىچىدە يەڭگىل لەيلەشكە باشلىدى ،ئۇنىڭ قوشاق نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلەيدىغان ئادىتىنى بىلەتتىم،
_ سەن مېنى بەخىتلىك دەپ ئويلامسەن ئادىلكا ؟ ئىچىمدىن دۇت چىقىۋاتىدۇ،تېشىمدا ھېيىت ئويناپ ،ئىچىمدە روزا تۇتىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيسەن.مەن ئۇنىڭ نىمىگە شۇنچە ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتاتتىم.
_ قارا مەن بۇ جاھاننى كىم ئۈچۈن تۇتىۋاتىمەن؟ كىم ئۈچۈن دۈم يېتىپ ،دۈم قوپۇپ كىراكەشلىك قىلىۋاتىمەن. ئىككى خوتۇن ئېلىپ ئاجراشقىنىمنى دىمىسەم ،خەقنىڭ «خوتۇن سالدىسى » دىگەن سۆزىدىن قورىقمىسام ئۇنى مەن بوش قۇيىۋېتەمتىم .ئېڭىكىگە بىر مۇشىت قويۇپ ،خېتىنى بەرگىچىلىكى بار سىدىق ئىكەنلىكىمنى بىلىسەنغۇ ،ھەي ي...... ئۇ مۇشتىمى بىلەن گىلەمگە گوممىدە قويدى.
_ تامدىن تارشا چۈشكەندەك سۆزلەيسەنغۇ سىدىق ،نىمە دەيدىغانلىقىڭنى پەملىيەلمىدىمغۇ ؟ دىدىم مەن ئۇنىڭ نىمە ئىشنى ھەل قىلغىلى ئۆيۈمگە كىرگەنلىكىنى بىلەلمەي.
_ نىمە دەيتىم ،مەسلەھەت بەر دەپ كىرىشىم ،بۇ كوچىدا پەقەت سەنلا مېنىڭ ھالىمغا يېتىسەن ،سەنغۇ ئوقۇغان ،مەن بىر قارا قۇرساق قارا يېتىم ، يائاللا خوتۇن بولار بۇنداق ناچار خوتۇن بولماس ، قىزمەن دەپ ئاتمىش گىرام ئالتۇن ئالدۇردى. بايۋەچچىمۇ ئالمايدۇ ئۇنچىلىك ئالتۇننى. قىپقىزىل ئونتۆت مىڭ كوينى ساناۋاتقاندا يۈرىكىم قانچىلىك ئېچىشتى بىلمەيسەن ، بوپتۇ دىدىم ،ئۆيگە كەلدى قولۇم سۇنغان دەپ بىر چىلەك سۇنى ماياققا ئېلىپ قويمايدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا كۆرۈنگەنگە قاپاق تاشلاپ ئولتۇرغان ،ياقاڭ كىر بولۇپ قاپتۇ دەپ بىر قېتىم بولسىمۇ كۆينىكىمنى يۇيۇپ قويغان بولسىچۇ كاشكى .بىر ياخشىنى قىينايدىكەن بىر يامان بىلەن دىگەن نەق ماڭا ئاتاپ يېزىلغان ناخشىكەن. ئەمدى مەن ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئالغان خوتۇنىنىڭ ئۈستىدىن دادلاۋاتقانلىقىنى بىلدىم. شۇڭا:
__ ھەي سىدىق ،بۇ ئايالىڭنى خېلى تۈزىك كۆرگەنتىمغۇ ، چىرايىمۇ تۈزىك ،مۇلايىم، مېھىرلىك چوكان كۆرۈنگەن ماڭا دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ.
__ قوشنامنىڭ گۈل كۆرىنەر دەپ ساڭا مېنىڭ خوتۇنىم مۇلايىم ،مېھىرلىك كۆرىنىپ كېتىپتۇ-دە،قوياۋە  سېنى مەن تېخى ئاياللارغا كۆز قىرىنىمۇ سالمايدىغان ئەر دەپ ھېساپلاپ يۈرۈپتىمەن،ساق ئادەم قالماپتۇ جاھاندا، چىلان باققا كىرمەڭلار چىلان باغدا يىلان بار دىگىنى بىكار ئەمەسكەن ،خەپ !ئۇ شۇنداق دەپلا چۈشەنچە بېرىشىمگىمۇ ئۇنىماي قولىدىكى تېگى قالغان تاماكىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ چىشلىگىنىچە چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن تەشۋىش ، تېڭىرقاش ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىۋالدى ، نىمە قىلارىمنى بىلمەي جايىمدا پىرقىراپ تۇرسام ،بىر ئايالنىڭ ھۇ تارتىپ يىغلاپ كىرگىنىنى كۆردۈم ،بۇ ئايال سىدىقنىڭ ئالغىنىغا ئاي توشمىغان ئايالى زۆرەم بولۇپ ،يېرىلغان قاپىقىدىن قان تېمىپ تۇراتتى. زۆرەم ئايالىمغا ئېسىلىپ ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى، ئايالىم نىمە ئىش بولغانلىقىنى سوراشقا تەمشىلىۋاتقاندا زۆرەم:
___ جېنىم ئاكا ،سىدىقنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرۇپ مېنى نىمىشقا چىرايى تۈزىك ،مېھرى ئىللىق،مۇلايىم دەيسىز دەيمەن؟ دىدى زەردە بىلەن ،مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم،ئەمدى يەنە بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋەرسەم بېشىم قېيىپ يىقىلىپ چۈشىدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى، شۇڭا تالاغا قاراپ ماڭدىم:
___ توختاڭ ئاكا ،مېنى ئاقلاپ بېرىڭ ! زۆرەمنىڭ گېپى قۇلىقىمغا كىرمىدى .تالاغا چىقىپ كەتتىم ، ھويلىدىكى دەرەخنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرى كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا بىر بىرلەپ چۈشمەكتە ئىدى، ياپراقلارنىڭ ساپىقى ئاسمانغا ،يوپۇرمىقى يەرگە چاپلاشقان ھالىتىگە قاراپ تېڭىرقاش ئىچىدە چوڭقۇر خىياللارغا غەرىق بولدۇم.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-22 22:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 11:38 PM  

قوشنامنىڭ گۈل كۆرىنەر دەپ ساڭا مېنىڭ خوتۇنىم مۇلايىم ،مېھىرلىك كۆرىنىپ كېتىپتۇ-دە،قوياۋە  سېنى مەن تېخى ئاياللارغا كۆز قىرىنىمۇ سالمايدىغان ئەر دەپ ھېساپلاپ يۈرۈپتىمەن،ساق ئادەم قالماپتۇ جاھاندا، چىلان باققا كىرمەڭلار چىلان باغدا يىلان بار دىگىنى بىكار ئەمەسكەن ،خەپ !ئۇ شۇنداق دەپلا چۈشەنچە بېرىشىمگىمۇ ئۇنىماي قولىدىكى تېگى قالغان تاماكىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ چىشلىگىنىچە چىقىپ كەتتى...
قۇرۇلمىدا مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش پىرسۇناژ تىلى بىلەن ئاپتور تىلى ئايرىلمىغان يەرلەر خېلى بار. كۆرۈنمە ماۋزۇمۇ قايىدىگە ئۇيغۇن يېزىلمىغان.
   بۇغۇ مەيلى لىكىن ئاپتوردىن سوراپ باقسام بۇ ھېكايە ئىتوت قېلنىپ ئوينالغانمۇ؟ بۇنداق دىيىشىمدە بۇنۇڭدىكى مەزمۇن "پەرھات باجى" نىڭ بىر ئىتوتىغا بەك ئوخشۇشۇپ كىتىدىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 11:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5
كۇن بۇرۇن بولغان ئىش ،تېما يوللاشتا كورۇنمە چاستوتا قايەردە .m

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 11:07:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتۇت قىلىپ ئوينالمىغان.بەلكىم سىز كوركەن ئىتۇتتىكى سوزلېر يادىڭىزكا كېلىپ كاپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش