بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-18 04:14 PM
بۈگۈنگە خوش دېدىم قىيمىغان ھالدا
رەشىدەم مۇھەممەدجان
بۈگۈنگە خوش دېدىم ،قىيمىغان ھالدا ،
بىر گۈلۈم شېخىدىن سۇنغاندەك بولۇپ .
ئاھ ئۇردۇم قېپقىزىل شەپەققە قاراپ ،
پېتىپ كۈن كۈندۈزگە سالغاندا قۇلۇپ .
بۈگۈنگە خوش دېدىم ،قىيمىغان ھالدا ،
بۈگۈندۇر ئەتەمگە دەستىلەر تۇتقان .
بۈگۈننىڭ خۇرۇچى ئەتەمگە مەلھەم ،
چۈنكى ئۇ ئەتىگە يانداش ھەم تۇغقان .
بۈگۈنگە خوش دېدىم ، قىيمىغان ھالدا ،
چۈنكى ئۇ ھاياتىم شېخىنى يىرغاچ .
ھەر گۇگۇم باسقاندا ئۆكۈنىش ، ھەسرەت ،
چۈنكى ئۇ يىللارنىڭ غولىنى قىرغاچ .
بۈگۈنگە خوش دېدىم ،قىيمىغان ھالدا ،
پۈتمىگەچ ئەتىگە چاپقان ئېرىقىم .
بۈگۈندىن پۈتكىنىم بولسىمۇ ئاددى ،
ئەتەمگە چېكىتتەك چۈشەر يورىقىم .
بۈگۈنگە خوش دېدىم ، قىيمىغان ھالدا ،
كۆزلىرىم نەملىنەر ، قولۇمدا ياغلىق .
سۆيمىسەم بۈگۈننى ، ھەر بىر سائەتنى ،
بولمامدۇ ھاياتتىن سۈزگىنىم چاغلىق ؟
بۈگۈنگە خوش دېدىم ،قىيمىغان ھالدا ،
بۈگۈندۇر ئەتەمگە پېلەكلەر يايغان .
قويمىسام ئەتىگە بەلگە قىپ كۆچەت ،
بولمامدىم ماڭالماي يولۇمدىن قايغان .
بۈگۈنگە خوش دېدىم ، قىيمىغان ھالدا ،
كەلدى ھەم ئېسىلغۇم بىلەكلىرىگە .
بېقىپ قوي ئارقاڭغا مەندەك ئۇز قىزىڭ -
يۈگرەيدۇ يەتكۈز دەپ تىلەكلىرىگە !
2016- يىل 2- ئاينىڭ 18- كۈنى
|