بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-19 11:04 AM
سۆيەتتىم ئەينى چاغ سېنى شۇ قەدەر
مىرادىل راخمان
سۆيەتتىم بىر چاغلار سىنى شۇ قەدەر،
ئۇنتۇلۇپ سۆيگۈڭدىن باشقىنى تامان.
دائىما جىلۋىدار جۈپ قاراقلىرىڭ،
بېرەتتى ھەر باقسام تەسەللى ھامان،
مەن ئۈچۈن ئۇ شۇنچە سىرلارغا تولغان
سېزەتتىم گاھىدا بەختىيارلىقنى،
گاھ غەملەر ئىلكىدە باقساڭ يىراققا ،
تىلەيتىم ئۇنسىزلا ئاڭا شادلىقنى.
قالسىمۇ گەر قۇشلار ناۋاسى ئۆچۈپ،
خۇش ئىدىم بولسىلا يارقىن ئاۋازىڭ.
بىر چەكسىز ئىزتىراپ ئالاتتى جاننى،
پەقەتلا كۈلكەڭنى ئاڭلىسام سىنىڭ.
دۇنيارىم سەن ئۈچۈن گويا گۈلىستان،
سەزمەيتىڭ جىمجىتلا قالاتتىڭ كىتىپ.
ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار ئوھسىنىش بىلەن،
ئۆچەتتى كەينىڭدىن خىيالغا پېتىپ.
بىلەتتىم ئىزدەيتىڭ باشقا بىراۋنى،
ناتۇنۇش ئۇ ماڭا تۇمانلار ئارا.
ئېھ يۈرەك شۇنچىلىك تۇرسىمۇ سوقۇپ،
ئۈن-تىنسىز كۈلۈپلا تۇراتتىم ساڭا.
دېڭىزدەك بىر سۈكۈت يەڭدى قەلبىمنى،
ئۇنتۇلغان شاۋقۇنلۇق ئاشۇ دەقىقە.
ئۇنتۇلغان كۆزلىرىڭ ئاللىقاچان ھەم،
ۋە لىكىن ئۇ شۇ تاپ كەچتى لەپپىدە.
-ئىزچى
|