بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-19 07:41 PM
ئەلۋىدا
مىرادىل راخمان ئىزچى
سېغىنساڭ بىر كۈنلەر ھېس قىپ قالارسەن،
مۇڭلىنىپ سەۋەپسىز تۆككىنىڭدە ياش.
پەرىشتەم مىنى ھەم ئەسكە ئالارسەن،
مۇھەببەت قايتىدىن كۆتۈرگەندە باش.
تۇيۇقسىز كۆز ئالدىڭ يۇرۇپ بىردىنلا،
كۈلسەم گەر تەبەسسۇم ئىلكىدە تاتلىق.
تەمتىرەپ باغرىڭ كەڭ ئاچقاندا ماڭا،
سېزىسەن ئۆزۈڭنى گويا قاناتلىق.
لىكىن يوق تۇيۇقسىز شىرىن تۇيغۇلار،
چىكىلسە دېرىزەڭ ئاستا، رېتىمسىز.
كىرىدۇ ۋە ئاچچىق، سوغۇق شاماللار،
قالىدۇ كۆز ئالدىڭ قۇرۇقلا مەنسىز.
چۈشىدۇ بىتىنىم سارغۇچ ياپراقلار.
باھارنىڭ ھىدلىرى كەتكەن يىراقلاپ،
تۇغۇلار قايتىدىن ئازاپلىق ئويلار،
ئوھسىنىش ئىلكىدە يىراققا قاراپ…
ئەلۋىدا!!كەتمەكچى بولساڭ يېنىمدىن،
بۈگۈنكى قايغۇلار قالسۇن ماڭىلا.
كۈتمەيمەن ئارتۇقچە ئۈمىد سىنىڭدىن.
نە ئىلاج تەييارمەن بۇلۇشقا جۇدا.
كەلمەيدۇ يالۋۇرماق چۈنكى قۇلۇمدىن،
سۈكۈتلەر قەلبىمدە چايقىلار ئاستا.
ئۈن-تىنسىز تەسەللى تاپىمەن ئۇندىن،
بولغىچە روھىڭدىن ھەقىقى ئادا.
ئەسلەيمەن بەختىيار چاغلارنى بەلكى،
ئەركىلەپ يەلكەمگە قويغىنىڭنى باش.
تاپالماس دىل شادلىق باشقىدىن چۈنكى،
بولسىمۇ گەر ئارتۇق ئەمدىكى قاياش.
يوقالماس بۇنداقلا سۆيگىمۇ سەنسىز،
ئەيلەيمەن شامالغا ھەممىنى بايان.
دەل ئاشۇ سوخ شامال ئۇرغاندا ئەنسىز،
بولغاندۇر سىرلارنىڭ بارچىسى ئايان.
سۆزلەيمەن باھارغا ھەسرەتلىرىمنى،
قىلماستىن ھىچقاچان سەندىن شىكايەت.
كىلملا گەر كۆرسەتسۇن ماڭا نەپرەتنى،
يەنىلا ئامراقمەن ساڭا ناھايەت.
ئامان بول ! مەڭگۈلۈك كەتتىڭ يىراقلاپ،
ئۇزاتماق نەقەدەر ئازاپلىق سىنى.
سېغىنىش بىر كۈنلەر ئالسا قاماللاپ،
ھېس قىلغىن مىنىڭمۇ سېغىنغىنىمنى.
2016-يىلى 19- فېۋرال
|