يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 0

قورۇلچى: يۇرت سۈيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇرت سۈيى

(ھېكايە)

ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى


   خۇددى مۆجىزىۋى كارامەتلەردەك گىياھ ئۈنمەس تاقىر تاغنىڭ تېگى تەپرىپىدىن بۇلدۇقلاپ تېشىپ، يۇرت ئەھلى تەرىپىدىن ياسالغان كونا ئۆستەڭ ئارقىلىق مەھەللىلەرگىچە ئېقىپ بېرىپ، ئادەمدىن تارتىپ قۇرت- قۇڭغۇزلارغىچە بولغان جىمىكى جانلىقلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ سۇنى خالايىقلاريۇرت سۈيى ۋەپ ئاتىشاتتى. يۇرت سۈيىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا بىر كونا تۈگمەننىڭ ئىزنالىرى بار بولۇپ، بۇ بىر زامانلاردا مۇشۇ يۇرتنى سورىغان بەگ تەرىپىدىن بىنا قىلىنغانلىقتىن تام- تورۇشلىرى ئۆرۈلۈپ پەقەت ئىزى قالغان بولسىمۇ يۇرت ئەھلى تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە «بەگنىڭ تۈگمىنى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتاتتى. يۇرت سۈيىنىڭ خىسلەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، باھار پەسىلى كېلىشى بىلەن تەڭ ئۆستەڭنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ياۋا گۈل- گىياھلار ئۈتۈپ چىقىپ مەھەللىنى يېشىللىققا چۆمكەيىتتى. سۇ پاكىزە ۋە تاتلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە ھەقسىز بولۇپ، مەھەللىلەردە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ يەر- زېمىنلىرىنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتەتتى. شۇڭا بۇ سۇ بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن «قۇتقۇزۇش سۈيى»، «ياردەم سۈيى» دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. يەنە بۇ يۇرتتا «ئويۇن- تاماشا ئىلەكباينىڭ، ياردەم سۈيى ھىلەكباينىڭ» دېگەندەك پاراڭلارمۇ تارقالغان بولۇپ، بۇ پاراڭ چىققان ھامان ئەھلى جامائەت ئۈزلۈكسىز ھالدا مەھەللىدىكى ئىككى سىماھ، نازىركۇمچى ئىلاخۇن بىلەن بالىسىنىڭ كۆپلىكىدىن تېخىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان ھىلىم ئاخۇننى كۆز ئالدىلىرىغا كەلتۈرۈشەتتى. چۈنكى بۇ سۇدىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنالايدىغانلارمۇ شۇلار ئىدى. ئىلى ئاخۇن تاھارەتسىز ئۇسسۇل ئوينىماسمىش، دېيىشەتتە كىشىلەر ئىلى ئاخۇن توغرىسىدا پاراڭ بولاندا، چۈنكى تاھارەتسىز ئۇسسۇل ئويناش بۇ سەنئەتكە قىلىنغان ھاقارەت بولمىش...
   -ئۇنداق ئەمەس، دەپ ئۆكتەم قۇپاتتى بىرى، ئەسلى ناخشا- ساز دېگەننى ئۇلۇغلىرىمىزدىن بىرى لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئاخىرى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ. تۈرمىدە ئۇزاق مەزگىل سۇلاقتا ياتقانلىقتىن چاچلىرى ئۆسۈپ بېلىگە يېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ زات چېچىدىن بىر نەچچە تال يۇلۇپ، كۇندىپايلاردىن پەن تىلەپ ئېلىپ چۋچىنى شۇ پەنگە تارتىپ چېلىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭدىن ئاۋاز چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئىچىدىكى بارلىق دەرد- ئەلىمىنى قۇشاققا قېتىپ، چېچىدىن ياسالغان سازغا تەڭكەش قىلى خۇداغا نالا قىلىپ تىلەك تىلەپتۇ. ئەر ئۆمرىدە بۇنداق مۇڭلۇق سازنى ئاڭلاپ باقمىغان گۇدىپايلارنىڭ ئەقلى لال بولۇشقىنىچە بىھوش بولۇپ يېقىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ زات تىلىكىم ئىجازەت بولدى، نالە- پەريادىم ئاللاھقا يەتتى، دەپ ئويلاپ ئىشىك تۈۋىگە يىقىلغان گۇندىپاينىڭ يېنىدىكى ئاچقۇچنى ئېلىپ تۈرمە ئىشىكىنى ئېچىپ قېچىپ چىقىپتۇ. ئۇ تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن يەنە شۇ سازنى قولىغا ئېلىپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ئۇنى مەدھىيىگە قۇشۇپ قۇشاقلار قېتىپتۇ. كېيىن بۇ ئىشلار ئەل ئىچىگە تارالغاندىن كېيىن، توي- تۆكۈن، خۇشاللىق يىغىلىشلىرىدا بۇ ساز چېلىنىپ، كىشىلەر خۇشاللىقىنى يۇشۇرالماي ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. ئۇسسۇل ئوينىغاندا تاھارەت ئېلىش، ئەنە شۇ زامانلاردىن قالغان ئىكەن.
   -گەپ دىگەننى قاراپ تۇرۇپلا توقۇيسەن-ھە!
   -ماڭەۋاي، كۈن بويى ئېتىزدا ئىشەكتەك ئىشلەۋاتساق، بۇنداق گەپلەرنى توقۇشقا كىمنىڭ چولىسى، ھەممىسىنى شۇ رامىزان بوۋاي سۆزلەپ بەرگەن.
   -مەنمۇ تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن، ئىلى ئاخۇن ئۇسسۇلغا چۈشسە يۈرەكلىرىمىز ئويناپ بىر خىل مۇڭغا غەرق بولىمىز-يۇ، باشقىلار ئۇسسۇلغا چۈشسە پۇت- قوللىرى ماسلاشمىغانلىقتىن ئىچىمىز ئېلىشىپ ھۆ قىلغۇمىز كېلىپ كېتىدۇ.
   -ئىلى ئاخۇنغا شۇ تۆھپىگە ئىچسۇنە ياردەم سۈيىنى، لېكىن ماۋۇ ھىلىم ئاخۇن نىمىشقا ئىچىدۇ، ئەمىسە؟
   -شۇ ئەمەسمۇ، بالا دېسە بىزنىڭمۇ بار.
   -ھاي، ھاي، ئەگەر ئۇنىڭغا ساڭا ئۆلۈم خېتى كەپتۇ، دېسە بىكارغا كىپەنلىك بارمىكەن، دەيدىغان نېمە ئۇ، ئۇ شۇنىڭغا ئىچىدۇ- دە.
   -ياردەم سۈيىنى شۇنچە ئىچىپقۇ يا كۆكلىيەلمەي ئۇ.
   -ئەگەر بىز ئىچىپ باقايلىچۇ قېنى، زىرائەتلىرىمىز ھازىرقىدەك چارەك ئېگىز ئۈنمىسە ھېساب ئەمەس. چۈنكى قۇدۇق سۈيىدە يەر سۇغارساڭ ئاران ئون كۈنگە چىدىغان بىلەن ياردەم سۈيىدە سۇغارساڭ ئون بەش كۈنگە گەپ يوق چىدايدۇ.
   -ئۇ دېگەن ئەركەك سۇ تۇرسا!
   -بولدى، بۇندىن كېيىن مەنمۇ يەرلىرىمنى شۇ يۇرت سۈيىدە سۇغۇرىمەن.
   -مەنمۇ، ئەگەر بىرەرى كېلىپ ھۆرۆت- پۆرۆت دەيدىغان بولسا بېشىغا كەتمەن...
   تۇرۇپلا بىر كەچلىكى ھەر خىل پاراڭلار بىلەن ئولتۇرۇپ كاللىسى قىزىپ كەتكەن بىر توپ كىشىلەر مەھەللىلەردە نامراتلار پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان «يۇرت سۈيى» دىن قىزغىنىپ، قەسەملەر قىلىشىپ، كۆڭۈلسىز ھالدا تارقاشتى- دە، ئۆيلىرىگە بېرىپ كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە ئۆستەڭ بويىغا كېلىپ، ئۆستەڭگە تۇپا تاشلاپ توغان سالغىلى تۇردى.
**                                   **
   رامزان بوۋايلارنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ ئەڭ ئايىقىدا بولۇپ، ئۇ ئورنىدىن سەھەر تۇراتتى- دە، راھەتبەخىش يۇرت سۈيىدىن ئۇچۇملاپ ئىچىپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، ئىۋرىقىنى سۇغا پاتتۇراتتى- دە، تاھارەت ئېلىپ نامازغا ماڭاتتى،- يۇرت سۈيى ھىلەكباينىڭ يېرىگە پايدا قىلمىغىنى بىلەن رامزانكامغا بەكلا پايدا قىلىدۇ، دېيىشەتتى بەزى چىدىماسلار ھىلىم ئاخۇننىڭ يوقسۇزلىقتىن ئوغۇت بېرەلمەي قالغان زىرائەتلىرىنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ، مانا رامزانكام بۇ يىل خۇدا بۇيرىسا يۈز ياشتىن ھالقىدى، يەنىلا بەدەنلىرى يىگىتلەرنىڭكىدەك چىڭ!...
   -ئىشىكىڭلارنىڭ ئالدىدىن ئاقىدىغان بولغاندىن كېيىن سىلەرمۇ تېتىپ باقمامسىلەر!...
   رامزان بوۋاينىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا باشلىرىنى ئىچىگە تىقىشاتتى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن بولسا غەيۋەتكە چۈشەتتى،-توۋا قىلدىم خۇدايىم، ئەمدى گەپنى باشلىسام ئۇجۇقتۇرۇپلا قويدا.
   -ھە، كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياقم دېگەن شۇ- دە ئاداش.
   مانا شۇ رامزان بوۋاي بۈگۈنمۇ ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ئۆستەڭ بويىغا چىقىۋېدى، ئۆستەڭ قۇپ- قۇرۇق بولۇپ، سۇ ئۇۆۇتى كۆرۈنمەيىتتى.
   -بۇنچە سەھەردە سۇنى تۇتىۋالغان كىم بولغايدى ئەمدى، -بوۋاي شۇلارنى ئويلاپ تۇرىۋېدى، مەھەللىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن قىيا- چىيا كۆتۈرۈلۈشكەباشلىدى.
   -ئىم، بۇنچە سەھەردە سۇقۇشقانلار كىمدۇ زادى؟
   بوۋاي سۇ ئىچىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆستەڭ ياقىلاپ مەھەللىنىڭ باش تەرىپىگە يۈگرەپ دېگۈدەك يېتىپ باردى،-بولدى ئاغىنىلەر، مەن بۇندىن كېيىن بۇ يۇرت سۈيى دېگەن بىلەن زىرائەتلىرىمنى سۇغارمايلا قوياي يەنە ئۆزۈممۇ ئىچمەيمەن، سىلەر خوش بولساڭلار مەيلى... ئىلەك نازىركۇمچى ھۆڭ- ھۆڭ يىغلىغىنىچە تېزلىتىپ ئولتۇرۇپ ھىلىم ئاخۇننىڭ بېشىنى يۆلەۋاتاتتى، ھىلىم ئاخۇن بولسا باش- كۆزى قان ھالدا يەردە ھۇشسىز ياتاتتى.
   -ھۇ ئىمانسىزلار، قاغا پوق يىمەستە خۇدانىڭ سۈيىنى تالىشىپ قان تۆكۈشتۈڭمۇ؟
   كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە بىر- بىرىگە خىرىس قىلىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى رامىزان بوۋاينى كۆرۈپ كەتمەنلىرىنى چۈشۈرىۋالدى، لېكىن ھىمىت تۇقماق ئۇنىڭغا ھۆرپەيدى.
   -نىمە، سۇ خۇمارىڭ تۇتۇپ كەتكەنسەن ھەقىچان؟
   -ھە، مەن خۇمار بولسام ئاللاھنىڭ پاكىزە سۈيىگە خۇمار بولدۇم، ساڭا ئوخشاش ھاراققا، نەشىگە خۇمار بولغىنىم يوق.
   -قارا ما دەججالنىڭ گېپىنىڭ سېسىقلىقىنى ھىمىت تۇقماق كەتمىنىنى تەڭلىگىنىچە رامزان بوۋاينىڭ ئالدىغا مېڭىۋىدى، ۋاڭ- چوڭنى ئاڭلاپ كەلگەن ئوغۇللار ھىمىت تۇقماقنىڭ قوللىرىنى قايرىشتۇرغىنىچە يەرگە بېسىپ، تۇمشۇقىدىن قان ئېلىپ ئۆلگۈردى.
**                                            **
   قانۇن دېگەن ھېچكىمگە يۈز خاتىرە قىلمايدىكەن. مانا ئازراق نەپسىنى دەپ چىققان جىدەل بىلەن ھىلىم ئاخۇن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. ئۇنى كەتمەن بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ھىمىت تۇقماق بولسا داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىگەندىن سىرت يەنەتۈرمىگە كىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىغۇ شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى، لېكىن يېزا رەھبەرلىرى بىلەن كەنىت مەسئوللىرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يۇرت سۈيىنىڭمۇ سائىتىنى سىندۇرۇپ قۇيۇشتى.
   يۇر سۈيى تاۋارغا ئايلانغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ بۇ سۇ بىلەن ھەپىلىسى قالمىدى. چۈنكى سۇ قۇدۇق سۈيىدەك ئىتتىك بەر باسمايىتتى. زامران بوۋاي بولسا شۇ ئىشلار بولغاندىن كېيىن بېشىنى ئىچىگە تىققىنىچە نىمىلەرنىدۇر ئويلايدىغان، بىكار چاغلاردا بولسا يۇرت سۈيىنىڭ باشلانغان جايىدىكى كونا تۈگمەننىڭ يېنىغا بېرىۋىلىپ، خىيالغا پاتقىنىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولىۋالدى.
   -نېمىنى قورىساڭ شۇنىڭ ئۇۋالىغا قالىسەن، -دەيىتتى ئۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ، بىر ئوبدان بىكارغا ئېقىۋاتقان سۇدىن قىزغىنىپ جېدەل- ماجرا تېپىۋىدۇق...
                                            *      *                                                            *      *
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى.بۇ چاغدا رامىزان بوۋايغىمۇ ئوبدانلا قېرىلىق يەتكەن بولۇپ، نەچچە ۋاقىتتتىن بويانقى گۇسمۇستەك چىڭ بەدىنى بوشاپ، ئىلىپتەك قامىتى ئالدىغا پۈكۈلدى، بۈركۈتنىڭكىدەك چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بولسا ئولتۇرۇشۇپ ياشاڭغۇرايدىغان بولىۋالدى. لېكىن ئۇ ئەمدى كونا تۈگمەنگە ھەر كۈنى باراتتى. بىر كۈنلىكى رامزان بوۋاي يەنە شۇ كونا تۈگمەن يېنىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ يېنىدا ئىلى ئاخۇن پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ ھېلىقى جىدەلدىن كېيىن يۇقاپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى كىيگەن كىيىملىرى يىپ- يېڭى ئىدى.
   -مەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇردۇم،- دېدى ئۇ ئىسەدەپ تۇرۇپ، بارلىق كەلگۈلۈكلەر ساڭىلا كەپتۇ رامزان ئاكا...
   -مۇشۇ چاغقىچە نەلەردە يۈردۈڭ؟ -سورىدى بوۋاي خىيالچان ھالدا.
   -چوڭ شەھەرلەرگە باردىم، ھۆ...ھۆ...ھۆ... ئىلى ئاخۇننىڭ يىغىسى بارغانچە كۈچىيىۋاتاتتى، ھىمىت تۇقماق ھىلىم ئاخۇننى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن مۇنۇ قاپاققا يۇرت سۈيىدىن تۇشقۇچە قاچىلاپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدىم،- بوۋاي خىيال بىلەن بولۇپ كېتىپ قاپاقنى كۆرمىگەن ئىدى. شەھەردە تۇنۇشلىرىم ئۇچراپ قېلىپ مىنى بەزمە- سورۇنلارغا قاتناشتۇردى، ئۇسسۇل ئوينىدىم، شۇنىڭ بىلەن داڭقىم چىقتى. شەھەر دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، ئازراق نامىم چىقىۋىدى توي- تۆكۈنلەرگە تەكلىپ قىلىشتى، باردىم، ئۇسسۇل ئوينىسام بېشىمدىن پۇل ئۆرۈشتى، لېكىن ئۇسسۇل ئويناشتىن بۇرۇن تاھارەت ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. تاھارەت ئالىدىغان سۇغا يۇرت سۈيىدىن يۇتۇم ئارىلاشتۇرىمەن، ھارغىنلىقىم نەگىدۇر غايىپ بولىدۇ، دەسلەپ پۇل بەرسە كۆنەلمىدىم. لېكىن شەھەر دېگەن ھەممە نەرسە پۇل بىلەن بولىدىغان جاي ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقىمۇ ئاستا- ئاستا كۆندۈم. چوڭ شەھەرلەردە ئاشخانىنى رېستۇران دەپ ئاتايدىكەن، ئۇلار مەن بىلەن توختام تۈزۈشتى، ئايلىقچى بولدۇم، رېستۇراندىن مائاشىمنى ئالىمەن، مېھمانلار بولسا بېشىمدىن پۇل ئۆرۈپ پوتامغا قىسىشىدۇ...
   -ئۇنداقتا نېمىگە يېنىپ كەلدىڭ؟
   -يۇرت سۈيىگە قىيالمىدىم، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا يۇرت سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان، ھەم مۇشۇ كەمگىچە يەرلىرىمنىمۇ شۇ يۇرت سۈيى بىلەن كۆكلىتىپ يۈردۈم، شەھەرلەردە ھەرخىل شەربەتلەرنى ئىچتىم- يۇ، لېكىن ئاغزىمغار ئەمەن تىتىيدۇ، رامزانكا...
   ھۆ...ھۆ...ھۆ...
   -ئەمدى نېمە قىلاي دەيسەن؟
   -پۇل تاپتىم، دېدى ئىلى ئاخۇن ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، ئەمدى يۇرت سۈيىنى سېتىۋالىمەن.
   - ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟- بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى.
   - نېمىشقا بولمايدۇ، مۇشۇ كەمگىچە يوقسىزلۇق دەستىدىن بىكارغا ئېچىپتىمەن، ئەمدى بولسىمۇ...
   -سېنىڭچە پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟
   -بۇ ...بۇ... ئىلى ئاخۇن بوۋايغا تىكىلگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.
   -بۇ كونا تۈگمەننى بىلەمسەن؟
   ئىلى ئاخۇن بېشىنى چايقىدى.
   -ئۇنداقتا قۇلاق سېلىپ ئاڭلا بالام، -بوۋاي ئەمدى يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى،- بۇ تۈگمەن ئۆز ۋاقتىدا يېزىمىزدىكى بىر باينىڭ تۈگمىنى بولۇپ، ئەسلى بۇ  جايدا تۈگمەن يوق ئىكەن. بىكاردىن- بىكارغا ئېقىۋاتقان سۇدىن كۆزى قىزارغان باي گاڭ، غوجىلارغا سوۋغا سۈڭگۈتۈپ يۈرۈپ سۇنى ئىگىلىۋېلىپ بۇ جايغا تۈگمەن سالغان ئىكەن، - بوۋاينىڭ ئاۋازى بارغانچە پەسىيىپ باراتتى، - ئۇ سۇغا ئىگە بولغاندىن كېيىن پۇقرالارنى خالىغانچە بوزەك قىلىپ سۇنى خورلاشقا باشلاپتۇ. نەتىجىدە بىر ئوبدان ئېقىن ياساپ ئېقىۋاتقان سۇ بىرلا كېچىدە كەلكۈنگە ئايلىنىپ، باينى تۈگمەن بىلەنلا قۇشۇپ ئېقىتىپ كەتكەن ئىكەن، ئەمدى سەنمۇ بۇ سۇنى سېتىۋالىمەن دەۋاتىسەن، سېنىڭمۇ مۇشۇ ئېقىندا ئېقىپ ئۆلگۈڭ بارمۇ؟
   -ئۇنداقتا قانداق قىلىمەن؟
   - جۈر، ئاۋۋال ھىلىم ئاخۇنلارنىڭ ئۆيىگە بارايلى.
                  *     *                                                                  *    *
   سەھەردە ئۆز ئۆيىگە كەلگەن رامىزان بوۋاي، ئىلى ئاخۇن ۋە ھىلىم ئاخۇنلارنى كۆرگەن يېزا باشلىقىنىڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى، يەنە نىمە ئىش بىلەن كەلگەندۇ بۇلار، ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تۇرىۋېدى ئارقىدىن كەنىت باشلىقى بىر نەچچە كەنىت مەسئوللىرىنى باشلاپ پەيدا بولدى.
   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاڭجاڭ، - دېدى ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن يېزا باشلىقىغا سالام بېرىپ، - بىز بۈگۈن ھىمىت تۇقماقنى، ياق، ھىمىت ئاخۇننى تېلىۋالغىلى كەلدۇق، بىر ئاتىدارچىلىق قىلغان بولسىلا بوپتىكەن.
   - شۇ ھامان يېزا باشلىقىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، - شۇنداقمۇ؟- قەستەنگە سورىدى، -نىمە ۋەجىدىن، تۇرۇپلا- ھە!
   - نېمە ۋەجىدىن بولاتتى، شۇ يۇرت سۈيىنىڭ خاسىيىتىدىن، شاڭجاڭ، - ئەمدى رامزان بوۋاينىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى.
   - بولىدۇ، مەن ئالاقىدار تارماقلارغا تېلىفۇن قىلىپ باقاي، لېكىن يېنىۋالمايسىلەر- ھە؟ - ئۇ ھىلىم ئاخۇنغا قارىدى.
   -ۋاي يېنىۋالامدىغان، ئەسلى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئوبدان ئۆتۈشكەن ئادەملەر ئىدۇق، ئازراق نەپنى دەپ كەلتىپەملىك قىلىپ قۇيۇپتىمىز- شۇ ...
                           *           *                                                           *                *
  ھىمىت تۇقماق تۈرمىدە يېتىپ ئۆز قىلمىشىغا توۋا قىلىپ ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمە دائىرلىرى ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى قىسقارتىش ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقان كۈنلەردە يېزا باشلىقى، كەنىت مۇدىرى، رامزان بوۋاي بارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلەش ئۈچۈن ئۇ يەردە پەيدا بولدى. يېزا باشلىقى تۈرمە رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، تۈرمە باشلىقىمۇ ھىمىت تۇقماقنىڭ ئۆز گۇناھىنى تۇنۇپ ياخشى ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى قىسقارتىپ پات ئارىدا قۇيۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى چىرايلىقچە يولغا سېلىپ قويدى.
                           *           *                                                           *                *
  ئۇلار كېتىپ بىر ئايدىن كېيىن ھىمىت تۇقماق تۈرمىدىن چىقتى. ئۇ تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ تۈرمە دەرۋازىسىدىن چىقىپ قارىۋېدى، كەنىت باشلىقى، رامزان بوۋاي، ئىلى ئاخۇن، ھىلىم ئاخۇن كۆرۈندى، ئەسلىدە ئۇلار مەخسوس ماشىنا كىرا قىلىپ ئۇنى ئالغىلى بارغان ئىدى. ھىمىت تۇقماق ھىلىم ئاخۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلانغىنىچە مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
   -يىغلىما، كۈل، ئوغۇل بالا دېگەن تىزلانسا ياراشمايدۇ، رامزان بوۋاي ئۇنى يۆلەشكە باشلىدى.
   - ھىلىم ئاداش، ئالدىڭدا سەت ئىش قىلدىم.
   - بولدى قىلە ئاداش، مانا ئالدىڭدا بىر ئوبدان تۇرمايمەنمۇ...
   ھىمىت تۇقماق قايتىپ كېلىپ ئەتىسى كەنىتتە يىغىن ئېچىلدى.
   -يولداشلار، -دېدى كەنىت باشلىقى ھاياجان بىلەن بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن كېيىن ھىمىت ئاخۇن ئارىمىزغا قايتىپ كەلدى، ... قارشى ئالىمىز- ... ئەتراپتىن ئاڭلانغان گۈلدۈراس چاۋاك ئاۋازىدىن كېيىن ئۇ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى، - بۇ ئىشقا رامزان بوۋاي ھەممىدىن بەك كۆپ كۈچ چىقاردى، شۇڭا رەھمەتنىڭ ئەڭ چوڭى مۇشۇ پەرىشتە سۈپەت بوۋىمىزغا مەنسۇپ!
   - رەھمەت، رامزان بوۋىمىزغا رەھمەت، ھەشقاللا...
   -رەھمەتنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت سۈيىگە بولسۇن، يۇرت سۈيى بولغاچقىلا بىز مۇشۇنداق ئېتتىپاقلىشالىغان، يۇرت سۈيى بولغاچقىلا بىر- بىرىمىزگە مۇشۇنداق مېھىرلىك بۇلالىغان...
   -يولداشلار، - كەنىت باشلىقى سۆز ئالدى، - يېزا رەھبەرلىرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق يۇرت سۈيى ئۈستىدىكى بارلىق ھەقلەرنى بىكار قىلىپ، يەنە ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ بەردى...
   يېزا رەھبەرلىرىگە رەھمەت...
   -چالە ناغراڭنى ئۇكام، بۈگۈن پۇخادىن چىققۇچە نازىركومغا دەسسەيمەن.
   -ھېچكىمگە خەۋەر قىلمايلا ناغرا- سۇنايچىلارنى تەييار قىلىپ ئېلىپ كەلگەن ئېلى ئاخۇن بىرلا بۇيرۇق قىلىۋېدى، ناغرا- سۇنايچىلار بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ناغرا- سۇناينىڭ شادىيانە ئاۋازى پەلەكتە ياڭرىدى. يىغىن ئەھلى دەسلەپ بۇ ئىشتىن سەل مەڭدەپ قېلىشقاندەك بولغان بولسىمۇ، ناغرا- سۇناي ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەنلا كەينىلىرىگە چېكىنىشىپ مەيدان راسىتلاشتى- دە، ئىلى ئاخۇنغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئىلى ئاخۇننىڭ ئۆشنىسىدە ھېلىقى قاپاق بار بولۇپ، ئۇنىڭ سىرىنى رامزان بوۋايدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيىتتى.







ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش