كۆرۈش: 299|ئىنكاس: 17

گۈلنىسا ئىمامنىياز:ۋاقىت قىممىتى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۇرغۇن ۋاقىت يۈرەتتى ئەرزان،

ئەتراپىمدىن كېتەلمەي ئەگىپ.

قەدىرلىمەي:دىدىم مىڭ ئەپسۇس،

بىخۇدلۇقتىن قالغاندا سەگىپ.


ئېلىپ كەتتى شىددەتلىك ئېقىن،

يانمىغاندەك ئارقىغا ئوقيا.

ئېخ قەدرىگە يەتسەم كېچىكىپ،

توشۇپ كەتتى پۇشمانغا قاچا.


ۋاقىتلارنىڭ بىباھالىقىن،

سەزدى ئەمدى كېچىككەن تۇيغۇم.

پۇشايماننىڭ كۆيدۈم ئوتىدا،

تولدۇرۇشقا يېتەرمۇ قۇربۇم؟

باھا سۆز

ئەدەبىياتنىڭ ئوتىدىلا كۆيەيلى،پۇشايمانداكۆيگىلى پۇرسەت چىقمىسۇن ھەدە...  ۋاقتى: 2016-2-20 04:59 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 20:20:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى كوبلىتى ئالامەت چېقىپتۇ.ئەپسۇس،يەتمەيدۇ قۇربىڭىز.

ۋاقتى: 2016-2-19 20:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت دېگەن ئاتقان ئوق
ئۇ يانمايدۇ كەينىگە
ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ
بىز چۈشەيلى بەيگىگە

گۈلۈم شېئىرىڭىز مېنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭىمنى تېخىمۇ  ئۆستۇرۈۋەتتى
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-20 16:22:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 08:20 PM
ئاخىرقى كوبلىتى ئالامەت چېقىپتۇ.ئەپسۇس،يەتمەيدۇ قۇرب ...


رەھمەت سىزگە داڭگال ئىنىم ،تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس شۇندىمۇ ھەرقايسىڭلانىڭ  ئىلھام-

مەدەتلىرى تۈرتكىسىدە چامىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشاي!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-20 16:24:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنزىر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 08:30 PM
ۋاقىت دېگەن ئاتقان ئوق
ئۇ يانمايدۇ كەينىگە
ۋاقىت بىلەن ...


رەھمەت سىزگە قەدىرلىكىم.

ۋاقتى: 2016-2-20 17:14:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


نۇرغۇن ۋاقىت يۈرەتتى ئەرزان،
ئەتراپىمدىن كېتەلمەي ئەگىپ.
قەدىرلىمەي، دېدىم: مىڭ ئەپسۇس،
بىخۇدلۇقتىن قالغاندا سەگىپ .

ئېلىپ كەتتى شىددەتلىك ئېقىن،
يانمىغاندەك ئارقىغا ئوقيا.
ئېھ، قەدرىگە يەتسەم كېچىكىپ،
پۇشايمانغا تولدى لىق قاچا.

ۋاقىتنىڭ بى باھالىقىنى،
سەزدى ئەمدى كېچىككەن تۇيغۇم.
پۇشايماننىڭ كۆيدۈم ئوتىدا،
تولدۇرۇشقا يېتەرمۇ قۇربىم؟

مەن مۇنداق ئوقۇپ باقتىم. سىزگە تاتلىق تۇيغۇلار يار بولۇپ تۇغاي!

ۋاقتى: 2016-2-20 18:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى تونۇشنىڭ ئۆزى ئالدى بىلەن بېسىلغان ياخشى قەدەم.قالغان ئىشلار ئۈزۈكسىز تىرىشىشتىن مەيدانغا كېلىدۇ.سىزنىڭ ئەمدىكى ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەپ يەنىمۇ ئۇتۇقلارنى يارىتالايدىغانلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن،ئىشىنىمەن.سىزگە بەىت تىلەپ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-21 12:31:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-20 05:14 PM
نۇرغۇن ۋاقىت يۈرەتتى ئەرزان،
ئەتراپىمدىن كېتەلمەي ئە ...


رەھمەت مۇئەللىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-21 12:39:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
polat يوللىغان ۋاقتى  2016-2-20 06:27 PM
ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى تونۇشنىڭ ئۆزى ئالدى بىلەن بېسىلغ ...


ياخشى تىلەكلىرىڭىزدىن خۇش بولدۇم، سىزگە كۆپ رەھمەت ،سىزنىڭمۇ ئىجادىيىتىڭىز

ئۇتۇقلۇق ،ھەر بىر كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتسۇن قېرىندىشىم!!!

ۋاقتى: 2016-2-22 15:27:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ۋاقىت يۈرەتتى ئەرزان،



تاتلىق چىققان مىسرا .

ۋاقتى: 2016-2-22 18:35:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنىسا تېچلىقمۇ ؟ ۋاقىت ھەققىدىكى بۇ تاتلىق مىسرالىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ، راس ئۆتۈپ كەتكەندە پۇشايمان قىلدىكەنمىز ، بارىدا قۇرۇق ، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ئۆكۈزۋېتىدىكەنمىز ، ئەپسۇس ، ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس !!

ۋاقتى: 2016-2-22 18:40:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-20 05:14 PM
نۇرغۇن ۋاقىت يۈرەتتى ئەرزان،
ئەتراپىمدىن كېتەلمەي ئە ...

تېچلىقمۇ ؟ مېنىڭچە بىز ئادەتتە سىز دېگەندەك پۇشايمان دەپ ئالىمىزغۇ دەيمەن ؟ ماڭا مۇشۇ سۆز تازا توغرا بولمىغاندەك ھېس قىلغانتىم ، سىز شۇنداق ئاپىزكەن ، توغرىسى پۇشايمان دەپ چۈشەندىم .

باھا سۆز

توغرىسى : پۇشايمان. رەھمەت!  ۋاقتى: 2016-2-26 07:27 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 19:04:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەشىدەم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 06:40 PM
تېچلىقمۇ ؟ مېنىڭچە بىز ئادەتتە سىز دېگەندەك پۇشايمان  ...


ياخشىمۇسىز رەشىدەم جېنىم، شۇنداق، بىز ۋاقىت ئىسراپچىلىقى تۈپەيلىدىن  نۇرغۇن قىممەتلىك

پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويۇپ كېيىن پۇشايمان قىلىپ ئۆكۈنسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدىكەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 19:06:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 03:27 PM
نۇرغۇن ۋاقىت يۈرەتتى ئەرزان،


رەھمەت دوستۇم...

ۋاقتى: 2016-2-23 18:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنىسا ھەدە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سىزنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش ، تىرىشىش روھىڭىز بىزگە ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. سىزگە يەنىمۇ ئۇتۇقلار يار بولسۇن!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش