كۈتۈش
قەلبىنۇر جېلىل
چاي دەملىدىم چىنە چەينەككە،
رەيھانلارغا سۆيگۈمنى قوشۇپ.
كەلمىدىڭ يار،ھېچلا كەلمىدىڭ،
ئەنسىرىدىم قالارمۇ سوۋۇپ.
چۈمكەپ قويدۇم چەينەك پوسمىسى،
قىززىق تۇرسا،لېۋىڭ كۆيسە دەپ.
كەلمىدىڭ ھېچ،يەنە كەلمىدىڭ،
غەمدە قالدىم،قالدىم ۋايىم يەپ.
ساقلاۋەردىم،چايلار سوۋۇدى،
بولۇپ كەتتى ئاچچىق،بىر ئاچچىق.
شۇندىمۇ يار كۈتتۈم مەن سېنى،
ئاھ بىلىندى ھېجرانىڭ تاتلىق.
قانچە كۈتسەم ئۈزمەسمەن ئۈمىد،
ئارمىنىڭدا كۆيسەممۇ تالاي.
ئوتلىرىڭدا چۆگۈن قاينىتىپ،
دەملەرمەن دەپ قايتا قىززىق چاي.
2016-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ