كۆرۈش: 393|ئىنكاس: 4

مەرەمنىسا: «ئاياللار ھەققىدە پاراڭلار» نى ئوقۇغاندىن كىيىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-20 01:08 PM  

«ئاياللار ھەققىدە پاراڭلار» ناملىق كىتاپنى ئوقۇغاندىن كىيىن

مەرەمنىسا مۇھەممەت


مەن « قەشقەر سۆي كىتاب سۆھبىتى»نىڭ بىر ئەزاسى. بىز « سۆي كىتاب سۆھبىتى» قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر قانچە قېتىملىق سۆھبەتتە، شائىر، يازغۇچى ئوبۇلھاشىم قاسىم قايناق ئاكىنىڭ ، شىنجاڭ خەلق باش نەشىرياتى بىلەن شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرياتى 2014-2015- يىللىرى  بىرلىكتە نەشىر قىلغان،  سەككىز قىسىم قىلىپ تۈزگەن « ھايات دەستۇرى» تېمىسى ئاستىدىكى بىر يۈرۈش كىتابىنىڭ  ( ھايات ھەقىقەتلىرى) ( تۇرمۇش ھاسىلاتلىرى)( ئادەم ۋە كېسەللىك) ( ئەرلەر ھەققىدە پاراڭ)( ئاياللار ھەققىدە پاراڭ) قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ، بۇ كىتابلاردىن ئالغان تەسىراتلار سۆزلەپ ئۆتۈلدى ۋە بۇ كىتابلارغا ياخشى باھالار بېرىلدى. مەنمۇ ئالدىنقى قېتىملىق « سۆي كىتاب سۆبىتى»دە ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىپ تارقىتىپ بېرىلگەن « ئاياللار ھەققىدە پاراڭ» ناملىق بۇ كىتابنى ئىنتايىن قېتىقىنىپ ۋە سۆيۈنۈپ ئوقۇپ چىقىتىم.
« ئاياللار ھەققىدە پاراڭ» ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسى، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى جەھەتتىن ئالغاندا « ئاياللار ھەققدە پاراڭ» ئەمەس، ئاياللارنىڭ ئايال بولۇش، ئۆز بۇرچىنى تونۇش، كۈتۈنۈش، ئۆزىنى ئاسراش، ئائىلىدىكى، جەنىيەتتىكى، بالىلار ئالدىدىكى بۇرچى ۋە تۇتقان ئورنى، تۆھپىسى، شۇنداقلا ، غايە-ئېتىقاتسىز، ئەخلاقسىز، بىلىمسىز ئاياللارنىڭ ئۆزگۈرۈش يوللىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن، ئۇلار توغرا يولغا باشلانغان بىر كىچىك قامۇس دىيىشكە، مەن ئايال دېگەن ھەر بىر ئايالنىڭ ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدىغان كىتاب دىيىشكە بولىدۇ.  
« ئاياللار ھەققىدە پاراڭ» نىڭ بەش چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنجى بۆلۈكى بولغان « ئاياللار ھەققىدە پاراڭ» غا ئاياللاردىكى خاسلىق، نازاكەت، ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ئاياللار، ئەرلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللار، نىكاھى ئاسان بۇزۇلىدىغان ئاياللار، ئاياللار يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك پەزىلەت،ئاياللارنى ئالقىشقا ئېرىشتۈردىغان ئىشلار، ئاياللار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، ئايالارنى ئالقىشقا ئېرىشتۇتۇدىغان ئىشلار، ئاياللارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىكى سىرلار، ياخشى ئايال بولۇشنىڭ شەرتلىرى، خانىم-قىزلارغا بېرىلگەن ئاجايىپ ياخشى تەكلىپلەر، ئاياللاردىكى خاسلىقلار ھەققىدە سۆزلەنگەن.
كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكى بولغان « ئاياللار ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە بايەانلار»دا « ئايال كىم» « ئاياللا ۋە مېھرى-مۇھەببەت»« نازاكەتلىك ئايال بولۇشنىڭ ئېپى»« ئاياللار نىمىلەرگە مۇختاج» « ئايالنىڭ قىممىتى» قاتارلىق ھەجىمى قىسقا، مەزمۇنى ۋە كىشنى قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك ماقالىلار بېرىلگەن.
مەسىلەن : « ئاياللارغا بېرىلگەن تەبىردە» ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﯘﺩﯨﺮەﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.  ئۆز مەنپەتى ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻡ ﮬﺎﻻﻝ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺋﯩﺸﻪﺕ ﺳﯜﺭەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻧﯘﻣﯘﺳﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ. مۇھەببەت –ساداقىتى ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﻤﯘ ﺭەﺕ قىلالايدىغان، ، ﺋﯩﺸﯩﻘﻰ ﺑﺎﻏﻼﻧﺴﺎ ﻛﯚﻙ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ ﺑﺎﺵ ﻗﯘﻳﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﮬﺎﻟﯟﯨﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﻳﯧﮕﯜﺯﯛﭖ ﺯﺍﯓ ﺗﯧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە تۇرمۇشنى ﺷﯧﺮﯨﻦ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ -ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺧﯘﻟﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭىغا قانداق ﻳﯚﻟﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، شۇنداقلا ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯩﺴﻤﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﺭﺍﺳﯩﺘﻨﻰ ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻞ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﯩﻦ سۆيگۈسىنى ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﺋﯩﭽﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻏﺎن سالالايدىغان، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە تاشقىنلىيالايدىغان، شۇنداقلا ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩە ﺗﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﭼﻮﻏﻨﻰ ﭘﯜﯞﻟﻪﭖ ﺋﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، سۇس كەيپىياتنى جانلااندۇرالايدىغان ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﯘﻟﻼﺭﭼﻪ ﺋﯩﺌﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ - ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻏﻮﺭﯗﺭﯗﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﮬﯧﺠﺮﺍﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﯘﻳﻰ ﻳﺎﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺳﯜﭘﯩﺘﺪە باللىرىنى ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ-ﮬﻪﻗﻘﯩﻲ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ  دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، كىتابىنىڭ ئۈچۈنجى بۆلۈكى بولغان « ئايال ۋە ئائىلىدە» (ياخشى ئانا بولۇشنىڭ ئۆلچىمى) ( ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق)  ( كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللار) دېگەنگە ئوخشاش كۆپلىگەن ئەمەلى مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.
مەسىلەن؛ « كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللار» دېگەن ماقالىدا كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللارنى  پۇلى يوق تۇرۇپمۇ مودا قوغلىشىدىغان ئاياللار ،باشقا ئاياللارنى مەنسىتمەيدىغان، ئاغزىدا شەھەر ئالدىغان ئاياللار : قېرىسىمۇ ئۆزىنى ياش قىزلاردەك چاغلايدىغان ئاياللار : يالغاندىن كۆز يىشى تۆكۈپ ھىسداشلىقىنى بىلدۈردىغان ئاياللار: ئاياللىق سۈپىتىنى ساقلاپ يۈرمەيدىغان ئاياللار :
بەتخەج ئاياللار: ھەددىدىن زىيادە رومانتىك ،مۇدا قوغلىشىدىغان ئاياللار.
چەتئەلگە مەستانە ئاياللار: تالاغا قارايدىغان ئاياللار؛ ئىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئاياللار  دەپ ئون تۈرگە بۆلۈپ كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە،
جەزبىدار ئايال - روھلاندۇرغۇچى دورا . ئەقىللىق ئايال - ئاسپىرىن . مۇلايىم ئايال - ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغۇچى شەربەت.سىرداش ئايال- ئاغرىق توختۇتۇش دورىسى.  ئاقكۈڭۈل ئايال-
ئىسپىرىت . كەڭ قورساق ئايال - تېز ئۈنۈم بېرىدىغان دورا. ياسالما ئايال - سۈيۈق دورا دەپ  ئاياللرنىڭ رولى مۇئەيەنلەشتۈرۈلگەن.
كىتاپنىڭ  تۆتىنجى بۆلۈكى بولغان « روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىق ئۈگۈتلىرى» دە ئاياللارنىڭ روھى ۋى جىسمانى جەھەتتە ئۆزىنى ئاسراش، ساغلام بولۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىدا سۆزلەنگەن.
مەسىلەن ؛« بىر ياخشى  ئايال- دانا يول باشچى» دېگەن ماقالىدا« بىر ئەر بىر ياخشى ئايال ئارقىلىقلا روناق تېپىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ.بىر ئەرنىڭ قانچە كۆپ دوستى بولغان بىلەنمۇ، بىر ياخشى،كۆيۈمچان ئايالىنىڭ بولغىنىغا يەتمەيدۇ. ياخشى ئايال خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن ئاجايىپ گۈزەللىك،ساپلىق،پاك ئەقىدە ۋە مېھرىبانلىق، كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلىدىغان يېقىملىق خۇش پېئىللىق تاراپ تۇرىدۇ. بۇ بىر ئەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشى،ئۆزىنى تونۇشى،كىشىلىك تۇرمۇشقا مەردانە قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگمەس كۈچقۇۋەتتۇر.
  ئاياللار جەمىيەتنىڭ ئۆزگۈرشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى. يېنىڭدا بىر ياخشى ئايالىڭ بولغاندىلا ھاياتىڭ مۇكەممەلىككە ئېرىشەلەيدۇ. ناۋادا سەن بىرەر جەڭگاھقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جەڭگىۋار تۇرمۇشقا قەدەم تاشلىغىنىڭدا، بىر ياخشى ئايال ساڭا ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويسا،ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈمنىمۇ ئانچە قورقۇنۇچلۇق ھېس قىلمايسەن. چارچىغان چاغلىرڭدا بىر جۇپ ئىللىق قول ساڭا سۇنۇلغاندا شۇ ھامان ئىللىق بىر سېزىم ۋۇجۇدىڭغا تاراپ، دەرھال روھلىنىپ،
ھاياتى كۈچكە تولۇپ كايتىدىن جانلىنىسەن. تۇرمۇشنىڭ كۈتمىگەن دوقاللىرىدا گاڭگىراپ قالغاندا، ئازاپلانغاندا، ئايالىڭ تېخىمۇ مېھرىبان،تېخىمۇ مۇلاھىم، تېخىمۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ساڭا سەۋر ۋە چىدام ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېنىڭ مۇكەممەل بولمىغان تەرەپلىرىڭنى تولۇقلايدۇ.بۇنىڭ بىلەن سەن بىر ھەقىقىي ئەر بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن بېشىڭنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،تۇرمۇشقا دادىل يۈزلىنەلەيسەن. مېڭىش يولۇڭنى تاپالايسەن. شۇڭا ياخشى ئايالنى ئەر ئۈچۈن ئەڭ دانا يول باشچى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ» دەپ ئاياللار ئاجايىپ ئۇلۇقلانغان.
« ئاياللار نىمىلەرگە مۇختاج» دېگەن ماقالىدا  ئاياللارنىڭ جەمئيەتنىڭ ھۆجەيرىسى،ئائىلىنىڭ يادروسى بولسىمۇ. ئاياللارنىڭ جەمئيەت ۋە ئائىلە ئالدىدىكى مەسئۇليىتى ئېغىر بولغاچقا ، ئاياللار ئېرىنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىگە،. ئېرىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە سادىق بۇلۇشىغا.ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ پات-پات تىلىفۇن بېرىپ،ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىغا، ئەرلەرنىڭ  ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىىگە، ئاياللار ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ كۆپۈيىشىگە،ئاياللار يەنە ئۈگۈنىشكە، كۆڭۈلدىكىدەك خىززمەتكە، تۆھپە يارتىشقا، جەمىيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشقا مۇختاج ئىكەنلىكىدەك رىئال ئەمىليەتمۇ كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
كىتابنىڭ بەشىنجى بۆلۈكى « ئاياللار ،ئائىلە ھەققىدە ھېكلىمەتلەر» بولۇپ، بۇنىڭدا ئاياللار ۋە ئائىلە ھەققىدە كىشىنى سۆيۈندۈردىغان، ئويغا سالدىىغان نۇرغۇن ھېكمەتلەر بېرىلگەندىن باشقا، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيىتقانلىرى، خەلق ئىچىدە ئاياللار ھەققىدە ئېيتىلغان ماقال-تەمسىللەرمۇ بېرىلگەن بولۇپ بۇلارنى ئوقۇغان كىشى ئاياللارنىڭ ئولۇقلۇقىنى ھەر قايسى جەھەتتىن تونۇپ يېتىدۇ.
مەسىلەن؛
▲ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ ، ئۇلار ئارقىلىق ئەرلەر ئۆزلىرىدىكى بارلىق يوشۇرۇن كۈچنى نامايەن قىلالايدۇ .
▲ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار مىللەتنىڭ نۇرلۇق كىلەچىگىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرەلەيدۇ.
▲ئايالنىڭ قىممىتى تۈگىسە مىللەتنىڭ قىممىتى تۈگەيدۇ.
▲ئاياللاردىكى قىسمەتلەردىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
▲ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يىڭىدىن يارىتالايدۇ ، ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى بولسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقىلىش گىرداۋىغا سۆرەپ ئاپىرالايدۇ.
▲ ناۋادا ئاياللار بولمىغان بولسا ، بۇ دۇنيا كەم دېگەندە ئوندىن بەش ئۈلۈش « چىنلىقنى » نى ، ئوندىن ئالتە ئۈلۈش « ياخشىلىق » نى ، ئوندىن يەتتە ئۈلۈش « گۈزەللىك » نى يوقىتىپ قويغان بولاتتى .
▲ ئاياللارغا ئارتۇقچىلىقىنى ماختاش، نەتىجىسىنى تەبرىكلەش،دەردىگە دەرمان بولۇش، ھالىغا يېتىشتىن ئارتۇق مۇكاپات يوق.
▲بىر ئايال تۇغۇلىشىدىنلا ساھىپجامال بولسا ، مەغرۇرلىنىشقا ئەرزىيدۇ ؛ئەگەر پەزىلەتلىك بولسا ، ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ ؛  ئەگەر ئۇ نازاكەتلىك ، سالاپەتلىك، ئەدەپلىك ، سىپايە بولسا تېخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ.
▲سەن بىر ئايال، ئانا. ئەگەر ئاخىرقى ھېساپتا مېۋە بېرەلمىسەڭ ، بىر چېچەك بولۇپلا ئۆتكىن ؛ ئەگەر ئاخىرقى ھېساپتا پورەكلەپ ئېچىلالمىساڭ ، يوپۇرماق بولۇپلا ئۆتكىن ؛ ئەگەر يوپۇرماق بولۇپ قۇرۇپ سارغىيىپ كەتسەڭ ، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولۇپ ئۆتكىن ؛ ئەگەر يىلتىزمۇ بولالمىساڭ ، بىراقلا بىر ئۇچۇم لاي - توپا بولۇپ كەتكىن !
▲ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ«قىز تۇغماڭلار شەرمى-ھايا تۇغۇڭلار،ئوغۇل تۇغماڭلار غورۇر-جاسارەت تۇغۇڭلار»
    قاراڭلار بۇ ھېكمەتلەرگە. نىمە دېگەن پاساھەتلىك-ھە؟
دېمەك، ئوبۇلھاشىم قاسىم قايناق ئاكىمىز تۈزگەن « ئاياللار ھەققىدە پاراڭلار» ناملىق بۇ كىتاب، ھازىر ۋە بۇندىن كىيىنمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدىغان، ئاياللار تەربىسى دەرسلىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
مەن ئوبۇلھاشىم قاسىم قايناق ئاكىمىزنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مۇشۇنداق بىر كىتاپنى تۈزگۈنىگە، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى ئاكىمىز ئىبراھىم سەمەن ئاكىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىپ بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ بەرگنىگە، ئەبلەت جۈمە تۇپراق ئاكىمىزنىڭ بۇ كىتاپنىڭ مەسئۇل مۇھەرىرلىكىنى ئىشلەپ بەرگىنىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.


باھا سۆز

ئىملاغىمۇ سەل-پەل ئەھمىيەت بېرىپ قويايلى، ھەي دوستۇم تۇپراق!...  ۋاقتى: 2016-3-13 03:41 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-20 13:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتكۈل ئۆمرىنى پەقەت بىر ئەرگىلا ئاتىغان ئايالنى <<پەرىشتە>> دىسەك،
               پۈتكۈل ئۆمرىنى پەقەت بىر ئايالغىلا ئاتىغان ئەرنى<<خىزىر>>دىيشىمىز كىرەك.
   بىر مىللەت ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق تراگىدىيە-قىزلارنىڭ تەربىيسىز قېلىشى.
        ئانىلارنىڭ ئۆمۈر تارىخىنى ۋاراقلىساڭ،بۇ تارىخقا پەقەت بىرلا سۆز يېزىلغان
            بولىدۇ،ئۇ بولسىمۇ <<بالام>> دىگەندىن ئىبارەت.


ۋاقتى: 2016-3-13 15:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «ئاياللار  ھەققىدە  پاراڭلار»  دىكى بۇ ئېسىل يازمىلار ھەقىقەتەن ئاياللار ئۈچۈن ياخشى ئۆرنەك ئىكەن، بۇ ئېسىل يازمىلار مەڭگۈ يادىمدا بولىدۇ .

ۋاقتى: 2016-3-13 15:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «ئاياللار  ھەققىدە  پاراڭلار»  دىكى بۇ ئېسىل يازمىلار ھەقىقەتەن ئاياللار ئۈچۈن ياخشى ئۆرنەك ئىكەن، بۇ ئېسىل يازمىلار مەڭگۈ يادىمدا بولىدۇ . بىر مىللەت ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق تراگىدىيە-قىزلارنىڭ تەربىيسىز قېلىشىدۇر .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش