بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-19 08:40 PM
كۆزدىن تۆكۈلگەن چەشمىلەر
ئۈمىدجان قادىرى
ۋىسالسىز سۆيگۈ
خىيال-ھېسلارنى سەزگەندەك زىياغا زارىقار كۆزنەك،
داۋا ئىزدەشتە ئارمانغا يۈرەر سەرسانە بىر ئەركەك.
ئۇزاق چاغلاردا كۆرگەن چۈش ئېسىدىن لىپ قىلىپ ئۆتسە،
ئۇنىڭغا ئىزدىبان تەبىر چاتار ئىخلاسنى چىن مەسلەك.
ئېقىتقاي ياشنى تەشۋىشتە،نىدالىق ئۈنلىرى ۋەزمىن،
ۋىسالنىڭ قاڭقىشى كۆكتە يىپىدىن ئاجرىغان لەگلەك.
بوۋاقنى پەپىلەپ چوكان يولۇقسا كوچا دوقمۇشتا،
ئۇرۇلغاي شۇ ھامان دىلدا پىغان تارىغا بىر زەخمەك.
ئۈمىدجان سۆيگۈنىڭ ئەھلى،سۆيۈلمەي سۆيسىمۇ مەيلى،
ئۆمۈردىن قىلچە زارلانماس،ئىزىدىن قالدۇرۇپ ئۆرنەك.
خوش يۇرتۇم
خوش ئانا يۇرت،خوش يەنە دەريا ئەزىم قال،كەلگۈچە،
خوش يۈرەگىم تەكتىدە كۆركەم رەسىم قال،كەلگۈچە.
ئاھ،قىيالماسلىق بىلەن كۆزدىن تۆكۈلگەن چەشمىلەر،
ئىزتىراپلىق روھ ئارا ھەسرەت سېزىم قال،كەلگۈچە.
شۇل جۇدالىق ۋەجىدىن ئۆپكەم قېقىلدى ئۆرۈلۈپ،
تىنىقىمنى ئەيلىگەن لەكمىڭ بېسىم قال،كەلگۈچە.
يايرىغىن،كەتمەي ئۇچۇپ ئورماندا سىرداش قۇشلىرىم،
كۈينى ئەتكۈزگىن داۋام،ئۈزمەي رىتىم قال،كەلگۈچە.
باغلىرىمنى بويلىبان ئاققان شۇ دىلكەش ئېرىقىم،
ماڭا شائىرلىق ئۇدۇم قىلغان ئېقىم قال،كەلگۈچە.
لالىزار يۇرت نە كېرەك،سەندۇركى ئارمان جىلۋىسى،
مىڭ تاغار زەردىن ئەزىز خاك بىر سىقىم قال،كەلگۈچە.
بۇ ئۈمىدجانىڭ ھايات بولسا كېلەركى بىر كۈنى،
خوش،دىلىمغا ئورنىغان سانجۇ تېغىم قال،كەلگۈچە.
2016.يىل 19.فېۋرال خوتەن.