بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-21 11:50 AM
(ئىزگۈگە)چۈش ياپراقلىرى
( نەسىر)
ئايىمنىسا سۇلايمان
قەلب ساھىلى
روھ سۈبھىلەرنىڭ سۈزۈلۈۋاتقان پەيتىدە پايانسىزلىقتا قانات قاقىدۇ. مېنىڭ تاڭلارنىڭ ناخشىسىغا قوشۇلۇپ كەتكۈم بار. قۇشقاچلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىدا مېنىڭمۇ ئاۋازىم بارلىقىنى كىم ھىس قىلالايدۇ؟ روھىم كەڭلىكلەرگە يۇلقۇنىدۇ. قەلبىم بىر سۈزۈك مۇناجاتتىن لەرزىگە كېلىدۇ.
مېنىڭ يوقلۇققا ئايلىنىشتىن ئىلگىرى نۇرغا ئايلانغۇم بار، ئەبەدلىك نۇرغا!
ئىھ، چۈشلەرنىڭ يالقۇنى...
كۆڭۈلنىڭ قارا كىچىسىنى كۈتۈۋالغۇم يوق.
ئەقىدەمنىڭ، ساداقىتىمنىڭ چاك كەتكەن دەزلىرىنى كۆرگۈم يوق. ھايات مېنىڭ دەپ چۇقان سالغىنىمدا، مەن ھېچكىمدۇرمەن. مۇھەببەت مېنىڭ دەپ شاتلانغىنىمدا، قۇپقۇرۇقتۇرمەن.
كىمكلىكىم قەلبىمنىڭ پايانسىزلىقىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. ئىچىمدىن ئىچىمگە سوزۇلۇپ ياتقان بوشلۇق مېنى دوقمۇشلاردا پەرىشان قىلىدۇ. تېڭىرقاشلار مېنى ۋەيرانلىققا باشلايدۇ. قەلبىمدىكى سانسىز سوئاللاردىن كۈنلەرنىڭ ھەيرانلىقىغا تاشلىنىمەن.
مەن-كىم؟
مەن بىر ئايال، مۇھەببەت ئۈچۈن يارالغان. مەن بىر يۇمران گۈل، بىپەرۋا نەزەرلەردىن مۇھەببەت سوراۋاتقان. مەن بىر ئوت، پەلەكلەرگە سوزۇلغان.
مەن-بىر ئايال، چۆل-باياۋانغا ئايلانغان...
مەن-بىر ئانا، مۇھەببەتتىن باشقىنى بىلمىگۈچى. مەن-بىر ئانا، بېغىشلاشتىن لەززەتلەنگۈچى. مەن –بىر ئانا، توزۇپ كىتىشتىن ھۇزۇرلانغۇچى!
قەلبىم لىققىدە نۇر بىلەن تولغان. تاڭلارغا قوشۇلۇپ يۇرۇيمەن، جاھانغا سىغمايدىغان مۇھەببەتنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئىككى تۈپ دەرەخكە، ئەسلىمىگە، چۈشكە ئايلىنىپ كىتىمەن.
ئىھ، غەمخانلىرىم، مېنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىلەر؟ مېنىڭ ھامان نۇرغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنەمسىلەر؟
قەلبىمدە باراقسان ئورمانلىققا ئايلانغان چۈشلەر ساھىلى، باغرى چاك-چاك يېرىلغان باياۋان، نۇرغا ئايلانغان يۈرەك ۋە يەنە مۇھەببەتكە ئايلانغان ھايات...
مەن كەتكۈچى! روھىمنىڭ مەڭگۈلۈك دەرگاھىغا يوقلۇقۇمنى يادىكار قىلىپ كەتكۈچى! ئىھ، قەدىردانلىرىم، كېتىشتىن ئاۋۋال سىلەرنى بارچە مىھرىم، پۈتۈن مەۋجۇتلىقىم بىلەن شۇ قەدەر چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈشۈم كېرەك. ئاشۇ مۇھەببەت مېنىڭ ھاياتىم . ئەقىدەمنىڭ باراقسان ئورمانغا ئايلانغانلىقىنى سىلەر كۆرمىدىڭلار. ئىزلىرىمنىڭ سىلەرنىڭ ئىزلىرىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلمىدىڭلار. يۈرىكىمنىڭ ھەربىر سوقۇشىدا ئىسمىڭلارنىڭ زىكىر قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭلار...
-مۇھەببەت، نەپرەت، ئۆكۈنۈش...
مەندە مۇھەببەت، ۋەيەنە مۇھەببەتكە ئايلانغان ھاياتلا بار. سىلەرگە بولغان سۆيگۈمنى ساھىللاردىكى نۇر ئۇپۇقى، خىلۋەت ئورمانلىق ۋە غېرىپ شاماللار بىر كۈنلەردە ئىپتىخار بىلەن يادىغا ئالغىنىدا ، ئىسىڭلاردىن كىچىدىغىنىمنى بىلىمەن. ئۇزۇندىن-ئۇزۇن خىياللىرىمغا شاھىت بولغان تاملار، رۇجەكلەر، قۇشلار، دەرەخلەر ۋە يامغۇر تامچىلىرىنىڭ بىر كۈنلەردە كۆزلىرىم ۋە كۈلكىلىرىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
قەلبىمدىكى ئېقىنلارنىڭ سۈزۈكلىكىدىن ھەيرانلىققا چۆمگەن كىم؟
مەن بىر ئۇلۇغ گۈزەللىكنى بايقىغۇچى، مەن ئۇنىڭ پايانىدا چۈشكە ئايلىنىمەن. مەن بىر گۈزەل سەمىمىيەتنىڭ نۇرانە سەھىرى. مەن بايقىلىپ قالغاندا، يوقلۇقنىڭ زۇلمەتنى بەربات قىلغۇچى نۇرلىرىغا قۇشۇلۇپ كېتىمەن.
-كەل، ئەي، قەدىردانىم! مېنى سەيلە قىل. ماڭا تۆكۈل. مەندە ئاق!
-كەل، ئەي، قەدىردانىم! گۈللىرىمگە ئىخلاسىڭنى بەر!
-كەل، ئەي، قەدىردانىم! مەندىكى مۇھەببەتنى ئال، ۋە يەنە ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىلەن جاۋاپ قايتۇر!
مەن كېتىمەن، كېلىشنىڭ ھىكمىتىنى يوللارغا قالدۇرۇپ!
مەن كېتىمەن، قايغۇ-ھەسرەتلىرىمنى چۈشلەرگە يادىكار قىلىپ!
قەلبىمدىكى بارلىق بىلەن يوقلۇق ئارىسىدا پەقەت بىرلا يول بارلىقىغا ئىشىنەمسەن؟ قەلبىمدىكى ساھىللارنىڭ سېنىڭ ئىزلىرىڭ بىلەن تولغانلىقىغا ئىشىنەمسەن؟ قۇشلىرىم، دەرەخلىرىم ۋە ئاسمانلىرىمدا سېنىڭلا ئېسمىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسەن؟
قەلبىمنىڭ رەڭسىز ساھىلى سېنىڭ رەڭلىرىڭ بىلەن توشۇپ كەتتى.
ئىھ قەدىردانىم، ماڭا كەل! نىگاھلىرىڭ مېنىڭ رىئاللىقىم ۋە چۈشلىرىم بىلەن پايانسىزلىققا قوشۇلۇپ كەتسۇن!
گۇگۇم قايرىلغاندا
يۈرىكىمنى، ياق جاھاننى لەرزىگە سالغان چەكسىز غېرىپلىق ئىچىدە رۇجەكلەردىن يېيىلىۋاتقان قارامتۇل تۈن پەردىسىگە چەكسىز ئىشىق ۋە يەنە غۇۋا ئۈمىد بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق تىكىلىمەن. بىراق ئۇ ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. يۈرىكىم قانداقتۇر بىر تىت-تىتلىق ئىچىدە يەنە مېنىڭ رىئاللىقىمغا قايتىدۇ. گۇگۇم قايرىلغاندا چۈشكە ئايلانغان رىئاللىق بىلەن رىئاللىققا ئايلانغان چۈش ئارىسىدا مۇڭلىنىۋاتقان جىمجىتلىققا ئەسىر بولىمەن. چۈشلەر چۈشلەردە داۋاملىشىدۇ. ھايات تىنىقلاردا ئۆزىنى ئايان قىلىدۇ.
گۇگۇم قايرىلغاندا، يوقلۇق بىلەن بارلىق ئۆزىنى نامايىش قىلغاندا، جىمجىت، ئەمما شاۋقۇن-سۈرەنلىك تۈنلەر بارچە شاتلىقى ۋە بارچە غېرىپلىقى بىلەن تۇيغۇلارنى چىكىپ ئۆتكەندە، كۆزلەرگە سوقۇلۇپ تۇرغان ھاياتنىڭ بىر پارچە ئەكسى خىياللاردا زاھىر بولىدۇ.
گۇگۇم قايرىلغاندا باشلانغىنى نىمە؟ سېغىنىشمۇ؟ بەختمۇ؟ كۆزلەردىن كۆزلەرگە سۇنۇلغىنى تەشۋىشمۇ، ۋە ياكى ۋىسال شارابىمۇ؟ ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا چوقچىيىپ تۇرغان بىر تام بار. ئۇ مېنى قىسمەتلەرنىڭ سىرلىق پايانىغا تاشلاپ قويغان. پەرىشانلىق بىلەن شادىمانلىق ئارىلىشىپ كەتكەن پۈتۈلمىشلەردە مېنىڭ چۈشسىمان ھاياتىم يېزىلىپ ۋە يەنە ئۆڭۈپ بارىدۇ. قۇملاردەك سورۇلۇپ، قۇملاردەك توزۇپ، زاماندىن زامانغا ئاقىمەن. يىراقتىكى، تولىمۇ يىراقتىكى دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنى تۇيغۇلىرىمغا تىگىش قىلغاندا، ئارمانلىرىمنىڭ نەقەدەر كۆپلىكىنى ھىس قىلىمەن. مەن كۆرەلمىگەن سانسىز سۈرەتلەر، مېنى كۆيدۈرۈپ، ئەمما مەن ئۈچۈن كۆيمىگەن ئاسمان پەلەك گۈلخانلار مېنى ئەپسۇسلۇق ئىچىگە باشلاپ بارىدۇ. ئەمما، بۇ ھاياتنىڭ قايغۇرغۇدەك نىمىسى بار؟ ئادەملەرنىڭ ئاغرىنغۇدەك نىمىسى بار؟ ھەممە ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ. ۋە يەنە ھەممە ئۆزى ئۈچۈن مەۋجۇت!
گۇگۇم قايرىلغاندا، خىياللار ئۆز ئالىمىدە سەير قىلىدۇ. كىچە، يۇلتۇزلار چاراقلاپ يېنىپ تۇرغان كىچە نىمىلەرنىڭ شاھىدى ئەمەس؟ ئۇ يەردە بەخت، ئازاپ، ساداقەت، خىيانەت... ھەممىسى ئۆزىنى تاپشۇرىدۇ. نىقابلىق سەھەرلەر كىچىلەرنىڭ نىقابى!
گۇگۇم قايرىلغاندا چۈشلەر ئۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ۋاقىت ئۆز ئېقىنىدا جىمجىت ئاقىدۇ. يۇلتۇزلار ئۆزىنى ئۆزىگە سۆزلەيدۇ. ھايات ئۆز تەشۋىشىگە قۇيۇلىدۇ.
گۇگۇم قايرىلغاندا مەن بەخت ئىلكىدىكى سەبىيلىكىمنى، ئۆزۈمگە قايتىۋاتقان تەشۋىشلىرىمنى چۈشلىرىمگە يادىكار قىلىمەن. رۇجەكلەردىن غۇۋا سىپىلىۋاتقان ئاي نۇرىغا قاراپ، قەلبىمنىڭ ئاپئاق نۇرلىرىغا چېچىلىمەن. كۈمۈش رەڭ نۇرلار، قارلىق دالالار، سىرلىق قىسمەتلەر ھامان پايانىمدا سوزۇلۇپ ياتقان رىۋايەتلەرگە ئايلىنىدۇ. مەن ئۇنى يۈرىكىم بىلەن كىچىلەرنىڭ جىمجىتلىقىغا ئوقۇپ بىرىمەن. ئۇنى يەنە يوقلۇقۇمغا قۇشۇپ، زامانلارنىڭ ئېقىنلىرىغا تاشلايمەن.
ھايات شۇنداق!
گۇگۇم قايرىلىدۇ، نىقابلىق سەھەرلەر باشلىنىدۇ. يۈزلەرنىڭ يالتىراقلىقى، كۆزلەردىكى ساختا كۈلكىلەر زاماننىڭ مەسخىرىلىك تىكىلىشلىرىدە توزىماي قالمايدۇ. بەخت ئېرىشكىنىڭ ئەمەس، بەختسىزلىك مەھرۇملۇق ئەمەس! ياشاش بىر ھىكمەتلىك ھىكايە. ئۇ تۈنلەردىن باشلىنىدۇ، كۈنلەردە ئۆزىنى يېزىپ چىقىدۇ. گۇگۇم ئۇنىڭ خىيالى، ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى!
يۈرەكتىكى مۇساپە
تۇنۇش يۈرەك بىلەن ناتۇنۇش يۈرەك، ۋە يەنە تۇنۇش يۈرەك بىلەن تۇنۇش يۈرەكنىڭ ئارلىقىدا نىمىلەر بار؟ ئۇ يەرگە سىغدىلىپ تۇرغان زاماننى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. خىيانەت يۈرەك بىلەن يۈرەكنىڭ ئارىلىقىدا يۈز بىرىدۇ. يۈرەك بىلەن يۈرەكنى باغلاپ تۇرغان مىھىر-ۋاپا، ساداقەت يۈرەكلەردىكى تامامى ئارىلىقنىڭ ئۆز مەنزىلىگە قايتىۋاتقان مەڭگۈلۈك بېغىشلىنىشى!
ھىجران يۈرەكتىكى مۇساپىلەرنىڭ چەكسىزلىكتىكى پايانى. ۋىسال ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىشىدا تاماملىنىدۇ.
ئەي، مەنزىلسىز سەيياھ، ھاياتىڭ بىلەن يۈرەكتىن يۈرەككە يېقىنلاپ بار، ۋە يەنە ھاياتىڭ بىلەن ساڭا مەنسۈپ بولمىغان يۈرەكلەردىن، ساڭا مەنسۈپ بولمىغان مەنزىللەردىن ۋاز كەچ! ئۇ يەردە ساداقەت بىلەن خىيانەت ئېلىشىدۇ. ئۇ يەردە قەلبىڭنى يۇرۇقلۇققا باشلايدىغان ئازاپ بىلەن ھاياتىڭنى زۇلمەتكە باشلايدىغان شادىمانلىق بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ.
يۈرەكتىكى مۇساپە، ئۇ-دەقىقىلىق يول! يۈرەكتىكى مۇساپە، ئۇ- مەڭگۈ ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدىغان يول! ئۆزىگە سادىق بولالمايدىغان يۈرەك ئەبەدىي خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۆزىگە سادىق بولالمايدىغان يۈرەك ئەبەدىي ئۆزىنىڭ كىملىكىگە يۈز كىلەلمەيدۇ.
يۈرەك-ئاسمان پەلەك بىر گۈلخان! يۈرەك بىر ئېقىن دەريا! قايتىش-چۈشلەرنىڭ قايتىشى ئەمەس، قايتىش-مۇساپىلەرنىڭ قايتىشى ئەمەس! قايتىش-يۈرەكنىڭ ئۆزىگە قايتىشى. قايتىش-يوقلۇقنىڭ يەنە يوقلۇق بولۇپ تاماملىنىشى!
ۋاقىت يۈرەكتىكى مۇساپىلەردە ئىزاھلىنىدۇ. قەلبىمدىن تېشىپ تۇرغان ۋاپا، ساداقەت بۇلاقلىرىنى ئەبەدىي ئىچىپ تۈگىتەلمەيسەن، ۋە يەنە قەلبىمدىن قەلبىڭگە سىنچىلاۋاتقان مىھىر تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلەرنى ئەبەدىي ئوقۇپ بولالمايسەن.
مۇھەببەت-نەپرىتىم، يىرگىنىشلىرىم، كۈيۈملىرىم ۋە يەنە بىپەرۋالىقىم يۈرىكىمدە تاماملىنىپ بولغان مۇساپىلەرنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى. مۇھەببەت ئۈچۈن يارالدىم، يەنە مۇھەببەت ئۈچۈن يوقلۇق ئەپسانىسىگە قوشۇلۇپ كىتىمەن. يۈرىكىمدىكى بارچە مۇساپىلەر چۈشكە ئايلىنىدۇ. سەن ئېزىپ كىتىۋاتقان قەدەملىرىڭ بىلەن يۈرىكىمگە يېقىنلاپ بېرىۋاتقىنىڭدا، يۈرىكىمنىڭ ساڭا ئايلىنىپ كەتكەن سانسىز گۈللىرىنى كۆرىسەن. قەدەملىرىمنىڭ ساڭا ئايلىنىپ كەتكەن رىۋايەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆكۈنۈش بىلەن ئەسلەيسەن. ئەپسۇس! يۈرىكىمدە تاماملىنىپ بولغان مۇساپىلەر ئىچىدە سەن بار-يۇ، ئەمما مەن يوق. مەن ئارىلىقسىزلىق ئىچىدە يوقلۇققا قايتقاندا، مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىككە پاتىمەن، سېنىڭ ئازاپ ۋە ئۆكۈنۈشلىرىڭ، دەرت-پىغانلىرىڭ شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئاخىرلىشىش بىلەن باشلىنىش يۈرەكتىكى مۇساپىلەردىن چەكسىزلىككە قاراپ يامرايدۇ. ھەممە چۈشكە ئايلىنىدۇ.
يۈرەكتىكى مۇساپە ئاسماندەك يىراق، ۋە يەنە خىيالدەك يېقىن. ئۇ يەردە تۇنۇش ناتۇنۇشلۇق ھۈكۈم سۈرىدۇ. ئۇ يەردە مەۋجۇت چۈشلەر داۋاملىشىدۇ.
ئىنسان پەقەت ئۆزىگە مەنسۈپ يولنىلا داۋاملاشتۇرالايدۇ.
ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ يۈرىكىگىلا قايتالايدۇ.
يۈرەكتىكى مۇساپە ،ئۇ- بىر سىرلىق تېپىشماق! يۈرەكتىكى مۇساپە، ئۇ بىر ناتۇنۇش قىسمەت! ئۇ يەردىن كېلىۋاتقىنى سەن! ئۇ يەردىن كېلىۋاتقىنى كەچمىش! ئۇ يەردىن كېلىۋاتقىنى رىۋايەت! يۈرەكتە تەكرار ئېچىلىۋاتقىنى پەقەت بىرلا ئىسىم!
يۈرەكتىكى مۇساپە ۋاقىتنىڭ ئىزاھلىنىشى!
مەن ئۆزۈمگە قايتىش ئۈچۈن ۋاقىتقا موھتاج، مەن پەقەت ئۆزۈمدىلا ھەممە، ۋە يەنە ئۆزۈمدىلا ھېچنەرسە! يۈرەك مۇساپىلەردە توزۇپ بارىدىغان گۈل! ھايات مۇساپىلەردە چۈشكە ئايلىنىدىغان رىئاللىق!
كەچمىشلەردە يۈرەككە يېيىلىپ ياتقان باياۋان ھىدى. بارچە مۇساپىلەر ھامان تاماملىنىدۇ. بارچە ھايات ھامان مەڭگۈلۈكلىكىگە قايتىدۇ. يېشىل ۋادىلار مىڭ-مىڭ يىللاردىن كىيىن رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.
بىر يۈرەك-بىر چۈش-بىر ئادەم، تەنھالىقىدىن زوقلىنىۋاتقان بىر ئايال، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئۆزى بىلەن ئىزاھلىماقتا... يوللار، يۈرەكنىڭ يوللىرى ئۆزىدىكى تامامى ئۈچۈن ئۆزىگە قايتماقتا!
ئىھ، ئۆزى ئۈچۈن يېزىلىش نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر ھەسرەتلىك!
ۋاقىت توزانى
بۇ چۈشلەر ماڭا كىرەك ئەمەس. قەلبىمنى تىنىمسىز غاجىلاپ، يۈرىكىمنى قانسىرىتىپ تۇرغان ئەسلىمىلەرمۇ ماڭا كىرەك ئەمەس. ۋاقىت توزانلىرىدا كۆمۈلۈپ كىتىۋاتقان ئۆزۈمنى ئىزدىمەكتىمەن. ۋاقىت توزانلىرىغا يېيىلىۋاتقان ئىزلىرىمغا چۆكمەكتىمەن. ۋاقىت بىر يوقلۇقتىن يەنە بىر يوقلۇققا جىمجىت ئېقىۋاتقاندا، ۋاقىت چۈشلەردىن رىئاللىققا قايتىۋاتقاندا، ۋاقىت ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارىسىدا تەكرارلىنىۋاتقاندا، مەن ئۇنىڭ يىپلىرىغا سۆرۈلۈپ، تاماملىنىپ بولغان ئۆزۈم ئۈچۈن چەكسىز سۈكۈتكە پاتىمەن.
ۋاقىت مېنى ئىزاھلايدۇ، سۈكۈتلەر مېنى سۆزلەيدۇ. يوللار قۇپقۇرۇق ئىزلىرى بىلەن ماڭا قايتىدۇ. شاماللار سارغايغان ياپراقلار بىلەن مەندە تىمتاسلىققا ئايلىنىدۇ. پەرىشانلىق مۇمكىنسىزلىكنىڭ ، ھەسرەت-نادامەتنىڭ بەلگىسى ئەمەس. غېرىپلىق يالغۇزلۇقتىنلا تۇغۇلمىغان. قەلبىمدە ھېچكىمگە چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدىغان بىر ئەزەلىي غېرىپلىق بار. جاھاننىڭ بارچە غېرىپلىقى قەلبىمدە ئۈنسىز ھۇۋلاپ تۇرىدۇ. قەلبىمنىڭ ئاچلىقى كۇللى جاھانغا مەسخىرىلىك باقىدۇ. ماڭا قايتىدىغان يەنە نىمە بار؟ مېنى باشلاپ كېتىدىغان يەنە قانداق چۈش بار؟ مەندە باشلانغان ۋاقىت يەنە مەندە تاماملانغاندا، ئۇنىڭغا نىمىلەرنى تاشلاپ كىتەلەيمەن؟
ۋاقىت، مەندە توزۇۋاتقان ۋاقىت مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس.
ۋاقىت، مېنى توزۇتۇۋاتقان ۋاقىت مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس.
ۋاقىت توزانلىرى رىئاللىقىمنى چۈشكە ئايلاندۇرىدۇ. ۋاقىت توزانلىرى مېنى ئەپسانىگە ئايلاندۇرىدۇ. مەن كۆكتىكى بىر تال يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كىتىمەن. مەن ئەسلەردىكى غۇۋا چۈشلەرگە ئايلىنىپ كىتىمەن. مەن پەرۋاسىز كۆڭۈللەرنىڭ ئازابىغا ئايلىنىپ كىتىمەن. مەن مېنى ئازابلىغانلارنىڭ ۋىجدانىغا ئايلىنىپ كىتىمەن. ۋاقىت توزانلىرىدا كۆمۈلۈۋاتقان كۈنلىرىم ئۈچۈن قايغۇرغۇم يوق. سۆيۈلمىگەن كۈنلىرىم ئۈچۈن جاۋاپ ئىزدىگۈم يوق.
يۈزۈمنى سىلاپ تۇرغىنى تەڭرىنىڭ مىھرىبان قوللىرى. ھاياتنى ئىزاھلاۋاتقىنى تەڭرىنىڭ پۈتمىشلىرى. ۋاقىت توزانلىرى ئىچىدە سۇس پىلدىرلاۋاتقان ھايات شامىم تەڭرىنىڭ ئىلكىدە. ۋاقىت قەلبىمنىڭ يۇرۇقلىقىدا نۇرغا ئايلىنىدۇ. ۋاقىت قەلبىمنىڭ زۇلمەتلىرىدە كۇكۇم-تالقان بولىدۇ.
مەۋجۇتلۇق بىلەن يوقلۇق ئارىسىدىكى دەقىقىلىق چۈش ۋاقىت توزانلىرىنى ئاخىرلىشىش بىلەن مەڭگۈلۈك باشلىنىشقا ھەدىيە قىلىدۇ. دۇنيا ئەپسانە ئەمەس، بىراق، ئۇ ئەپسانىگە ئايلىنىدۇ. ھاياتلىق چۈش ئەمەس، بىراق ئۇ چۈشكە ئايلىنىدۇ.
ئىھ قەدىردانلىرىم، ھەممە، ھەتتا ۋاقىت ئۆزىگە قايتقاندا، مېنى ھەم سىلەرنى ئىزاھلايدىغان نىمە بار؟ ھەممىمىز ۋاقىت توزانلىرى ئىچىدە كۆمۈلۈپ بارىمىز. بىلەمسىلەر؟ ئۇ يەردە كۆمۈلمەيدىغان بىر يۈرەك بار. ئۇ يەردە كۆمۈلمەيدىغان بىر دەستە نۇر بار. ئۇ-ھەممىگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ئىنساننىڭ نۇرى، ھەقىقى ئىنساننىڭ نۇرى! ئۇ-تەڭرىنىڭ ئىھسانى!
ھېچنىمىگە قايغۇرما! قىممەتسىز شاتلىقنىڭ نۇر ئوقچۇپ تۇرغان يۈرەكلەرگە نىمە كېرىكى؟