كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 7

پولات ۋىلاخۇن ئىلى: ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىر ئوت بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-21 11:43 AM  

ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىر ئوت بار


(ئوچېرىك)

پولات ۋىلاخۇن ئىلى

     ئۇ بىر ئاددىي ئائىلە ئايالى،ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە يانغىنغا ئايلانغان ئوتى بار سۆيۈملۈك ئايال،مېھرىبان ئانا...
شۇنداق،ئىنسان ھاياتى سېنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر ئۇ توسقۇنسىز ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ.ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان ھەربىر ئىنسانغا باغلىق.بەزىلەر ئۇنى دۇنيا مەئىشەتلىرىگە مەھلىيا بولۇش دەپ بىلسە ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا ياشاشنىڭ يولى دەپ چۈشەنسە،يەنە بەزىلەر ئىنسانىيەت مەنىۋىيەت دۇنياسىنى قېزىپ،ئۇنىڭ ئەڭ نازۇك ھېس-تۇيغۇلىرىنى غىدىقلاپ ۋە پارتلىتىپ،ئۆزىنى تونۇش ۋە تونۇتۇش يولىدىكى ئالغا ئىلگىرىلەش سەھنە دەپ بىلىدۇ.شۇنداق بولغاچقا بەزىلەر ئاددىي ھاياتتىن قىممەتلىك جاۋاھىراتلارنى تېپىپ خەلقىگە سۇنىدۇ.بۇنداقلارنىڭ ھاياتى ئاددىي ھايات بولسىمۇ مەڭگۈلۈك ھايات.
    گۈلنىسا ئىمامنىياز ئەنە شۇنداق ئاددىي ھايات مۇسابىقىسىدە ئۆز خەلقىگە قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا دۈملىنىپ ياتقان مەڭگۈلۈك چۇقانلىرىنى پارتلىتىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن ئۈنچە-مارجان تىزىپ سۇنۇۋاتقان شائىرە ئانىلارنىڭ بىرى.
گۈلنىسا ئىمامنىياز 1965-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ كۆز ئېچىپ كۆرگىنى تولىمۇ نامرات بولغان ئائىلە.ئۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە باشقا دوستلىرىغا ئوخشاش ئۆشنىسىگە سومكا ئېسىپ مەكتەپكە ماڭالمىدى، بەلكى كىچىك قەغىش ئۇكىسىنى ھاپاش قىلىپ ئۇنى باققىلى،ئويناتقىلى تالاغا ماڭدى. ئۇ دوستلىرىنىڭ كەينىدىن ئاجايىپ چوڭقۇر ھەۋەس بىلەن قاراپ كېتىپ،كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنىڭ كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتكىنىنى نەچچە رەت تۇيماي قالدى.ئۇ دادىسىغا يالۋۇراتتى،ئانىسىغا قاراپ زور ئۈمىدتە تەلمۈرەتتى.ئەمما دادا قەتئىي ئۇنىمىدى،«قىز بالا ئوقۇسا بولمايدۇ...»دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى، ئانا ئاجىز كەلدى.بالىغا نېمە ئامال.ئۇ ئەمدى دوستلىرىنىڭ مەكتەپتىن تېزرەك كېلىشىنى كۈتىدىغان بولدى.چۈنكى ئۇ دوستلىرىدىن شۇ كۈنى ئۆتۈلگەن ھەرپلەرنى سوراپ، دەپتەر-قېرىندىشى بولمىسىمۇ يەرگە جىجىپ يېزىۋېلىپ ئۆگىنەتتى. يەرگە يېزىلغان ھەرپلەرنى ئۆچۈپ كەتمىسۇن دەپ ئەتراپىغا بەلگە قويۇپ توسۇپ قوياتتى.دادىسىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلغاچقا،ئۇكىسىنى ئويناتقان بولۇپ يوشۇرۇنچە ئۆگىنەتتى.يېزىپ قويغان ھەرپلىرى ئۆچۈپ كەتكەن ياكى توغرا يېزىلماي قالغان بولسا دوستلىرىدىن قايتا سوراپ ئۆگىنەتتى... يۈرىكىدە ئوقۇشقا بولغان ئىشتىياق ئوتى ئۇنى ھەرقانداق جاپالارغا چىداشلىق قىلىپ تاۋلىدى.گۈلنىسا ئىمامنىياز شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئاخىرى ساۋاتىنى چىقىرىۋالدى.ئائىلىسى نامرات بولغاچقا قېرىنداش ئېلىپ خەت يازالمىدى،كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇيالمىدى،ئەمما قەلبىدىكى ئوت ئۇنى جىم تۇرغۇزمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستلىرىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ يوشۇرۇنچە ئوقۇپ يۈردى.ئۇنىڭ بۇ شېرىن كۈنلىرى ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى.چۈنكى شۇ چاغدىكى«لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى»ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەمدىلا پارلىغان ئۈمىد چىرىغى ئۆچۈپ قالدى.
    يىللار ئۆتتى.ھاياتنىڭ قىزىق قىسمەتلىرى گۈلنىسا ئىمامنىيازنى ئىلىنىڭ توققۇزتارا ناھىيىسىگە ئەكېلىپ تاشلىدى.ئۇ بۇ چاغدا ئەمدىلا 12-13-ياشلارغا كىرىپ قالغان بولۇپ،ئاتىسى ئۆلۈپ ئانىسى بىلەن يالغۇز قالغان بۇ ئاجىزەلەرنى بۇ يەردىكى تۇغقانلىرى ئەكېلىۋالغان ئىدى.كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە تۆت-بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى.بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىر كۈنىمۇ خاتىرجەم ئۆتۈپ باققان ئەمەس.ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر ئوت كۆيدۈرەتتى، بىر ئارزۇ ئۇنىڭغا غەيرەت-مەدەت بېرەتتى.ئۇنىڭ قولىغا قەلەمنى ئېلىپ قەغەزنىڭ ئاپئاق بەتلىرىگە ئاشۇ ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۈنچە-مارجان قىلىپ تىزىشقا،كۆزىگە ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان توم-توم كىتابلارنى ئوقۇپ،ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ۋە كۈچ،ئىلھام ئېلىشقا ئۈندەيتتى...ئەمما ئۇ يەنىلا ئامالسىز ئىدى،ئاجىز كېلىۋاتاتتى،ئۇ خەت يېزىشنى بىلمەيتتى...گۈلنىسا شۇنىڭ ئۈچۈن قىلدەك ئاچچىق تولغىناتتى،ئۆزىنىڭ كىتابلارنىڭ يېنىدا ئۇلارنى سىيلاپ قانچە-قانچە قېتىم تۇرۇپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى.رەھىمسىز تۇرمۇش ئۇنىڭغا زادىلا پۇرسەت بەرمەيۋاتاتتى. ئانىسىدىنمۇ ئايرىلغان بۇ بىچارە قىز 1983يىلى تۇغقانلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھازىرقى يولدىشى ئېلى ئاكا بىلەن توي قىلىپ،چاپچال ناھىيىسىنىڭ قوغۇنچى يېزىسىغا كەلدى.ئۇنى ئەمدى يېڭى بىر تۇرمۇش،يېڭى بىر چىراي،يېڭى بىر مۇھىت ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى.ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوت بىردەممۇ ئۆچۈپ قالامدۇ يوق!ئۇ ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولغۇچە يۈرىكىدىكى ئوتنى قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا پىنھان ساقلاپ كەلدى.يالغۇز قالغان كۈنلىرى ئۈنسىز يىغلىدى،ئۆزىنى تۇرۇپلا تولىمۇ ئاجىز ۋە بىچارە ھېس قىلدى.گۈلنىسا ئىمامنىياز قەلبىدىكى بۇ ئوتنى پىنھان ساقلاپ يۈرۈۋېرىشنى تولىمۇ رەھىمسىزلىك دەپ ئويلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئوتنى پەرلەش قارارىغا كېلىپ ئورنىدىن دەس تۇردى.
-سىز خەت تونىيسىزكەن،سىز ماڭا ئۇستاز بولسىڭىز،مەن سىزدىن خەت يېزىشنى ئۆگەنسەم،قانداق؟...-ئۈمىد ۋە ئىلتىجا بىلەن تىكىلگەن كۆزگە قاراپ،ئېگىز بوي كەلگەن بۇ ئادەم نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قىلىۋاتاتتى.بۇ گەپنى راستلا مۇشۇ ئايالىم، ئۈچ بالامنىڭ ئانىسى دەۋاتامدۇ...ئۇنىڭغا نېمە زۆرۈرىيەت تۇغۇلدى...ئۈچ بالىنىڭ ئەمەس،تېخى توي قىلمىغان،بىرمۇ خەت تونۇمايدىغان ساۋاتسىز ياشلار تولىغۇ،ئۇلار ھەممىدىن خاتىرجەم ئوينىنى ئويناپ يۈرىدىغۇ...ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولغاندا... دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن يولدىشى ئۇنىڭغا ھەيرانلىقتا قاراپلا قالغان ئىدى.
  -ماڭا بۇنچە ھەيران بولۇپ قارىماڭ.مەن بۇ ئارزۇغا كىچىكىمدىلا مۇپتىلا بولغان... ئەمما تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىز قىسمەتلىرى مېنى بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزمەي كەلدى... يەنە شۇنداق يۈرۈۋېرىشكە ئەمدى ماجالىم قالمىدى...يۈرىكىم كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ...-دېدى يولدىشى ئالدىدا كىچىك بالىدەك كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي،ئۆپكىدەپ يىغلاپ تۇرۇپ.ئايالىنىڭ بۇ بىچارىلەرچە ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ،يولدىشى ئېلى ئاكا چىدىمىدى.مەڭگۈلۈك مەھبۇسىنىڭ، ئۈچ بالىنىڭ ئانىسىنىڭ،چاشقانمۇ يامانلىغۇدەك غۇربەت تۇرمۇشقا غىڭ قىلماي چىداپ ئۆزى بىلەن بۈگۈنگە كەلگەن بۇ مۆرىداشنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرغان نۇردىن تەسىرلەندى.
-بولىدۇ،مەن ئۇستازىڭ بولۇپ ئۆگىتىپ قوياي.-دېدى بۇ مېھرىبان يولدىشى. شۇنداق قىلىپ يولدىشى ئۇستاز،ئايالى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۆگۈنىش-ئۆگۈتىش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.گۈلنىسا ئىمامنىياز يولدىشى يېزىپ كۆرسەتكەن ھەربىر ھەرپنى خۇددى بىرىنچى يىللىقنىڭ بالىسىدەك كىچىككىنە ۋاقتى چىقسىلا دەپتىرىگە يېزىپ ئۆگىنىشنى تاشلىمىدى.كېچىدە بالىسىنى ئەمدۈرۋىتىپمۇ ئۆگەندى، توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارغا ۋاقتىنچە بېرىشنى توختاتتى.قوشنىلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى.«ئۈچ بالىسىنىڭ ئانىسى بولۇپ تۇرۇپ نېمە قىلىدۇ ئۆگىتىپ...كادىر بولۇش تەمەسى بارمىكىن يە...»دەپ مەسخىرە قىلىشتى.گۈلنىسا ئىمامنىياز بۇنداق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىماسقا سېلىپ،ئۆز نىشانى ئۈچۈن توختىماي تىرىشتى.ئۇ شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئۈچ ئايدىلا خەت يېزىشنى،كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالدى.
- مەن تۇنجى قېتىم ھەرپلەرنى قوشۇپ خەتلەرنى توغرا يازالىغانلىقىمنى،كىتابنى ھەجىلەپ بولسىمۇ توغرا ئوقۇيالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالغانىدىم...ئۇ چاغنى ئويلىسام ھازىرمۇ ھاياجانلىنىمەن.خۇددى ئاسمانغا چىققاندەكلا...مەن بىر قىسىم ياشلارنىڭ مۇشۇ دەۋرىدىمۇ«خەت تونۇمايمەن.ئوقۇيالمايمەن...»دەپ يەنە ھېچنېمە بولمىغاندەك يۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ. –دەيدۇ ئۇ ھاياجانلىنىپ.-شۇنداق قىلىپ ئۇزاققا بارمايلا خەتلەرنى تېز يازالايدىغان،كىتابنى خىلى راۋان ئوقۇيدىغان بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن قەلبىمدە پىنھان ساقلىنىپ تۇرغان ئوت قايتىدىنلا ئۇلغىيىشقا، ئۇ ئوت قەلبىمدىن ئۈنچە بولۇپ ئاق بەتلەرگە چىرايلىق تىزىلىشقا باشلىدى...كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بۇ ئوتنىڭ ئۈنچە بولۇپ تىزىلىشىمۇ كۆپەيدى.مەن بۇ ئۈنچىلەرنى ئۆزۈمچە«شېئىر»دەپ يۈردۈم.راستنى ئېيتسام شېئىر يېزىشنىڭ قانداق قانۇنىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم،پەقەت كىتاب،گېزىت-ژۇرنالدىن باشقىلارنىڭ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ،شۇلارغا ئوخشىتىپ يېزىپ يۈردۈم.يازغانلىرىمنى ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىمگە كۆرسەتمىدىم.شېرىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ بۆشۈكتىكى بالامنى ئېمىتىۋاتقان چاغدىكى مېھىرلىك لەززەتمۇ،ئۆزلىرىنى ھەريان تاشلاپ ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىمنىڭ پۇشۇلداشلىرىمۇ، يولدىشىمنىڭ خورەك ئاۋازىمۇ، چىنە-قاچىلارنى يۇيۇۋاتقان چاغدىكى چىققان ئاۋازلارمۇ،كىر-قاتلاردىن چىقىۋاتقان ھەرخىل پۇراقلارمۇ، تونۇرنىڭ قىزىق ھارارىتى،ئېتىز-دالىلارنىڭ گۈزەل ۋە كەڭ باغرى...مۇ قەلبىمگە ئوت بولۇپ كىرىپ.ئۈنچە بولۇپ چىقاتتى...مەن بۇ ئىشىمنى بىرنەچچە يىل پىنھان ئېلىپ باردىم.
-سىز يازغان شېئىرلىرىڭىزدىن تاللاپ بىرەر مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ باقمىدىڭىزمۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-مەن بىرنەچچە يىل ھېچكىمگىمۇ كۆرسەتمىدىم ھەم ھېچيەرگە بەرمىدىم.توغرىسىنى ئېيتسام كىمگە،نېمە دەپ كۆرسىتىشىمنى بىلەلمىدىم.مەن رادىئو ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم.بولۇپمۇ«ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسى»نىڭ«قەلەمكەشلەر سوۋغىسى» پروگراممىسىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم.بۇ پروگراممىدا قەلەمكەش دوستلارنىڭ يازغان ھەرخىل ژانىردىكى تاللانغان ئەسەرلىرى ئاڭلىتىلاتتى.مەن شۇ ئاپتورلارغا ھەۋەس قىلاتتىم،مەنمۇ شۇنداق بولالىغان بولسامچۇ دەپ ئارمانمۇ قىلغان...ئەينى چاغدىكى نامراتلىقنىڭ،خۇراپاتلىقنىڭ دەستىدىن مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيالمىغانلىقىنى،ئالتۇنەك دەۋىرلىرىمنىڭ رەھىمسىز تۇرمۇشنىڭ چاڭگىلىدا نابۇت بولغانلىقىنى ئويلاپ نەچچە قېتىم پىنھان يىغلاپ كەتكەنمەن...كېيىن ئۆز-ئۆزۈمگە توختا بۇنداق كۆز يېشى قىلىۋېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى تىرىشىپ باقاي دەپ تىرىشىۋىدىم مانا ھازىرقى ھالەتكە كېلىپ قالدىم.مەن بۇ تىرىشىشىمنى مەڭگۈ توختاتمايمەن...شۇنىڭ بىلەن يازغان شېئىرلىرىمدىن تاللاپ رادىئو ئىستانسىغا ئەۋەتتىم.ئىشەنچىم بولمىسىمۇ ئەۋەتىۋەردىم. شۇ پروگرامما ۋاقتى كەلگەندە قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئىشلىرىم بولسا توختىتىپ قويۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم.بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئەۋەتكەنلىرىمدىن ھېچ سادا كەلمىدى.مەندە ئۈمىدسىزلىنىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى.مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن،يۈرىكىمدىكى ئوتقا يۈز كېلەلمەيدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىدىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆي تازىلاۋاتاتتىم.«قەلەمكەشلەر سوۋغىسى»دا شېئىرلار ئاڭلىتىلىۋاتاتتى،بىر چاغدا رىياسەتچى قىز «گۈلنىسا ئىمامنىيازنىڭ...» دەپ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ،ئاندىن مەن ئەۋەتكەن شېئىرىمدىن ئىككى پارچىنى ئاڭلاتتى.خۇشاللىقىمدىن ئولتۇرغان ئورنۇمدىن خۇددى كىچىك بالىدەك سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن ھەم «مېنىڭ شېئىرىم ئاڭلىتىلدى...»دەپ ۋارقىراپ كېتىپتىمەن.مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرگەنلەر بولسا بەلكىم ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىشى تەبىئىي ئىدى.مەن شۇنىڭدىن باشلاپ قايتىدىن ئۆزۈمنى تونۇغاندەك،ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەك بولدۇم...
شۇنداق گۈلنىسا ئىمامنىياز شۇنىڭدىن باشلاپ تېخىمۇ تىرىشتى،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويدى.كېيىن تونۇشقان يېقىن ئەتراپتىكى يېقىن-يارەن قەلەمكەشلەردىن تەلىم ئالدى.شۇنداق قىلىپ،2000-يىلى ئىلى گېزىتىدە تۇنجى شېئىرىي«زاراڭزا گۈلى» ئېلان قىلىندى.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئېشىپ،قەلبىدىكى ئوتنى يالقۇنلىتىپ،يېڭى-يېڭى ئۈنچىلەرنى تېزىشقا ئاتلاندى.
-سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز كۆپرەك يېزا مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلدى. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ يېزىدا تۇغۇلۇپ - ئۆسكەنلىكىڭىزنىڭ سەۋەبىمۇ،قانداق؟
-شېئىرلىرىمنى ئۆزۈمگە ئەڭ تونۇش بولغان مۇھىتنى تەسۋىرلەشتىن باشلىدىم.مەن يېزىدا تۇغۇلغان، يېزىدا چوڭ بولدۇم.بۇ يەرگە مېھرىم بار.
گۈلنىسا ئىمامنىياز بىر سەھرا قىزى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە سەھرا شائىرەسىدۇر.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى بۇ ئالاھىدىلىك تەھلىل قىلىنغان مەخسۇس ماقالە «ئىلى گېزىتى»دە بېرىلگەن.
گۈلنىسا ئىمامنىياز مۇنتىزىم مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولغاچقا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىتىپ بىلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش،خاتىرە قالدۇرۇشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق.قىسىنىپ يىغقان ئاز-تولا پۇلىغا باشقا ئاياللاردەك ئائىلە جابدۇق ياكى كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشقا ئەمەس،بەلكى كىتاب ئېلىشقا ئىشلەتتى.باشقا ئاياللار توي-تۆكۈنلەرگە ياڭزىمۇ ياڭزا ياسىنىپ بارسا،ئۇ يارىشىملىق ئاددىي كىيىملىرىنى پاكىز كىيىپ باردى.باشقا ئاياللار تام جاھازلىرى ياكى شىرەلەرگە ھەرخىل پار-پۇر قاچا-قۇچىلارنى تىزىپ ئۇنىڭدىن پەخىرلەنسە، گۈلنىسا كىتاب تىزدى. «ئارتۇق جابدۇق ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»دەپ ئويلىدى.
- بىر قېتىم سىز باشقىلارنىڭ زاراڭزا گۈلىنى تېرىپ بېرىپ تاپقان پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىگە كىتاب سېتىۋاپسىز،بۇ راستمۇ؟
-توغرا،بۆ 2013-يىلىغۇ دەيمەن.مەن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان كىتابلار بار ئىدى.ئۇ كىتابلارنىڭ ئۆز ئۆيۈمدە بۆلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.راستنى ئېيتقاندا دېھقانچىلىقتىن ماڭا كىتاب سېتىۋالغۇدەك دەسمايە يوق ياكى بەك ئاز.شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ پۇل تېپىپ سېتىۋېلىش قارارىغا كېلىپ،باشقىلار بىلەن سەھەر تۇرۇپ، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېتىزلىققا چىقىپ،پۇلغا زاراڭزا تەردىم.پىژ-پىژ ئاپتاپقىمۇ چىدىدىم.بالىلىرىم،يولدىشىم ئۇنىمىسىمۇ چىقىۋەردىم،شۇنداق قىلىپ شۇ يازدا ئىككى مىڭ يۈەن تاپتىم.قوشنىلىرىم،يېقىن-يورۇقلىرىم ماڭا كۆيۈنگەن ھالدا بۇ پۇلغا ئالتۇن-جابدۇق ئېلىۋېلىش مەسلىھەتىنى بەردى.ماڭا ئوخشاش پۇل تاپىدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ پۇل خېلى كۆپ پۇل ھېسابلىنىدۇ.ئەمما مەن بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىگە كىتاب سېتىۋالدىم.ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى،مېنى كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئوخشايدۇ دېيىشتى.خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن،ئۇلار مېنىڭ قەلبىمنى چۈشەنمەيدۇ، مېنىڭ يۈرىكىمدىكى مەن بىلەن تەڭ تۆرەلگەن «ئوت»نىڭ مېھرىنى مەڭگۈ بىلىشكە ئاجىز...مەن چىرايلىق تىزىلغان كىتابلىرىمغا قارىسام،ئۇلارنى سىيپاپ،بەتلىرىنى ۋاراقلاپ قويسام كۆڭلۈمدىكى بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر تۇماندەك تاراپ،قەلبىم ۋاللىدە يۈرۈپ قالىدۇ...
- يولدىشىڭىز ئەلىكام بۇ ئىشىڭىزدىن نارازى بولمىدىما؟-دېدىم چاقچاق قىلىپ.ئۇ كۈلۈپ قويۇپ،
-خاپا بولسىمۇ بولاتتى،تۇرمۇشىمىز ئارانلا تۇرسا ماڭا نېمە قويۇپتۇ ئۇنچىلىك پۇلغا كىتاب سېتىۋېلىپ،لېكىن ئۇ ئادەم بۇ ئىشىمنى قوللىدى،باشقىلارغا سىلەر بىلمەيسىلەر،ئۇ كىتاب سەۋداسى دەپ ئېغىزىنى باستى.ئۆزىمۇ كىتاب ئوقۇشقا ئامراق.
گۈلنىسا ئىمامنىياز كىتاب سەۋداسى،شېئىر سەۋداسى.ئەتراپىدىكى بارلىق مەۋجۇداتتا ئۇنىڭ تۇيغۇسى بار.شۇڭا تىلى ئاددىي بولسىمۇ ھىسياتى ساپ دۇردانىلەر قەلبىدىن
ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ.ئاق بەتلەرگە شېئىر بولۇپ تىزىلىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان شېئىرلىرى يۈز پارچىغا يېقىن.گۈلنىسا ئىمامنىياز ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- مېنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئارزۇيۇم شېئىرلىرىمنى توپلاپ بىر-ئىككى پارچە كىتاب چىقارسام ئارمىنىم يوقتى.كۆزۈم يۇمۇلغىچە قەلەمنى تاشلىمايمەن!...
ئاددىي بىر دېھقان ئايال،ئائىلە ئايالى.مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغان بىر ئاجىزەنىڭ قەلبىدە پەيدا بولغان ئوتنىڭ ھارارىتىدە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ،ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇق يەنە تىرىشىپ ساۋاتىنى چىقىرىپلا قالماي،ئۆزىنى زىيالىي ئاتاپ يۈرىدىغان بىرقىسىم ياشلىرىمىزغا ئۈلگە،تاپقان پۇلىغا كىيىم كىيىپ،ئالتۇن-جابدۇق ئېسىپ يۈرىدىغان،جاھاندىن بىخەۋەر بىرقىسىم خانىم-قىزلىرىمىزغا ئۆزىنى بىلىش ئەينىكى بولۇپ كەلمەكتە...
ھارمىغايسىز،يۈرىكىدە ئوتى بار شائىرە.ئارزۇيىڭىز مەڭگۈ كۆكلىگەي!...

_________________
  ئۇچېرىكنى ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. گۈلنىسا ھەدىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم. ئادەمدە تىرىشچانلىق، ئىرادە بولسا نېمىنى قىلىغىلى بولمايدۇ. غايە - نىشان دېمەكتۇر. ئۈمىد - قەلىب چىرىقى دېمەكتۇر. ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشدىغان ئىرادىلىك كىشلەرنىڭ قەلب چىرىقى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. گۈلنىسا ھەدىمىزنىڭ بوشاشماي داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىشىغا، ئىجادىيىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن
            ___ ھۆرمەت بىلەن: پەرھات كازىم



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-21 11:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ساپ دېھقان شائىرەسى گۈلىسا ئىمامنىيازنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن.ئۇتۇق ۋە بەخت مەڭگۈ يار بولغاي!

ۋاقتى: 2016-2-21 11:58:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنىسا ھەدىمىزنىڭ ئىجادىيەت مەنزىللىرى تېخىمۇ يۇرۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-21 13:53:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلىنىسا خانىمنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم. ياخشى ئوقۇش شارائىتى تۇرۇپ ياخشى ئوقۇمايۋاتقان، ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى تۇرۇپ تىرىشىپ ئۆگەنمەيۋاتقان ياشلارغا نېمەدېگەن روشەن سېلىشتۇرما!

ۋاقتى: 2016-2-24 13:19:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوچىرىك بەك ياخشى چېقىپتۇ.گۇلنىسا ھەدەمنى قايتىدىن بىر تونىغاندەك بولدۇم.ئەسلىمۇ ئەقىللىق ،شىجائەتلىك ئادەملەر كىشى تەسەۋۋۇرمۇ  قىلالمايدىغان مۇشاقەت ئىچىدىن بىخلىنىپ چېقىدۇ. ئۇنۇڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادى ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مول ھوسۇللۇق بولىشىنى،ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم،تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-2-24 18:20:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلاتكا،بۇ  تەسىرلىك يېزىلغان ياخشى ئوچېرىك بوپتۇ،گۇلنىسادەم ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئايال!ئۇ شېئىر ئارقىلىق ھاياتقا مەنە ئاتا قىلىپ ئۆزىنىمۇ،ئۆزگىنىمۇ شادلاندۇرۇپ كەلمەكتە!...

ۋاقتى: 2016-2-28 14:13:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم پولاتجان؟مەن توغرىلىق يازغان بۇ ئۆچرىكىڭىزنى ھاياجانلىق

ئۆكسۈش ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم،شۇنچىلىك تەبى شۇنچىلىك چىن چىقىپتۇ، بېشىمدىن كەچۈرگەن

ئاشۇ قىسمەت،ئاشۇ  سەرگۈزەشتىلەر كۆز ئالدىمدىن خۇددى كىنو لىنتىسىدەك دىل ئىكرانىمدا

قايتا نامايەن بولۇپ مىنى ئۆكۈندۈرگەن بولسىمۇ لىكىن كېچىكىپ بولسىمۇ ئارزۇيۇمغا يۈزدىيۈز

يېتەلمىسەممۇ مۇشۇنچىلىك يەتكىنىمدىن مەمنۇنمەن، مىنىڭ مۇشۇ كۈنگە ئېرىشمىكىم ئاسانغا

چۈشمىدى ،شۇڭا تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشىمگە توغرا كېلىدۇ ھاياجانلانغانلىقىمدىن كاللامغا

ھىچ نەرسە كەلمىدى.سىزگە كۆپ رەھمەت پولاتجان...



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 15:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىزنىڭ بۇ ئوچېرىكتىن رازى بولغىنىڭىزنى كۆرۈپ،مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم.ئەلۋەتتە سىزنىڭ روھىڭىزنى باشقىلارغا ئۈلگە قىلىپ سۇنۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز.مېنىڭ كېچىكىپ سىزنى تونۇتقانلىقىمدىن خاپا بولمىغايسىز.سىزگە ھەم ئا.ىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش