كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 19

دېھقانلار ئىجاد قىلغان 15پارچە شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 05:36 PM  

دېھقانلار ئىجاد قىلغان 15پارچە شېئىر
بۇ شېئىرلارنى توپلاپ،يېزىپ سۇنغۇچى           مۇنىردىن تۇنياز

ئونسۇ ناھيەسىنىڭ تۇخۇلا يېزسنىڭ تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى دېھقانلار ئىجاد قىلغان15پارچە شېئىر
ئەسكەرتىش:  بۇ شېئىرنى مۇنىرىدىن تۇنياز ئاكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن  ۋاكالىتەن يوللىدىم. خاتا چۈشەنچىدىن ساقلانغايسىلەر.


ۋەتىنىم       

(تۇرسىنئاي ئابدىكىرىم يازغان)
ۋەتنىم گوياكى بىر گۈزەل باغسەن،
باغرىڭدا ئېچىلدى سانسىز گۇل غۇنچە،
ئۆركەش ياسغان دەريا دېڭىزنىڭ،
ئەتىراپىغا چاچىراتتىڭ مەرۋايىت ئۈنچە.


مېھرىڭدە ئېچىلدى ئەللىك ئالتەگۈل
ئىناقلىق تۇغىنى كۆتۈرۈپ ئېگىز.
چېھرىڭدە تەبەسۇم نۇرى نامايەن،
ئىناق ئىتتىپاق بۇلۇپ ئۆتسەك بىز.


چىن دىلدىن ئۇرغۇيدۇ ساڭا مۇھاببەت،
چۈنكى سەن ئەجىرىڭىدە ئۆستۈردۈڭ بىزنى،
تىرىشىپ ئىشلەپ يېڭىپ جاپانى،
گۇل چېچەك چىمەنگە پۈركەيمىز سېنى.


  پارتىيەگە مەدھىيھە
         (ئابدىريىم ئابلا يازغان)
پارتيەنىڭ يولىغا،
  دادىل قەدەم تاشلايمىز.
تىرورچى ئۇنسۇرلارنى،
  بىچىت قىلىپ تاشلايمىز.


           پارتىيەمىز بەك ياخشى،
              بىزگە داغدام يول ئاچتى.
            ئاشلىق پاختا ياڭاقتىن،
               يانچۇق پۇلغا لىق توشتى.


       شال، بۇغداي، قۇناققىچە،
        ئۆي پارنىك ياڭاققىچە.
     پارتىيەنىڭ ياردىمى،
      ئۇنتۇمايلى ئۇزاققىچە.

     يۇرتىمىزنى قوغدايلى،
  تىنچلىقنى تىلەيلى.
         ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ،
         گۇزەل ماكان قۇرايلى.

دىننى تونغا ئورىنۋېلىپ،
مۆمۈنلەرنى ئازدۇرغان.
چۈمبەل رومال يۆگىنىپ،
نادانلارنى ئالدىغان.

  ئەسەبيلكنى تەرغىپ قىلىپ،
  دۆلەتنى پارچىلاشقا ئورۇنغان.
سىياسەتنى بۇرمۇلاپ،
  ھەر مىللەتلەرنى ھاياتىن ئايرىغان.


  ھەرمىللەت ئورتاق ئىتتپاقلىشايلى،
ھەر ۋاقت سەگەك ھۇشيار تۇرايلى.
دۆلەتنڭ خەلققە بەرگەن ياردىمىگە،
  بىر نىيەتتە بىر كىشلىك تۆھپە قوشايلى.


  ئەسەبيلەشكەن ئۆز ۋەتىندىن كەچكەن،
ئوت قۇيۇپ پارتىلتىپ ھەدىدىن ئاشقان.
زوراۋان كۈچلەرنى قېزىپ چىقىرىشقا،
دۆلەت خەلق ھەرمىللەت ئورتاقلاشقان.


پەرزەنتىمىزنى مەكتەپتە تۇللۇق ئوقۇايلى،
تەلىم-تەربىيە كۆچەيتىپ ساپا كۆت.
ئەسەبيلىكنى تەرغىپ قىلغان مۇناپىقلارنى،
كۆرگەن يەردە پاش قىلىپ توپتىن يوقۇتايلى.



ئىتتپاقلىق ئوتياشلىرى
(بۇخەلچەم بەكرى يازغان)
       كېلىڭ دوستلار تېتىپ كۆرۈڭ ئوتياشلىرىمنى،
       ئەجىرمىزدىن تىل يارىدۇ  ئۆزگىچە بىر تەم.
ئىتتپاقلىق ئوتياشلىرى لەززەت بېرىدۇ،
شۇ ئوتياشنى تېرىغان مانا مەن ئۆزۈم.


ئىناقلارغا تېرىدىم كاۋا پۇرچاقنى،
زوراۋانغا تېرىدىم لازا پىيازنى.
نىمە ياخشى نىمە يامان بىلىپ يېسىڭىز
تنچ ئىتىپاق قىلالايسىز بىزنىڭ ۋەتەننى


ئوتياشلىرىم شەمۇ شەگە ئاجايىپ داڭلىق،
ئۇنى يىگەن خەلقىمىز بۇلۇر بەك ئاڭلىق،
ئۆم ياشايلى ھەممىز مېھنەت-تەربىلەن،
ئىتتىپاقلىق نىشانىمىز ئەپ كېلەر بايلىق.


پەمىدۇر قاماشتۇرار كۆزلەرىڭىزنى،
قايتا كۆرۈڭ ئۇنى يەپ باھارىڭزنى،
لەۋلىرىڭىز قىزارسۇن پەمىدۇر بىلەن،
ئۇنى يەپلا ئۇنتالايسىز ئازاپلىرڭىزنى.


كېلىڭ دوستلار ئوتيېشىمنى كۆرۈڭ ئالامەت،
يىگەن كىشى دىلى يۇرۇپ بۇلۇر سالامەت.
مۇقۇملۇقنى قوغدايلى كەلمىسۇن ئاپەت،
كەلگۈسىگە بەل باغلايلى قىلىپ كاپالەت.


مۇقۇملۇقنى ساقلايلى گۈللەنسۇن ۋەتەن،
ئاداۋەتلەر تۇگىسۇن ئەبەدىل ئەبەت.
ئىتتپاقلىق ئوتيېشىمنىڭ مەنىسى چوڭقۇر،
يول قويمايلى بولگۇنچىگە ئەبەدىل ئەبەت.


ئەسەبىيلىك زەھىرى
(ئەخمەت مەتكىرەم يازغان )


ئەسەبىيلىك زەھىرى،
سىڭىپ كىردى شىنجاڭغا.
يۇقتۇرۋېلىپ بەزىلەر،
كىرپ قالدى تۇرمىگە.

ھەسەل تۇرسا بىزلەردە،
   ساققۇ مەن دەپ ئىچمدىڭ.
تۆكۈپ مىللەت يۈزنى،
ئويلىماستىن يىغلىدڭ.

سىڭدۈرمىچىلىك بىزلەردە،
بوپ باقمىغان يات نەرسە.
جىلباب بىلەن چۈمپەردە،
تىرورچىغا خاس نەرسە.

ئەتلەس دوپپا بىزلەرگە،
مىراس قالغان ئەجداتتىن.
قول ئۈزۈڭلار چوكانلار،
قارا رەڭلىك جىلبابتىن.


ساقال قويدۇڭ ياشلىشىپ،
بىر بىرىڭنى باشلىشىپ.
ساقال قويساڭ قويمامسەن،
ئاتمىش ياشتىن ئاتلىشىپ.

تۇنۇپ كەتتى باشقىلار،
ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى.
ئەمدى چۆرۇپ تاشلايلى،
ئەسەبىلىك ئىللەتنى




ۋەتىنىم

(سادىگۇل تۇرغۇن يازغان)

ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
سەن بولغاچقا تۇرمۇشىمىز توق.
تۇرمۇشىمىز بولدى باياشات،
شۇڭا سەندە ھېچ بىر نوقسان يوق.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
سەن بولغاچقا دىلىمىز يورۇق.
پارلاق نۇرۇڭ ئاستىدا ھەركىم،
بۇلۇپ قالماس دىلى ھەم سۇنۇق.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
قوينۇڭ خۇددى جەننەتتۇر گويا.
ئىللىق نۇرۇڭ بولمىسا ئەگەر،
تىك ئۆسەلمەس ھېچ بىر گۇل گىياھ.

ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
قوينىڭدا ئۆسىدۇئەللىك ئالتە گۇل.
شۇ گۇلنى تەربىيلەپ پەرۋىش قىلمىساڭ،
بولاتتى شۇلارنىڭ ئەسلى ۋەسلى كۇل.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
دىلىمىزنى ئويغاتتىڭ قارا زۇلىمەتتىن.
ساڭا ئەگىشىپ توغرا يول تاپساق،
قۇتۇلۇپ كېتىمىز ئېغىر كۇلپەتتىن.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
مېھرىڭ گويا ئانامغا ئوخشاش.
شۇڭا سېنى قوغدايمەن مەڭگۇ،
بارچە مىللەت بۇلۇپ ئۇيۇلتاش.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
سېنىڭ ئىللىق نۇرۇڭ گويا گۇلخاندەك.
بىر چىمدىم توپاڭمۇ ئەزىزدۇر شۇنچە،
پارقىراپ تۇرغان كېپەك ئالتۇندەك.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
سەنسىز ھېچ كىشى داۋان ئاشالماس.
چىمەن دوپپا ئەتلەس كۆينەك ئەتىرنى،
قارا چۈمبەل ئەسلا باسالماس.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
يېتەكلەيسەن بىزنى ھەر ياندىن.
شۇڭ سېنى قوغداش يولىدا،
كېچەلەيمەن ئەزىز بۇ جاندىن.


ۋەتىنىم سەن ئۇلۇغ سەن ئۇلۇغ،
قوغدايمىز بىز سېنى ئەبىدىل ئەبەت.
زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلارغا،
چىقىش يولى قالدۈرماي پەقەت ۋە پەقەت،


ئەسلىمە ياشلىرى
(تۇنساخان مەتنۇر يازغان)

ئاكا ۋە ئۇكا قەلبداش دوستانە بۇلۇپ،
ئۆتكەن ئىدۇق بىز قېرىنداش بۇلۇپ.
ئەمدى بىز بۇگۇن ئايرىلار بولدۇق،
جۇدالىق يشى كۆزلەرگە تۇلۇپ.


قالدى ئەسلىمە ئېتىز باغلاردا،
دېھقان رىشتە باغلانغان ماكان.
كەتسەڭلار يىراق يىراق جايلارغا،
بىزلەر قەلبداش تەقدىرداش ھامان.


ھىجىران ياشلىرى تۈكۈلدى بۈگۈن،
ئايرىلشقا چىدالماي پەقەت.
ئۆكسۈپ ئۆكۇنۇپ گاھى كۇلۇشۇپ،
خوشلاشتۇق بۇگۇن ئاقيوللار تىلەپ.


كوپارتىيە سوغا قىلدى،مېھرى ئىللىق كىشلەرنى،
باشلىق تۇرۇپ قىادىڭلار ئېتىز ئېرىق ئىشلىرنى.
بوۋىلارغا،خەلىقلەرگە قەلىپ مىھرى بەردىڭلار،
قىيىنچلىققا باش ئەگمەي ئەلنى ماىل قىلدىڭلار.

روناق تاپسۇن ئىشىڭىز ئىناق بولسۇن ئۆيىڭىز،
ۋاقىت چىقسا كېلەرسىز بۇئىككىنجى يۇرتىڭز.
كەنتىمىز روناق تاپار ئەلگە مەدەت بەرسىڭىز،
يېڭى خىزمەت گۇرۇپسىغا لېيفىڭ روھى بەردىڭىز.


كەپتۇ خىزمەت گۇرۇپىسى بىزنىڭ كەنتكە،
دېھقانلار چۈشۈنۇپ كەتتى سىياسى قانۇنغا.
سىياسى قانۇننىڭ 29ماددىسى بار،
تىرورچى ئونسۇرلارغا تىگشلىك چارسى بار،


جاۋزوڭ دەپ ئېتىڭ قالدى،
سۇبۇلاقتا ئىزىڭ قالدى.
ئۆيىمىزنى،دىلىمىزنى يۇرۇتقان،
مەڭگۇ ئۆچمەس چىرىقىڭ قالدى.


پارتىيەنى كۇيلەيمەن ،
ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن .
كەنتىمىزنڭ نامىدىن ،
سىزگە سالام يوللايمەن.


ئانا
(زورەم روزى يازغان)

    سېنىڭدەك ئەل سۆيەر بارمۇ ئانا سېنىڭدەك جان كۆيەر بارمۇ،
   پەزىلەت ئالىمىدە سېنىڭدەك كۆزى نۇرلۇق گۆھەر بارمۇ.
گۆھەر تاپسا تاپار ئىنسان نۇسىرەتنى تاپالمايدۇ،
  سېنىڭ مېھرىڭ بىلەن ئۆسمەيدىغان بىرمۇ گىياھ بارمۇ.


        بالاڭ يىغلاپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماستنلا ھەر ئاخشام،
ئۇنى ئۇخلتالايدۇ پەقەتلا  بىر  ئەللەي ئاتلىق ناخشاڭ.
سېنىڭ ئەجىرىڭدە چوڭ بولدى، بالاڭمۇ بىجىرىم ساغلام،
لېكىن كۆڭلۈڭدە ئويلايسەن بالامدەك كەم ئەقىل بارمۇ.


بالاڭ يىگەن ئېچىتماي تۇرۇپ نان ھەسەل قايماق،
بالاڭ يىگەن ئاشۇ ناننى يىگۇزگەن سەن ئۆزۇڭ چايناپ،
ئەمگەندە ئاپپاق سۇتۇڭنى كېتەتتى ئۇ تېخى يايراپ،
سېنىڭ مېھرىڭنى ئۆلچەشكە ئادالەت تارازسى بارمۇ.


ئۆگەتتىڭ سەن بالاڭغا بىلىم ھەم ئەدەپ ئەخلاقنى،
ئۆگەتتىڭ پۇلغا ساتماسلىق مۇھاببەت ياكى ۋىجداننى.
سېنىڭ مېھرىڭ بېسىلغىچە جاڭگالدا ياققان گۇلخاننى،
سېنىڭ باغرىڭ ئاتەش ئوت تەبئى ئىسىق باھار بارمۇ.


ئانا سەن بىر ئۇلۇغ ئىنسان  ھەركىم ماختايدۇ  سېنى،
ئانا سەن يىغلىماقچى بولساڭ ئالەممۇ تەڭلا يىغلايدۇ.
ئانا سەن تېنىچ ھايات بولساڭ ھايات گۇللەيدۇ ياشنايدۇ،
مۇھاببەت ئوتىدا سەندەك سەبى كۆيگەنلىرىڭ بارمۇ.


دېھقان
(ئۇغلەم تۇرسۇن يازغان)


دېھقان جاپاكەش قەدىرلىك ئىنسان،
مېھنىتى تۆھپىسى دىللاردا داستان.
ئىشلەيدۇ ئېتىزدا كۇندە جاپالىق،
مېھنەتتە قىلدۇ چۆللەرنى بوستان.


ئاش بەرگەن دېھقاننى كەمسىتەر نادان،
بوش تاغار ئۇرە تۇرماس ھېچقاچان.
دېھقانىڭ قىزىمەن چىداملىق ئىشچان،
دېھقاننىڭ ھۆرمىتى بۈيۈكتۇر ھامان.


ئوخشىسا دېھقاننىڭ يەردە ئاشلىقى،
ئۇرغۇيدۇ قەلبىدە چەكسىز شاتلىقى.
ياشايدۇ يەرگە پاك تەرىنى تۉكۅپ.
يەر ئۇنىڭ جېنى  ھەم مۇھىم بايلىقى.


دېھقانىڭ قولىدا سانسىز قاداق بار.
كۆڭلى ئاق سېخلىق بابىدا بۇلاق.
ئايىماس مېھماندىن ھېچ نەرسىسنى،
دېھقاننىڭ شەنىگە توقۇيمەن قوشاق.


خىزمەت گورۇپپىسىغا تەشەككۇر
(بۇخەلچەم بەكرى يازغان)

ئەسالامۇ ئەلەيكوم ،
گورۇپپىنىڭ ئىگىسى.
خالمۇراتجان ئاكىمىز،
يىگىتلەرنىڭ بېگىسى.


ئەپ كەلدىڭىز ئەلگە نەپ،
مايل بولدى قەلبىمىز
ئىشىڭىزدىن سۆيۈنۈپ،
تۈمەن رەخمەت ئېيتىمىز.



گۇرۇپاڭلار كەلگەندە،
يۇرۇپ كەتتى كەنتىمز.
پارتىيەگە رەخمەت دەپ ،
كۈندە ناخشا ئېيتىمىز.


قەدىمىڭلار يەتكەندە،
تاشيوللارمۇ ماي بولدى.
قوي كالىمۇ خاتىرجەم ،
تۆمۈر ئۆيگە جايلاشتى.


پارتىيەگە قەسەملەر،
مۆھۈر بولدى تاملاردا.
  قەد كۆتۈرۈپ قوش بايراق،
بۇ بەختىيار چاغلاردا.


تىرورچىلار يوقالسۇن
(روزى مەمەت يازغان )

زامانىمىز بەختىيار،
ئشلەر ھەممە تىرىشىپ .
شۇ بىر ئوچوم تىرورچى،
يۈرەر بىزنى قەسلىشىپ.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.


تىرورچىلار بەك ياۋۇز،
ئوخشار ياۋۇز بۆرىگە.
رەھىم قىلماس نارسىدە
يېتىم يېسىر بەندىگە،.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.


ترورچىنىڭ مەقسىدى،
ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ.
يوقاتمىساق تىرورچىنى،
كۆڭلىمىز ئەمىن تاپمايدۇ.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.

      تىرورچىلار ئۆزىنى،
         مۇسۇلمان دەپ چاغلايدۇ.
   يوقالمىسا تىرورچى،
جاھاننى تۇمان قاپلايدۇ.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.


جاندىن جۇدا ئەيلىدى،
ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى.
بولاپ چېقىپ كۆيدۇردى،
دۇكان ساراي ئۆيلەرنى
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.


يادلىندۇ دىلاردا،
قۈربان بولغان مەرھۇملار.
  ئەلنىڭ كۆڭلى تىنچىماس،
يوقالمىسا مەلئۇنلار.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.



كېچە كۇندۇز ھارمايدۇ،
تۇرۇپ پوستا چازىدا،
خلق ساقچى ئەسكەرلەر،
تۇرۇپ مەزمۇت بازىدا.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.



  ئاڭلاپ قانۇن سىياسەت،
ئاشتى بىزنىڭ ئېڭىمىز.
   كىيم پۈتۈن قورساق توق،
پۈتۈن بولغاچ نېنىمىز.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.


پىدا ئەيلەپ جانلارنى،
تۆكۈپ ئىسىق قانلارنى.
خەلق ساقچى ئەسكەرلەر،
توغراق كەبى ياشنىسۇن.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.



ھاردىم دىمەس بىزلەرگە،
سۆزلەپ قانۇن سياسەت .
چاپان ياپساق تىرورچىغا،
ئويلاڭ بۇ بىر جىنايەت.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن.



تىرورچىنى يوقۇتىشقا،
     بەلنى مەھكەم باغلايمىز.
قانۇننى بىز چۈشەندۈق،
تەشۋىقاتنى  ئاڭلايمىز.
شۇ بىر ئوچوم تېرورچى زوراۋانلار يوقالسۇن



گۈزەل سەھەر
(ئايتۇرسۇن قۇربان ئىجاد قىلغان)


گۈل چېچەككە پۇركەنگەن دۇنيا،
چىن سۆيمەن ئىللىق قوينىڭنى.
ئىپار ئىدى چاچقان ھىدلىرىڭ،
كەلتۈرىدۈ دائىم زوقۇمنى.



كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن سەندە،
ئۆستۈم باغرىڭدا تىمەن.
ئەسلىتىدۇ گۈزەل جەننەتنى،
قوينۇڭدا رەڭدار گۇل چىمەن.


ھەر كەلگەندە قوينۇڭدا سەھەر،
ئىگىلىمەن قۇلۇم كۆكسۈمدە.
قۇلى ئوچۇق دېھقان تاغىلار،
بېغىشلايدۇ شاتلىق كۆڭلۈمگە.



دېھقان ئانا
( زورەم توخنياز)


ياسانغۇڭ بار سېنىڭمۇ پوزۇر،
ئايال سەنمۇ نەپس بىر سەنئەت.
ۋايسىمىدىڭ ھاياتتن لېكىن،
گۈل ياشلىقىڭ ئۆتسمۇ غۇربەت.


بىراۋلارنىڭ زەردار تۇرقىدىن،
ھەۋەسلەندىڭ قىلمىدىڭ ھەسەت.
ئائىلە ۋە پەرزەنتلەر ئۇچۇن،
ئاتا قىلدىڭ ئوتتەك مۇھاببەت.


بىرنى بىرگە ئۇلاپ كۈنلەرنى،
ئۆتمەكتسەن ئارمانلار بىلەن.
دېھقان ئانا ھەشەمەتسىزمۇ،
بەختلىكسەن ھەممىدىن جەزمەن.



پارتىيەگە يۈرەك سۆز
(بۇخەلچەم بەكرى يازغان)


ئىنتىلىپ پارتىيەگە ئەزا بولاي دەپ،
چىن دىلدىن يازدىم مەن يۈرەك سۆزۇمنى.
يانماسمەن ئاداقىچە ئاشۇ نىيتىمدىن،
پارتىيەگە جان پىدا دەپ ئاتاپ ئۆزۈمنى.


ئۆگەنگىلى كەلدىم بۇگۇن مەكتەپ ئىچىگە،
پارتىيەنىڭ نىزاملىرى قالسۇن ئېسىمدە.
تىرشاي بىر ئىلغار ئەزا بۇلۇشقا،
ئارمىنىم قالمىسۇن ئولسەم يۇرەكتە.


قەسەم قىلاي پارتىيەگە  ئىرادەم ئۈچۈن،
پاك بۇلۇش سادىق بۇلۇش ھەممىدىن مۇھىم.
ئىتتىپاق  ھەم بىرلىكنى قوغدايمەن چوقۇم،
بۇ مەندە يېتىلگەن ئەڭ ياخشى ئۇقۇم.



خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە
(ئەخمەت مەتكىرەم)

سىياسەتكە بۇيسۇنۇپ،
ئۈرۈمچىدىن كەلدىڭلار.
كەنتمىزنىڭ ئۆزىدە،
زور ئۆزگىرىش قىلدىڭلار.


كەنتىمىزگە كېلىپلار،
چوڭ يىغىنى ئاچتىڭلار.
قىيىنچىلىق نەدە دەپ،
ئىزدەپ سوراپ چىقتىڭلار.


توك بولمغان مەھەللىدە،
توك مەسىلىسى ھەل بولدى.
شام چىراقتىن خوشلۇشۇپ،
ئۇلار كۆڭلى شات بولدى.


يېڭى زالمۇ سېلىنىپ،
ئورۇندۇقلار تەل بولدى.
ياردەم دېگەن ئەنە شۇ،
جىمى ئاۋام خوش بولدى.


گولۇفاڭلار سېلنىپ،
پار تۈربىسى تارتىلدى.
كۇيۇنجىلار ئېلىنىپ،
ناخشا قوشاق ئېيتىلدى.


كەنتىمزگە سىلەرمۇ،
ئۆزلىشىپمۇ قالدىڭلار.
مۇمكىن بولسا كەتمەستىن،
مەڭگۇ تۇرۇپ قېلىڭلار.




مەيپۇرۇشقا خىتاپ
(تۇرسۇنئاي ئابدىكىرەم يازغان)


ئەي مەيپۇرۇش مەيپۇرۇش،
مەي ئىچپلا يۈرەمسەن.
كۈندە قىلار ئىشىڭ يوق،
ۋاقتىڭنى چىڭ تۇتمامسەن.


مەيگە خۇمار بولدۇڭ سەن،
مەينى دوستۇڭ بىلەمسەن.
مەي بار يەرگە بارمىساڭ،
بىر كۈنلۈككە ئۆلەمسەن.


مەي تۇتقان شۇ قۇلۇڭدا،
ئەمگەك قىلساڭ بولامدۇ.
ۋاقىت دىمەك ئالتۇندۇر،
قەدىرلىسەڭ بولمامدۇ.


مەيگە خۇمار بولدۇڭمۇ،
مەي يوق يەردە ئۆلدىڭمۇ.
ھايار دىگەن گۇزەلدۇر،
ھاياتىڭدىن تويدۇڭمۇ.


ئويغان ئەمدى ئۇيقاڭدىن،
مەينى نېرى چۆرۋەت.
خوشلۇشۇپ شۇ كۈنلەردىن،
بوتۇلكىنى ئۆرۈۋەت.









بۇ شېئىرلارنى توپلاپ،يېزىپ سۇنغۇچى

ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن

مۇنىردىن تۇنياز




温宿县质量技术监督局   木尼尔丁•吐尼牙孜。

联系电话:13779788848






بۇ شېئىرنى باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن  مەن يوللاپ قويدۇم.  خاتا چۈشىنىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 17:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانلىرىمزنىڭ ئەجىرىگە باركاللا،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 17:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 05:21 PM
دېھقانلىرىمزنىڭ ئەجىرىگە باركاللا،

سىز دەھشەت چاققانغۇ ..............ئەمدى كۆرۈڭە  
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 17:39:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 05:21 PM
دېھقانلىرىمزنىڭ ئەجىرىگە باركاللا،

سىز دەھشەت چاققانغۇ ..............ئەمدى كۆرۈڭە  
ۋاقتى: 2016-2-19 17:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىمۇ ئىجاد قىلامدۇ?

باھا سۆز

شېىردىگەن قوشاق دىمەكتۇر قوشاق بولسا توقۇيدىغان نەرسە  ۋاقتى: 2016-2-19 06:04 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 18:20:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تام يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 05:49 PM
شېئىرنىمۇ ئىجاد قىلامدۇ?

ئىجاد چانلىق بولمىسا قەلەم قانداق تەۋرەيدۇ   
ۋاقتى: 2016-2-19 18:49:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ يازمىللىرى ئاددى بولسىمۇ قوللاپ قويايلى ،بەلكىم بۇندىن كىيىن ئۇلارنىڭ نەچچىسى داڭلىق شائىر بولۇپ كىتەمدۇ تېخى !.يوللىغىچىغىمۇ رەھمەت .
ۋاقتى: 2016-2-19 19:00:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسلى ھەممىمىز دېھقان ئىدۇق...دېھقان قەلەمكەشلەرنىمۇ قولايلى!...
ۋاقتى: 2016-2-19 19:00:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسلى ھەممىمىز دېھقان ئىدۇق...دېھقان قەلەمكەشلەرنىمۇ قولايلى!...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 19:21:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەر0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 06:49 PM
بۇلارنىڭ يازمىللىرى ئاددى بولسىمۇ قوللاپ قويايلى ،بەل ...

سىلەرگىمۇ رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 19:22:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 07:00 PM
ئەسلى ھەممىمىز دېھقان ئىدۇق...دېھقان قەلەمكەشلەرنىمۇ  ...

شۇ ئەمەسمۇ .
ۋاقتى: 2016-2-19 20:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىجاد قىلغان ئەمەس،ئىجاد قىلدۇرىلغان شېئىرلاركەن……بۇ تاپشۇرۇق شېئىرلار ژۇرنال گېزىتلەرگە يۈز پىرسەنت لايىق كېلىدۇ
ۋاقتى: 2016-2-19 20:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشلىق پاختا ياڭاقتىن،
               يانچۇق پۇلغا لىق توشتى.

ما گەپ بولىدىكەن!
ۋاقتى: 2016-2-19 20:41:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلارغا تەشەككۇر !!!
شېئىرنى پالانى كەسىپنى قىلغانلار يازىدۇ ،ياكى  ئەدىبىياتتا سېستىمىلىق تەربىيىلەنگەنلەر يازىدۇ دېگەن پىرىنسىپ ۋە ياكى ئۇقتۇرۇش يوق ، شېئىر ھۈجەيرىسى بار ، شېئىر ئاشنالىرىنىڭ ھەرقاندېقى يازسا بولاۋېرىدۇ .شائىرلېرىمىزغا ئامەت تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2016-2-20 17:45:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىرنىڭ  توردا  بىرىلگەنلىكىدىن   شىر يازغۇچى دېھقانلار بەك خوش بۇلۇشۇپ كەتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش