ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇسابىقىسىگە تەۋىسسىيە قىلغان ئەسەر
بۇ ھايات
نۇرمۇھەممەد شۈكران
سەھەر
بۇرنۇمغا باھارنىڭ ھىدى ئۇرۇلىۋاتقان
قۇلىقىمغا قۇشلارنىڭ چۇرۇقلاشلىرى ئاڭلىنىۋاتقان
كۆزۈمگە باغدىكى گۈللەرنىڭ ھۆپ-ھۆپ ئېېچىلغانلىقى كۆرىنىۋاتقان چاغ ئىدى
كۆڭلۈمدە بىر گۈزەل يار
مىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بىر يار
باغقا تىمىسقىلاپ كىرىپ كىتىپ بىر ئۇزاقتىن كىيىن چىقتى
قولىدا پەقەت بىر تال گۈل
ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى
ئاپتاپ شامالنى سېغىنىۋاتقان
يەر قاغجىراپ يامغۇرغا ئىنتىزار بولىۋاتقان
دەرەخلەر ياپراقلىرىنى سالپايتقان
مەن چۆلدە تۇرۇپ كۈزنى كۈتۈۋاتقان چاغ ئىدى
بىر پەرى مىنى يوقلاپ كەتتى
ئۇنتۇلمىغان ئوخشايدۇ
بالىلىقتىكى يار دېگەن رىشتى مەھكەم بولىدۇ
باشقا كۈن كەلگەندە ئىزدەيدۇ
ئۇنتۇلمايدىغان شىرىن خاتىرىمىز بار
ئۇنى كۆرۈپ تۇرىدىكەندە مەندەك…
بىر مۇنچە ماختىدىم
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ بىر چېلەك سۇ كۆتۈرۈپ كەلدى
تېشىپ تۇرغان بىر چېلەك
كۈلۈمسىرەپ تەبەسسۇم قىلدىم
ئۇمۇ يىنىك كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتىپ باغلاقلىق كالىسىنى سۇغاردى
ياپراقلار سارغىيىپ
پات-پات يامغۇر يېغىپ
شامال چىقىپ بورانغا ئايلىنىپ
بىر ۋەھىمە ئېلىپ كىلىۋاتقان ئالتۇن رەڭگى مەزگىل
چىرايلىق قىزلارنى جىق ئۇچراتماقتىمەن
چاچلىرى
چىرايى
بەللىرى
ئىنچىكە قوللىرى
ئورۇق سايغاندەك پۇتلىرى…
ھەقىقەت تەرىپلىگىدەك ئىدى
ئەركىلەپ ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈشلىرى
دولۇمغا ئېسىلىپ مۈرە تۇتۇشلىرى
يۈزۈمنى سىلاپ سۆيۈشلىرى
بىغەملىكى
مىنى دادا دىيىشلىرى
قىزىم دىيىشلىرىم
ھەممە كۆڭۈللۈكتەك بىلىندى
قار ياغدى
جۇت بولۇپ شىۋرىغا كۈچەيدى
يوللار مۇزلىدى
دەرەخلەرنىڭ ساقاللىرىغا قىراۋ قونۇپ چال بولغانىدى
كالتىكىمنى توكۇلدىتىپ كىتىپ بارىمەن
يېنىمدا بىر قىز
مۇزىكىغا ئوخشايدىغان قىز
تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلاپ باقمىغان سىنفونىيگە چېلىنغاندەك
مىنى شىرىن چۈشكە ئۈندىمەكتە ئىدى
قەلبىمدە ھاياجان
پۈتمەس سېغىنىش
چىن مۇھاببەت ھىس قىلىندى
ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولدۇم
ھەممە جېنىمنى ئاتىۋەتتىم
ئۇنىڭ سۆيۈشلىرى
قۇچاقلاشلىرى
ئەركە مىجەزى
قىلىقلىرى…
ئانىسىغا ئوخشايتى
ئانىسىمۇ ئانىسىغا ئوخشايتى…
ئال جېنىمنى
قانچىگە كىرەتتۇق
سەن بىر ئەتتىرگۈل تەڭلەپ كەل
مەن پىچاق ئېسىپ ئالدىڭغا باراي
لىۋىڭنى بەر كۆزۈڭنى يۇمۇپ
مەن مۈرەڭنى سىلىۋالاي
سەن ئىچىڭدە مىنى ئويلا
پىشانەمنى سۈرتىۋالاي
سەن نازلىنىپ ئارقىڭنى ئەت
چاچلىرىڭنى پۇرىۋالاي
تىز ئۆرۈل، بوينۇمغا گىرە سال!
مەن مەھكەم بىر قۇچاقلىۋالاي
ئۇنتۇپ كىتەيلى بىز ھەممىنى
ئال جېنىمنى! بۇ جاننى مەن قانداق قىلاي
بىر ئايال بار قەلبىم تۆرىدە
بىر ئايال بار قەلبىم تۆرىدە
بەدەشخان قۇرۇپ مىنى يەۋاتقان
كۆزلىرىمگە نوقۇپ تىل سېلىپ
سەن ئەسكى بىر نىمە دەۋاتقان
بىر ئايال بار قەلبىم تۆرىدە
باش-كۆزۈمنى سىيلاپ ئولتۇرغان
يۈزۈمدىكى توخەكنى مۇجۇپ
لەۋلىرىمگە لىۋىنى قوندۇرغان
بىر ئايال بار قەلبىم تۆرىدە
بەزەن-بەزەپ پەيدا بولىدىغان
راھىتىنى بىرىپ قويۇپ گاھ
دېڭىزىغا تاشلاپ كىتىدىغان
بىر ئايال بار قەلىبىم تۆرىدە
مىنى بىرىپ بالا باقىدىغان
كۈنلەپ چىراق، تورۇس، ئىشىكتىن
ئاشخانىسىدا چىنە چاقىدىغان
بىر ئايال بار قەلبىم تۆرىدە
يىنىغا چىللاپ ئاپىرالمايدىغان
قەلبىدىكى سېغىنچىسىدىن
بىر رەت ئۈنلۈك چاقىرالمايدىغان
بىر ئايال بار قەلبىم تۆرىدە
ھاياتىمنى ئىگەمدىن تىلەپ
پاكىز جايدا ئولتۇرۇپ يىغلار
دۆۋە-دۆۋە خامانلىرىمدا
چەشلىرىمدىن ساماننى ئىلغار
قىلغانلىرى يۈرەكنى تىلغار
بىر ئايال بار قەلبىم تۆرىدە
مەندىن بۇرۇن كەتكەن كېچىگە
چاقىرىپ قويۇپ مىنى ئىچىگە
2016-2-15
بەخىت ئىزدەش
ئادەتتە ماڭسام غىڭشىپ
سىز ئۇنى ناخشا دەپ قالۇن چاپسىز.
ئىچىمدە سىزنى سۆيىمەن دېگەن
قانداقسىگە ئۇنى ئاڭلاپ قالىسىز.
دەردىڭىزنى ياتقا تۆكۈپسىز،
سېتىۋالىدىغان تۇرسام نۇرغۇن دەردنى.
قارىمىدىڭىزمۇ يولدىكى ھەربىر دەرەخقە
ئىسمىڭىز ئويۇقلۇقلىغىنى بىلمەيدىكەنسىز.
قار مەلىكىسىگە ئوخشوتۇپ سىزنى
يول بويىغا دۆۋلىدىم چۈشكەن قارنى
لەۋلىرىنى بوياپ قېنىمدا قىزىل
بىلدىڭىزمۇ گۈل تۇتقۇزغىنىمنى
سىز باغدىكى ئېچىلغان بىر گۈل
مەن ۋىسالنى ساقلىغان بۇلبۇل
دىگەن ئىدىم ئەجىبا ئۇنى
قاچان بىلەر سىزدىكى كۆڭۈل.
مۇزلاپ قالدىڭىزمۇ قارغا ئوخشاتسام،
يۈرەكىڭىز ئايلاندىمۇ تاشقا
قاقاسلىقتىكى كۆلگە ئۆردەكلەر كەپتۇ
تىنىمسىز تۆكۈلگەن كۆزۈمدىكى ياشقا.
سېغىنىپ قېلىۋاتىمەن يالغۇز قالغاندا
سېغىنغاندەك گۈللەرنى ھەرە
خۇش ھىدىڭىزدە مەسخۇش بولۇپ
لەززەت تاپسام بولمامدۇ بىر مەررە
تۈنلەر ئۇچۇپ ئۆتمەكتە قاغىدەك
قاراپ ياتتىم تورۇسقا يانمايدىغاندەك.
يەۋاتىدۇ ئىچىمنى ھەسىرەت
قارنى بالا تويمايدىغاندەك
ۋىسال تاپقانلارنى تويىنى تاماشا قىلىپ
يۈرىۋىرەمدۇ جۇپ كەپتەرنى كۇۋۇكقا سولاپ
مەن بالىلىرىنى ئۇچۇرما قىلسام
يارىشارمۇ يۈرسىڭىز لىۋىڭىزنى بوياپ.
ھوشىيارلىقىڭىز نەلەرگە كەتتى
قالۇن چېلىپ تالمىغانسىزمۇ؟
بەللىرىڭىزنى تۇتۇش كىرەكتى
يالغۇزسىراپ قالمىغانسىزمۇ؟
بىر ئۆي ياساپ بىزنىڭ دىيىشىپ
پەردە ئېسىپ، يۇمشاق كارۋاتتا
گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭداشساق دىدىم
قاچان كىلىسىز مەندەك ھىسىياتقا
ئەسلەپ ياتساق قىلغان-ئەتكەننى
بەخىت دېگەن ئەشۇ شۇنداققۇ؟
ئەركىلىشىدىغان ياخشى نامزات بىز
ياخشى كۈنلەر بۇلارمۇ مۇنداقمۇ؟!
|