كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 5

ئاقىن: ئىككى شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 11:09 AM  

ئىككى شېئىر


ئامانگۈل تۇرسۇن ئاقىن (50ياش)



يولدىشىمغا




(1)
ھەر ئاخشىمى ئالدىمغا ئەكىلىسەن ئىسسىق سۈت،
ئاغرىپ قالسام مېنىڭدىن ئەنسىرەيسەن داۋاملىق.
مېھرىڭ گويا ۋولقاندەك،كۆڭلى-كۆكسۈڭ بىر دەريا،
ماڭا ھەمراھ بوپ كەلدىڭ،ۋايسىمىدىڭ قىلچىمۇ،
ئۆز ئەجرىڭدىن ھەردائىم سۇنۇپ كەلدىڭ-بايراملىق.

تۇرمۇشۇمدا سەن بولغاچ ئۆتەر كۈنۈم مەنىلىك،
ئازاپ مەندە نە قىلسۇن،كۈلگەن كۈنۈم مەنىلىك.
ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قاپسەن-تەۋەرۈك.
دىققەت قىلماي ئالدىراش ئۆتۈپتىمەن ھەر كۈنى،
ئاق سانجىپتۇ چېچىڭغا ئۆتسەكمۇ گەر بەختلىك،
شۇندىمۇ سەن نۇر-زىيا چېچىپ كەلدىڭ-داۋاملىق.

مۈشكۈللەردە مۇڭداشمىز،تاڭ قوينىدا سىرداشمىز،
چىن مېھرىمىز تۇتاشقان،شۇ يوللاردا يولداشمىز.
ئەجرىمىزدىن رەڭدار ئۇز گۈل-چېچەكلەر ئېچىلسا،
ئەل قەلبىنى ھىدلىغان ھارماس-ئىشچان كارۋان بىز.
بىر جۇپ قوشماق مېغىزدەك،تىنىقىمىز ھەم بىردەك،
تاغ-داۋانلار ئاشساقمۇ كەتكىمىز يوق ئارمانسىز،
شۇ ئارمانلار ئىشقىدا كۈلۈپ ئۆتكەن جۇپلار بىز.

(2)
تۇرمۇشۇمدا بولمىساڭ،ئۆتەر كۈنۈم مەنىسىز،
ھاياتىمدا كەم بولساڭ،ئۆتەر ئۆمرۈم مەنىسىز.
كەيگەن تاۋار-دۇردۇنمۇ قىممىتى يوق،مەنىسىز،
شۈنچە گۈزەل بۇ ئالەم،سەنسىز ماڭا مەنىسىز.
سەنسىز يېگەن قەن-ناۋات تىتار ماڭا بەك تەمسىز،
كۈلكە-چاقچاق سورۇنمۇ بىلىنىدۇ مەنىسىز،
سەنسىز ئۆتكەن ھەر كېچە تولغىنىدۇ مەنىسىز،
بىللە يۈرگەن شۇ چاغلار بىلىنمەيدۇ مەنىسىز،
شۇڭا سەنسىز بۇ ھايات ياشالمايدۇ-داۋاملىق،
شۇڭا سەنسىز بۇ ھايات ماڭا شۈنچە مەنىسىز...!

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى



مەيىن شامال



ئېلىپ كەلدى شوخ شامال،
يار ھېدىڭنى،مېھرىڭنى.
ئاچسام شۇئان ئىشىكنى،
كۆرسەتمىدىڭ چېھرىڭنى.

قوغلاپ ماڭدىم توختىماي،
مەيىن شامال كەينىدىن.
خۇش ھېدىڭنى پۇرالماي،
مەھرۇم بولدۇم بەھرىدىن.

قوغلاپ ماڭدىم داۋاملىق،
نەزەر سېلىپ يىراققا.
ئاچا يولغا دۇچ كەلدىم،
ئەمدى باراي قاياققا؟

ئاۋازىمنى ئېلىپ كەت،
يار كەينىدىن يەتكۈچە.
يارغا بېرىپ يەتكۈزگىن،
نامۇ-نىشان بەرگۈچە..!

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچە سائەت 2دە يېزىلدى


ئۈرۈمچى شەھرى يېڭى شەھەر رايۇنى سېفىڭ يولى 831-قورۇ:
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ ئائىلىلىك قورۇسى 1-بىنا 2-كورپۇس
501-ئۆيدىكى:ئامانگۈل تۇرسۇن ئاقىن
تېلىفۇن:15276737312


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 11:25:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل شېئىرلار ئىكەن ، تەشەككۈر ..

ۋاقتى: 2016-2-19 13:08:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر مۇئەللىم.زىيادە بولۇڭ.

باھا سۆز

شۇنداق ، قەلىمى قۇت تاپسۇن دىگگن مەنىدە، قانداق چۈشىنىپ كەتتىلە ؟  ۋاقتى: 2016-2-19 01:19 PM
زىيادە بولامدۇ؟  ۋاقتى: 2016-2-19 01:17 PM
ۋاقتى: 2016-2-19 13:22:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹1›،‹2›-يازمىلارنىڭ قۇرۇلمىسىغا  يەنە ئىشلەپ باقسا بولغۇدەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش