يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 2

تاھىرجان يۈسۈپ:يېگىتنىڭ تاللىشى(مېكىروھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



ئاپتورى:تاھىرجان يۈسۈپ(ئوغۇز)

قىز تولىمۇ خۇشال ئېدى ،چۈنكى ئۇ بۈگۈن يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا كەتكەن لايىقى بېلەن كۆرۈشۈشكە چىقاتتى .ئۇ ئەتىگەندىلا  ،يېگىتى ئۆزىنى ساقلاۋاتقان جايغا بېرىش ئۈچۈن ،چىرايلىق ئەتلەس كۆينىكىنى كېيىپ ،تېخى ئەمدىلا دەرۋاززىسىدىن چىقىشىغىلا  بىر يېقىن دوستى ئۇچراپ قېلىپ،ئۇنىڭ ئۈستى بېشىغا قاراپ تامغىقىنى چاكىلدىتىپ تۇرۇپ:
-ئاداش ،ئاڭلىسام يىگىتىڭنى كەپتۇ دەيدۇ،بۇنداق خۇشال ھالەتتە يېگىتىڭ بېلەن كۆرۈشكىلى ماڭغان ئوخشىمامسەن ،ھازىر بۇنداق تومپاي كىيىملەرنى كىيگەن سەھرالىق قىزلارنى كىم يارىتىدۇ ؟ئۇ نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى شەھەرلىك قىزلار بېلەن بىللە ئوقۇغان تۇرسا، سېنىڭ بۇ توپماي ھالىتىڭنى كۆرسە قورقۇپ قېچىپ كەتمىسۇن يەنە،يۈرە ،سنى ئۇنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك بىر ياساپ قوياي -دېدى .
قىزمۇ دوستىنىڭ سۆزىنى ئورۇنلۇق كۆرۈپ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى .قىز دوستىنىڭ ياردىمىدە شەھەرلىك قىزلاردىن چانمىغۇدەك قىياپەتتە ياسىنىپ،كونا جايدا ئۆزىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقان يېگىتىنىڭ يېنىغا باردى .
بىراق يېگىت خۇددى دوستى ئېيىتقاندەكلا ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم ،تۈزۈكرەك قاراپمۇ قويمىدى ،ئۇنى ئۇزىتىپ بارغاندىمۇ-خوش -دېگەندىن باشقا تۈزۈكرەك گەپمۇ قىلمىدى .
قىز كۆڭلى تولىمۇ يېرىم قىياپەتتە دوستىنىڭ يېنىغا بېرىپ دەردىنى تۆكتى ،دوستى بۇ قېتىم يېگىتىنىڭ ئۇنى ياراتماسلىقىدىكى سەۋەبنى ،ئۇنىڭ چاچ پاسونىنىڭ قالاق، ھەم گىرىم قىلمىغانلىقى ، دەپ خۇلاسىلىدى .
،قىزمۇ دوستىنىڭ سۆزىنى يەنە ئورۇنلۇقتەك ھېس قىلىپ، يەنە بىر قېتىملىق كۆرۈشۈش ۋاقتىدا ،ئاتايىن شەھەردىكى پەردازخانىغا كىرىپ،ئۈستى بېشىنى راسا پارقىراتقاندىن كېيىن ،يېگىتىنىڭ يېنىغا باردى .
يېگىت بۇ قېتىم قىزغا تېخىمۇ بەك سوغاق مۇئامىلە قىلدى ،ھەتتا،قىزنى ئۇزۇتۇپمۇ بارماستىن ،ئۇنىڭدىن بۇرۇن يولىغا راۋان بولدى .
قىزنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم قىياپەتتە ،يەنە بىر قېتىم دوستىغا دەردىنى تۆكۈپ باردى ،دوستى بۇ قېتىم،يېگىتىنىڭ ئۇنى ياراتمىغانلىقىدىكى سەۋەب ،ئۇنىڭ ،ئاپئاق پاقالچاقلىرى ،ھەم سۈپسۈزۈك بويۇن ،بېلەكلىرىنىڭ ،گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرمىغانلىقى ،دەپ يىغانچاقلىدى ،قىزمۇ ،دوستىنىڭ سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم راۋا كۆرۈپ،يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۈچۈن ،ئاتايىن شەھەرگە كىرىپ،مەيدە ،بېلەكلىرىدىن،تاكى يوتىسىغىچە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر قۇر كېيىم سېتىۋالغاندىن كېيىن،كونا جايغا شۇلارنى كېيىپ كەلدى .
قىز ئېنتايىن جىددىيلىشىۋاتاتتى،  بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئېدى،ئەگەر ئۇ بۈگۈنمۇ يېگىتىنى رازى قىلالماي يولغا سېلىپ قويسا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئېدى، چۈنكى يېگىت ئەتىلا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىقاتتى .
ئەمما،قىز بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ،ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلغان  بولسىمۇ ،يېگىت قىزنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپلا،ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن كېتىپ قالدى .
بۇ قېتىم قىز، يېگىتنىڭ شەھەردىن يېڭى بىر لايىق تېپىۋالغانلىقىغا راسلا ئىشەندى ،ئۇ يېگىتنى تولىمۇ بەك ياخشى كۆرەتتى ،شۇڭلاشقا ،ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ،ئەتىسى سەھەردىلا بېرىپ، يېگىتنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇپ،ئۇنىڭ يولغا چىقىشىنى ساقلىدى .
يېگىت ماشنىغا چىقىپ،ئاتا-ئانىسى بېلەن خوشلىشىۋاتقان پەيىتتە، يىراقتا ئۆزىگە قاراپ تۇرۇپ، كۆز يېشى قىلىۋاتقان، تولىمۇ تەبىئىي كېيىنگەن بىر سەھرا قىزىغا كۆزى چۈشۈپ ،ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى ،ھەمدە، سومكىسىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ، بىر قۇر خەت يازغاندىن كېيىن ،ماشنىنىڭ دەرىزىسىدىن پەسكە تاشلاپ ،قىزغا يوشۇرۇنچە شەرەت بەرگەندىن كېيىن كېتىپ قالدى .
قىز يېگىت ئۇزاپ كېتىپ، ئەتراپىدا ھېچكىم قالمىغاندىن كېيىن ،يۈگۈرەپ بېرىپ خەتنى قولىغا ئالدى، قىزنىڭ خېيالىچە بولغاندا ،بۇ خەتتە چوقۇم ،مېنى كەچۈرگىن،بىز ئايرىلىپ كېتەيلى ،دېگەن بىر قۇر خەت بولۇشى كېرەك ئېدى .بىراق قىز خەتنى ئاچقاندىن كېيىن:
مەن سېنىڭ <ئۆزۈڭ>بولغاندىكى ھالىتىڭنى بەكلا ياخشى كۆرۈمەن،مېنىڭ يۈرۈكۈم سېنىڭكى ،مېنى باشقىلار بولۇپ ئەمەس ،بەلكى  ئۆزۈڭ بولۇپ ساقلا
-دېگەن بىر قۇر خەتنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى ....

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-4-24 17:14:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سېنىڭ <ئۆزۈڭ>بولغاندىكى ھالىتىڭنى بەكلا ياخشى كۆرۈمەن،مېنىڭ يۈرۈكۈم سېنىڭكى ،مېنى باشقىلار بولۇپ ئەمەس ،بەلكى  ئۆزۈڭ بولۇپ ساقلا
بۇ خۇلاسە بەك ياخشى چىقىپتۇ!

ۋاقتى: 2016-5-5 01:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراق خەتتە:    مەن سېنىڭ <ئۆزۈڭ>بولغاندىكى ھالىتىڭنى بەكلا ياخشى كۆرۈمەن،مېنىڭ يۈرۈكۈم سېنىڭكى ،مېنى باشقىلار بولۇپ ئەمەس ،بەلكى  ئۆزۈڭ بولۇپ ساقلا دېيىلگەنىدى دەپلا ئاخىرلاشتۇرساقچۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش