بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-19 07:54 PM
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر
تۇمان شاقىراتمىلىرى
مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى
شۇم خەۋەر
1
بىر سوغۇق ھاياجان يەلپۈپ ئۆتتى
قىش شامىلىدەك
ياپراقلىرى تۆكۈلدى دەرەخلەرنىڭ.
بىر ئوق ئېتىلدى
قۇشلارنىڭ پەيلىرى توزۇپ كەتتى
قىزاردى بەرگلىرى گۈللەرنىڭ.
ساڭا بىر تال گۈل ئېلىپ كەلدىم
قاندەك قىزىل گۈل
ئارزۇسى قانسۇن كۆڭۈللەرنىڭ.
بىر تال يوپۇرماققا خەت يازدىم
قانىتىغا ئېسىلدى شاماللارنىڭ.
2
تىلىم تۇتۇلغان
كۆزۈم كۆرمەس، قۇلاق ئاڭلىماس؛
ھېس قىلدىم پەقەت
شادىيانە سۆزلىرىنى ماشىنىلارنىڭ.
تەن ئاجرىغان
روھ يۇلقۇنغان
كۆزلەردە زۇلمەت
يىغىسىنى ھېس قىلىش مۇمكىن
ئۈستىمىزدە تۇرغانلارنىڭ.
3
بىر شۇم خەۋەر ئۇچۇپ ئۆتتى بېشىمدىن
قۇشتەك، توزۇۋاتقان گۈل بەرگىلىرىدەك،
قار ئۈستىگە لەيلەپ چۈشكەن خازاندەك.
تۇتۇلۇش
1
ھاۋا تۇتۇلۇش
كۈن تۇتۇلۇش
كۆزى تۇتۇلۇش.
تىلى تۇتۇلۇش.
تېنىم تۇتۇلۇشقا ئەڭ يېقىن
ئورۇق ۋە يىرىك قوللارغا،
بۇدرۇق ۋە سىلىق قوللارغا
نازۇك ۋە سۈزۈك قوللارغا
شۇنداقلا تۆمۈردەك چىڭ ھېسسىياتسىز قوللارغا تۇتۇلىدۇ.
ئۇلار مېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ قويۇۋېتىدۇ
غۇربەتكە، مۇھتاجلىققا، ھېسىداشلىق ۋە مۇھەببەتكە.
بىپايان ئاسمانغا قاراپ ھېسسىياتلىنىمەن
دالىدىكى يەككە- يىگانە دەرەختەك ھاياجانلىنىمەن
كۈز شامىلىدەك ھەسرەتلىنىمەن.
ھاۋا تۇتۇلغاندا يۈزۈم
كۈن تۇتۇلغاندا كۆزۈم
كۆزۈم تۇتۇلغاندا سۆزۈم.
ھەممىسى قاراڭغۇلۇقتەك شىرىن
ھەممىسى ئۈزۈم دانىسىدەك سوغۇق
شەربەتتەك ھېسسىياتچان.
2
كۆزۈم تۇتۇلغاندا ئىچىم ئېچىلدى
بىر تۈپ ياۋاچېچەكتەك قىزىل ۋە سارغۇچ.
تىلىم تۇتۇلغاندا چىدىيالمايۋاتىمەن.
ھەممە نەرسە سۆز
ھەممەيەردە كۆز
ھەممە تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرغان.
بېشىم ئۈستىدە تۆمۈردەك ئاسمان
تىكەن يۇلتۇزلىرى چاقنار پەرىشان
3
سۇلار كۆللەرگە، دەريالارغا، دېڭىزغا؛
يامغۇر ئاسمانلارغا، بۇلۇتلارغا، گۈللەرگە ۋە كىرپىكلەر ئاستىغا؛
تاشلار تاغلارغا، كۆڭۈللەرگە، مۇھەببەتكە؛
شامال ئورمانلارغا، يۇلتۇز ئاسمانلارغا؛
قۇشلار قۇلاقلارغا تۇتۇلغان.
مەنچۇ؟
4
پىچاقلار
ئارغامچىلار
زەھەرلەر
مىلتىق ۋە پارتلاشلار
بىر قارىسام شۇ قەدەر يىراق،
بىر قارىسام شۇقەدەر يېقىن.
سېرىق ئېشەك
ۋەھىمىلىك، ئالتۇن رەڭلىك، ئېگىز قۇيرۇقلۇق.
ئېقىپ ئۆتكەن كەبى كۈندۈزدە
ئاقار يۇلتۇز كۆزۈمدە.
مېڭىپ ئۆتتى گۈزەل بىر سايە
كۆز ئالدىمدىن سىپايە.
ئۇنىڭ ئاچماق پۇتلىرى
بوغۇم-بوغۇم قورسىقى
ۋەھىمىلىك قۇيرۇقى
سىيپاپ ئۆتتى قەلبىمنى.
ئالتۇن رەڭ سەيياھ
كەچكى قۇياش نۇرىدا
تۇرار جىمجىت ساغۇچ تېرەكتەك.
تۇرار ياكى ئۈزۈلۈپ چۈشكەن
تىللا رەڭلىك بىر تال خازاندەك.
نۇر يىپلىرى ئارا ئۇلىنىپ
ۋاقىت لۆمشىپ يارماقتا چېچەك
ئىچىمدىكى خارابىلەردە
بىر يارا بار
گويا بىر تال ئالتۇن تەڭگىدەك.
جىمجىت، قۇرغاق كېچىلەر ئۇزۇن
ئاي شولىسى ئۆمۈردەك قىسقا؛
بارچە ئازاپ، ئارمان، كۆز يېشى
ئايلانغاندەك بىر ئوچۇم ئىسقا؛
يالتىرايدۇ دەرتنىڭ رەڭگىدەك.
سېرىق ئېشەك
قورقۇمسىراپ تۇرغان كۆز ئارا
ئۆلۈم تېمىپ تۇرغان گۈل-چېچەك.
كېچە ئۇزۇراپ
كارۋىتىمدىن ۋەھىمە پۇراپ
تېنچىمىدى كۆكسۈمدە يۈرەك.
قارا ئۆڭكۈر
دەم تارتماقتا ئۇ
مېنى، چۈشتىن كېيىنكى سايەمنى.
زېرىككەن قۇياشنىڭ نۇر پارچىسىنى.
ئۆلۈك سۇكۇناتلار ئارا
غايىپ بولماقتا يارقىن كېچىلەر.
كومپېيۇتېر ئېكرانىدىكى قارا ھەرپلەر
قارا چۈمۈلە ئۆمىلەۋاتقان
شەلۋەرىگەن يارا ئۈستىدە شۇنچە خاتىرجەم.
غېرىپ ئەخلەتلەرگە چىلىنىپ
سۈمۈرۈلمەكتە قەلبىم.
مۇزدەك تەسەۋۋۇر ئاستىدا
چاقنار يېشىل زامان، ئەسنالار.
كۆيۈۋاتقان تەنناز شەھەرلەر
كۈلۈمسىرەپ ئېگىز بىنالار
قۇيرۇقىنى چىشلەپ چۆرگىلەپ
ئويناۋاتقان يىلاندەك يوللار
توختاپ قالار بوسۇغامدا دەل.
قاينام بولۇپ ئىچىگە ئاقار
ئىدىيەلەر، ھارغىن ناخشىلار.
Internet
ئاغزىنى ئاچماقتا
قارا يىلاندەك.
غايىپ بولدى تاغلار، شەھەرلەر
غايىپ بولدى دېڭىزلار، كۆللەر
ئۈنۈپ چىقىپ غايىپ تۇپراقتىن
ھېد چاچىدۇ زەھەرلىك گۈللەر
Internet نىڭ غايىپ ئاغزىدىن
ئۆتمەكتە بۇ زامان ۋە ماكان
ئۆتكەن كەبى يىڭنە تۆشۈكىدىن
كولدۇرمىلىق بىھېساپ كارۋان.
ئوغرى ياكى قاراقچى بولىدىغان بالىلار
1
دېرىزەم تۈۋىگە كېلىپ توۋلىشىدۇ،
چۇقان سېلىشىدۇ.
ماشىنامغا رەسىم سىزىشىدۇ
مىخ ياكى قەلەمتىراچتا.
يەر ئاستى ئۆيۈمنىڭ قۇلىپىنى بۇزۇپ
تەرەت قىلىپ قويار.
مېنى ئارامخۇدا ئۇخلاتماس
يېقىن كەلمەس، يىراقمۇ كەتمەس
يەنە ئون يىلدىن كېيىن ئوغرى ياكى قاراقچى بولىدىغان بالىلار.
2
ئۇلار قارغىشقا كەتكەن
كۆزىدىكى ئۇيقۇنى جىن ئەپكەتكەن
يىرتىق كىيىمى ۋە توڭرا چىرايى
قەھرىتاندا سوغۇق ئۆتمەيدىغان ئورۇق ۋە قاسماق بەدىنى
بارغانسىرى كۈچۈيۈپ كەتكەن.
ئاتا-ئانىسى قاغا
ئۆزى ياۋا مۈشۈك
ئۆيلەردە، ئاپتۇۋۇزلاردا، بازارلاردا.
تەن يۈكىنى ئۇنۇتقان
كىتابقا ھاجەت ئەمەس مۈشۈكلەر
كۆزلىرىدە ئۆزى بىلمەس يېشىل نۇر.
3
ۋاقىت ھەممىنى ئۆگىتىدۇ
چوڭ بولۇشنى، ياشاشنى ۋە ئۆلۈشنى.
ۋاقىت ھەممىنى ئۆگىتىدۇ
قايسى چاغدا يىغلاشنى ھەم كۈلۈشنى.
چوڭ بولمايدۇ ۋە لېكىن
يەنە ئون يىلدىن كېيىن ئوغرى ياكى قاراقچى بولىدىغان بالىلار.