يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 17

ئۈمىدجان قادىرى: ئانا تىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-21 04:40 PM  

ئانا تىلىم

ئۈمىدجان قادىرى

بولسا سايلام،بارچە تىلغا شاھى-سۇلتاندۇر تىلىم،
گاھ شىۋىرلار ئىزغىرىندەك،گاھى ۋۇلقاندۇر تىلىم.

جان ئانامنىڭ مېھرى بىرلە قوزىچاقتەك شادلىنىپ،
تۇنجى ئېيتقان سۆزلىرىممۇ سەندە بولغاندۇر تىلىم.

سۆيگۈ كۈيلەپ سېخى يىللار سوغىتىدىن ياشلىقىم،
يارغا يازغان خەتلىرىممۇ سەندە تولغاندۇر تىلىم.

قالسا سەيياھ يول تاپالماي چۆلدە ئالۋۇن قەستىدىن،
سەندە تاپقان زور تەسەللى،قەلبى گۇلخاندۇر تىلىم.

ھەق ئۈمىدجان ماختىنىشقا بۇ ئانا تىل زەۋقىدىن،
بارچە تىلدۇر مىسلى يۇلتۇز،ئانداچولپاندۇر تىلىم.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-21 23:17:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل كۈيلەنگەن پاساھەتلىك غەزەلگە ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2016-2-22 04:20:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىز كۈيلەنگەن ئېسىل غەزەللىرىگە بارىكاللا!

ۋاقتى: 2016-2-22 10:35:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-22 13:55:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئازراق كۈچەيدىغان ئىش ئىكەن.بۇ ھەقتە يېزىلغان ئەسەرلارمۇ خېلى بار ئىدى،يازغاندىكىن ئەشۇلاردىن بېسىپ چۈشكىدەك تەسۋىرلەش كېرەك ئىدى.

ۋاقتى: 2016-2-22 17:00:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتتە ھەر كىم ئ‍ۆز تالانتى ، ئىقتىدارى بويچە قەلەم تەۋىرتىدۇ. يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى  ئ‍الاھىدە ياخشى چىقىشى ناتايىن ھەم ئ‍ۆزىنى باشقىلار بىلەنبىلەن سېلىشتۇرۇپ ئ‍ۇنىڭدىن ئ‍ېشىپ كېتىمەن دەپ ئ‍ەسەر يازىدىغانلار بەك ئ‍از ئ‍ۇچرايدۇ. شۇڭا تىرناقتا توختايدىغان سەۋەنلىك بولسا كۆرسىتىپ بېرەيلى .

ۋاقتى: 2016-2-22 17:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەل مەيلى تىل ياكى تەسۋىر جەھەتتىن بولسۇن ماڭا يارىدىغۇ!

ۋاقتى: 2016-2-22 18:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ كۈيلەپ سېخى يىللار سوغىتىدىن ياشلىقىم،
يارغا يازغان خەتلىرىممۇ سەندە تولغاندۇر تىلىم.


قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-23 00:38:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل ئۈچۈن غەزەل پۈتكەن قوللارغا ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2016-2-23 00:41:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل ئۈچۈن غەزەل پۈتكەن قوللارغا ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2016-2-23 11:03:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۈمىدجان قادىرى ئەپەندى. ئانا تىل ھەققىدە يېزىلغان بۇ شېئىرىڭىز مەزمۇن يېقىدىن ماڭا بەكمۇ تېتىدى. ئانا تىل ھەققىدە قەلەم تۇلپارىمىزنى توختىماستىن چاپتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىزدىنىشىڭىز ۋە ئىجادىيىتىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-23 19:56:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل ئۇلۇغلۇقى ـــــــ مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى.

رەخمەت غەزەل پۈتكەن قولىڭىزغا!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 22:07:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 12:46 AM  

مۇھەببەت رىشتىمنى قىلىپ مەن بەدەل،

ئېرىشمەك بولغىنىم ئەمەس بىر گۈزەل.

سۈيىدە ئاققىنىم، ئوتىدا كۆيۈپ،

ئارۇزنىڭ بەرقىدە جىلۋىلىك غەزەل.


ۋاقتى: 2016-2-24 18:09:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ كۈيلەپ سېخى يىللار سوغىتىدىن ياشلىقىم،
يارغا يازغان خەتلىرىممۇ سەندە تولغاندۇر تىلىم.


         

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-25 00:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەزىز دىلكەشلىرىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش