يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 6

تۇرسۇنجان ھەسەن: قورقۇپ كەتكەن ئوخشايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرسۇنجان ھەسەن
قورقۇپ كەتكەن ئوخشايمەن
(ھېكايە)
يېقىندىن بىرى تولا ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئويلىغانسېرى قورقىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمەن. نېمىدىن قورقىسىز دەمسىز؟ ئۆلۈمدىن قورقىمەن، تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆلۈمدىن قورقىمەن. بۇ يىل قىش ئادەمنى چۆچىدىغان قىش بولدى. بۇ يىل قىش كىرگەندىن باشلاپ بىر نەچچە يېقىن كىشىلىرىم ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ مۇسىبەت ئازابىدىن يۈرىكىم لەختە-لەختە قان بولۇپ كەتتى.
-مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىمەن،ئامما، تۇيۇقسىز ئۆلۈم كېتىشتىن قورقىمەن، قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بولالمىدىم، مۇرات-مەقسەتلىرىمگە يېتىپ بولالمىدىم، ئارزۇ-ئىستەكلىرىمنى رېئاللىققا ئايدۇرۇپ بولالمىدىم-دەيمەن ئۆزۈمگە.
كۈندۈزلىرى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ماغدۇرسىز ياشايمەن. تاماقلىرىممۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ، مۆرە سۆڭەكلىرىم پولتىيىپ چىقىپ قالدى. ئاخشاملىرى خىلى بىر كەمگىچە خاتىرجەم ئۇخلىيالمايمەن. ئۇنى-بۇنى ئوقۇپ باقىمەن ئىچىمدە...كۆزۈمدە ئۇيقۇدىن ئەسىر يوق. كىتاب ئوقۇپ باقىمەن ھېچنېمە ئېسىمدە قالمايدۇ، تېلىۋېزور كۆرۈپ باقىمەن كۆڭلۈم ئېچىلمايدۇ. كۆزۈمنى مەجبۇرىي يۇمۇپ تۇيۇقسىز ئۆلۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايمەن.
-ھاياتىڭنى قانداق ئۆتكۈزدىڭ، تەن ساقلىقىڭنى نېمىگە سەرپ قىلدىڭ، ئەقلىڭنى نېمىگە ئىشلەتتىڭ؟
-بالىلىق چاغلىرىمنى ئوقۇش بىلەن، تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىشكە ئاساس سېلىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ياشلىقىمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن، ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن، ئانچە-مۇنچە شېئىر-قوشاق يېزىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم.
-ياشلىقىدا كىم شېئىر يازمايدۇ دەيسەن، ئاشىقلارنىڭ ھەممىسى شائىرغۇ؟ شېئىرلىرىڭدا قانداق ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى بايان قىلدىڭ؟
-سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدە: ۋىسال دەملىرىنىڭ شېرىن پۇرسەتلىرىنى، جۇدالىق ئازابلىرىنىڭ پەرىشانلىقلىرىنى، ئايدىڭ كېچىدىكى سېغىنىش ئىزتىرابلىرىنى، كۆڭۈل تەشنالىقىنىڭ روھى بىسەرەمجانلىرىنى...يازدىم.
-تەن ساقلىقلىقىڭنى نېمىگە سەرپ قىلدىڭ؟
-مەن مۇسەللەس يۇرتىدا تۇغۇلغان، مۇسەللەس پۇراپ چوڭ بولغان. چارچىغاندا، ھارغاندا، ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى ئالدىدا چارىسىز قالغاندا، دوستلار بىلەن سىرداشتىم...
-مۇسەللەس ئىچىپ مەست بولغاندا قىلغان-ئەتكەنلىرىڭنى بىلەمسەن؟
-بىلمەيمەن.
-سېنىڭ ھاياتىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى، تەن ساقلىقىڭنى ئۆزۈڭ نابۇت قىلدىڭ. توغرا بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىڭ سېنى كېسەلگە مۇپتىلا قىلدى. سەن ئۆزۈڭگە توغرا ياشاشنىڭ يولىنى تاپالمىدىڭ.
-سەن ئەقلىڭنى نېمىگە سەرىپ قىلدىڭ؟
-مەن ئەقلىمنى مائارىپ ئىشلىرىغا، ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە، كەلگۈسى بەختلىك تۇرمۇشنى يارىتىشقا سەرىپ قىلدىم.
-سېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغىنىڭ راست. ئەمما، ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولالمىدىڭ. ئەۋلاتلارنى تەربىيەلىدىڭ، ئەمما، ياراملىق ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەپ چىقالمىدىڭ، ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغىللاندىڭ، ئەمما، باشقىلارنىڭ كىتابلىرىدىن كۆچۈرۈپ نام چىقىرىشقا ئورۇنۇپ كەلدىڭ. سەندىن سورىغان سۇئاللارنىڭ ھېچقايسىسىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلمىدىڭ. سەن قانداق جازاغا لايىق؟
مەن ئۆزۈمنىڭ خىيالىدىن ئۆزۈم قورقۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ھەر كۈنى نەچچە قېتىم سورىلىدىغان بۇ سۇئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەيتتىم. كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىم سۇئال سورىغۇچىنى قايىل قىلالمايتتى. ئۆزۈمنىڭ تاققا-توققا جاۋابلىرىدىن خىجىللىق ھېس قىلاتتىم. ياشلىق چاغلىرىمدا يادلىۋالغان بىر كۈبلىت شېئىر مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلاتتى:
دوستلىرىم بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمەن،
ئۆلۈشنى ئويلىسام كۆلۈپ كېتىمەن.
بەزىلەر دوزاققا كېرىسەن دەيدۇ،
كېرەك يوق دۇزاققا كۈنۈپ كېتىمەن.
قانداق ئادەم دۇزاقتىن قورقمايدۇ؟ دۇزاقتىن قورقمايدىغانغا ئادەم بالىسى نېمىتى؟ ئادەم ئۆز ماھىيتىدىن يىراقلاپ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى ئۇنتۇپ، قەلبى ئۆلۈپ، مېھرى-مۇھەببەت قالمىغاندا ھېچنېمىدىن قورقمىسا كېرەك. مەن دۇزاقتىن قورقىمەن. توۋا بىر زامانلاردا مۇشۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ كەلگەن ئىكەنمىز. ئادەم بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتسە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىكەن، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىكەن، قولى ئىشقا بارمايدىكەن، كاللىسى ھېچنېمىگە ئىشلىمەيدىكەن. مەن ئەنە شۇنداق بولۇپ قالدىم. ئۆلۈمنىڭ سايىسى بېشىمدا ئەگىپ يۈرگەندەك تۇيۇلىدۇ. مەن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئوخشايمەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-22 10:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ئاز ھەم ساز چىققان ھېكايە بوپتۇ، ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك...

ۋاقتى: 2016-2-22 11:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 10:13 PM  

ئاددىي تىللار ئارقىلىق ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسلىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىنى بۇ ھېكايىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى دەپ قارىدىم .

ۋاقتى: 2016-2-22 12:26:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىزھېكايىڭىز بىلەن سىزنى قۇتلۇقلايمەن، دوستۇم.

ۋاقتى: 2016-2-22 15:53:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورقۇپ كەتمەڭ ئىنىم ، ئادەم دۇنيادا كىشىلەرگە يۈز كېلەلىگۈدەكلا ياشىسا ، ئارمانسىز كېتىدۇ ، ھەم ئۇ دۇنيادىمۇ خاتىرجەم ياتالايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىم سېلىش بىلەن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئەجرى بېھېساپتۇر !

ۋاقتى: 2016-2-22 16:05:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورقۇپ كەتمەپسىز قانداق ياشىغىنىڭىز ئۈستىدە ئۆزىڭىزنى تارازىغا سەپ بېقىپسىز -ھۆرمەتلىك ئەسەردىكى "مەن".ئەمدى گەپ "مەن" نىڭ كىيىنكى ئازغىنە ھاياتىدا ياخشىراق جاۋاپنى يۈدۈپ خاتىرجەم مېڭىشقا ئاساس سېلىشىدا قالدى.ھېكايە ئۇتۇقلۇق چېققان لىكىن ماۋزۇ ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلدى.

ۋاقتى: 2016-2-24 14:56:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلۈك ھەققىدە ئويلىنىش مەزمۇن قىلىنغان بۇھىكايە ھەر بىر ئادەمنى ئۆزى ھەققىدە بىر قېتىم ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش