كۆرۈش: 550|ئىنكاس: 26

پاشاگۈل ئىسمائىل: «شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى» دىن ھازىرغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 10:59 PM  

ئاۋىستىرىيە يازغۇچىسى فرانز كافكانىڭ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىدىن ھازىرغا نەزەر                             

پاشاگۈل ئىسمائىل تۇردى ھاجى قىزى
   
                                       

دۇنياۋى  شۆھرەت قازانغان ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››پوۋېستى كاپكانىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسىرى. بۇ ئەسەر 1912-يىلى يېزىلىپ، 1915-يىلى ئېلان قىلىنغان.
كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لاھىيەلەشتە يازغۇچىنىڭ ‹‹ھەرگىزمۇ قۇرتنىڭ رەسىمىنى سىزىپ قويۇشقا بولمايدۇ ›› دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، بىر ياشنىڭ، يەنى گىروگولنىڭ يىغلاپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنىشىنى شۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسى قىلغان.
بۇ ئەسەردە مەلۇم شىركەتنىڭ سەييارە مال ساتقۇچىسى گىروگول سامسا ئەپەندىم بىر كۈنى ئەتىگىنى قورقۇنۇچلۇق چۈشتىن ئويغۇنۇپ، ئۆزىنىڭ چوڭ بىر قوڭغۇزغا ئايلىنىپ، قالغانلىغىنى كۆرىدۇ.
دەسلەپ ئۇنىڭغا دادىسى ئۆچلۈك قىلىدۇ. بارا-بارا ئائىلىسىدىكىلەر سىڭلىسى، ئاپىسىمۇ ئۆچلۈك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ، خورلايدۇ، بىزار بولىدۇ.
گىروگول چىدىغۇسىز ئازاب، تەنھالىق ۋە چەكسىز ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر گىروگولنىڭ ئۆلۈمىدىن بايرام شادلىقىغا چۆمۈلۈپ، تەنتەنە قىلىشىدۇ. قارىماققا ئەسەردە قوللىنىلغان ئىپادىلەش ۋاستىسى كىشىگە بىر ئاز غەلىتىلىك تۇيۇلىدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا بۇ ئەسەر كافكانىڭ باشقا ئەسەرلىرىگە ئوخشاش، كۈچلۈك سىمۋوللۇققا ئىگە بولغاچقا، ئەسەرنىڭ تېگىگە يەتمەك قىيىن. ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبىمۇ ئۆزگىچە، جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى سەل مۇرەككەپ.
شۇڭا ئەسەر يېزىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئانچە تەسىر قوزغىيالمىغان ئىدى. يازغۇچى فرانز كافكا 1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن  كېيىن، ئېلان قىلدۇرۇلمىغان نۇرغۇنلىغان قول يازمىلىرى دوستى بىرود تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، بىردىنلا ھايات ۋاقتىدا نام چىقارمىغان كافكا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوبزورچىلارنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئەھۋالدا بىز ئەنگىلىيە شائىرى چوڭ ئوۋدىننىڭ ‹‹كافكانىڭ بۇنچە زور داغدۇغا قوزغىشى، ئۇ ياراتقان ياتلىشىش ئازابىنىڭ زامانىمىز كىشىلىرىدىكى ياتلىشىش ئازابىغا ئوخشاشلىغىدا›› دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرسەك دەل جايىغا چۈشكەن بولىدۇ.
ئەسەردە پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە ئۆزگىچە ئۇسۇلدىن پايدىلانغان بولۇپ، يازغۇچى ئۆزىدىكى ئازابنى، قەلبىگە يىغىلىپ كەتكەن دەرت-ھەسرەتلىرىنى سەنئەت يولى بىلەن ناھايىتى ئەركىن ئىپادە قىلىپ بەرگەن.
ئەسەر كىشىلەردىكى بىر پۈتۈن روھىي ئازابنى، ياتلىشىش تۇيغۇسىنى جەمىيەتتىكى ياتلىشىشلا ئەمەس، يەنە بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ بىر-بىرىدىن ياتلىشىپ كېتىۋاتقانلىغىنى بىر مۇپەسسىل سەنئەتكە ئايلاندۇرغان.
بۇ دەل مۇدىرنىزىمغا تەۋە بولغان ئىپادىچىلىك ئېقىمىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بولۇپ، بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسلۇبى مەزكۇر ئەسەرنىڭ بەدىئي ئىپادىلەش جەھەتتە ئەنئەنىۋى رېئالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن روشەن پەرىقلىنىدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. ئەسەرنىڭ پېرسۇناژلار ئوبرازىنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىگى ئەسەرنى دۇنياۋى شان-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرۈپ، بۇ ئەسەرنى غەرب مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىدا ۋە ئىپادىچىلىك ئېقىمى ئىجادىيىتىدە ناھايىتى يۇقۇرى ۋەكىللىك ئورۇنغا ئىگە قىلغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىنىڭ باش قەھرىمانى گېرىگول سامسا ھەققىدە ئىزدىنىش كەڭ كىشىلىرىمىزنىڭ غەرب ئەدەبىيات ھادىسلىرى ھەققىدىكى  نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كافكانىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى يوقاتقان  مەنىۋى سەرسانلىقى، ‹‹تۇيۇق دۇنيا››دىكى تەنھالىقى، شۇنداقلا روھىي بېسىمدىن قېچىۋاتقان، ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ۋە ئۆزىدىن دادلىنىۋاتقان دۇنيانى قوبۇل قىلالمايۋاتقان يات ئادەملىك خارەكتىر قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ نادىر پوۋېستى ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› نى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە ئاساس بولغان.
كافكانىڭ تولۇق ئىسمى فرانز كافكا. ئۇ ئاۋىستىرىيە ئىپادىچىلىك ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى. غەرب مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى كافكا (1924-1883) ئاۋىستىرىيەدە بىر گاچا يەھۇدى سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كافكا بالىلىق دەۋرنى بىر خىل بۇرۇقتۇملۇققا تولغان مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ 1901-يىلى پىراگا ئۈنىۋېرستېتىدا گېرمانىيە ئەدەبىياتى ئۆگەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قانۇن ئۆگىنىپ، 1906-يىلى قانۇن ئىلمىي بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئۇ ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنىڭ ئىستىراخونىيىسى  شىركىتىدە ئىشلىگەن.
كافكا ئۆمرىدە پايدىلىنالايدىغانلىكى ۋاقىتتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۇرمۇشتىكى خوشاللىق، ھەتتا تەن سالامەتلىك، توي قىلىش، ئائىلىۋى مۇناسىۋەت قاتارلىقلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان.
لېكىن، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ‹‹يازغۇچى ››دېگەن نامغىمۇ ئېرىشەلمىگەن. سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئەدەبىياتنى پەقەتلا ‹‹گۈزەللىك ژانىرى››دەپ قارىماستىن، تۇرمۇشنى تەتقىق قىلىش، ئىنسانىيەتنى تەسەۋۋۇپ قىلىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارىغان. كافكانىڭ ھاياتى قىسقا، كۆزگە كۆرىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى چىن مەناغا ۋە يېڭىلىققا ئىگە. غەربنىڭ زامانىۋى ئەدىبى ئېقىمى بىلەن پەلسەپىۋى ئېدىيىسى كۈنسايىن جانلىنىۋاتقان شۇ مەزگىلدە كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلار ئېدىيىسى   شۇلار بىلەن ماسلىشالماي تۇرالمايدۇ. كافكانىڭ ئاساسلىق ئىجادىيىتى پىروزا جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ‹‹ئامېركا››(1912-1914)، ‹‹سۈت››(1914-1918)، ‹‹قەلئە››(1922)، قاتارلىق رومانلىرى، ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››پوۋېستى، ‹‹ھۆكۈم››(1912)، ‹‹پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە سۇنغان دوكلات››(1917)، سەدىچىن سېپىلىنىڭ ياسىلىشى››(1918-1919)، ‹‹يەر ئاستى گەمە››(1923-1924)، ‹‹يېزىلىق دوختۇر››، ‹‹ئاچ سەنئەتكار›› قاتارلىق ھېكايە ئەسەرلىرى بار. ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››  كافكا ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىدۇر. جىددىچىلىككە تولغان ياشاش رىقابىتى، ئاجايىپ-غارايىپ ئىجتىمائىي تەقسىماتلار ئاپەت، خاتىرجەمسىزلىكلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىنى گۇمران قىلىپ، بۇلارنى ياشاش ھوقۇقىدىن، كىشىلىك غۇرۇرىدىن ئايرىپ تاشلىغان. يەنى تاشقى كۈچنىڭ سەۋەبىدىن كىشىلەر خارەكتىر قەھەتتىن ئۆزگۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىدىن ياتلىشىپ كەتكەن، ئەينىن چاغدىكى ئاۋىستىرىيە ۋە پۈتكۈل غەرب جەمىيىتىدە كاپىتالىستىك ماشىنلاشقان مەدىنيەت كىشىلىرىنىڭ روھىنى بوغۇپ، ماددىنىڭ، يەنى پۇلنىڭ قولىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. كىشىلەردە ئومۇميۈزلۈك يۈز بەرگەن بۇ خىل كىرىزىس تۇيغۇسى ۋە ياتلىشىشىش ھادىسلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى كاپىتالىستىك يىرىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدا بىر خىل ئىجتىمائىيلاشقان ھادىسىگە ئايلانغانىدى. بۇ خىل جەمىيەت گىرىگول سامسىغا ئوخشاش شاپائەت ۋە مېھرىبانلىقنى تېخى تۇرمۇش لۇغۇتىدىن چۈشۈرۈپ قويمىغان كىشىلەرنى ئۆز قوينىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن سىقىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ شۇ خىل كۆيۈمچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىغى بەدىلىگە ئۇلارغا ئازاب ۋە خورلۇق بەخش ئېتەتتى، ھەتتا ئۇلارنى ئەڭ توۋەن دەرىجىدىكى ياشاش شارائىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئېغىر قىسمەتلەر دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتەتتى.
شۇڭا قارىماققا ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستېدىكى باش قەھرىمان گېرىگول سامسىنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىشى بىمەنىلىكتە تۇيۇلسىمۇ، بىراق غەرب جەمىيىتىدىكى ئاشۇ خىل رەزىللىكلەرنى نەزەرگەة ئالغاندا، ئادەمنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىشى بىمەنىلىك بولماستىن، بەلكى ئۆتكۈر ۋە چوڭقۇر تەنقىدى مەنىگە ئىگە. يازغۇچى پەدازسىز ئوبرازلار، قوڭۇرسىمان رەڭلەر ئارقىلىق جەمىيەتتىكى ھەرخىل كىرىزىسنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاددى بىر ئادەمنىڭ ياتلىشىشىدىكى ھەسرەت، ئازاب، غېرىب ۋە تەنھالىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. مانا بۇ ياتلىشىىش، مانا بۇ كافكانىڭ قەلىمى ئاستىدىكى غەلىتە ئادەم گىروگولنىڭ قۇرتقا ئايلىنىپ قېلىشى، ئاخىردا شۇ پېتى ھالاك بولىشى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئازابلايدىغان رېئاللىقتۇر.
ئەسەر قەھرىمانىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى كالتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي يىلتىزنىڭ چوڭقۇرلىقى، رېئاللىقنى ئىپادىلەشنىڭ مۇرەككەپ ۋە سىرلىقلىقى يازغۇچىنىڭ خارەكتىر زىتلىقى ۋە كۆپ تەرەپلىمىنىڭ ئىندىۋىداللىق پەزىلەتلىرىنى ھەر جەھەتتىن ئالاھىدە يورۇتۇپ بېرىدۇ.
كافكا 1911-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىنى يېزىشنىڭ ئالدى-كەينىدە كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە :‹‹مەن ھازىرقى، ياق، چۈشتىن كېيىنكى كۈچلۈك ئېھتىياج قاپلىغان پۈتكۈل بۇرۇختۇم ھالىتىمنى، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىقىرىپ، قەغەزنىڭ ئاپپاق يۈزلىرىگە مۇنداق، يەنى، يېزىشقا تېگىشلىك بارلىق ئازابنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي چىن يۈرۈگۈمدىن ئىپادىلەپ يازىمەن. بۇنداق يېزىش بەدىئىي سەنئەت تەلەپ بولمىسا كېرەك.››دەپ يازىدۇ.
بۇنىڭدىن ئايانكى، كافكا  ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››دە، ئۆز دەۋرنىڭ ئەنئەنىۋى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەتكە قويغان تەلىپىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر خىل ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەينى دەۋر غەرب كىشىلىرىدىكى ياتلىشىىش ھادىسىنى ئۆزىگە خاس بولغان يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئىپادىلەپ، ئاجايىپ يۇقۇرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان، بۇ خىل بەدىئىي ئۈنۈم مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ كافكانىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. بۇ ئەسەرنىڭ 20-ئەسىر غەرب ئەدەبىياتى ساھەسىدە شۇنچە كۈچلۈك داغدۇغا قوزغاپ، كافكانى ‹‹غەرب مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋاسى››غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشمۇ ئەسەرنىڭ دەل ئاشۇ خىل ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىغى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش زۆرۈريىتى تۈپەيلىدىن، ئەڭ مۇھىمى، 20-ئەسىر غەرب ئەدەبىياتىدىكى ئۆزگىچە ئەدەبىيات ھادىسلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك يوشۇرۇن سېھرى كۈچىنى توغرا ئىگەللەش زۆرۈريىتىدىن،  ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىنىڭ باش قەھرىمانى گېرىگول ئوبرازى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئەمەسلىگى تېخىمۇ زۆرۈر. ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىنىڭ باش قەھرىمانى گېرىگول سامسا ئوبرازى ئالاھىدىلىگىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
بۇ ئەسەر ئىپادىچىلىك ئېقىمى نەزىرىيىسىنىڭ كونكېرتلاشتۇرۇشى ياكى ئەمىلىيىتىدىن ئىبارەت. ئىپادىچىلىك ئېقىمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولغان، 30-يىللاردا ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىغا كېڭىيىپ، روناق تاپقان مودېرىنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرىنىڭ بىرى. بۇلار‹‹سەنئەت نوقۇل ساپ روھى دۇنيانى ئىپادىلەش، يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىپادىلەش؛ يازۈۇچى، سەنئەتكار ئوبېكتىپ رېئال دۇنيادىن ىالى ھالدا كىشىلەرنىڭ ئاڭ ئېقىمىغا بۆسۈپ كىرىش لازىم.››دەپ قارايدۇ.
كافكا  ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››دا يۇقۇرقى نەزىريىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئادەتتىكى ئادەم گىروگولنى ئالاھىدە ھالەتتە كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ يالغۇزلۇق، چۈشكۈنلۈك، بىئاراملىق، ۋەھىمە، بۇرۇختۇملۇققا تولغان ئازابلىرىدىنقۇتۇلۇشقا ئامالسىز قېلىشتەك ئاڭ قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرەلىگەن. مەسىلەن: ئەسەردە مۇنداق جۈملىنى ئۇچرىتىمىز. ‹‹ئەگەردە گىروگول سىڭلىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرەلىگەن بولسىدى، ئازراق بولسىمۇ كۆڭلى تەسكىن تاپقان بولاتتى. بىراق ئۇ ناھايىتى ئازابلىق ئەھۋالدا قالغان ئىدى››. ئەسەردە مۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. يازغۇچى كافكا 1911-يىلى-11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە ‹‹بۈگۈن ئەتىگەن بىرىنچى قېتىم بىر پىچاق يۈرۈگۈمگە شەپقەتسىزلىك بىلەن شاتلىق تاپتى›› دەپ يازىدۇ. مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ‹‹كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ماددى تۇرمۇشىتىن يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ››. ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتى تۈس ئالغۇغا ئوخشايدۇ. تۈس ئالغۇ ئىقتىدارىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىگى سۈرەتنىڭ يېقىملىق-يېقىمسىز بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، ئىنسان مەنىۋىيىتىىڭ ساپاسىمۇ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىگىگە مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ ‹‹دۇنيا ئىنسان قەلبىدە گۈزەل›› دېگىنىمىز شۇ بولسا كېرەك.
چارلىز بودلېر : ‹‹ھەقىقى سەنئەتكار خۈنۇك نەرسىلەردىنمۇ گۈزەللىك تاپالايدۇ› دەيدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئىزدەۋاتقان ئىستېتىك تۇيغۇنىڭ ئۆزى ئىنسان قەلبىدە بولىدىغانلىغىنى بىلىمىز. ئېنىق ئېيتقاندا، كىشىلەردىكى ئىستېتىك ئاڭ بىۋاستە سېزىمدىن كېلىپ چىققان مەنىۋىي پائالىيەت، بۇ يەردىكى بىۋاستە سېزىم كىروچى(1)  (كىروچى-بىننسلىت كىروچى، ئىتالىيىلىك مەشھۇر ئىستېتىكا ئالىمى) نىڭ قارىشىچە: ‹‹مۇتلەق بار نەرسە، ئىپادىلەش-تاشقىي دۇنياغا تەقلىد قىلىش ئەمەس، ساپ ئىچكىي ھېسياتنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى، ئىچكىي ھېسيات ئاكتىپ بولمىسا، تاشقىي دۇنيا گۈزەل كۆرۈنمەيدۇ››. ئەدەبىيات گەرچە ئىپادىچىلىك ئىجادىيىتى تەشەببۇس قىلغان كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنىڭ ساپلىق ئىپادە دەرىجىسىنى تېپىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلمىسىمۇ، ئۇ ئوخشاشمىغان مىللەت، دىن، ئېتىقاد، ئېرىق، دۇنيا قاراش ۋە ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولغان خاسلىق ئىچىدىكى ئىپادىلەش جەريانىدا ئۆز تەبىئىيلىگىنى ۋە قىممىتىنى تاپىدۇ. بۇ خىل تەبىئيلىك سەنئەت تۈسىگە كىرگەندە مۇكەممەللىشىدۇ، ئىپادىلەش دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولىدۇ.
2-گىروگول ئوبرازى ئاجايىپ دەرىجىدە مۇبالىغە قىلىنغان. ئەسەردىكى گىروگول سامسا ئەپەندىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى تۇرمۇش چىنلىقىغا زىت بولمىغان ھەقىقىي تەسۋىردۇر. كافكا ئىمكان قەدەر  يېڭى سەنئەت ئۇسۇلى ئارقىلىق گىروگولنىڭ شەكلىنى ئىنسانلىقتىن ياتلىشىۋاتقانلىغىنى سوبېكتىپ فانتازىيە قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئۇ ياشاۋاتقان جەمىيەتتىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ
بىمەنە، نامۇۋاپىق، قاملاشقان ھادىسە ئىكەنلىگىنى، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان مۇھىتتىكى ئازاب تۇيغۇسىنى ئېچىپ تاشلىغان. شۇنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ‹‹ئەدەبىيات مۇھىم بولمىغان گەپنى ئوچۇق، مۇھىم گەپنى يېپىق ئىپادە قىلىدۇ.››ئەقىللىق كىتابخان ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىنىكۆرگەندىن كېيىن، شۇنى ھېس قىلالايدۇكى، باش پېرسۇناژ گىروگولنىڭ شەكلى ئۆزگەردى. لېكىن ئۇنىڭ چىن ئىنسانغا خاس روھىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق. ئاتا-ئانىسى ۋە سىڭلىسىغا بولغان مېھرى مۇھةببىتى ۋە ئوغۇللۇق مەسئۇلىيەت ئېڭى ئۆزگەرگىنى يوق. مەسىلەن: ئەسەردىكى ‹‹گەپ پۇل تېپىپ ئائىلىنى تېپىشقىلا يۆتكەلسە، گىروگول ئىشىكنى قويۇپ، ياندىكى مۇزدەك خۇرۇم دىۋانغا ئۆزىنى تاشلايتتى.خىجىللىق ۋە تەشۋىشتىن يۈرۈگىگە يىڭنە سانجىلغاندەك بولۇپ كېتەتتى. ئەسەردە بۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. شەكلى ئۆزگەرگەن گىروگول ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىقتىسادىنى قامدىيالماسلىقىدىن، قىينىلىپ قېلىشىدىن ۋە سىڭلىسىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇيالماسلىقىدىن غەم-ئەندىشە قىلىدۇ. بىراق ئائىلىسىدىكىلەر گىروگولدىن بىزار بولىدۇ.بىچارە گىروگول ئۇلار نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ بالىسى تۇرسام، ياق ئەمىليەتتە ئۇلار ماڭا ئامراق، سىڭلىممۇ ماڭا بەك ئامراق، مەن ئۆزۈم بەك گۇمانخار بولۇپ كېتىپتىمەن دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئاقلايدۇ. يازغۇچى كافكا 1913-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە: ‹‹مەن ئۆز ئائىلەمدە ھازىر، ئاشۇ ئەڭ ياخشى، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئارىسىدا بىر مۇساپىردىنمۇ ئارتۇق غېرىبلىق ھېس قىلىۋاتىمەن.››دەپ يازىدۇ. يازغۇچى كافكا بىلەن ئەسەردىكى باش پېرسۇناژ گېرىگولكنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلساق، گېرىگولنىڭ ھالىتى ئەمىليەتتە يازغۇچى كافكانىڭ روھىي دۇنياسى ۋە يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنىڭ ئەسەرگە سىڭدۈرۈلۈشى ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز. تەپەككۇرىمىزنى ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە يۈزلەندۈرسەك، ‹‹ئائىلە›› بولسا ۋەتەن، ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جان-پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ياشاۋاتقان زېمىنغا قان-تەر سىڭدۈرگەن كىشىلەرنىڭ دەۋرگە باغلىنىپ قېلىپ، جەمىيەت تەرىپىدىن يانچىلىشقا ئۇچرايدىغان تىراگېدىيەلەر ئاز ئەمەس. مىسىر يازغۇچىسى مۇستاپا ئىمىننىڭ ‹‹تۇنجى مۇھاببەت››رومانىدا باش پېرسۇناژ مۇھاممەت ۋەتەننىڭ مىللى ئازاتلىقى ئۈچۈن باشتىن-ئاخىر جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، قويۇپ كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ھىيلە-مىكرىگە ئالدىنىپ قېلىپ، ئۆز تەشكىلاتىدىكىلەر تەرىپىدىن خارلىنىدۇ. ئاخىرى مۇھەممەت ئاچ-زارلىق ئازاب ۋە ھەسرەت تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋالىدۇ. يازغۇچى مۇستاپا ئەمىن:‹‹شۇ ۋاقىتتا مىسىرنىڭ نوپۇسى 5 مىليون ئىدى. بىراق مۇھەممەتنىڭ مىيىتىنى ئۇزاتقانلا پەقەت ئۈچلا كىشى...››دېگەن جۈملىلەر بىلەن روماننى ئاخىرلاشتۇرۇدۇ. بۇ روماننى ئوقۇغان كىتابخان تېراگېدىيىلىك ۋەقەنىڭ شاھىدىغا ئوخشاش قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››پوۋېستى بىلەن ‹‹تۇنجى مۇھاببەت›› رومانىدا باش پېرسۇناژ مۇھەممەتنىڭ ئۆلۈمىگە كىتابخانىلارلا ئەمەس، ئەسەردىكى بەزى پېرسۇناژلارمۇ كۆز يېشى قىلىدۇ.ئۆز تەشكىلاتىدىكىلەرمۇ مۇھەممەتكە قىلىپ قويغان خاتالىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ. ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››پوۋېستېدىكى باش پېرسۇناژ گىروگولنىڭ ئۆلۈمى بىر تىراگېدىيە بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېچىنىشى، كۆز يېشى قىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، خاتىرجەملىككە، خوشاللىققا چۆمۇلىشى يەنە بىر تىراگېدىيە. ئەسەردىكى گىروگول چوڭقۇر ئازاب ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تىپى بولۇپ، كافكانىڭ ‹‹ئىپادىچىلىك›› ئەدەبىي ئىجادىيىتى بىلەن يارىتىلغان ئەسەردىكى تىراگېدىيىلىك شەخس گىروگول كىتابخانلارنىڭ ھېسداشلىغىنى قوزغاپ، يېقىنلىق ھېسياتى قوزغايدۇ. ھەرقانداق سەنئەت كىشىلەرنىڭ مەنىۋى بوشلۇقى بىلەن بىلەن گارمونىيە ھاسىل قىلالىغىنىدا ئىستېتىك زوق شەكىللىنىدۇ. ئەسەردە يەنە گىروگول ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ‹‹ماددا›نىڭ، يەنى پۇلنىڭ قولىغا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تىپى بولۇپ، ئىنساننىڭ تەبىئىي تۇيغۇسى، ئۆز خاھىشى ۋە ئۆلمەس ئەقىدىسى بىلەن ياشاشقا مۇيەسسەر بولالمىغان. گىروگولنىڭ دادىسى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى دادىلىق مېھرى-مۇھاببەتنىڭ ئۈستىگة قۇرغان. مەسىلەن : ئەسەردە گىروگول چوڭ قۇرتقا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ بارلىق يۈكىنى بىر ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا دادىسى، سىڭلىسى ئۇنىڭدىن ئىنتايىن بەك سۆيۈنەتتى، گىروگول غەلىتە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئۈستىگە ئالالمىدى. شۇنىڭ بىلەن گىروگول بارا-بارا ئۆيدىكىلەرنىڭ بىزارلىغىنى قوزغايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. مۇھەممەد پەيغەمبەر:‹‹ئۆز نەپسىدىن كېچەلمىگەن ئادەم ھىدايەت يولىغا يېقىنلىشالمايدۇ›› دېگىنىدەك، نۇرغۇن كىشىلەر ئاچكۆزلىگى ‹‹بەخت›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغان بۇنداق ئەھۋالنى كافكا ياشاۋاتقان غەرب جەمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى شۈبھىسىزدۇر.
(3) ئەسەردە كافكا گىروگول ئوبرازىنى جانلىق، ھەركەت تەسۋىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن. ئەسەردە گىروگول ئوبرازى ناھايىتى غەلىتە كۆرىنىدۇ. لېكىن بىز ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››گە چوڭقۇر چۆككىنىمىزدە، كافكانىڭ بۇنداق تەسۋىرى ئابىستىراكىت ئازابنى كونكىرتلاشتۇرۇپ، ئازاب تۇيغۇلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان مەنىۋىيەت ئوبرازىنى كونكېرت ھەركەتكە باغلاپ ئىپادىلىگەنلىگىنى بىلەلەيمىز. گىروگول ۋە ئۇنىڭ دادىسى سامسا ئەپەندىم، سامسا خانىم ۋە سىڭلىسى گىرېتلارنىڭ پائالىيەت مۇھىتى  ۋە پائالىيەت ۋاقتىنىڭ ئىنچىكە تەسۋىرلىنىشى ۋە ھەركەت تەسۋىرىنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈلىشى پېرسۇناژلارنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە ئېدىيىسىنى بىلىشكە كىتابخان پائالىيىتىنى تۇيغۇ بىلەن ئىدراكتىن ئايرىپ قويمايدۇ. ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››دە دىئالوگ، مونولوگ، پورتېرت تەسۋىرى يوق دىيەرلىك مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەركەت تەسۋىرى بىلەن يېزىلغان. يازغۇچى بۇ ئەسەرنى بىمەنىلىك، سىمۋول ۋە رېئاللىق بىرىكىپ كەتكەن، خام خىيالدىن پەيدا بولغان مۇزدەك رېئاللىق ئىچىدە ئىجاد قىلغان. ئادەمنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىشىدەك بىمەنە ھادىسە ئەدەبىياتتا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا چىققان.كافكا مانا مۇشۇنداق بىر ھازىرقى زامان ئەپسانىسىنى ياراتقان. ئۇ ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئىنتايىن ئاجىز، بىمەنە، ۋە ئېنىقسىز تەقدىرىنى مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرگەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم يەنە ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ ئۈنۈم ياراتقان. بۇ ئەسەردىكى ئادەمنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىشى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى چوڭقۇر ياتلىشىشقا سىمۋول قىلىنغان. ۋاھەلەنكى، مۇشۇنداق بىر بىمەنە ۋەقەلىك ناھايىتى ئوبېكتىپ بولغان تەسۋىر، چىن تەپسىلات ۋە سوغۇققان تىل ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، بىمەنىلىك، سىمۋول، ۋە رېئاللىق بىرىكىپ كەتكەن، رېئالللىقتىن ھالقىغان ھادىسە بىلەن رېئال كۆرۈنۈشلەر بىر گەۋدىگە ئايلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن گىروگول چىن ۋە ئىنچىكە پىسخىك تەسۋىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ چوڭقۇرلىغىنى ۋە ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قارىماققا ئاددىي ئەمما ناھايىتى مول ۋە مۇرەككەپ بولغان پىسخىكىسىنى ۋە قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تىراگېدىيىلىك تەقدىرىنى ئېچىپ بەرگەن. مەسىلەن: گىروگولنىڭ سىڭلىسى گىرېت گىروگولنى ئائىلىدىكى بەخىتسىزلىكنىڭ دەپ قوغلاپ چىقارماقچى بولىدۇ. ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن،ئىشىكنى سىرتتىن قۇلۇپلىۋېتىدۇ. لېكىن گىروگول گېرېتنىڭ بۇنداق رەھىمسىزلىگىدىن ئاغرىنماستىن: ‹‹ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟›› دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ‹‹ئەتراپىدىكى قاراڭغۇلۇققا قاراپ قويدى، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ قەتتىي مىدىرلىيالمايدىغان بولۇپ قالغانلىغىنى بايقىدى. ئۇ بۇنىڭدىن ھەيران قالمىدى،ئەكسىچە، گىروگول ھەم ئاجىز ھەم ئىنچىكە پۇتلىرى بىلەن شۇنچە ككپ يولنى ئۆمىلەپ ماڭدى. مانا بۇ ئەقىلگە سىغمايتتى. بىئارام قىلىدىغان باشقا يەرلەرمۇ يوق. ئۇنىڭ پۈتكۈل بەدىنى ھەقىقەتەن سىقىراپ  ئاغرىيتتى، ئەممما بارا-بارا پەسىيۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى. كېيىن چوقۇم توختايدۇ. ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى سېسىق ئالما ۋە ئەتراپى ياللۇغلىنىپ كەتكەن يارىنى بىر قەۋەت يۇمشاق چاڭ-توزاڭ بېسىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن ئادەمنى ئانچە بىئارام قىلمايتتى. ئۇ مېھرىبانلىق ۋە مۇھاببەت ھېسياتى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويلاۋاتاتتتى. گېرىگولنىڭ ئۆزىنى يوقۇتۇش ئىرادىسى سىڭلىسى گېرىتنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى. پەقەت بۇ ئىشنى قىلغىلى بولسىلا بولاتتى››. گېرىگول قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغاندىن باشلاپ، دۇنيادىن خوشلاشقىچە بولغان ئارلىقتىكى ھەركەتلىرى ئالاھىدە جىپسىلاشقان يوللار ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن:‹‹بەدىنىنىڭ يېرىمى كارۋات سىرتىغا چىقىپ، بولغاندا، بۇ يېڭى ئۇسۇلنى تەس ئىش دېگەندىن كۆرە،بىر خىل ئويۇن دېگەن تۈزۈك ئىدى. چۈنكى پەقەت بەدىنىنى تەۋرىتىپ، ئاستا سوزۇلۇپ بەرسىلا بولاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز بىرەرى ياردەم قىلغان بولسا ئاسانلا چۈشۈۋالاتتىم دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇلار ئۇنىڭ دۈگلەك دۈمبىسىنى تۇتۇپ، كارۋاتتىن چۈشۈرۈپ قويسا،ئۇ ئۆرۈلۈپ ئوڭشىلىۋالغىچە تاقەت قىلىپ قاراپ تۇرسىلا بولاتتى. يەرگە تەككەن ھامان پۇتلىرى پۇتلىرى تەبىئىي ھالدا ئۆز رولىنى ئۆتەيتى. ئۇنداقتا ھەممە ئىشىكلەرنىڭ تاقاقلىقىغىمۇ قارىماي ياردەمگە ئادەم چاقىرسۇنمۇ؟ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ،بۇنى ئويلاپ ئۇ ئىختىيارسىز سوغۇق كۈلۈمسىرىدى››. بۇ ئەسەرنىڭ دەسلەپكى قىسمىدىكى تەسۋىر بولسا،شەكلى ئۆزگۈرۈپ بىر ئايلاردىن كېيىن گېرىگولنىڭ ھالىتى توغرۇلۇق مۇنداق تەسۋىر بېرىلگەن.‹‹بوش ئېتىلغان بىر ئالما گېرىگولنىڭ دۈمبىسىنى بوش سىيپاپ،ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى. بىراق ئارقىدىنلا ئېتىلغان يەنە بىر ئالما دەل ئۇنىڭ بېلىگە تەگدى ھەم ئويۇپ كىرىپ كەتتى. گېرىگول بۇ خىل قورقۇنۇچلۇق، چۈشۈنىكسىز ئازابنى ئارقىغا تاشلىماقچى بولغىنىدەك،تىرمىشىپ ئالدىغا ئۆمىلەپ باقتى.بىراق يەرگ مىقلىنىپ قالغاندەك ممىدىرلىيالماي قېتىپ قالدى››. يۇقۇرقى تەسۋىرنىڭ قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەمىليەتتە گىروگولنىڭ ناھايىتى قىينىلىپ كېتىۋاتقان ھالىتى ئەمەس، كافكا ئۆزىنىڭ روھىي ئازابىنى سەنئەت يولى ئارقىلىق ئىپادە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىمىز. كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك ئېڭىدا، ھەرقانداق نەرسە مۇكەممەللىككە، تاكاممۇللۇققا يەتكەن چاغدا، ئۇ سەنئەت تۈسىگە كىرىدۇ. زوقلۇنۇشمۇ ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ، بىرى كىتابخاننىڭ تېراگېدىيىلىك زوقلىنىشى، يەنە بىرى كىتابخاننىڭ كومىدىيىلىك زوقلىنىشىدىن ئىبارەت. تىراگېدىيىلىك زوقلۇنۇشتاـ كىتابخان قەلبى بىلەن  ئەسەردىكى تىراگېدىيىلىك سەنئەت باغلانغان بولىدۇ.ئازابلار ئورتاقلاشقان دەقىقىلەردە يۈرەكتىكى كۆيۈنۈش ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە يېتىدۇ. تىراگېدىيىلىك زوقلۇنۇشتىن ھەقىقى بەھرىمان بولالايدىغان كىشىنىڭ مەنىۋىيىتى پاكىزە،روھىي كۈرەشكە تولغان بولىدۇ.
     ئارىستوتىل:‹‹تىراگېدىيىنىڭ بىرلا ئىستىلىستىكىلىق رولى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىنسان روھىنى پاكلاش›› دېگەن ئىدى.
كىمدە ئارمان بولىدىكەن، ئۇنىڭدا كۆڭۈلسىزلىك بولىدۇ. ھاياتىدا تىراگېدىيەگە ئۇچرىمايدىغان ئادەم بولمايدۇ، گەپ شۇنى ھېس قىلىشتا. تىراگېدىيەگە قارىتا ھېچقانداق تۇيغۇنىڭ بولماسلىغى ئەڭ چوڭ تىراگېدىيەدۇر.
(4)   ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››دا يازغۇچى كافكانىڭ شەخسى ئالاھىدىلىگى سىڭدۈرۈلگەن. كافكا ‹‹ھەركۈنى بولكا ئۈچۈن قايغۇرۇش ئادەملەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىنى يوققا چىقاردى. ھايات دېگەن مانا مۇشۇنداق››دېگەن ئىدى.
‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››دا مۇشۇ قاراش سەنئەت تۈسىنى ئالغان. كافكانىڭ ھاياتىغا نەزەر سالساق، ئىشخانىدىن ئىبارەت تار جاي ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلىككە سالغان. سىرتتا ئەركىن-ئازادە خىزمەت قىلىشنى ئويلىغان ئىدى. ئائىلىسى كافكاغا مېھىر-مۇھةببەت بېرەلمىگەن. مانا بۇلار كافكانىڭ خارەكتىرىدە بىر خىل مەنىۋى سەرسانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەسلىدىن كافكانىڭ يېگانىلىق، چۈشكۈنلۈك روھىي ھالىتى مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا بىمەنىدۇر، ئىنسان رېئاللىقنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ دېگەن قاراشلىرى قات-قات روھىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن.
1913-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى كافكا كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە: ‹‹خىزمەت ئورنۇمدا زادىلا چىدىغۇچۇلىغىم قالمىدى، چۈنكى ئۇ مەندىكى بىردىن-بىر تەلەپ ۋە بىردىن-بىر كەسىپ ئەدەبىيات بىلەن سىڭىشىپ كېتەلمەيدۇ. سىز مەندىن بەلكىم، نىمە ئۈچۈن ھازىرقى خىزمىتىڭىزنى تاشلاپ، ئەدەبىي ئەمگەككە تايىنىپ ياشىمايسىز؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن، مەن باي ئەمەس. كۈن ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك-تە، شۇڭلاشقا مەن بىچارە ھالدا: مېنىڭ ئەھۋالىمدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئورنۇمدا يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىشتىن باشقا ئامالىم يوق دېيەلمەيمەن››دەپ يازىدۇ. ئىنساننىڭ ئىچكى روھىيىتى مەلۇم ئىشقا ئىنتىلىپ، شۇ ئىشقا نىسبەتەن مەنىۋى بوشلۇق ھاسىل بولغاندا، تاشقى كۈچنىڭ ئۇيغۇن كەلمەسلىكى تۈپەيلى مۇقەررەر ھالدا چۈشۈنۈكسىز، بۇرۇختۇملۇق ئازاب شەكىللىنىدۇ. تۇرمۇش پەلسەپەسى بىزگە خاتىرجەم، مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان جۇشقۇن ھايات ۋە بەختلىك تۇرمۇشنى ھەدىيە قىلىدۇ. لېكىن شەخسىيەتچىلىككە تولغان  كىشىلىك جەمىيەتتىكى ئىجتىمائي تەقسىماتلار ماجراسى كىشىلەرنى بارا-بارا ‹‹پۇل››نىڭ قولىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. چۈشكۈنلەشكەن ھايات مەنزىرسى شەكىللىنىپ، ۋۇجۇدىمىز قىسىلغاندا ئاستا-ئاستا كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ياتلىشىش ئېڭى غالىپ كېلىپ، قەلبىمىزگە يېڭىدىن ئىدراكسىز ئازاب سېلىپ قويىدۇ. كافكانىڭ بۇنچە زور داغدۇغا قوزغىشى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››پوۋېستىدا ياراتقان ياتلىشىش ئېڭىنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولغانلىقىدا دېيەلەيمىز. كافكا ئەسەردە بىمەنىلىك، سىمۋول ۋە رېئاللىق بىرىكىپ كەتكەن، رېئاللىقتىن ھالقىغان ھادىسە بىلەن رېئال كۆرىنىشلەر شەكىللىرىنى قوللۇنۇپ، ئەينەن يېزىش چەكلىمىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قەلبىگە يىغىلىپ كەتكەن دەرت-ھەسرەتلىرىنى سەنئەتلىك يول بىلەن ئەركىن ئىپادە قىلغان. باش پېرسۇناژ گېرىگولدىكە  تەنھالىق، ئازاب، چۈشكۈنلۈك، بۇرۇقتۇملۇق ۋە قورقۇنۇچلۇق روھىي ھالەتنى يازغۇچى كافكانىڭ كۈندۈلۈك خاتىرلىرى ۋە دوستلىرىغا يازغان خاتىرلىرىدىن ئېنىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. كافكا 33 يېشىدا فىلىسقا يازغان خېتىدا :‹‹بىلىمەن، كىچىك ۋاقتىمدا ھەمىشە يالغۇز قالاتتىم. ئۇ ۋاقتىمدىكى يالغۇزلۇقۇم ھەمىشە ئۆز رايىمسىز بولاتتى. ئاز ساندا يالغۇزلۇقتىن شاتلىق ئىستەيتىم. مانا، ھازىر  دەريا سۈيى دېڭىزغا قويۇلغاندەكلا ئۆزۈمنى تەنھالىقنىڭ قۇچىقىغا ئېتىۋەتتىم››دەپ يازىدۇ. ئاشۇ ۋاقىتتا كافكانىڭ مىللەتنىڭ ئورنى يوقلىقى، ئۆز ۋەتىنىسىز ياشاۋاتقانلىقى كافكانىڭ قەلبىدە بۇرۇختۇملۇڭق، ۋەھىمىلىك ئازابنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، قالىدۇ. مىلونغا يازغان خېتىدە:‹‹بەزىدە سىز كەلگۈسى توغرۇلۇق گەپ ئاچقاندا، مەندەك بىر يەھۇدىنى ئۇنتۇپ قالامسىز-يوق؟ يەھۇدى بولۇشۇمنىڭ ئۆزىغۇ باشتىن-ئاخىر بىر ۋەھىمە. چۈنكى مەن سىزنىڭ تاپىنىڭىز ئاستىدىكى زېمىندا  ياشاۋاتىمەن.››دەپ يازىدۇ. كافكانىڭ ھايات قارىشىدا بۇ دۇنيادا ھەقىقەت بار، لېكىن ئۇنىڭغا يەتكىلى بولمايدۇ. ئادەم ھامان نامەلۇم بىر كۈچنىڭ كونتۇروللىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىنساننىڭ ھاياتى چۈشۈنىكسىز ۋە مەۋھۇم توسالغۇلار بىلەن تولۇپ كەتكەن، ئادەم ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. بۇ دۇنيا ھامان ئادەمنى مەغلۇپ قىلىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئادەم ھەر قېتىم ئۆزىنى بىر قەدەم ئالغا سىلجىدىم دەپ ئويلىغاندا، ئەمىلىيەتتە ئۆز نىشانىدىن بىر قەدە يىراقلىشىدۇ، ئادەم بەختسىزلىكنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىغىنى ھەرگىز ئالدىن بىلەلمەيدۇ. ئۇ مۇشۇ غەلىتە دۇنيادا ئازابلىق ۋە مەغلۇبيەتلىك تىركىشىش تەقدىرىگە مەھكۇم››دېگەن ئاڭ روياپقا چىققان. كافكا بىر قېتىملىق سۆھبەتتە :‹‹ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىۋاتقان تۇرمۇش ئارغامچىسى بىزنى نەلەرگىدۇر سۆرەپ بارماقتا. لېكىن بىز نەگە بېرىشنى بىلىشتىن مۇستەسنامىز، ھاياتلىقتا بىر ئادەمگە ئەمەس، خۇددى ماددى بۇيۇملارغا ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز››دەيدۇ. دېمەك، كافكادىكى ئازاب مۇكەممەللىككە يېتىپ، ئالللىقاچان  سەنئەت تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، كافكا ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى››دا گېرىگولنى قوڭغۇزغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك خىيالى تۇيغۇسىنى ئوبېكتىپ رېئاللىققا سىڭدۈرگەن بولسا، ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىدىغان ھەمدە كۈلكىسىنى قىستايدىغان ھەجۋى شەكىل ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە تولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆچمەنلىگىنى ئىپادىلىگەن، مەسخىرە تۈسىنى ئالغان ھېسداشلىق ئۇنىڭ ئەسەرلىرگە ئۆلمەس قىممەت ئاتا قىلغان. ئىنتايىن سوغۇققان ۋە ئوبېكتىپ پوزىتسىيە ۋە ئاددى ھەم دەل تىل ئارقىلىق ئادەمنىڭ قېىچپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تىراگېدىيىنى ئېچىپ بەرگەن. كافكا پەقەتلا  بايان قىلغان، ئۆزى تەسۋىرلىگەن ئادەم ۋە ئىشلارغا ئارتۇقچە باھا بەرمىگەن. پېرسۇناژلارنى ئوبېكتىپ قانۇنيەت ۋە لوگىكىلىق تەرتىپ بويىچە ھەركەت قىلدۇرۇپ، كىتابخانلارنى پېرسۇناژلارنىڭ ئېڭى ئىچىگە بىۋاستە باشلاپ كىرىپ، ئەسەردىكى پېرسۇناژ ۋەقەلەرنى كىتابخانلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تاشلاپ بەرگەن. ھېچقانداق ھېسيات تۈسى ئالمىغان ئوبېكتىپ بايان ئارقىلىق ئەقىلگە سىغمايدىغان ئەپسانىلەرنى رېئال ۋە چىن تۇرمۇشقا ئايلاندۇرغان.
گېرىگول ھايات ۋاقتىدا تۈرلۈك مەھكۇملۇقنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلدى. بىرمۇ سىرداش دوستى يوق. بىرمۇ مەنىۋى جەھەتتىكى ئارقا تىرىگى يوق. جەمىيەتتە ھەم قوللىغۇچىسىمۇ يوق.
گېرىگول ئەمىليەتتە جەمىيەتكە ئارتۇقچە ئادەم تۇيۇلمايدۇ. ئائىلە ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان، شىركەت ئۈچۈن جان-دىل بىلەن ئىشلەۋاتقان ئادەم. گېرىگول ئىشقا كېچىكىپ قالسا ئىشتىن توختاش بېسىمى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقتا قېلىش بېسىمىدا ياشاپ كەلدى.
شەكلى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتۈشى روھنىڭ تەننى ئىزلىشى، كافكانىڭ ئۆزىنى ئىزلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئۆز-ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئىنسان ئارزۇسىنىڭ رېئاللىق تەرىپىدىن بىتچىت قىلىپ تاشلىنىشى.
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا مۇشۇنداق بىمەنە دىيىشى مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىنىڭ كافكا ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىزناسىنى تېپىشىدۇر.
گېرىگول شەكلى ئۆزگۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ ئۇنىڭ قەلبىدە ئەسلىدىن بار بولغان ۋەسۋەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋەتتى. سىڭلىمنى قانداق ئوقۇتىمەن، ئۆينىڭ قەرزىنى قانداق قايتۇرىمەن دېگەن روھىي ئازابتىن قۇتۇلالمىدى. دادىسىنىڭ كۆزىدىن ئۆزىگە بولغان نەپرەتلىك قاراشنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى. مەن دېگەن بالىسى تۇرسام، قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلاشلىرى يەنە ئۆيدىكىلەر ئەكىرىپ بەرگەن سەي شۆپەكلىرى، قۇرت-قوڭغۇز يەيدىغان يېمەكلىكلەرگە بولغان نارازىلىق، كېيىنچە مەن بىر ئادەم تۇرسام نىمىشقا مۇشۇنداق سەي-كۆكتات شۆپەكلىرى ماڭا تەملىك، مەززىلىك تېتىيدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ مەن ئەسلىمگە كېلىمەن، ئاشۇ ۋاقىتتا ئائىلىنى باقىمەن دەپ ئائىلىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. ئۇ دائىم ياندىكى ئۆيدە بولىۋاتقان گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالىدۇ. ھەر قېتىم تاماق ۋاقتىدا ئۆيدىكىلەر بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش توغۇرلۇق مەسلىھەتلىشىدۇ، ھاتتا باشقا چاغلاردىمۇ بۇ ئىشنى مۇلاھىزە قىلىشىدۇ. گېرىگول قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامنلىشىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئاللىقاچان پېنسىيەگەچىققان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۇشششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئاپىسىنىڭ زىققا كېسىلى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ ئامالسىز يىپ-يىڭنە ئىشلىرىنى قىلىدۇ.17 ياشلىق سىڭلىسى گېرىتمۇ پىركازچىك بولۇپ ئىشلەيدۇ.
بۇنىڭدىن گېرىگول خىجىللىق ۋە تەشۋىشتىن يۈرۈگىگە يىڭنە سانجىلغاندەك بولۇپ كېتىدۇ.
2-ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ئشكاپ، كېرسۇللارنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ، مېھمانلارغا بوشىتىلغاندا، مەن ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالدىم دەپ كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ ئاقىدۇ. مەن ئۆيدىكى نەرسىلەرگە قاراپ ئۆزەمگە تەسەللى تاپاتتىم.  بۇ پېشكەللىك مېنىڭ بېشىمغا تەڭرى تەرىپىدىن كەلدىمۇ ياكى باشقا تەرەپتىن كەلدىمۇ بىلمەيمەن، سەۋەنلىكلىرىمنىڭ قىساسىمىكىن دېسەم مەن ھېچكىمگە زىيان زەخمەت يەتكۈزمىگەن. بۇ نىمە ئىش دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ئازابلىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ ئازابلىق تۇيغۇدۇر.

ئۇ تامدىكى رەسىمنى ۋۇجۇدى بىلەن توسىۋېلىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتا ھەم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەسكىن جەڭگە ئاتلاندى. ئىسيانكار روھى ئۇرغۇدى.
شۇ ۋاقىتتا ئاپىسى ھۇشىدىن كەتتى. گېرىگول يەنە مەسئۇلىيەتنى ئۆزىنىڭ زىممىسىگە ئېلىپ، مەن نىمە دېگەن شەخسىيەتچى، نېمىشقا بۇنداق قىلدىم. نېمىشقا ئاپامنى ئويلىمىدىم دەيدۇ. ئاپام مېنىڭ ئاپامغۇ، مەن ھەرقانداق نەرسىگە ئايلانساممۇ يەنىلا ئاپامنىڭ ئوغلىغۇ؟ ئاپام نېمىشقا مەندىن قورقۇپ ھۇشىدىن كېتىدۇ، ياق. ئاپامنىڭ سالامەتلىگى ياخشى ئەمەس، ھەممە گۇناھ مەندە. مەن ئوغلى بولغاندىن كېيىن ئوغۇللۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ ئاپىسىغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن دورىسىنى ئىزدىدى.
بىراق دادىسى سامسا ئەپەندىم ئەسلىدىن گېرىگولنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇجۇقتۇرۋېتىشنى ئويلىغان ئىدى. گېرىگول ئىلگىرى بۇنى سەزمىدى. دادام نېمىشقا يەرنى پاخ-پاخ دەسسەيدۇ. مېنى بالام، ئۆيگە كىرىپ كەت دېسىلا، مەن كىرىپ كەتمەمدىم. مەن گەپ قىلالمىساممۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ گېپىنى چۈشىنەلەيمەنغۇ دەپ ئويلايدۇ. يەنە تۇرۇپلا دادام ئۇنداق قىلمايدۇ، مەن شۇنداق ئويلاپ كەتتىم دەپ يەنە زىددىيەتلىك ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. بۇ كافكانىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە يازغان خاتىرىسى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
كافكانىڭ ھاياتلىققا بولغان گاڭگىرىشى گېرىگولنىڭ گاڭگىرىشى بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭدىن كېيىن گېرىگولنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت سىڭلىسىنىڭ ئىسكىرىپكا چالغان ۋاقتىدا بولدى. گېرىگول بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆيدىن چىقمايمەن، ئاپام يەنە مېنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتمىسۇن، دادام ئاچچىغلاپ كەتمىسۇن، مەڭگۈ ئۆيدىن چىقمايمەن دەپ ئويلىغان. ئەپسۇس سىڭلىسى چالغان بۇ مۇزىكا ئۇنى سېھىرلىۋالدى. ئۇ مۇزىكا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى بۇ مۇزىكىنى  چىرايلىق قىز، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئامراق سىڭلىسى چالغانىدى.
مۇشۇ ئىنسانىي تۇيغۇ، مۇزىكىغا بولغان زوقلۇنۇش، ئۇنىڭ بېشىغا يەنە بىرئاپەت ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا سامسا ئەپەندىمدىكى ياتلىشىىش ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن. بولسىمۇ، لېكىن ئاپتۇر يەنىلا سامسا ئەپەندىمنى بىۋاستە ئوتتۇرغا چىقارماي باھانە-سەۋەبلەر بىلەن چىقىردۇ.
گېرىگول ئوبرازىنىڭ ئاخىرقى بىر تەرىپى ئاشۇ توڭ ئالما ئۇنىڭ بەدىنىگە تەككەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەركەت ئورگانىزىمنىڭ سېزىمىنى يوقاتقان، ئۇ مىڭ بىر تەستە ئۆيگە كىرىۋالغاندىن كېيىن، سامسا ئەپەندىم ئۆيگە يوغان بىر قۇلۇپنى سېلىۋاتىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاپتۇر بىر نەرسە يازمايدۇ. لېكىن گېرىگول ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ سىقىراپ ئاغرىۋاتقانلىغىنى، مەڭگۈ ھەركەت قىلالمايدىغانلىغىنى سىزىدۇ. ئۆيدىكىلەر گېرىگولنى ئويلىمايدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئالمىنى ئېلىۋېتىشنى، ئۇنى ھايۋاناتلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىشنى ئويلىمايدۇ.
ئۆيگە يېڭىدىن ئەكىرگەن خىزمەتكار ئايال ئۇنى پارچىلاپ تاغارغا سالدىمۇ ياكى بولقا بىلەن ئۇرۇپ تاغارغا سالدىمۇ، ئىشقىلىپ يوقاتتى، ئاپتۇر بۇ ھەقتە بىر نەرسە يازمايدۇ. مۇشۇ كۈن، گېرگول ئۈچۈن زور يوقۇتۇش بولغان بىر كۈن بۇ ئائىلە ئۈچۈن بىر بايرام بولدى. ئۇلار تاغققا چىقىپ ساياھەت قىلدى، مەرتلىك قىلدى.
گېرىگول ئوبرازىنىڭ قىممىتى چوڭقۇر سىمۋوللۇققا ئىگە بولغانلىقىدا، ئەن-ئەنىۋى ئۇسۇلنى سىمۋوللۇق مەنا ئارقىلىق كۆپ قاتلاملىق قىلىپ سىمۋوللاشتۇرغانلىقىدا. گېرىگول ئائىلىسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ، شەكلىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن شەكلىم ئەسلىگە كېلەرمۇ؟ ئائىلەمدىكىلەر ماڭا كۆڭۈل بۆلەرمۇ؟
ئۇ باشتىن-ئاخىر ئەنە شۇنداق گاڭگىراش،تېڭىرقاش ھالەتتە تۇرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. گېرىگول ياشاۋاتقان مۇھىت تولىمۇ سىرلىق، گېرىگولنى ئاددى ھالەتتە پۇل مەركەزلىگىدىكى رەزىل ۋە پەسكەش جەمىيەتنىڭ قۇربانى دەپ قارىساق بولمايدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئالالمىدى. بۇنى كافكانىڭ ھاياتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ.
كافكا كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان: ‹‹بالزاكنىڭ ھاسىسىغا ئويۇلغىنى ‹مەن ھەرقانداق توسالغۇنى بەربات قىلالايمەن›، مېنىڭ ھاسامغا ئويۇلغىنى ‹ھەرقانداق توسالغۇ مېنى بەربات قىلالايدۇ›.
كافكا گېرىگول ئوبرازى ئارقىلىق ‹‹20-ئەسىر غەرىب جەمىيىتىدىكى تۈرلۈك ياتلىشىشنى، ئوبېكتىپ بىلەن سوبېكتىپ ئوتتۇرسىدىكى ياتلىشىشنى ئېچىپ بەردى.


  ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى›› ژورنىلى 2015-يىل 4 -سان

باھا سۆز

ئۆزگۈرۈش-ئۆزگىرىش...  ۋاقتى: 2016-2-20 12:10 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-21 03:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىكى ئىجادىيەتكە بولغان چەكسىز ئىزدىنىش مىنى ئۈنتىنسىز سىزدىن ئۆگىنىشكە ئىنتىلدۈرىدۇ. سىزگە  ئۇتۇق  تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-20 18:39:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمدە ئارمان بولىدىكەن، ئۇنىڭدا كۆڭۈلسىزلىك بولىدۇ. ھاياتىدا تىراگېدىيەگە ئۇچرىمايدىغان ئادەم بولمايدۇ، گەپ شۇنى ھېس قىلىشتا. تىراگېدىيەگە قارىتا ھېچقانداق تۇيغۇنىڭ بولماسلىغى ئەڭ چوڭ تىراگېدىيەدۇر.
كافكانىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلدى.بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇپسىز.ئامەتلىك بولۇڭ.

ۋاقتى: 2016-2-22 16:29:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاشاگۈل خانىم، ماقالىڭىزگە بارىكاللا، ئەمما سىز ئاۋۋال ۆافكانىڭ ئىدىيىسى، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن يازغان بولسىڭىز ئوبدان بولاركەن. ئىملا جەھەتتىمۇ قەدەمدە بىر خاتالىق بار. كافكا چاقچاق قىلىدىغان يازغۇچى ئەمەس.ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە چىققان ئەسەرلىرىنى سىز ئۆزىڭىز بىلگەنچە ئاپسىز. ئالغاندىمۇ جايىغا چۈشمەپتۇ. كافكا ئۆمرىدە‹سۈت› دەپ ئەسەر يازمىغان. سوت ياكى ھۆكۈم. ‹ئاچلىق سەنئەتكارى›،ئاچ سەنئەتكار ئەمەس. ‹يېزا دوختۇرى›،‹ئۆڭكۈر› دېگەنلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرچىسى بار. مۇساجان ئەزىزى قاتارلىق ئۇستاز تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان. بىزدە ئومۇملاشقان ئەسەر ئىسىملىرىنىمۇ كۈلكىلىك تەرجىمە قىلسىڭىز بولمايدۇ. يەنە بىرى مەن بەش يىلدىن بىرى كافكا ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن. كافكانىڭ ھاياتى، كەچۈرمىشلىرىنىمۇ جىق يەردە خاتا يېزىپسىز. ئۇنىڭ دادىسى گاچا بولماستىن، شاتۇتتەك سۆزلەپ تۇراتتىكەنتۇق.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 17:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىنىم ئەخەت، رەھمەت سىزگە، ھەقىقەتەن كافكانىڭ ئەسىرى ‹‹سوت››، ‹‹ ئاچلىق سەنئەتكارى›› خاتىرەمدە مۇشۇنداق ئىكەن، كومغا يازغاندا خاتا يېزىلىپ قاپتۇ. تۈزۈتۈپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. مەن بىر ئانا تىل مۇئەللىمى بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىشىم كېرەك.
  مەن ئويغۇرچە تەرجىمىسىنىلا كۆرەلەيمەن، خېلى يىللار بولۇپ قالدى، كافكا ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ كۆرىۋاتقىلى. ئويغۇرچىسى چىقسىلا ئىزدەپ تېپ ئوقۇيمەن. پىكىر يۈرگۈزىمەن. سىزدىن بۇ جەھەتتە كۆپرەك تەلىم ئالسام بولغىدەك ئۇكام.

ۋاقتى: 2016-2-23 17:47:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى يېزىپسىز  تېخىمۇ تىرشىپ  يېزىپ تۇرۇڭ

ۋاقتى: 2016-2-23 18:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلانغان مەنبەرلەر نىمىشقا ئەسكەرتىلمىگەندۇ؟

ۋاقتى: 2016-2-23 19:22:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» چۆچەك ئۇسلۇبىدا يېزىلغان نادىر ئەسەر. بۇ ئەسەرنىڭ ئەدەبىي قىممىتى ھەققىدە چەت ئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى جۈمە قەسىم ناھايىتى قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمدى ئىجتىھاتچان قەلەمكەش پاشاگۈل ئىسمائىل تۇردى ھاجى قىزى بۇ ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. گەرچە ماقالىدە ئىملا خاتالىقى كۆپرەك بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ قىممىتى ياخشى باھالانغان، تەھلىلى خېلىلا چوڭقۇر. ئىجادىيىتىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-24 16:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇزۇن بوپتىكەن، تەتقىقات ئىشى بىلەن ئالدىراش،  مۇنبەرنى ئارىلاپ، يوقلاپ تۇرساممۇ، لېكىن ئىنكاس يازمىغىلى.
     بۈگۈن كىرىپ، فرانز كافكانىڭ  دۇنياۋى مەشھۇر ئەسىرى ‹‹ شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا تاشلىيالىغان، ئىستېداتلىق قەلەم ئىگىسى، ‹‹يىگىتلەر، سىلەر كىم؟ بۇ قەيەر؟›› دېگەن ماقالىسى بىلەن بىر مەھەل ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى چوڭقۇر ئويلۇنۇشقا سېلىپ، تۇشمۇ-تۇشتىن قەلەم ئېلىپ، ئوبزور يېزىشقا سالغان پاشاگۈل ئىسمائىلنىڭ ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش پوۋېستې››تىدىن ھازىرغا نەزەر ناملىق ئوبزورىنى ئوقۇپ چىقىپ، چوڭقۇر خىيالغا غەرق بولدۇم-دە، كىتاب ئىشكاۋىمدىن بۇ پوۋېستنىڭ ئېنگېلىزچە نۇسقىسىنى ئېلىپ، قايتا بىر ئوقۇپ چىقتىم. ئۆزۈمنى توختۇتۇپ يەنە بىر ئوقۇدۇم. ئوبزورنىمۇ قايتا-قايتا ئوقۇدۇم.
   پاشاگۈل ئىسمائىل مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، سىنپىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش ھەيىئىتى، ماتېماتىكا پەن باشلىغى. بىر ماتېماتىكا ماھىرىنىڭ قانداقلارچە ئەدەبىيادقا شۇڭغۇپ كىرىپ، يازغۇچى، شائىر بولۇپ قالغانلىغىنى بىلمەيمەن. بىز گەرچە كۆرۈشمىگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما، مەن  يازغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. بەختلىك ئائىلىسى، ئىككى بالىسى بارلىغىنى بىلسەممۇ، ئەمما، يەنىلا ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئېدىيىسىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. يىراقتىن ساۋاقدىشىمغا چاۋاك چېلىۋاتىمەن.
   خېلى ۋەزنى بار،  خېلى تەرلەتكىدەك ئوبزور بوپتۇ. بۇ ئوبزورنى يېزىش ئۈچۈن فرانز كافكانىڭ ئويغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ خېلى تەتقىق قىپتۇ. بولمىسا ئاسانلىقچە بۇنىڭدەك چوڭقۇر پىكىرلىك ئوبزور ھاسىل بولمايدۇ. ‹‹شىنجاڭ ئەدەبى ئوبزورچۇلىغى›› زورنىلىنى تېپىپ، بۇ ئوبزورنى پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، ئويلاندىم.
   قېرىنداشلارنىڭمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ ئوبزورنى ئوقۇپ چىقىشىنى، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن.
   جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىمەسىنىڭ، يەنە كېلىپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسىنىڭ مۇشۇنداق ۋەزنى بار پوۋېستقا نەزەر ئاغدۇرۇپ، تەتقىق قىلىشى ئاسان ئەمەس.   
  خوش، ئەخەد، سىز بىر ئويلاپ بېقىڭا، سىز ياش، يەنە كېلىپ ئۈرۈمچىدەك ئەۋزەل شارائىتتا ياشاۋاتقان ئادەم بولىشىڭىز مۇمكىن، قارىسام فرانز كافكانىڭ سۆرىتىنى ئۆزىڭىزگە باش سۆرەت قىلىپ چىقىرىۋاپسىز، قارىغاندا، فرانز كافكانىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئوخشايسىز، پاشاگۈل ئىسمائىلنىڭ ئوبزورىغا گەپ تاشلاپسىز. قېنى، ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، جۈرىئىتىڭىز بولسا، قۇربىڭىز يەتسە فرانز كافكانىڭ بىرەر پارچە ئەسىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ، كىتابخانلارغا تاشلاپ باقمامسىز؟ سىز ئىزدىنىۋاتقىلى بەش يىل بوپتىغۇ. بىلسىڭىز، ئۇكا، پاشاگۈل بەلكىم 10 يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئىزدىنىپ، ئاندىن بۇ ئوبزورنى روياپقا چىقارغاندۇ. ئۇنداق ئاسان بۇنداق چوڭقۇر پىكىرلىك ئوبزور ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ.
قېنى؟ مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار، سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى.

باھا سۆز

باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟  ۋاقتى: 2016-2-24 06:26 PM
باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟  ۋاقتى: 2016-2-24 06:26 PM
باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟  ۋاقتى: 2016-2-24 06:26 PM
باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟  ۋاقتى: 2016-2-24 06:26 PM
باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟  ۋاقتى: 2016-2-24 06:26 PM
ۋاقتى: 2016-2-24 18:31:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە مېنى خېلى سەگىتىپ قويدى....ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز....قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي....

ۋاقتى: 2016-2-25 04:30:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالماس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 04:59 PM
ئۇزۇن بوپتىكەن، تەتقىقات ئىشى بىلەن ئالدىراش،  مۇنب ...

نىمە دىگەن تەسىرلىك.

ۋاقتى: 2016-3-7 12:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاشاگۈل ئىسمائىل تۇردى ھاجى قىزىنىڭ  ئاۋىستىرىيە يازغۇچىسى فرانز كافكانىڭ‹‹شەكىل ئۆزگۈرۈش خاتىرىسى›› پوۋېستىدىن ھازىرغا نەزەر دېگەن ماقالىسى كىشىنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن، ئاپتورنىڭ ئىزدىنىشىگە ئاپىرىن !                           



ۋاقتى: 2016-3-7 21:53:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالماس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 04:59 PM
ئۇزۇن بوپتىكەن، تەتقىقات ئىشى بىلەن ئالدىراش،  مۇنب ...


ئالماس ئەپەندى، بۇ ئىنكاسىڭىزنى تولىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. ئۆزرىلىكمەن. پاشاگۈل خانىمنىڭ كافكادەك دۇنياۋى يازغۇچى ھەققىدە مۇشۇنداق بىر ماقالىنى يازغىنى مېنىمۇ سۆيۈندۈردى. كافكانىڭ بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى ئانا تىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ئۇ پەقەت چەت ئەل ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىدىلا سۆزلىنىدىغان يازغۇچى بوپ قالدى. خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىسام خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ خاس كافكا ھەققىدە يازغان تەقىقات كىتابلىرى 80 پارچىغا يېتىدىكەن. بىزدە تېخىچە ئادەمنى قايقل قىلغۇدەك بىرەر ماقالىمۇ يوق. مەن بۇ ئىنكاسىمدا پەقەت خانىمنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەردىم. بۇ ماقالىدە خېلى خاتالىقلار ساقلانغان. سىزمۇ بىر ئىلمىي ئادەم بولۇش سۈوىتىڭىز بىلەن بۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك.بۇ بىر تەتقىقات ماقالىسى بولغان ئىكەن چوڭقۇرلۇق بولۇشى كېرەك. تەرقىقات ئادەمدىن ئەستايىدىللىقنى، ھەر بىر نۇقتا ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بەردىم خالاس، پاشاگۈل خامىن جەنۇبىي شىنجاڭلىق بولسا، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولسانېمە بوپتۇ. تەتقىقات جەنۇب،شىمال دەپ ئايرىمايدۇ. بۇ گەپلىرىڭىز بەك كۈلكىكىك تۇيۇلدى. سىز جەنۇبىي شىنجاڭنى كەمسىتىۋاتامسىز نېمە. مەيلى قەيەرلىك بولايلى تەتقىقات ئىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. كافكا ھەققىدە ئىزدەنگىنىم راست. ئەمما تېخى ماقالە يازغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەسمەن. ئەمما يېزىشقا تېرىشاي. رېئال خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرسەم ساۋاقدىشىم دەپلا يان باسسىڭىز بولمايدۇ. ھەقىقەت نەدە بولسا شۇ يەردە تۇرىشىمىز كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش