يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 0

قورولچى: پەيتۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قورولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-20 10:49 AM  

پەيتون


(ھېكايە)

ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى


   شەھەر كوچىلىرىدا «taxigor» دىگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان، ئېسىل ئاتلار قۇشۇلۇپ چىرايلىق بېزەلگەن پەيتۇنلارنىڭ پەيدا بولۇشى- شەھەر قاتناش لېنىيىسىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتتى. پەيتونكەشلەر ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كاستىيۇم بورۇلكا، بېشىغا غەرىپلىكلەرنىڭكىدەك قىرلىق شىلەپە كىيىشكەن بولۇپ، كوچىلاردا قارا ئىس چىقىرىپ كېتىۋاتقان ئاپتۇموبىللارنى كۆرگەن ھامان ئالدىنى توسۇپ، قامچىسىنى پۇلاڭلاتقان ھالدا توۋلىشاتتى. «ئەبلەخ، شەھەر مۇھىتىنى بۇلغايدىغان نەرسىنى ھەيدەشكە نومۇس قىلساڭچۇ؟» شوپۇرلار بولسا بىرەر قاتناش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاقزادىلىك بىلەن جىددى تورمۇز قىلاتتى-دە، پەيتونكەشلەرنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبور بولاتتى. «نومۇسسىز ئەبلەخ، ئەينەككە قاراپ باقە، يۈزۈڭدىكى بىر قەۋەت ئىسقا قارا» شوپۇرلار كاپىنكا ئىچىدىكى ئەينەككە قاراپ، ئىككىنچىلەپ ماشىنا ھەيدىمەسلىككە قەسەميات قىلىشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چىرايى ئىس- تۈتەككە بۇلغانغان، ئۇلار بۇنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلماقتا ئىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كوچا ئاپتۇبۇسلىرى، كىچىك كىرا ماشىنىلىرى خېرىدارسىز قالدى. شەھەر كىشىلىرى پەيتونغا ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلار پەيتوندا ئولتۇرغان چاغلاردا ئۆزلىرىنى خۇددى 18- ئەسىردىكى غەرب ئاقسۆڭەكلىرىدەك سېزىشەتتى.
   ئېيتىشلارغا قارىغان«taxigor» دېگەن بۇ سۆز ئېنگىلىزچە «تاماق قاچاڭنى چېقىۋىتىمەن» دېگەنلىك بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامىرىكىلىق بىر ياش ئۆزىنى پەيتۇنغا ئولتۇرغۇزمىغان بىر پەيتۇنكەشكە قارىتا ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئېيىتقان ئىكەن. ھەمد تىرىشىپ ئىشلەپ بىر ئاپتۇموبىل سېتىۋىلىپ، ئۇنىڭغا«taxi » دېگەن قىسقارتىلما سۆز يېزىلغان ۋېۋىسكا تاقاپ كىراكەشلىك قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدا پەيتۇنكەشلىككە خاتىمە بەرگەن ئىكەن. مانا ئەمدى ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتە- ئۆتمەيلا شەھىرىمىزدىكى خەلق پىكاپ شوپۇرلىرىنىڭ تاماق قاچىسىنى چېقىش ئچۈن، پەيتۇنلىرىغا بۇ خەتلەر يېزىلغان ۋېۋىسكىنى قاراپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار زادى كىمدىن ئۆچ ئالماقچى؟ پىكاپ شوپۇرلىرى ئۇلارغا زادى نېمە قىلغاندۇ؟ مەسىلىنىڭ تۈگۈنى مانا مۇشۇ يەردە ئىدى. تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرلىرى تىلكامىرا ئاپپاراتلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە پەيتۇنكەشلەرنى زىيارەت قىلدى. پەيتۇنكەشلەرنىڭ تولىسى «شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى» نىڭ خادىملىرى بولۇپ، ئۇلار شەھەر ھاۋاسىنىڭ كۈندىن- كۈنگە بۇلغۇنۇپ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بىزار بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە دۇكلات سۇنۇپ، شەھەر ھاۋاسىنى قوغداپ قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىغانلىقتىن مائاشىدىن ئېشىنىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان پۇللىرىغا يېزىلاردىن ئات ۋە پەيتۇن سېتىۋىلىپ، ئىس- تۈتەككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئىكەن. مۇخبىرلار پەيتۇنكەشلەرنىڭ بۇ ھەققانىي سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلار توغرىسىدا مەخسوس خەۋەرلەرنى ئىشلەپ، ئوبزورچى ماقالىلەر بىلەن قوشۇپ، تېلېۋىزوردا كۆرسەتتى. بىر خەۋەردە زىيارەت قىلىنغۇچى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دىدى: «ھازىر شەھىرىمىزنىڭ ئازادە كوچىلىرىدىن تارتىپ، بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە جاينى ئىس- تۈتەك قاپلاپ، خۇددى ئىس كەتمىگەن مورىغىلا ئوخشاپ قالدى. نەتىجىدە شەھىرىمىزدە ئۆپكە، سىل كېسىلى دېگەندەكلەر بىلەن ئاغرىغانلار كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى. شۇڭا بىز بۇ قاتمال ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۆز پەيتونلىرىمىزنى بازارغا سېلىشقا مەجبور بولدۇق». تېخى ئۆلكىدىكى بىر يىغىندىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن شەھەر باشلىقى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى ۋە ئەتىسى كوچىغا چىقىپ پەيتونكەشلەرنى شەخسەن زىيارەت قىلدى.-سىلەر ئاپتۇنوس، ماشىنىلارنى مۇھىتنى بۇلغايدۇ، دەيسىلەر، سىلەرنىڭ ئاتلىرىڭلارنىڭ تېزەكلىرى مۇھىتنى بۇلغىمامدۇ؟
   -قاراڭ بۇنىڭغا، -دىدى بىر پەيتۇنكەش ئاتنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئېسىلغان گۈللۈك كاناپ خالتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، -ئاتلىرىمىز مۇشۇ خالتىلارغا تېزەكلەيدۇ. بىز خالتا تۇشقان ھامان ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئاپىرىپ بېرىمىز. ئۇلار تەييار ئوغۇتقا ئىگە بولىدۇ-دە، بىزگەيەم- خەشەك بېرىدۇ. قاراڭ بىز كىراكەشلىك قىلىپ بىر پايدىغان ئېرىشسەك، دېھقانلارنى ئوغۇت بىلەن تەمىنلەپ يەنە بىر پايدىغا ئېرىشىمىز. قېنى سىز كوچىلاردىن بىرەر تال ئات تېزىكى تېپىپ بېقىڭە؟
   شەھەر باشلىقى ئويلىنىپ قالدى. دېمىسىمۇ راسىت ئەمەسمۇ؟ بۇنداق قىلغاندا شەھەر ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپلا قالماي بەلكى ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ بىر مۇنچە پايدىغا ئېرىشىدىغان گەپكەن. ئەتىسى شەھەر باشلىقى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىدارە- ئورگانلاردىكى كىچىك ماشىنىلارنى بىردەك ھەرىكەتتىن توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پەيتون ئىشلىتىشنى ئۇقتۇردى ۋە ئۆزى بىرىنچى بولۇپ پەيتونغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن كىچىك ماشىنىلار خۇددى جىن سوققان ئەرۋاھلاردەك «بويۇن قىسىپ» قېلىشتى.
   ئەگەر يىراقلارغا بارىدىغان جىددى ئىش چىقىپ قالىسچۇ؟
   شەھەر باشلىقى تۈزۈم بېكىتىپ، يىراققا بارماقچى بولغانلارغا ۋە ئېغىر يۈك تۇشۇماقچى بولغانلارغا ئەھۋالغا قارىتا ماشىنا ئارىيەت بېرىشنى، شەھەر كوچىلىرىدا قاتنىماسلىقنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ شەھەر مۇھىتى ياخشىلىنىپ كىشىلەرنىڭ چىرايىدا كۈلكە پارلىدى. لېكىن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان پىكاپقا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىپ قالغان بەزى كىشىلەر پىكاپ سېغىنىپ، ئوغرىلىقچە ئېلىۋالغان شىشىچاقلىرىدىكى بېنزىننى بۇرنىغا تىرىگىنىچە ئۈنسىز يىغلىشاتتى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش