يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 227|ئىنكاس: 2

نۇرمۇھەممەت ھاشىم:يۇشۇرۇن ئاڭدىكى كۈچ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ن.ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 04:46 PM  

     نۇرمۇھەممەت ھاشىم




                          يۇشۇرۇن ئاڭدىكى كۈچ



       تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئادەملەرنىڭ بەدەن ئورگانىزملىرنىڭ ئىقتىدارى بويىچە قارىغاندا ئادەملەرنىڭ 150 يىل ئۆمۈر كۆرۈشى
نورمال ئەھۋال بولۇشى كېرەك ئىكەن.بىراق ئەمىلىيەت ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەيدىغان بولۇپ ،100 ياشتىن ئارتۇق ياكى 120 ياشلارغىچە ئۆمۈر كۆرۈدىغان ئادەملەر ئاندا-ساندا ئۇچرىسىمۇ ،لېكىن 150 ياشقا ياشىيالايدىغان ئىنسانلار ھەققىدىكى خاتىرلەر يوقنىڭ ئورنىدا.
       مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدىمۇ 120 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئاندا ساندا ئۇچرايدىغان بولۇپ ،مەلۇماتلاردىن قارايدىغان بولساق
جاھاننىڭ ھەممە يېرىدىكى ئاشۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردە ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك بار بولۇپ ، بۇ ئالاھىدىلىك ھەرگىزمۇ يېمەك-ئىچمەك ياكى جۇغراپىيىلىك رايون ئالاھىدىلىكى بولماستىن بەلكى بىر خىل پىسخىك ئالاھىدىلىك.بۇ پىسخىك ئالاھىدىلىكنى مۇنۇ ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،ئۇ بولسىمۇ كەڭ قورساقلىق،ئوچۇق –يورۇقلۇق ۋە خۇشخۇيلۇق.بۇ خىل پىسخىك چۈشەنچە ياكى خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى جاھاندا چۈشەنمەيدىغان ۋە ئۆزىدە شۇ مىجەزنى يېتىلدۈرەلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.كەڭ–قورساقلىق،ئوچۇق-يورۇقلۇق ۋە خۇشخۇيلۇقتىن ئبارەت ئادەم پىسخىكىسىدىكى ئىچكى ھەركەت شەكلى شۇنچە خىسلەتلىكمىدۇ؟بۇ خىسلەتلەر ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە نېمە ئۈچۈن شۇنچە موھىم رول ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى «كۆڭۈل-كۆكسىنى ئازادە تۇتۇپ،غەم-قايغۇ ۋە ئاچچىقلىنىپ قېلىشلاردىن يىراق تۇرۇش»نىڭ قانداق ئاساسلىرى بار؟ تارىختىن بىرى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن ھەرخىل تىببىي دورىلارنى كەشىپ قىلىپلا قالماستىن ،يەنە ھەرخىل داخان،باخشى ۋە پېرىخونلارنىڭ ئەپسۇن ،ئايەتلىرى ھەم مۇراسىم شەكلىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن كېسەل داۋالاشنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ كېسەل داۋالىيالىشى مۇمكىن ئەمەس،پۈتۈنلەي يالغانچىلىق دەپ قارىساق،بىز باخشى ،پېرىخونلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئىنسانلار ئارىسىدىن ،تارىخ سەھنىسىدىن نېمە ئۈچۈن يوقالماستىن ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىگىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىمىز. باخشى ،پېرىخونلارنىڭ كېسەل داۋالاشلىرى يېقىنقى دەۋىرگىچە ھەم ھازىرغىچە نۇرغۇن مىللەتلەردە ئۈزۈلمەستىن داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ،بىز ھەرگىزمۇ ئەجدادلىرىمىز ئەخمەقلىق قىلىپ باخشى، پېرىخونلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەپسۇن،ئايەت ۋە ھەرخىل «ئالا-جوقا»جۆيلۈشلىرىگە ئىشىنىپ ھەرخىل ئېغىر كېسەللىرىنى شۇلارنىڭ  داۋالاپ ساقايتىشىنى قۇرۇق كۈتۈپ ئۆزىنى ئالداپ كەلگەن ،دېيەلمەيمىز.چۈنكى باخشى پېرىخونلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئېغىر كېسەللەرنى ئۆزىنىڭ جۆيلۈشتەك بىلىنىدىغان ئاشۇ«قۇرۇق»گەپلىرى بىلەن داۋالاپ ساقايتقان. بولمىغىنىدا نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى ئاللىقاچان ئۇلارنى تارىخ سەھنىسىدىن شاللاپ ،ۋاقىت چاڭ-توزاڭلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ تاشلىۋەتكەن بولاتتى.ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ راستىنلا كېسەل داۋالاش ئىقتىدارى بارمۇ؟            
     بىز يۇقۇردىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك بولغان كەڭ قورساقلىق،ئوچۇق يورۇقلۇق،خۇشخۇيلۇق،شۇنداقلا تېۋىپلىرىمىزنىڭ
  غەم- قايغۇ ۋە ئاچچىقلىنىشلاردىن يىراق تۇرۇش قارىشى ،ھەم يەنە پېرىخون- باخشىلارنىڭ «گەپ سۆز»لەر بىلەن كېسەل داۋالىشىنى زامانىمىزدىكى «گىپنۇز بىلەن كېسەل داۋالاش» ماھارىتى بىلەن بىر يەرگە قويۇپ كۈزەتكىنىمىزدە ،بۇلارنىڭ بىر ئورتاق سىستېمىغا كىرىدىغانلىغىنى خىرە ھېس قىلغاندەك بولىمىز.  
       بىر توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىم بىر قېتىم ئىھتىياتسىزلىقتىن  توڭلىتىش ساندۇقىغا سولىنىپ قالغان.نەچچە سائەتتىن كېيىن
  كىشىلەر ئۇ خادىمنى بايقىغاندا،ئۇ خادىم ئاللىقاچان مۇزلاپ قېتىم قالغان.ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى ،بۇ توڭلىتىش ساندۇقىنىڭ توكى بۇرۇنلا ئۈزىۋىتىلگەن ،ئۇنىڭ ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرسى سىرتنىڭ تېمپىراتۇرسى بىلەن بىرنەچچە گىرادۇسلا پەرىقلىنىدىغان ھالەتتە بولۇپ ،توڭلىتىش ساندۇقى ئىچىدىكى تېمپىراتۇرنىڭ ئادەمنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.لېكىن،ئۇ خادىمنىڭ ئۆلۈمىدىكى بارلىق ئىپادىلەر ئۇنىڭ ئورگانىزملىرىنىڭ زىيادە تۆۋەن تېمپىراتۇرا سەۋەبىدىن ئۆز فونكىتسىيىسىنى جارى قىلدۇرالماي ھەركەتتىن توختاپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىغىنى ئىپادىلەپ تۇرغان.توڭلىتىش ساندۇقى خىزمەتتىن توختىغان ،توڭلىتىش ئىقتىدارى تامامەن يوق تۇرسا ،ئۇ توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان خادىمىنىڭ مۇزلاپ قېلىشىنى ئۇنداقتا زادى قانداق سەۋەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ تەتقىقاتچىلار گىپنۇز بىلەن داۋالاش ۋە مۇشۇئەھۋاللارغا ئوخشاش نۇرغۇن ۋەقەلەرگە ئاساسەن ئۇلارغا سەۋەپكار كۈچ «يۇشۇرۇن ئاڭ»دەپ ھېسابلاشتى.باخشى ،پېرىخونلارنىڭ ئەپسۇن ،ئايەتلىرىنىڭ كېسەل داۋالاش كۈچى بولماستىن ،ئەكسىچە شۇلارغا داۋالانغۇچىلارنىڭ «باخشى،پېرىخونلار سېھرى كۈچكە ئىگە .ئۇلارنىڭ ئەپسۇنلىرى كېسىلىمنى ساقايتالايدۇ»دەپ ئويلاپ بىر خىل ئىشەنچ بىلەن تولغان ئىخلاسىنى ئۆز يۇشۇرۇن ئېڭىغا يەتكۈزگىنى ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ كېسىلىىنى ئۆزلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى داۋالاپ ساقايتقان.تېۋىپلارمۇ ئۇزۇن يىللىق تەجىربىلىرى جەرياندا بىمارلارغا دورا بېرىپلا قالماستىن ،يەنە ئۇلارنىڭ دائىم ئۆز كېسىلىگە تىكىلىپلا تۇرىۋالماستىن كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭرى خۇشال تۇتۇپ ،ئاچچىقلىنىپ قېلىشلاردىن يېراق تۇرسا دورىنىڭ ئۈنىمى كۈچىيىپ كېسەللەرنىڭ تېز شىپا تاپىدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ يەتكىنى ئۈچۈن دورا بىلەن داۋالاشنى پىسخىلىك يېتەكلەش بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان.ھېلىقى توڭلىتىش ساندۇقىغا سولىنىپ قالغان خادىم ،توڭلىتىش ساندۇقىدىن چىقىپ كېتەلمەي«توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدىغان بولدۇم»دەپ ئىشەنچ ھەم ۋەھىمىگە تولغان بىشارەتنى ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا يەتكۈزگەن،ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى ئۇ بىشارەتنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى مۇزلىتىپ قويغان.ئۇنداقتا ھەرخىل ئوي-خىياللارنى ،بولۇپمۇ كۈچلۈك تەسىرلىنىش ئاستىدىكى ئوينى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان بۇ يۇشۇرۇن ئاڭ زادى قانداق ئاڭ؟  يۇشۇرۇن ئاڭ ئوچۇق ئاڭىنىڭ تېگىگە خۇددى دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن مۇزتاغنىڭ سۇ تېگىگە يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان غايەت زور بۆلىكىدەك يۇشۇرۇپ تۇرغان بىر خىل سىرلىق كۈچ بولۇپ،19 –ئەسىردە كىشىلەرنىڭ گىپنۇز ماھارىتىگە ئىلمىي يۇسۇندا مۇئامىلە قىلىش جەرياندا تەتقىق قىلنىپ ئېتراپقا ئېرىشكەن.19 –ئەسىردە ئۆتكەن ئامرىكا پىسخولوگىيىسىنىڭ ئاتىسى ۋىلىيام جامېس شۇنداق دېگەن« 19 – ئەسىردىكى زور بايقاشلار ئىلىم-پەن ساھەسىدە بولماستىن پىسخولوگىيەدىكى يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ كۈچ –قۇدىرتىنىڭ بايقىلىشىدۇر».                                          
       يۇشۇرۇن ئاڭ ئادەمنىڭ تەقدىر –قىسمىتىنى،بەخت-تەلىيىنى،شۇنداقلا بەدەن ئورگانىزملىرىنىڭ فونكىتسىيىسىنى ھەم ئادەمنىڭ بارلىق ھاياتلىق
  ئىقتىدارىنى كونتىرول قىلىدىغان بولۇپ ،ئادەمنىڭ كېسەل بولۇش ياكى ساغلام تۇرۇشى يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ.                                    
     ئادەمنىڭ ئوچۇق ئېڭىنىڭ چوڭقۇرلىقىدا يۇشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت بىر سىرلىق كۈچنىڭ مەۋجۇتلىغىنى يۈرەكنىڭ سوقۇشى ،نەپەس ئېلىش ۋە بەدەندىكى مېتابولىزم ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ نەپەس ئېلىشىمىزنى كۈزىتىش ئارقىلىقمۇ بۇنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.سىز نەپەس
  ئېلىپ چىقىرىشنى ئاڭلىق يۇسۇندا ئېلىپ بارالايسىز،شۇنداقلا سىز ئاڭلىق يۇسۇندا نەپەس ئېلىشىڭىزنى كونتىرول قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ۋە ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپ ،دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بەرگەچ نەپەس ئېلىشىڭىزنى كۈزەتسىڭىز ،ئەلۋەتتە كۈزەتمىگەن، نەپەس ئېلىشىڭىزنى سىز باشقۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆزلىگىدىن داۋاملىشىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ يېتىپ يەنىلا ھەيران بولمايسىز،چۈنكى ھەممىمىز ئەزەلدىن بۇ خىل ئەھۋالغا ئادەتلنىپ قالغان.سىز ئەزەلدىن سىز كونتىرول قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئەھۋال ئاستىدا يۇشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت سىرلىق كۈچنىڭ سىزنىڭ نەپەس ئېلىشىڭىزنى ۋە باشقا ئورگانىزملىرىڭىزنىڭ فونكىتسىيىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ باقمىغان .           
       تۆۋەندە بىر ئادەم گىپنۇزلانغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان بەزى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ باقايلى.
                                                            
    گىپنۇز ئۇستىسى بىر گىپنۇزلانغۇچىنى گىپنۇزلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە  بىر پارچە نەم كارتۇن قەغەزنىڭ ئۇچىنى
تەككۈزۈپ تۇرۇپ «سىزنىڭ قولىڭىزغا قىزىپ قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن بىر پارچە تۆمۈر يېقىلىپ كېتىپ ،قولىڭىزدا بىر سۇ قاپارتمىسى پەيدا بولۇپ قالدى»دەپ بىشارەت بەرسە ،شۇ ھامان گىپنۇزلانغۇچىنىڭ قولنىڭ نەم كارتۇن قەغەز تەگكەن يېرىدىن راستىن بىر قاپاراتما قوپۇپ چىقىدۇ.                                                
   ھەرقانداق بىر ئادەم ئادەتتىكى ئاھۋال ئاستىدا ھېس قىلىپ ۋە كۆرۈپ يېتەلەيدىغان مۇنۇ ئەھۋالغا قارايلى.ئادەتتە ئادەم ئۆزىنىڭ  يۈرەك
سوقۇشىنى،تەر بەزلىرىنىڭ فونكىتسىيىسىنى ۋە قان بېسىمنى بىۋاستە كونتىرول قىلالمايدۇ.سىز يولدا كېتىۋىتىپ بىر ناھايتى تېز سۈرەتتە سىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ماشىنى كۆرگىنىڭىزدە ،سىزگە سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز«مېنى سوقىۋىتىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم»دەپ قورقۇنچقا چۈشىسىز.ئەمما ھېلىقى ماشىنا سىزنى يانداپ ناھايتى تېز سۈرەتتە يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتتى.بۇ ۋاقىتتا سىز دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتمەستىن تۇرۇپ كۆكسىڭىزنىڭ ئىتتىك دۆپۈلدەشلىرىدىن يۈرەك سوقۇشىڭىزنىڭ تېزلىشىپ كەتكەنلىگىنى ،بەدىنىڭىزدە بىر چىڭقىلىش پەيدا بولغانلىقتىن قان بېسىمىڭىزىنىڭ يۇقۇرلاپ كەتكەنلىگىنى ،پىشانىڭىزنىڭ سوغۇپ كېتىشىدىن تەرلەپ كەتكەنلىگىڭىزنى بىلىپ يېتەلەيسىز.ئادەتتە سىز ئورگانىز- ملىرىڭىزنىڭ بۇ خىل فونكىتسىيىسىنى كونتىرول قىلالمايسىز ،شۇنداق ئىكەن يۇقۇرقىدەك پەۋقۇللادە ئەھۋاللاردا ئورگانىزملىرىڭىزغا شۇنداق تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلغىنى زادى قانداق سەۋەپ ياكى قانداق بىر كۈچ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ كۈچى بولۇپ ،يۇقۇرقىدەك جىددى ،كۈچلۈك تەسىر بېرىدىغان پەۋقۇللادە ئەھۋاللار بولمىسا ،يۇشۇرۇن ئاڭ ئۇنداق بىۋاستە ۋە تېز سۈرەتلىك ئىنكاسلاردا بولمايدۇ.                                             
      يۇشۇرۇن ئاڭ ئادەتتە ئوچۇق ئاڭنىڭ تېگىگە يۇشۇرۇنغىنى ئۈچۈن بىز كۈندىلىك پائالىيتىمىزدە ئۇنى بايقىيالمايمىز.بىز ئۆز بەدىنىمىزنى
ۋە بەدىنىمىزدىكى سىزىم، ئۆزگىرىشلەرنى كۈزەتكىنىمىزدە ھەم بەزى بىر تەجىربىلەرنى ئىشلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمىزدا ئاندىن يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ مەۋجۇتلىىغىنى ھەم ئۇنىڭ ساغلاملىق ۋە كېسەللىك ئەھۋالىمىزنى ئىدارە قىلىدىغانلىغىنى  بىلىپ يېتەلەيمىز.بولۇپمۇ گىپنۇزلانغۇچىنىڭ ھەركىتىنى كۈزەتكىنىمىزدە يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ كۈچىنى ۋە سىرلىقلىغىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز.گىپنۇزلىنىش مۇنداق بولىدۇ:گىپنۇز ئۇستىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە بىشارىتى بىلەن ئادەمنىڭ ئوچۇق ئېڭى ياكى تەپەككۇر ئىقتىدارى يېرىم ياكى تولۇق دېگۈدەك ئۇيغۇ ھالىتىگە ياكى پۈتۈنلەي ھەركەتتىن توختاش ھالىتىگە كىرىپ ،يۇشۇرۇن ئاڭ پائال ھەركەتكە كېلىدۇ. مەسىلەن ،يۇقۇردا مىسال قىلىپ ئۆتكەن نەم كارتون قەغەز تەككۇزۈلگەن قولدا كۆيگەندىكىگە ئوپئوخشاش سۇقاپاراتمىسىنى پەيدا قىلىدىغنى يۇشۇرۇن ئاڭ بولۇپ،ئادەتتە ئادەمنىڭ بەدىنىگە قىزىق نەرسە يېقىلمىسا ئۇنداق قاپاراتمىنىڭ پەيدا بولمايدىغانلىغى ھەممىگە ئايدىڭ بىر ھەقىقەت.ئادەم سەگەك ھالەتتە مەلۇم  بىر ئادەم بىر پارچە نەم كارتون قەغەزنى قولىمىزغا تەككۈزۈپ «قولىڭىزغا بىر قىزىق تۆمۈر تېگىپ كەتتى»دېسە ھەرقانداق ئادەم بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ ھەم قولىدا كۆيۈك قاپاراتقۇسى پەيدا بولمايدۇ.يۇشۇرۇن ئاڭ ئادەتتە ئوي -خىيال ياكى تەسەۋۇر ،بىشارەت خاراكتىرلىك سۆز –ئىبارىلەرنىڭ تەسىرىنى تېز قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ،گىپنۇز ھالىتىدە ئۇنداق تەسىرلەرنىڭ ئۈنىمى تىخىمۇ تېز ھەم كۈچلۈك بولىدۇ.شۇڭا يۇشۇرۇن ئاڭ «قولىڭىزغا قىزىرىپ قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن تۆمۈر يېقىلىپ كەتتى»دېگەن يېتەكلەشنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىشەنگەن،شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ بىرەر يېرىگە قىزىق تۆمۈر يېقىلىپ كەتسە قانداق بولىدىغانلىغىنى بىلىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭ شۇ ھامان قولىغا نەم كارتون قەغەز تەگكەندە شۇ جايدا قاپاراتما پەيدا قىلىپ قويغان.توك يوق توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا سولىنىپ قالغان خادىم «بىرەرسى كېلىپ سىرتتىن ئىشىكنى ئېچىۋەتمىسە مەن مۇزلاپ ئۆلۈپ قالىدىغان بولدۇم»دەپ قاراپ ،توختىماستىن شۇنى ئويلاۋىرىپ قورقۇنچ ئىچىدە بۇ بىشارەتنى –يەنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىغى ھەققىدىكى ئۇچۇرىنى ۋەھىمە ئىچىدە ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا ئۈزلۈكسىز يوللىغان .ئاقىۋەتتە مۇزلاپ ئۆلۈپ قېلىشنىڭ قانداق ئىش بولىدىغانلىغىنى ئېنىق بىلىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭ ئۆز ئىگىسىنى مۇزلىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن ،يۇشۇرۇن ئاڭ ئەمىلىيەت ياكى ھەقىقەتنىڭ قانداقلىغى ياكى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىغىنى ئەسلا ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ.ئۇنىڭ قەتئىي لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يوق، ئۇ ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن بارلىق بىشارەت ياكى ئۇچۇرلارنى بەجاندىللىق بىلەن ئىجرا قىلىۋىرىدۇ.ئەلۋەتتە ،يۇشۇرۇن ئاڭغا سىرتتىن باشقىلار تەرەپتىن كەلگەن بىشارەتلەر بولسۇن ياكى ئۆز ئوي-خىياللىرىڭىز ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بىشارەتلەر بولسۇن ھەممىسى سىزنىڭ ئوچۇق ئېڭىڭىز ياكى بەش سەزگۈ ئەزايىڭىز ئارقىلىق يېتىپ كېلىدۇ.سىز گىپنۇزلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزغا يېتىپ كېلىدىغان بارلىق بىشارەتلەرنى ئۆزىڭىز كونتىرول قىلالايسىز.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇلارنى چۈشىنىشىڭىز ۋە شۇنداق قىلىشنى خالىشىڭىز كېرەك.                                         
     بەزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كېسەللەرنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىگى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن،بىراق ھازىرغىچە
ھەرقانداق بىر نوپۇزلۇق دوختۇرلاردىن سۈرۈشتۈرسىڭىز تېخىچە راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان دورىنىڭ كەشىپ قىلىنمىغانلىغىدىن خەۋەر تاپىسىز.ئۇنداقتا راك كېسىلىدىن ساقايغان كىشىلەر قانداق قىلىپ ئۇ كېسەلدىن ساقايغان؟بىز بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئەدەبىي خاتىرلىرىدىكى ئىككى كىشىنى مىسال قىلساق بولىدۇ.بىرى،خوتەن «داۋايى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكىرى راخمان. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي خاتىرسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئابابەكىرى راخمان ئۆزىنىڭ «جىگەر راكى»دەپ دىئاگونىز قويۇلغان كېسىلىنى تېبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرۈپ ،ئاخىردا ئۆزىنىڭ جىگەر راكى كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقان.ئىككىنچى ئادەم بولسا خەلقىمىزگە تونۇلغان مەرھۇم شائىر روزى سايت.يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئەدەبىي خاتىرسىدىن مەلۇم بولۇشىچە شائىر نۇرغۇن داۋالىنىشلارنى قىلغان بولسىمۇ ئاخىرى يەنىلا ئۆپكە راكىدىن ساقىيالماي قازا قىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شائىرنى ئۆزىنىڭ جىگەر راكىنى داۋالاپ ساقايتقان تېبابەت دوختۇرى ئابابەكىرى راخماننىڭمۇ داۋالاپ باققانلىغى مەلۇم.ئابابەكىرى راخماننىڭ شائىرنى پۈتۈن ئىجتىھاتى بىلەن داۋالىغانلىغىنى،ئۆزىنىڭ جىگەر راكىنى داۋالاپ ساقايتىش جەريانىدا ئىشلەتكەن دورا ۋە ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى مەرھۇم شائىرغا قوللانغانلىغىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.بىراق شائىرنىڭ كېسىلىگە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن داۋالىنىشلارمۇ ئۈنۈم بەرمەي شائىرىمىز قازا قىلىپ كەتتى.بۇ ئەھۋاللارنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرۇشتا مۇنداق بىر مەقسەت بار.ئۇ بولسىمۇ ئابابەكىرى راخماننىڭ راك كېسىلىگە داۋا بولغان دورىلارنىڭ شائىرنىڭ راك كېسىلىگە داۋا بولمىغانلىغىنىڭ بىر سەۋەبى(ئەلۋەتتە نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇش مۇمكىن،بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى باشقا سەۋەپلەرنى تەھلىل قىلىش بولمىغاچقا ئۇ ھەقتە توختالمايمىز)نى ئوتتۇرغا قويۇش ئۈچۈن،ئۇ بولسىمۇ بارلىق ساقايغان ۋە ساقايمىغان راك كېسىلى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئورتاق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان ،يۇشۇرۇن ئاڭ نەزىرىيىلىرى ئارقىلىق مۆلچەرلىنىدىغان بىر پەرەز.يەنى ئاكتىپ ،ئىجابىي ھەم ساغلام پىسخىك ھالەت بىلەن يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ ئاكتىپ ئېنىرگىيىسىنى قوزغىتىپ بەدەن ئىممونت سىستېمىسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئورگانىزملاردىكى كېسەللىكلەرنى يوقىتىش بىلەن ،ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان ،پاسىپ،سەلبىي ۋە كېسەللىك پىسخىك ھالىتى بىلەن يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ تەتۇر يۆنىشلىشلىك زىيانلىق ئېنىرگىيىسىنى قوزغىتىش ئارقىلىق بەدەن ئىممونت سېستىسىمىنىڭ نورمالنى خىزمەت تەرتىۋىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىش.بۇنى تېخىمۇ يىغىنچاق ،قىسقا قىلىپ ئېيتساق ،ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىپ كېتىدىغانلىغىغا قەتئىي ئىشىنىش بىلەن ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە كېسەل داۋالىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىپ كېتىدىغانلىغىغا قەتئىي ئىشەنمەسلىك ھەم گۈمان ،ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كېسەل داۋالىتىش.                                                                 
         يۇشۇرۇن ئاڭ تەتقىقاتچىلىرى شۇنى كېسىپ ئېيتىشتى:سېزنىڭ ھازىرقى  ھالىتىڭىز بۇرۇنقى ئوي-پىكىر ۋە خىياللىرىڭنىڭ نەتىجىسى
.ئادەم كۈنلىكى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 60 مىل خىل ئەتراپىدا خىيال سۈرىدىغان ياكى ئوي ئويلايدىغان بولۇپ ،نېمىلەرنى ئېڭىڭىزدىن ئۆتكۈزگەنلىگىڭىزنى ئەسلەپ باقىدىغان بولسىڭىز شۇنى بايقايسىز.سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىن كەچكەن نەرسىلەرنىڭ كۆپى دېگۈدەك ئازاب، ئۈمىدسىزلىك، گۇمانخورلۇق، ئىشەنمەسلىك، نەپرەتلىنىش، مەنىسىزلىك ، ئۆچمەنلىك  ، كەمسىتىش، غەزەپ، رەھىمسىزلىك ، ۋاز كېچىش، ھەسەتخورلۇق، چىدىماسلىق ، قايغۇرۇش،ھەسرەتلىنىش ،شەخسىيەتچىلىك،ئاچكۆزلۈك، كېسەللىك  ۋە چۈشكۈنلۈك دېگەندەك سەلبىي ھەم پاسىپ نەرسىلەر.سىزنى كونتىرول قىلىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭ سىز ئوچۇق ئېڭىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ نەرسىلەرنى سىزنىڭ رېئاللىقىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.ئادەم نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىۋېرىشكە رۇخسەت يوق،ئەگەر سىز قانۇنغا ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىدىكەنسىز جازالىنىسىز. شۇ سەۋەپتىن ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقتىكى ھەركەرت ئۆلچىمىنىڭ ئېنىق قانۇن ،قائىدە- نىزاملىرى بار.سىز ئويلاپ باقمىغان ،بىلمىگەن ياكى ھېس قىلىپ باقمىغان يەنە بىر مىزان شۇكى خالىغان نەرسىلەرنى ئويلاشقا ،ھېچ بولمىغاندا سۇبيېكتىپ ئېڭىڭىزدىن پاسىپ،سەلبىي ئوي- پىكىرلەرنىڭ ھەتتا تېز سۈرەتلىك يولدىىكى ماشىنىلاردەك تېز سۈرەتتە ئۆتۈشىگىمۇ ،ئۇنىڭ بىلەن قالماي ئېڭىڭىزغا يېقىنلىشىشىغىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلماسلىقىڭىز كېرەك.بۇ خالىغانچە قالايمىقان خىيال سۈرۈشكە بولمايدۇ،بۇنداق قىلىش خاتالىق دېگەنلىك.بولمىسا ئاشۇ قالايمىقان خىياللىرىڭىز ،پاسىپ ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى يۇشۇرۇن ئېڭىڭىز بىشارەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ سىزنىڭ رېئاللىقىڭىزغا،ئەمىلىي ئەھۋالىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.بۇ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز جازالىغانلىق.شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر بىر خىل ئېنىرگىيە:بىر پارچە تاش،ئاسماندىكى بۇلۇتلار،بىر تال يوپۇرماق،ھەتتا سىزنىڭ ئېڭىڭىزدىن ئۆتكەن ئوي-خىياللىرىڭىزدىن تارتىپ ھاۋادىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان زەرىچىلەرگىچە ئۆزىگە پۈتكۈل مەۋجۇدات بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئالەم ئېنىرگىيىسىنى ،پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇدرەتنى مۇجەسسەم قىلغان.ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى بارلىق ئېنىرگىيە مەنبەلىرى بىلەن ئۆز ئارا تور شەكلىدە بايقالغان، سىز ئۆز ئېڭىڭىزنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسىپلىغى سەۋەبىدىن ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى مۇسبەت (ئاكتىپ) ئېنىرگىيە ياكى مەنفىي(پاسىپ) ئېنىرگىيەنى تارتىپ ئەكىلىسىز، بۇلار دەل ساغلاملىق ياكى كېسەللىك،غەلبە ياكى مەغلۇبىيەت،باياشاتلىق ياكى نامراتلىق ،بەخت ياكى بەختسىز بولۇشنىڭ سەۋەپكارى. يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىككى خىل خىزمەت ئۇسۇلى بار،بىرى ئۆزىنىڭ ئەلمىساقتىن بىرى توپلىغان قائىدىسى بويىچە سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى ۋە تەقدىرىڭىزنى ئىدارە قىلىش ،يەنە بىرى توختىماستىن سىزنىڭ ئوچۇق ئېڭىڭىز ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش.ئەگەر سىز ساغلام بەختلىك ھايات كەچۈرىمەن دەيدىكەنسىز يۇقۇردا ئېيتىلغان بارلىق پاسىپ ،سەلبىي ئوي-خىيال ،تەسەۋۇر ھەم ھېس –تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسىنى كاللىڭىزدىن ،ئېڭىڭىزدىن ،ۋە قەلبىڭىزدىن تامامەن قوغلاپ چىقرىپ ،ئۇلارنىڭ ئىچكى ئالىمىڭىزگە ئازراق بولسىمۇ كىرىشگە زادى يول قويماسلىقىڭىز كېرەك.ئالەم مۇتلەق قانۇنىيەت بىلەن تولغان،سىزنىڭ بۇ دۇنياغا تۆرىلىشىڭىز ،ھايات كەچۈرىشىڭىز بارلىق پائالىيەتلىرىڭىز ئاشۇ مۇتلەق قانۇنىيەتنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.سىزنىڭ تۇرغان پۈتكۈنىڭىز مۇتلەق قانۇنىيەتنىڭ ئىجادىيىتى،ئەگەر سىز ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدىكەنسىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزگەن ،ئۆزىڭىزنى بەربات قىلغان بولسىز.سىزنىڭ ساغلام ھاياتىڭىز سىزنىڭ ساغلام ئوي-پىكىرىڭىزنىڭ ۋە ئاكتىپ ئېنىرگىيىسى قوزغىتىلغان ئىجابىي يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ھەركىتىنىڭ نەتىجىسى.ئەگەر سىز يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ئىشەنمىسىڭىز ،ئۇنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە يېتەكلىمىسىڭىز ئۇنداقتا سىز يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزغا مېنىڭ ئازابلانغۇم،كېسەل بولغۇم ۋە بەختسىز بولۇپ قالغۇم بار دەپ بىشارەت بەرگەن بولسىز.چۈنكى سىز سەگەكلىك بىلەن ئاكتىپ ،ئىجابىي ئوي-پىكىرلەردە بولمايدىكەنسىز ، ئۇ ھالدا سىز پاسىپ ،كېسەللىك ھالىتىدىكى ئوي-پىكىرلەرگە بېرىلگەن بولىسىز.                                                         
     شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن فىزولوگىيىلىك ساغلاملىقىڭىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى پىسخىكىلىق ساغلاملىق.ئەگەر سىزنىڭ بىرەر يېرىڭىز بىئارام بولسا
،مەلۇم ئاغرىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ،مەن كېسەل بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن ،دەپ قورقۇنچ ئىچىدە شۇ بىئارام بولغان يېرىڭىزگە تىكىلىپ كۈن بويىنى شۇنى خىيال قىلىپلا يۈرمەڭ.ئەگەر دوختۇرخانىلاردا راك كېسىلى ياكى باشقا بىرەر ئېغىر كېسەل دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان بولسا ،ھەرگىز ئۈمىدسىز خىياللارغا بېرىلمەستىن داۋالىنىشنى ئېلىپ بارغاچ ،ھەركۈنى ئۇخلاش ئالدىدا ۋە ئەمدى ئۇيقۇدىن كۆزىڭىزنى ئاچقاندا توختىماستىن شۇنداق دەڭ «مېنىڭ بەدىنىم بەكلا كۈچلۈك ،×× ئەزايىم (يەنى كېسەللىك بار دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان ئەزايىڭىزنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭ)ئىنتايىن ساغلام .ھاياتى كۈچۈم ئۇرغۇپ تېشىپ ھەرقايسى تەرەپتىكى ئەھۋالىم بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.مېنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىم ئىنتايىن قۇدرەتلىك ،بەدىنىمدىكى ھەرقانداق نورمالسىزلىقلارنى يوق قىلالايدۇ.مەن ئىنتايىن ساغلام ،مەن ئىنتايىن ساغلام ،مەن ئىنتايىن ساغلام!».بۇ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بېرىلگەن بىشارەت بولۇپ ،بۇ ۋاقىتتا يەنە ئەگەر بەدىنىڭىزنىڭ بىرەر يېرىدە راك ئۆسمىسى بولسا ،سىز شۇ ئۆسمىنىڭ خۇددى كۈچلۈك كۈن نۇرى ئاستىدا ئاستا –ئاستا ئېرىپ كېتىۋاتقان مۇز پارچىسىدەك توختىماستىن ئېرىپ كىچىكلەپ،يوقاپ كېتىۋاتقا- نلىغىنى ئۈزلۈكسىز تەسەۋۇر قىلىڭ.تەسەۋۇرىڭىز ئىشەنچكە تولغان ئاساستا توختىماستىن تەكرارلانسۇن.ھەرخىل ئاكتىپ بىشارەتلەرنى ھەركۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئۇدا يىگىرمە بىر كۈن،ئەگەر زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز ئايلاپ ،يىللاپ توختىماستىن تەكرارلاڭ،تاكى ۋۇجۇدىڭىزدا ھەم ھاياتىڭىزدا مۆجىزە مەيدانغا كەلگۈچە تەكرارلاڭ.بۇلار نۇرغۇنلىغان يۇشۇرۇن ئاڭ تەتقىقاتچىلىرى ،پىسخىك دوختۇلار ۋە گىپنۇز ئۇستىلىرىنىڭ تەجىربىسىدىن ئۆتكەن ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق پىسخىك شەكىلدە فىزولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ،ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى.                    
    ئادەمنىڭ ئەڭ قىممىەتلىك بايلىقى پىسخىك ساغلاملىق ،ئەگەر سىز ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيىتى ياكى پايدىسى يوق،ئەكسىچە پۈتۈنلەي زىيانلىق بولغان
ئاشۇ پاسىپ ،سەلبىي ئوي خىياللىرىڭىزدىن ۋاز كەچمەيدىكەنسىز ھەم دائىم چەكلەپ تۇرمايدىكەنسىز ،پىسخىكا نورمالسىزلىقىڭىز ۋە كېسەللىكىڭىز تۈپەيلىدىن ھەرقانداق بىر جىسمانىي كېسەللىك ،ھەتتا شۇنىڭ بىلەن ئەگەشتۈرۈپ نامراتلىقنى ئۆز ھاياتىڭىزغا ئېلىپ كىرىسىز.                                    
   ساغلام يېمەك ئىچمەك ئادىتى سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنىدەك ساغلام پىسخىك ھالەتمۇ سىزنىڭ ئومۇمى ساغلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ
شۇنچىلىك زۆرۈر ۋە موھىم.شۇنى ئېنىق ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ،سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ ،ئېتراپ قىلىڭ ياكى ئىنكار قىلىڭ ،ئىشنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ سىز تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ئىدارە قىلىشدا مەۋجۇت بولىسىز ۋە ھاياتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرىسىز.   
      سىزنىڭ ھاياتلىق بۇرچىڭىز شۇ،يۇشۇرۇن ئاڭغا ئىشنىش ۋە ئۇنى ئاكتىپ يۆنىلىشتە يېتەكلەپ ئۆزىڭىزگە ساغلام ھايات ۋە بەخت-سائادەت
بەرپا قىلىش.  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 16:44:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك يۆلىنىشتە چوڭقۇرلاۋېتىپسىز، سىزگە زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 16:50:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 04:44 PM
ئەھمىيەتلىك يۆلىنىشتە چوڭقۇرلاۋېتىپسىز، سىزگە زور ئۇ ...

    نەزەر ئاغدۇرغىنىڭىزغا  تەشەككۇر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش