يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 7

غېنىجان خۇدابەردى: ۋاقىت (ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-21 10:03 PM  

                                                 ۋاقىت


                                                (ئىتوت)

                                         غېنىجان خۇدابەردى


پىرسۇناژلار: كامىل (دىھقان،35ياش)،مۆمىن(دىھقان،34ياش).
سەھنە قىياپىتى: ئايرودوروم كۈتۈش زالى.
ئايرودروم كۈتۈش زالى.قولىدا سومكا كۆتۈرۈۋالغان كامىل ئالدىراش كىرىپ كىلىدۇ.ئادەملەر ئارىسىدا ئولتۇرغان مۆمىننى كۆرۈپ  توۋلايدۇ:
كامىل:مۆمىن،ھەي... مۆمىن!
مۆمىنبېشىنى كۆتۈرۈپ كامىلنى كۆرۈپ قولنى كۆتۈرۈدۇ)مەن بۇ يەردە.
كامىل:ئايروپىلان ئۇچۇپ كەتمىگەندۇ؟كېچىكمىگەندۇق؟
مۆمىن:ئوتۇنچىدەك ۋاقىرايسەنغۇ؟ئاستىراق توۋلىغىنە، ھەممە  بىزگە قاراۋاتىدۇ.
كامىل:مەن يا ئۇ خەقنى چاقىرمىسام،نېمانداق خاپا بولىسەن. ئەتىگەن سەنمۇ ئىت پوق يېمەستە مەھەلەمگە كېلىۋېلىپ، ھۆشۇر كوكبېشىدەك توۋلاۋاتاتتىڭغۇ؟
مۆمىن:شەھەر بىلەن سەھرا ئوخشامتىكى.
كامىل:شەھەر مەدەنىيەتنى ئەجەب تىز يۇقتۇرۇپسەن،شاڭخەيگە بېرىۋالساڭ  ئادەم تونۇمامسەن نېمە؟
مۆمىن:تورغاي چۈچۈلىماستا چاقىرىپ قويسام،ئەمدى كېلەمسەن؟
كامىل:ئايالىم ئەتىگەندە چۆچۈرە ئېتىپ بېرىمەن دەپ.
مۆمىن:ئەتىگەندە چۆچۈرە ئىچكەن نەدە بار،نېمە چۆچۈرىسى يېدىڭ؟
كامىل:كاۋا چۆچۈرىسى.ئالدىراپ،ئاران ئۇچ تاۋاق ئىچەلىدىم.
مۆمىن:ئاران ئۇچ تاۋاق ئىچتىڭمۇ؟كۆك چۆچۈرىسىمۇ ئەمەس كاۋا چۆچۈرىسى دە!كاۋىدا مانتا ئەتكەننى كۆرگەن،سېنى ئايالىڭ ئەجەب كورېيەلىكتەك ئەتمەيدىغان تامىقى يوقكىنا؟
كامىل:سېنىڭ ئايالىڭ رىزقىڭ بازاردا دەپ يولغا سالغان ئوخشىمامدۇ؟
مۆمىن:ياقەي،ئەتىگەن ئايالىممۇ  سىيدەك چۆپ ئېتىپتىكەن، زورلاپ بىر داس يېگۈزەتتى دېگىنە.
كامىل:تېزەك چۆپ،قانداق چۆپ ئۇ؟
مۆمىن:سىيدەك چۆپ دەۋاتىمەن،ئەبجەش ياغ بىلەن ئېتىدىغانچۇ؟ ئالامەت يېيىشلىك.
كامىلسىلكىنىپ قۇيۇپ)ۋۇي...جۇ...ن! قايماق چۆپ،نارىن چۆپ دەپ ئاڭلىغان،ھە،بىر داس يېدىم دە! ئايالىڭ ئەجەب رۇسىيەلىكتەك ئاددىي بى نىمنى ئېتىدىكىنا؟
كامىلسومكىسىنى مۆمىننىڭ قېشىغا قۇيۇۋېتىپ سورايدۇ) ئايروپىلان قاچان ئۇچىدىكەن،سورىدىڭمۇ؟
مۆمىن:سورۇدۇم،سائەت 9دا ئۇچىدىكەن.
كامىلسائىتىگە قاراپ قۇيۇپ)يانە قاق ئۈچ يېرىم سائەت تۆت مىنۇت باركەنغۇ؟
مۆمىن:شۇنداقمىكىن؟
كامىلئورنىدىن تۇرۇپ)ئۈچ يېرىم سائەت تۆت مىنۇت مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرامدۇق؟كۆتمىز ئۇلداپ كەتمىسۇن. قوپە،ئايلىنىپ كىرەيلى.
مۆمىنكامىلنىڭ پېشىدىن تارتىپ)ئولتۇرە،بىردەم.ئادەم توشاپ كەتسە،مېڭىپ كېتىپ،سەپەردىن قالىمىز بىكار.
كامىل:قولىمىزدا بىردىن تورپاق كەلگۈدەك پۇلغا ئالغان بېلەت تۇرسا، بىزنى ئالماي كېتىمدا.
مۆمىن:كىمنى كىم تونۇيتتى،كەتسە كېتىۋېرىدۇ.
كامىل:ماڭا...ۋە،ئاخشام شەھەرگە كىرىشنىڭ بېلىتىنى 18 يۈەنگە ئەپ قويغانتىم،ئەتىگەن مەھەللەمگە كېلىپ لابا بېسىۋەردى، ئاچچىقىمدا چىقىپ ھەي،يەنى بى ئايلىنىپ كېلە، چۆچۈرىدىن يەنە بىر تاۋاق ئىچىۋالاي دەپ قۇيۇپ كىرىپ كېتىپ،ئۇچ تاۋاق چۆچۈرىنى ئىچىپ چىقسام،ئېڭىكىنى تۇتۇپ ساقلاپ تۇرۇپتىغۇ.سېنى ئاچچىقلاپ كەتمىسۇن دېدىم. بولمىسا،يەنە بىر تاۋاق ئىچىپ كېلەتتىم.مۇشۇلارمۇ ساقلايدۇ،قوپە.
مۆمىن:ھەي،بۇ دېگەن ئايروپىلان.ئا بىزنىڭ مەھەلنىڭ ئاپتوبۇسلىرى ئەمەس،بىر ئادەم چىقمىسا ساقلاپ،چىققاننىڭ ياقە ئېلىپ كېلىدىغان.
كامىل:بىز خەقنىڭ 12دە دېگەن يەرگە،سائەت بەشتە كېلىدىغىنىمىزنى مۇشۇ ئايروپىلان ھەيدىگەنلەرمۇ بىلىدۇ. شۇڭا،9دە ئۇچىدىغان ئىشقا 7دە دەپ قويغان گەپ.يۈرە،تىز تاماقخانىغا كىرىپ چارەكتىن لەڭمەن يەۋېلىپ چىقايلى.
مۆمىن: يەنە يەمسەن؟ئۇچ تاۋاق كاۋا چۆچۈرىسى يېگەن قورسىقىڭغا پاتارمۇ؟ھېلى قۇسقۇڭ گۇممىدە پارتلاپ كېتىپ، ئايروپىلاننى ۋەيران قىلىۋەتمىگەن،بولدى قىلە.
كامىل:لەڭمەننىڭ قۇسۇقى باشقا،يۈرە.سەنمۇ بىر داس چۆپ يېگەن دېمەي،ھېلى ئالدىڭغا كەلسە،پۈتۈندىن بىرنى تاق سوقارسەنمىكىن. ۋوجۇ،(قۇسقىنى مۇجۇلغانچە ئورنىدىن تۇرۇپ)ئاۋۋال ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقاي،ئاندىن  دېيىشەيلى،سەن سومكىلارغا قارىغاچ تۇرە.
كامىل ھاجەتخانىغا كىرىپ كېتىدۇ.شۇ ۋاقىتتا مىكروفوندىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان1134-قېتىملىق جەنۇب ئاۋىئاتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ھازىر  ئۇچىدىغانلىقى،ئىككى نەپەر يولۇچىنىڭ چىقمىغانلىقى  ھەم  ئۇ ئىككى يولۇچىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.
كامىلقۇسقىنى تۇتقانچە ھاجەتخانا تەرەپتىن كېلىدۇ)بايا ئىسمىمىزنى چاقىردىمۇ؟
مۆمىن:ياق،باشقا مىللەتنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.مەيمەينى،كامىيلى دەيدۇ.ئەجەب ئۈزۈندى بى چىقتىڭا.
كامىل:ئىچىم سۇرۇپ قاپتا؟
مۆمىن:بالىغا كاۋا چۆچۈرىسى زىيان قىلىپتۇ-دە؟
كامىل:يە،يە،ئۇنۇڭ ئىشى ئەمەس.ئەتىگەن بالام ئۆرۈك ئالا بولۇپتۇ دەپ ئەكىرىپتىكەن،شۇنىڭدىن تۆت تال ئېغزىمغا سالغان.كەينىدىن يادىمدا يوق،سوغۇق سۇ ئىچىپ ساپتىمەن.
مۆمىن:تۇغ يا كېتىپتۇ-دە،قوپ،كاۋاپتىن ئىككى زىق يەۋېتىپ كىر،شاخنىڭ توم-تاقاقتا ئەتكەندەكلا توختاپ كېتىدۇ.شاخنىڭ ئايروپىلاننى بۇلغىمىسۇن يەنە.
كامىلقۇسقىنى سىلاپ تۇرۇپ)ئاقە پىشاپتىن تەرىتىم ئىلىنىشىدىغان يېرى يوق،سۇدەكلا كەپ كېتىۋاتىدۇ دېسە.
مۆمىن مۆمىن ئورنىدىن تۇرۇپ) دارا ئەكىرىپ بېرەيمۇ.
كامىل:مەيلى.مۇسۇلمانچىسىدىن كۆپرەك ئېلىۋال ھە.
مۆمىنكامىلغا قاراپ كۈلۈپ)ھەي ئەخمەق،دورنىمۇ مۇسۇلمانچىسى، مۇسۇلمانسىز دەپ ئايرىمدۇ؟
كامىل:سەن ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن شىنجاڭغا يەيدىغان نەرسىنىڭ مۇسۇلمانچىسىنى ئىۋەتەرمىش.
مۆمىن كۈلۈپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا كامىلگە تېلېفون كېلىدۇ:
كامىل:خوتۇنمۇ؟ھە،مەن ئايرودرومدا.ھە،يەنە ئۈچ سائەتتىن كىيىن ئۇچىدىكەنمىز.ھە،شۇ،شۇ،گېپىنى قىلما،بۇ ئايروپىلان دېگەنمۇ شۇ بىزنىڭ مەھەلنىڭ كىراكەشلەردەك سەھەردە ماڭىمىز دەپ قۇيۇپ،چۈشتىن كىيىن ماڭدىغانىدىنكەن.راست،كاۋا چۆچۈرىنى خام پىشۇرۇپتىكەنسەن،ئىچىم سۇ مايدەكلا سۇرۇپ كەتتى.ھە،پىت-پىت بولۇپ قاپتىمەن.تولغاق بولۇپ قالغان ئوخشايمەن،غۇرنى يېمىسەم بولۇپتىكەن.مۆمىن دورا ئەكىرىپ بېرەي دەپ چىقىپ كەتتى. ھە،نېمە؟نەدە مەن قازان قاينىغۇچە يېدىم،ئوزۇڭ قازان چىممىدە قىلىپ بولغۇچە،تۇزنى ئوتلاپ بېقىڭ،دەپ ئەكىرمىدىڭمۇ.تۆت قېتىم ئەكىرگەنمۇ؟تۇزنى ئوتلىغاننى قوشقاندا تۆت تاۋاق ئىچىۋېتىپتىمەن دېسە.يەنە بارما،ئەستە ئالدىرىماي يەنە بىر تاۋاق ئىچىۋالسام بولۇپتىكەن. بولۇپتۇ،بودا كەلگەندە ئېتىپ بېرەرسەن.ئا كالىنىڭ قورسىقىغا چەن قىلىپ قويدۇم، بالىغا دە،كالىنىڭ قۇسقىنى شۇ بويىچە تويغازسۇن.ئىتقا ئاش بېرىشنى ئۇنتۇماڭلار،قوتانغا قۇلۇپ سېلىپ يېتىڭلار.ھە راست،موزىيىنى ئايرىپ كالىنى سېغىۋېلىڭلار.ھە،ھە،كالىنى گەمە بېشىدىكى ئېرىقتا باقسۇن،چۈژگۈنلىكتە،ھە،ھە،شۇ يەردە. پۇلنىمۇ،سەن تىكىپ بەرگەن كۇسەرنىڭ يانچۇقىغا سالدىم.مەن كېلىپ،چەننى كالىغا،نېمە قىلمەن،ھە نېمە قىلمىسا،سېنى نېمە قىلمەن ئۇقتۇڭمۇ؟ خوش،راست،سامانلىقنىڭ ئاچقۇچنى ئىشىكنىڭ بېشىغا قۇيۇپ قويدۇم،ئاچقان ۋاقىتتا ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇماڭلار، بولمىسا ساماننى توخۇ تاتىلاپ بۇزۇۋېتىدۇ.خوش،ئاللاغا ئامانەت ،ھە راست،تاس قاپتىمەن مويۇم گەپتىن بىرنى ئۇنتۇپ قالغىنى،كېچىسى ئىتنى قويۇۋېتىڭلار،كاتەكنىڭ ئېغزىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئەمدى جىڭ خوش.(تېلېفونغا قاراپ) قۇيۇۋېتىپتۇ-دە،داۋام خوش دەپ بولغۇچە قۇيۇۋېتىدۇ مۇشۇ خوتۇن.
مۆمىنقولىدا دارا كۆتۈرگەن ھالدا كېلىدۇ)مە،مانى ئىچىۋېتە.دورىخانا تاپالماي،بارمىغان يېرىم قالمىدى.
كامىل:تايىنلىق 1-دوختۇرخانىدىن ئەكەلمىگەنسەن.يولنىڭ بويدىكى دورىخانىدىن ئەكەلسەڭ بولمامتى.بىلسەم -بىلمىسەم ئاۋۇ ئايلانمىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ لەڭمەندىن پۈتۈن بىرنى تاق  سوقۇۋەتتىم دېگىنە. نېمە ئۇ  خالتىدىكى؟
مۆمىن:ھە،ما ئامىنە تەييار چۆپلەردىن ئېلىۋالدىم.كۇلىدا مۇسۇلمانچىسى يوق دەۋاتمامتىڭ؟
كامىل:ماڭا چارەك ئاش ئالغاچ كەلدىمىكىن دەپتىمەن. ئاڭلىسام، خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسى ماڭدامدا بار دەيدۇ.شۇڭا،ئايالىم نان يېقىپ بېرەي دېگەنتى،ئۈنمىدىم.
مۆمىنقولدىكىنى سومكىسىغا سېلىۋاتقاچ)ئۇدۇل بارىدىغان پويىز بولغان بولسا،شۇنىڭغا ئولتۇرغان بولساق بىخەتەرتى.ئايروپىلان نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزدىن چۈشۈپ كەتسە، ئۆلكىمىز مىڭ پارە بولۇپ كېتەرمۇ. مەن دەيمەن،دۇنيادا پويىزدەك بىخەتەر قاتناش يوق جۇمۇ، يولىمۇ ئايرىم،ياندىشىمەن دەپمۇ يۈرمەيدۇ.
كامىل:ئەتىگەندە ئېغىزىڭنى ئىشىتمەي ئولتۇرە.پويىزدا تارقىشىپ قاچان باردۇ؟بىز بارغۇچە قوغۇنلار سېسىپ كەتمەمدۇ. سېسىپ كەتسە، تۆكىدىغان ئەخلەتخانا تاپالماي يۈرەمىشمىز.قورقمىغىنە، پاراشۇت بىلەن سەكرىۋالىمىز.
مۆمىن:بۇ ئايروپىلاندا پاراشۇت يوقمىش.
كامىل: نېمە،ئالغاندىكىن پاراشۇتى بار بېلەتنى ئالساڭ بولمامدۇ؟
مۆمىن:ئالغىنىڭ بىلەن پاراشۇتتىن سەكرەشنى بىلەمتىڭ.
كامىل:نېرى تەس،كىنودا كۆرمىدىڭمۇ؟ سەكرەپلا كالىنىڭ تۆشنى يېشىۋەتكەندەك،تانىسىنى تارتىۋەتسەڭ بولىدىغان ئىشكەنغۇ.
مۆمىن:سائەتكە قارىغىنە،ۋاقىت توشتىمۇ نېمە،ئا خەقلەر قوپۇپ مېڭىشىۋاتىدۇ.
كامىل:ۋوي  سائەت توشۇپ قاپتا،يۈرە.
ئىككىيلەن سومكىسىنى كۆتۈرۈشۈپ يۈك تاقا تەكشۈرىدىغان يەرگە كېلىشىدۇ.
تەكشۈرگۈچىبېلىتىنى كۆرۈپ )ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى توققۇزدا ئۇچۇپ بولغان.كېچىكىپ قاپسىز.
كامىل:نېمە دەيدۇ؟
مۆمىن:بېيجىڭغا بارامسىلەر دەيدۇ.
كامىل:شاڭخەيگە بارمىز دە.قوغۇن پۇل بولۇپ قالسا، يانىشىمىزدا بېيجىڭغا بېرىپ،ماۋجۇشىنى كۆرۈپ قايتارمىز.
مۆمىن:شاڭخەيگە قوغۇن ساتقىنى بارمىز(مۆمىننى كۆرسىتىپ)مۇنۇسمۇ باردۇ.
كامىل:نېمە دەيدۇ؟خەنزۇچىنى بىلگەندىكىن دېگىنە،مەن بىلەن شاڭخەيگە باردۇ،دەپ.
مۆمىن:دېدىم،ئا شاڭخەيگە بارىدىغان ئايروپىلان توشۇپ كەتكەن بولسا، بېيجىڭغا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقىپ بېرىڭلار،دەۋاتقان ئوخشايدۇ.
كامىل:سەن گېپىنى ئۇقتۇڭمۇ-يوق؟بۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى باشقىچىرەك تۇرىدۇ يا.
مۆمىن:بىلدىم،بېيجىڭ دېگەن گەپنى سەنمۇ بىلىدىغانسەن. توختىغىنە مەن ئۆزۈم ئالدىرىماي دەي.(گېلىنى قىرىپ)ۋو، تا شاڭخەي چۇ. ۋو تا بېيجىڭ بۇچۇ.
تەكشۈرگۈچى بۇ ئىككىيلەنگە گەپ ئۇقتۇرالمىغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر مۇلازىمەتچىنى چاقىرتىپ كېلىدۇ.
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچىئىككىيلەننىڭ بېلەتنى كۆرۈپ)ئىككىڭلار چۈشىدىغان ئايروپىلان ئۇچۇپ بولۇپتۇ.
مۆمىن:نېمە،سائەت توققۇزغا يانە 15 مىنۇت تۇرسا،قانداق ئۇچۇپ كېتىدۇ؟
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى:ھازىر سائەت 10دىن 45 مىنۇت ئۆتتى. ئايروپىلان ئۇچقىنى بىر سائەتتىن ئاشتى،بايا سىلەرنى چاقىرغان كەلمىدىڭلار.
كامىل:ئۇكام سىزنىڭ سائىتىڭىز خاتاكەن،سائەت 8دىن 45مىنۇت ئۆتتى،قاراڭە مانا.( قولىدىكى سائىتىنى كۆرسىتىدۇ)
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچىئارقىسىدىكى تامدىكى سائەتنى كۆرسىتىپ)تامدىكى سائەتكە قاراسلا،سائەت ئون دىن ئېشىپ كەتتى
كامىلسائىتىگە قاراپ قۇيۇپ)نېمانچە كوپ سائەت بۇ؟ ئۇنۇڭ ئۈستىگە ھېچقايسىسى توغرا ئەمەسكەن؟مېيى تۈگەپ كەتتىمۇ نېمە؟
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى:ئۇنداق ئەمەس،ھەرقايسى رايونلارنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە توغرىلاغلىق،ئۈچىنچىسىگە قاراڭ.
كامىل:بىر،ئىككى،ئۇچ...شۇ خاتاكەن.ئىككى سائەت ئالدىدىكىن،مانا قاراڭە،سائىتىم بىلەن قول تېلېفونۇمنىڭ سائىتى ئوپمۇ ئوخشاش.
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى:تامدىكىسى بېيجىڭ ۋاقتى،قوللىرىدىكى ئۈرۈمچى ۋاقتىكەن.
كامىل: شۇ ،شىنجاڭ ۋاقتى.
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى:شىنجاڭ ۋاقتى دېمەيمىز،بېيجىڭ ۋاقتى،ئۈرۈمچى ۋاقتى دەيمىز.بىز بۇ يەردە بېيجىڭ ۋاقتىنى قوللىنىمىز.
مۆمىن:شىنجاڭدا شىنجاڭ ۋاقتىنى قوللانماي،بېيجىڭ ۋاقتىنى قوللانغىنىڭلار نېمىسى؟بېيجىڭدا ئۈرۈمچى ۋاقتىنى قوللىنامسىلەر يا؟
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى:پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا،شۇنداقلا ھۆكمەت ئورۇنلىرى بېيجىڭ ۋاقتىنى قوللىنىدۇ.
مۆمىن:سىلىمۇ ھۆكمەتمۇ؟كىراكەش بولغاندىكىن مانىدا خەق بىلىدىغان ۋاقىتنى قوللانساڭلار بولمامدۇ؟
مۇلازىمەتچى كۈلۈپ قۇيۇپ جاۋاب بەرمەيدۇ.
مۆمىن:بۇرۇنراق دېسەڭلار بولمامتى،ئەمدى قانداق قىلمىز؟سىز ئا باشلىقىڭىزغا دەڭ،بىزنىڭ جىددىي ئىشمىز بار،توغرا شۇنداق دەڭ، بارمىساق قوغۇنىمىز سېسىپ كېتىدۇ.ئايروپىلانچىمۇ قىزىق ئاداشكەن، ئىككى ئادەم كەم تۇرسا كېتىۋېرىدىغان،ئۆزىگىمۇ زىيان ،قايدا دېدىم كامىلاخۇن؟
كامىل:شۇنداقمىكىن مۆمىناخۇن.بۈگۈن ئايروپىلان ھەيدىگىنى شاگىرتى ئوخشايدۇ؟با زىيان ئۇستامغا دەپ،كېتىۋەرگىنىگە قارىغاندا. ئۇستىسى بولغان بولسا،ئادام توشمىغۇچە ماڭمايتتى.ھېلىمۇ ئۈلگۈرەلمىگىنىمىز ئوبدان بولۇپتۇ.بولمىسا،ئۇ شاگىرت كاتاڭ قويماي ھەيدەپ،جۇلۇقىمىزنى چىقىراركىن.
مۆمىن:قىزىق گەپ قىلدىكىنە،ئاسماندا كاتاڭ نېمە ئىش قىلىدۇ، كامىلاخۇن؟
كامىل:چىققانلاردىن ئاڭلىسام،كاتاڭنىڭ يامىنى ئاسماندا دەيدۇ.
مۆمىن:ۋاقىتنى بىلمەيدىغان ھالىڭغا ئۈچ سائەت باركەن دەپ،يولدىن قويدۇڭلار.كاۋا چۆچۈرىنى ئازراق ئىچىپ،شاخنا قويمىغان بولساڭلار مۇشۇ ئىش يوق.ئەمدى ئوبدان بولدىما؟
كامىلئىچىنى تارتىپ)ۋىيەي،ما گەپنى،ۋاقىتنى سورىغان مەنمۇ سىلىمۇ؟ دارا ئەكېلىمەن دەپ كېتىپ،دوقتا دورىخانا تۇرسا،خام بازىرىغا بېرىپ مەنتاڭ ئىچىپ،لەڭمەن كېكىرىپ يۈرسەڭلا،كەتمەي تۇرامتى؟بىر تورپاق كېلىدىغان پۇلغا ئالغان بېلەتنى بىكار قىلىۋېتىپ، دەۋاتقان گېپىنى.
مۆمىن:بۇ خەقمۇ قىزىقكەن،بېيجىڭ ۋاقتى،شىنجاڭ ۋاقتى دەپ، تاشلىۋېتىپ كېتىۋىرىدىكىنا؟
كامىل:شۇ ئەمەسمۇ.ماڭا،تىلنى بىلگەندىكىن بېرىپ دېگىنە،يا بېلەتنى قايتۇرسۇن،يا ئا ئاداش چىرايلىقچە كەينىگە يېنىپ كېلىپ،بىزنى ئېلىپ كەتسۇن.
مۆمىن:سا دېسەڭ يانىدىغانغا ئات ھارۋاڭ ئەمەس،ئايروپىلان دېگەن ياۋا توڭگۇزدەك بېشىنى قايرىيالماسمىش.
كامىل:يا يېزىنىڭ تاش يولى بولمىسا،شۇنچە كەڭ ئاسماندا قايرىلالمىسا، نەدە قايرىلىدۇ؟نېمە توڭگۇز بولسا كارىم يوق،ماڭ،بېرىپ ئىشنى ھەل قىلە.
شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى كېلىدۇ.
مۇلازىمەتچى:ئىككىڭلارنى كېلەر نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بولدى،ساقلاپ تۇرۇڭلار.
كامىلكۈلۈپ)ۋاقتىدا كەلمىسەڭ،ئالماي كېتىۋەرگەن بىلەن،بېلەت ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتمەيدىكەن.بىراق بىزنىڭ يېزىنىڭ كىراكەشلەر سەن چىقمىساڭ ئالماي كەتمەيدۇ،كېتىپ قالدىمۇ،بېلىتىڭ ئۆتمەيدۇ.
ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى:چۈشتىن كىيىن سائەت توققۇزدا ئۇچىسىلەر،ئەمدى ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،ھە.
مۆمىن:جۇڭگو ۋاقتىمۇ،شىنجاڭ ۋاقتىمۇ؟
مۇلازىمەتچى كۈلۈپ:بېيجىڭ ۋاقتى9دا،ئۈرۈمچى ۋاقتى 7دە،ئېسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار.بولسا،ۋاقىتنى بېيجىڭ ۋاقتىغا توغرىلىۋالساڭلار قۇلايلىق.
مۆمىن:شۇنداق قىلايلى،(كامىلغا قاراپ)سەن بېيجىڭ ۋاقتىغا توغرىلىۋال.
شۇ ۋاقىتتا بىرەيلەن كۈتۈش زالىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كىرىپ كېلىدۇ ۋە ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،مۆمىن بىلەن كامىلنىڭ قېشىغا كېلىدۇ:
ناتونۇش كىشى1كامىلغا قاراپ)سائەت نەچچە بولدى؟
كامىلسائىتىگە قاراپ)سائەت بىرگە ئۇن بەش مىنۇت قالدى.
ناتونۇش كىشى1پېشانىسىگە ۋاققىدە بىرنى ئۇرۇپ)تۈگەشتىم،باشلىقىم 12نىڭ ئايروپىلاندا كەلمەكچى ئىدى. كۈزەم كىچىكىنى ئۇيقۇغا بېرىپ قاپتىكەن،نەچچە سائەت ئۇخلاپ قاپتىمەن دېسە،كېچىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ.(ناتونۇش كىشى شۇنداق دېگەنچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ)
مۆمىن:ۋالىينىڭ شوپۇردەك قىلىدۇ.
مۆمىن:بالا تۈگەشتى،يەۋاتقان نېنىدىن ئايرىلىپ قالدى-دە.
كامىل:شۇ،باشلىق دېگەن ھۆكمەتنىڭ مىڭ كويغا زىيان بولسا كارى يوق،بەش كويغا تاكسى توسۇپ كىرىپ كېتىشكە چىدىمايدۇ.زىيان دېگەن ئاچچىق دېگىنە،ئىچى ئاداپ كېتىپ شوپۇرنى بىر نېمە قىلىۋېتەرمىكىن. (ئورنىدىن تۇرۇپ)ئەمدى ئىككىمىز نېمە ئىش قىلمىز؟ۋاقىت تېخى نەچچە سائەت بار.سەن تۇرۇپ تۇرە،ئاۋۋال مەن دىككىدە ھاجەتكە كىرىپ چىقاي،قالدى گەپنى ئاندىن دېيىشەيلى.
مۆمىنكۈلۈپ)كاۋا چۆچۈرەڭنى يەۋېلىپ كەلمەيدىغانسەن؟
شۇ ۋاقىتتا بايا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ناتونۇش كىشى قايتىپ كېلىپ مۆمىننىڭ قېشىغا كۈلىدۇ.
ناتونۇش كىشى1ئاچچىقلىغىنىچە مۆمىننىڭ سول قۇلنى تۇتۇپ زەردە بىلەن)ما قولۇڭدىكى سائەتمۇ يا ماددا ئېشەكنىڭ تاقىسىمۇ ؟
مۆمىن: شاڭخەي پەر سائەت،نېمە بولدى؟
ناتونۇش كىشى1:ئادەم كولدۇرلىتىۋاتامسەن،بايا سائەتنى بىر بولدى دەيسىنا؟باشلىقىم كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ مېڭىپ،تاس قالدىم باشقىلار بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكىنى.رادىئودىن ئاڭلىسام،سائەت 11بولۇپتىغۇ.
مۆمىن:سىزگە ۋاقىتنى دەپ بەرگىنى ھەمراھىم ئىدى،ئۇ سىزگە بېيجىڭ ۋاقتىنى دەپ بەرگەن ئوخشايدۇ.
ناتونۇش كىشى1: (يوغان بىرنى ئالىيىپ)ئەجەب يوغان ۋاقىتنى دەپ بېرىپتۇ.
مۆمىن ناتونۇش كىشىدىن سەل ئەيمىنىپ،سومكىنى ئېلىپ  چىقىش ئېغزىغا يېقىن يەرگە كېلىپ،كامىلنى ساقلاپ تۇرىدۇ.شۇ ۋاقىتتا يولۇچىلار چىقىپ كېلىدۇ.بىر ئادەم قولدا چاققانغىنە سەپەر سومكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مۆمىننىڭ قېشىغا كېلىدۇ:
ناتونۇش كىشى2:كەچۈرۈڭ سائەت نەچچە بولدى،تېلېفونۇمنىڭ توكى تۈگەپ قاپتا چىقماقچىدى.
مۆمىنھودۇقۇپ)ئۈرۈمچى ۋاقتىمۇ،بېيجىڭ ۋاقتىمۇ؟
ناتونۇش كىشى2مۆمىنگە قاراپ دەقىقە تۇرۇپ كېتىپ)گىرنىۋىچ  ۋاقتى بولسىمۇ مەيلى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-21 22:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناتۇنۇش كىشى پىرسۇناژلار تىزىملىكىدە يوقكەن.
ئىتوت قىسقا،ئىخچام ئەمما مەنا قاتلىمى خېلى چوڭقۇر يېزىلىپتۇ.قەلىمىڭىڭزگە بەركەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-21 22:27:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىگە رەخمەت!

ۋاقتى: 2016-2-21 22:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قونچاقلارنى يوقاتقىلى بولماسمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-21 22:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسلى ،قوش چېكىتتىن كىيىن ئېچىلغان يالاڭ تىرناق ئىدى. يوللانغاندىن كىيىن،قونچاققا ئۆزگىرىۋاپتۇ.ھەم قۇر ئارىلىقىمۇ بەك يېقىن.ئەرچىن  ئەپەندىم،ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە،مەن  تەھرىرلەپ چىقسام،قايتا تەستىقلىۋەتسىڭىز بولاتتى.ۋە ياكى قايتا يوللىساممۇ بولىدۇ...

ۋاقتى: 2016-3-29 17:37:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم ياخشى يىزىپسىز

ۋاقتى: 2016-3-29 20:22:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوت چوڭقۇر مەنىلىك ،يۇمۇرىستىك يېزىلىپتۇ،سەھنىلەشتۈرۈلسە بولاركەن

ۋاقتى: 2016-3-29 20:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىتۇتنى ئوينايدىغان ئارتىس بولسا بۇلغىدەك ...، ئىتۇتنىڭ گىپى چىقسا ئابدىكىرەم ئابلىز ئىسىمگە كىلىۋالىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش