يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 327|ئىنكاس: 5

نۇرتېكىن: قوغۇنچى بالا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 08:18 PM  

بالىلار شېئىرلىرى

نۇرتېكىن

قوغۇنچى بالا

قوغۇن پىشتى ئېتىزدا،
تەمى شېكەر- شەربەتتىن.
تىلىملىرى ئورغاق ئاي،
ئۇماق دوستلار، يەپ كەتكىن.

تاپشۇرۇقنى ئىشلەپلا،
قوغۇنلۇققا يۈگرەيمەن.
دادام بىلەن تەڭ ئىشلەپ،
قوغۇن تۇشۇپ ھارمايمەن.

دادام ئەجىر-تەرىدىن،
قوغۇن پىشىپ مەي بولدى.
قوغۇن ساتسام يەكشەنبە،
خېرىدارى كۆپ بولدى.

قوغۇنلارمۇ بەك تاتلىق،
ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرار.
لەۋلىرىڭنى تامشىتىپ،
بال ھەسەلنى تامدۇرا.

قوغۇن ساتتىم، گەپ ساتتىم،
گېپىم تاتلىق قوغۇندەك.
ياقتى ئىللىق چىرايىم،
خېرىدارغا قايماقتەك.

قوغۇنلارنى تۈگەتتىم،
دادام قارار ھەۋەستە.
ساۋاقداشلار ماختاشتى،
«قوغۇنچى»دەپ بەس-بەستە.

مەن قوغۇنچى بالىمەن،
ئەمگەك سۆيەرھەم ئىشچان.
ئوقۇشقىمۇ بەك ھېرىس،
ئۆگۈنۈشتە تىرىشچان.

قوغۇن ساتقان پۇللاردا،
دادام مېنى ئۇقۇتار.
نەتىجەمنى كۆرگەندە،
جاپالىرى يۇقىلار.

مەن ئوقۇيمەن ھارماستىن،
دادام قوغۇن تېرىيدۇ.
قاناتلانسام پەن بىلەن،
يۇرتىقا بەركەت ياغىدۇ.

دورىگەر مۈشۈك

‹‹دورا ساتىمەن، دورا ››دەپ،
مۈشۈك كىردى ھويلىغا.
ھەرخىل چاشقان دورىنى،
تىزىۋاپتۇ تاختىغا.

يۈگۈرۈپ چىقىپ ئادىلجان،
سوراپ قاپتۇ مۈشۈكتىن.
قورقۇپ قالغان چاشقانمۇ،
چىقالماپتۇ تۈشۈكتىن.

-قانداق دورا ساتقىنىڭ،
ئۆگۈپ كەلدىڭ قەيەردىن؟
ئۆزۈڭ تۇتماي چاشقاننى،
قورقۇپ قالدىڭ نېمىلەردىن؟

بىر مىياڭلاپ قويساڭلا،
چاشقان بەدەر قاشمامدۇ؟
ئېچىپ كەتسە قورسۇقۇڭ،
ئۆي ئىگىسى باقمامدۇ؟

دەپتۇ مۈشۈك ئادىلغا:
-ھازىر چاشقان ھېلگەر.
تۇتالماستىن نەچچە رەت،
بولدى زاڭلىق كۈلكىلەر.

ساختا دورا چاشقاننى،
ئۆلتۈرەلمەي سەمرىتتى.
ئۇنى مۈشۈك يەپ سېلىپ،
زەھەرلىنىپ ھەم ئۆلدى.

سەمىرىپ قالدىم يېقىندىن،
يۈگۈرەلمەيمەن ياش چاغدەك.
قوغلاپ مېنى ئىگەممۇ،
ئوخشاپ قالدىم يېتىمدەك.

يوقۇتۇش ئۈچۈن چاشقاننى،
بولدۇم ئۆزۈم دورىگەر.
ساتتىم ئېسىل دورىنى،
ئۆلسۇن چاشقان ھېلىگەر.

كېلە، دوستۇم ئالىمجان،
دورا سالغىن تۈشۈككە.
ئاچكۆز، ئوغرى چاشقانلار،
ئايلانسۇن تىز ئۆلۈككە.

ئاق تېرەك- كۆك تېرەك

ئاق تېرەك- كۆك تېرەك،
ئۆسۈپ كەتتى ئاسمان پەلەك .
قۇشلار قونۇپ ئۇچىغا،
دەيدۇ: دوستۇم بىز كېرەك.

شىلدىر-شىلدىر ياپىراقلار.
بولدى يېشىل بايراقلار.
سايىدايدۇ ئاستىدا،
ھېرىپ كەتكەن بالىلار.

ئاق تېرەك- كۆك تېرەك،
سۆيدى قۇياش كۈلگۈنچەك.
ھەمراھ بولدى شامالمۇ،
تىلەپ ساڭا ئاق تېلەك.

كۆچەت تىكىش كۈنىدە،
تاقىر قالغان يەرلەرگە.
تىكتۇق رەت- رەت تېرەكنى،
چۆمۈپ تۇرۇپ تەرلەرگە.

ئاق تېرەك- كۆك تېرەك،
كۆكلەپ چىققىن سەن تىزىرەك.
ئېلىپ كەلدۇق سۈزۈك سۇ،
بەردى باھار ھەم يۈرەك.

ئۈلگەم بولدى چۈمۈلە

ئۆز كىچىك چۈمۈلە،
باقماي ئۆزىنىڭ ھالىغا.
يوغۇن داننى كۆتۈرۈپ،
مېڭىپ قاپتۇ ئۇۋىغا.

«بىلى ئۇرۇق، ئەۋرىشىم،
پۇتى تۇرسا شوينىدەك.
نېمە كەپتۇ بۇنچىلىك،
جاپا تارتىپ نوچىدەك؟»

سورىسام مەن دادامدىن،
تىرشچانغا ئۈلگە ئۇ.
راھىتىنى كۆرەركەن،
جۇدۇن، سوغۇق قىشتا ئۇ.

تۇرۇپ قالدىم ئويلىنىپ،
چۈمۈلگە ھەۋەستە.
ئىشلەپ زادى ھارماسكەن،
سەھەر تۇرۇپ ھەر كۈندە.

ئۈلگە قىلىپ ئۆزۈمگە،
بەلنى مەھكەم باغلىدىم.
كىتاب ئوقۇپ ھەركۈنى،
جاپالاردىن قاچمىدىم.

كۈندىن-كۈنگە ئۆرلىدى،
ھەر سىناقتا نەتىجەم.
ئاتا-ئانا رازىدۇر،
ئىلىم بىلەن كۆلىسەم.

ئۇكام بىلەن قەنت يېدىم

ئۇكام بىلەن قەنت يېدىم،
تاتلىق بولدى ئاغزىمىز.
كۆپ يىگەچكە تاتلىقنى،
كۇماك بولۇپ قالدۇق بىز.

ئۇدۇل چىشىمىز قالمىغاچ،
پۇچۇق بولدى سۆزىمىز.
زاڭلىق قىلسا دوستلار ھەم،
قىزىرىپ كېتەر يۈزىمىز.

ئازىراق يەيلى تاتلىقنى،
بولۇپ قالدۇق بىز ماكماك.
ئۇماق چىشىم تىزىراق چىق،
دېمىسۇن دوستلار ھەم كوماك.

سۇ يۈگۈرەيدۇ نېمىشقا؟

ئېرىق-ئۆستەك ئىچىدىن،
.تۇتاي دېسەم سۇلارنى.
تۇتۇق بەرمەي قاچىدۇ،
ئىزدەپ ماڭدى كىملەرنى؟

ئېيىپ بەرگىن جان دادا،
سۇ يۈگىرەيدۇ نېمىشقا؟
دوست بولاتتۇق، ئوينايتۇق،
توختاپ ئۆتسە قېشىمدا.

مەن ئەگەشتىم سۇلارغا،
ناخشا ئېيتتى شىلدىرلاپ.
ماڭغان ئىكەن ئەسلىدە،
ئۇ ئېتىزغا ئالدىراپ.

دادام تېرىغان بۇغدايلار،
قۇرۇپ قاپتۇ ئەسلىدە .
ياشارتىپتۇ باغرىنى،
ئابىھايات سۈيىدە.

سۇغا قانغان مايسىلار،
رەھمەت ئېيتتى چايقىلىپ.
كۈزگەلگەندە مايسىلار،
بولۇق بولدى سارغىيىپ..

تۇپىراق

ئاجىز بىر ئۇرۇق،
چۈشۈپتۇ يەرگە.
جۆر قىپتۇ تۇپراق،
ئەللەي كۈيىگە.

بۇ ئانا تۇپىراق،
باققاچ پەپىلەپ.
بوي تارتىپ ئۆستى،
ئاسمان پەلەكلەپ.
مەزمۇت ئۆسكەنچە،
گىدىيپ قاپتۇ.
ئانا تۇپراقنى،
ياراتماي ساپتۇ.

«ئاياغ- ئاستىمدا،
تۇرىسەن شۇنداق.
مەنچە بولالماي،
كېرىلمە ئۇنداق».

گەپ-سۆز قىلماستىن،
كۈلۈپتۇ تۇپراق.
نادان سۆزىگە،
چەكمەپتۇ پىراق.

يېشىل ياپىراقلار ،
قاپتۇ سارغىيىپ.
گېدەيگەن بېلى ،
قاپتۇ ئىگلىپ.

پۇشايمان قىپتۇ،
دېگەن سۆزىگە.
قارالماي قاپتۇ،
تۇپىراق يۈزىگە.

كەڭ قورساق بولغان ،
بۇ ئۇلۇغ تۇپىراق.
مىسكىن دىلىغا،
يېقىپتۇ چىراق.

ئۇستاز قانداق شام-چىراق؟

دەيدۇ چوڭلار ئۇستازنى،
ئۇستازدېگەن شام-چىراق.
ئۇ بولمىسا ھاياتلىق،
گۈزەللىكتىن بەك يىراق.

شام نۇر چاچسا بىر كېچە،
ئېرىپ تۈگەر مەڭگۈگە.
توك بولمىسا چىراقمۇ،
يۇرۇق بېرەر كېملەرگە.

تۇرۇپ قالدىم ئويلىنىپ،
ئۇستاز قانداق شام- چىراق؟
مەنچە ئۇستاز بىر قۇياش،
ئاڭا تەشنا ھەم ياپىراق.

ئۇنىڭ نۇرى ئالەمگە،
بەخت بەرگەن، قۇت بەرگەن.
ئۇ كۆيسىمۇ بىر ئۆمۈر،
مېھرى مەڭگۈ سۆيدۈرگەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 20:32:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامدۇرا.يۇرتىقا،ئۆگۈپ...
ئاڭا تەشنا ھەم ياپىراق.

  بالىلار ئۈچۈن تەۋرەلگەن قەلەملەر ھارمىسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-19 22:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

"تارىم غۇنچىللىرى»گە ماس يىمىشلىرىڭىزگە قۇت بولسۇن!...

ۋاقتى: 2016-2-20 00:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار ئۈچۈن تەۋرەتكەن قەلىمىزگە قۇت بولسۇن. يېزىپ تۇرۇڭ!.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 10:20:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ- پىكىرلىرىگە كۆپ تەشەككۇر

ۋاقتى: 2016-3-1 12:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز ئىنىم، ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن!
ئىجادىيىتىڭىزگە  بەرىكەت تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش