كۆرۈش: 261|ئىنكاس: 7

ئادىلجان ھەسەن: ئەنۋەر ناسىر ئېسىل يازغۇچى ئىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 04:33 PM  

ئەنۋەر  ناسىرى ئېسىل يازغۇچى ئىدى
ئادىلجان ھەسەن

17- فېۋرال يازغۇچى ۋە شائىر مىركايىل نۇرالىمنىڭ  «ئابرال  ئۇنتۇمايدۇ» ناملىق رومانىنىڭ نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىغا باردىم.نىلقىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ، دوسىت-يارەن،كەسىپداشلىرىنىڭ ،خىزمەتداش ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ،ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ،ئائىلىسىدىكى ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ مېركايىلغا بولغان چوڭقۇر ئىخلاسى ،ھۆرمىتى ،ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتى مەندە، تۇيغۇسى مەند چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
شۇ چاغدا ، بىر يازغۇچىدا يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەت بىلەن ئۆز خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ بولىشى ،شۇ يازغۇچىنى قەلىپنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدىغان يازغۇچى بولىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى يەنە بر نۆۋەت ھېس قىلغاندەك بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سورۇنلىرىمىزدا  بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ  تۇرىدىغان بىر نۇرلۇق سىمانىڭ كۆرۈنمەسلىكى ،تەنتەنە بىلەن تولغان شۇ مەيداندا بولماسلىقى يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىنى ئېچىشتۇرغاندەك بولدى، مەن بۇ مەردانە سىمانى سورۇننىڭ بىر يەرلىرىدىن ئۇچرىتىپ قالىدىغاندەك مەرىكە زالىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم، قوش قاناتلىق ئىشىك ھەر بىر قېتىم ئېچىلغاندا تەلمۈرۈپ قارىدىم ،ئىختىيارسىز سىرتلارغا قاراپ باقتىم ،ئەمما بۇ نۇرلۇق سىما كۆرۈنمىدى . مەن تىكىلگەن ئابرال تاغلىرى پاختىدەك ئاپپاق قار ئاستىدا سۈكۈت ئىلكىدە جىمغىنە مۇڭلۇنىپ تۇراتتى. دەر ھەقىقەت ئۇنىڭ ئەمدى بىز بىلەن بىرگە بولالمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەگەر ئۇ بۈگۈنكى مۇشۇ ئەھمىيەتلىك سورۇندا بولغان بولسا چوقۇمكى ھەممىمىزدىن بەتتتەر ئىپتىخارلانغان،خوشاللانغان ،چىرايىدىن نۇر بالقىغان بولاتتى.يازغۇچى مېركايىل نۇرالىمنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ئۇنى تەبرىكلەپ باغرىغا باسقان بولاتتى. چىنپۈتمەي ئامال يوق ئۇنىڭ چىڭ دۇنياغا كەتكەنلىكى راست ئىش ئىدى، ئەمدى ئۇ بىز بىلەن بىز ئالدىغا بارغىچە بىرگە بولالمايدۇ.بىراق مەن تۇيغۇمغا ھەيران قالماقتا ئىدىم.ئۇنىڭ تولۇق جىسمىنى كۆرەلمىسەممۇ ، تەنتەنە قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ روھى ئەگىپ يۈرگەندەك ،خوشاللىقى چىرايىغا تەپكەن بىر قامەتلىك ئىنساننىڭ بىزنىڭ شۇ كۈنكى سورىنىمىزدا بىللە تۇرىۋاتقاندەك ئۇنىڭ چىرايى كۆز ئۆڭۈمدە تۇرۇپ-تۇرۇپ زاھىرلىنىپ تۇراتتى.شۇ چاغدا مەن بىر قىسىم ماتىرياللاردا كۆرگەن مۆجىزىلىك ئىشلار يادىمدىن كېچىپ قالدى. ئۇنىڭدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ،باشقىلار تارىتقان سۈرەتلەردە چىرايى چىقىپ قالغانلىقى خاتىرىلەنگەن ئىدى.شۇنىڭغا قارىغاندا بەلكىم ئۇ بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقاندۇ،بىز كۆرمەيۋاتقاندىمىز دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. مەيلى نىمىلا بولسۇن ئۇ كەتتى. بىز كەتكەنلەرگە ئاخىرەتلىك ئەمىنلىك تىلەيمىز. ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئاخىرەتلىك ئەمىنلىك تىلىگەندىن سىرىت ،غەيرى بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قالدىم، ھەر قېتىم بىرەر ئەدىپنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغىنىمدا ئۇنىڭ زادى قايسى ئەسەرلەرنى يازغىنىغا ئەمەس ،ئۇنىڭ قانچىلىك ياشىغىنىغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.بەلكىم بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ ياشلا تۈگىگەن ئۆمرىگە بولغان ئېچىنىشىمغا تەسەللىي تېپىشتۇر ۋە ياكىي ئۆمۈرگە چوقۇم چېكىت قويىلىدىغانلىقى ھېس قىلىپ تۇرۇشۇم ئۈچۈندۇر ،ئەمما مەن بۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بولغانلىقىغا كېسىپ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن.
مەقسەتكە كەلسەم ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا بۇ يىل ساق 30يىل بولاتتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىدىم، ئاددىيسى بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بېرىشكىمۇ نېسىپ بولمىدى ، ئەمما مەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن راپاۋەت كۆردۈم ، نۇرغۇن ياخشىلىق كۆردۈم ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان چاغلىرىمدا ئۆزۈمنىڭ قىممىتىمنى ھەقىقىي يوسۇندا بىلگەندەك تۇيغۇغا چۆمدۈم .بىز كۆپ چاغلاردا بىراۋنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى قەدىر-قىممىتىنى كۆپ ئادەملەرنىڭ باھاسى بويىچە تامغىلاشقا ئادەتلەنگەن ،بۇمۇ توغرا ئىش،بىراق شۇ ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ يالغۇز شەخىسنىڭ قەلبىدىكى ئورنى قانداق بۇنىڭغا سەل قارايمىز، يەنە كېلىپ ئاددىي ئادەملەرنىڭ نەزەرىدە قانچىلىك ئورۇن تۇتىدۇ ،بۇنىڭغا تېخىمۇ سەل قارايمىز. بۇنداق سەل قاراش مېنىڭچە خاتا ، بىزدە «قويچى بىلگەننى ،ئالىم بىلمەپتۇ» دەيدىغان بىر ياخشى سۆز بار ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىز كىشىلەرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلىۋالىمىز.
  شۇنداق ،تېمىغا قايىتساق مەن  مەرھۇم ئەنىۋەر ناسىرىنى ئېسىل يازغۇچى دەپ قارايمەن.نىلقىدىن قايتىپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۇ كۆز ئالدىمدىلا زاھىرلىنىپ تۇرىۋالدى.ئەتىسى ئەتىگەنمۇ بۇ ئىش تەكرارلاندى. مەن بۇنى بىر ئىشلارغا جورۇپ باققان بولساممۇ ،يەنىلا ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمدا ساقلىنىپ قالغان ئېسىل ئوبرازىنىڭ ،ئادىمىلىك پەزىلىتىنىڭ ، مەردانىلىقىنىڭ، ماڭا بەرگەن تەسىرىنىڭ شۇ قېتىمقى سورۇندا يوق بولىشى تۈپەيلىدىن ،قايتا پارتلاپ چىقىشى دەپ ئويلىدىم.شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز 90-يىلى 8-ئايدا بولغان بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. شۇ مەزگىلدە مەن ئىلى 2-سىپەندە ئوقۇۋاتاتتىم. تەتىللىك دەم ئېلىشنى تۈگۈتىپ ،مەكتەپكە ماڭدىم .غۇلجىغا كەلسەم مەكتەپ ئوقۇشنى باشلىماپتۇ،ياتاقلارمۇ ئېچىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلىشنى بىلمەي ئايلىنىپ يۈرۈپ يانچۇقتىكى پۇلنى ئوغرىغا بېرىپ ،بېشىمنىڭ ئىچىمۇ قېتىپ،تېشىمۇ قېتىپ يۈرگەن چېغىمدا ئەنىۋەر ناسىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ «بوپتۇ،ئۆكۈنمە ئاداش ،مەن بارغۇ يېنىڭدا »دىدى،گەرچە ئۇ مەندىن ئۈچ ياش كىچىك بولسىمۇ ئۇ ماڭا ئاكامدەك تەسىر قالدۇردى.شۇ كۈنى ئۇ غۇلجا سارايدىن ياتاق ئېلىپ ماڭا «ئاداش،بۈگۈن مۇشۇ يەردە ياتىمىز،قالغان ئىشلارنى ئەتە پۈتتۈرىمىز» دەپ مېنى خاتىرجەم قىلغاندىن كېيىن ،تاماقلىنىش ئۈچۈن كوچىغا باشلاپ چىقتى.بۇ چاغدا كۆز باغلانغان بولۇپ ،بىز تونۇرچى مەھەللىگە قاراپ كېتىۋاتاتتۇق، ئۈچەيدەك تار بىر يولدىن ئۆتىشىمىزگە ئالدىمىزدىن قولىغا پىچاق ئېلىۋالغان ،ئۇچرىغان ئادەمنى «ئۆلتۈرىۋېتىمەن» دەپ قوغلاپ يۈرگەن بىر مەسىتكە ئۇچراپ قالدۇق.مەن قورىققىنىمدىن نىمە قىلارىمنى بىلمەي كەينىمگە بەدەر قېچىپتىمەن،شۇ قاچقانچە بىخەتەر بىر يەرگە كېلىپ يېنىمغا قارىسام ئەنۋەر ناسىرى يوق،مەن ئۇنى مەن بىلەن بىرگە قېچىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمما مەن بىلەن بىرگە قاچقىنى ئەنۋەر بىلەن بوي بەستى ئوخشاش باشقا بىرەيلەن ئىكەن،  مەن قايتىپ بايامقى يەرگە بارسام ئەنۋەر ھېلىقى پىچاق كۆتىرىۋالغان ئادەمنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىۋاتقان ئىكەن، ئۇ ئادەم ئەنىۋەر ناسىرنىڭ ئالدىدا ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەردەك شۈمشەرىگىنىچە بېشىنى چىۋىندىگەن ئاتتەك توختىماي لىڭشىتىپ قۇلچىلىق قىلىۋاتاتتى. مەن نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ ،ئەنۋەر ناسىرىغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق، مەن زۇۋان سۈرەلمىدىم،ئەمما ئەنىۋەر ناسىرى بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ،ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەردى.مەن بۇ ھەقتىكى پاراڭنى مۇشۇ چاققىچە بىرنەچچە قېتىم ئاغزىمغا ئالدىم.ئەمما ئەنۋەر ناسىرىنىڭ بۇ ھەقتە داۋراڭ سېلىپ يۈرگەنلىكىنى تا ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم ،ئۇ ئەنە شۇنداق باشقىلارنىڭ غۇرىرىنى ئايايدىغان، كۆڭلىگە ئازار بەرمەيدىغان  مەردانە ئادەم ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە نۇرغۇن قېتىم توققۇزتاراغا باردىم. ئۇ مەن كەلسەم يېقىن بىر تۇققىنى كەلگەندەك ئالدىمغا چىقاتتى. ئەڭ يېقىن ئاغىنىلىرىنى ،ئۇقۇمۇشلۇقئادەملىرىنى يىغىپ داستىخان سېلىپ ئاجايىپ ئېسىل پاراڭلار سورىنىغا داخىل قىلاتتى. سورۇندىن تارىغاندا ئۆيىگە باشلاپ كېتىپ تۈن تاڭدىن ئاشقىچە سورۇندىكى پاراڭلارنى مۇزاكىرە قىلاتتۇق ، ئەتىسى تاڭ يورىماستا ئويغۇنىپ ھويلا-ئاملىرىنى كوچىغىچە پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلايتى مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يۇرتۇمغا قايىتقىنىمدا ئاجايىپ چوڭقۇر ھاسىلاتلارغا ئىگە بولۇپ يۈرىكىم يايراپ كېتەتتى.2013-يىلى 4-ئايدا ئىلى يازغۇچىلىرى جەنۇبى تاغدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئىلى يازغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەدىبى ئىجادىيەت سىمنارىيىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالدىم. بۇ سەپتە ئەنىۋەر ناسىرىمۇ بار ئىكەن.مەن بەك خوش بولدۇم،شۇ چاغدا ئۇ قان بېسىمى كېسىلى بىلەن يىقىلىپ بىر قولى رولىنى دىگەندەك جارىي قىلدۇرالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان بولسىمۇ ،روھى كۆتىرەڭگۈ ئىدى. بىز بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلگەندە ئۇ « ئادىل ،ئىككىمىز بىر ياتاقتا ياتايلى» دەپ قالدى.ئۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەن ئىدى.مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ شۇ ئىدى.بىز ياتاققا كىرگەندە « ئاداش ، چىرايىڭ قارىداپ قاپتۇ، مە ماۋۇ دورىنى ئىچىۋال ،ئوڭشۇلۇپ قالىسەن » دەپ بىر تال دورىنى ماڭا تەڭلەپ ئىچكۈزىۋەتتى. دورىنى ئىچىپ بىردەمدىن كېيىن ھارغىنلىقىم نەلەرگىدۇر يوقاپ، يەڭگىللەپلا قالدىم،ئەتىسى مەن«ئاداش ،ھېلىقى دوراڭ ماڭا بەك تەسىر قىلدى ،يەنە بىر تال ئىچسەم بولارمۇ؟»دەپ ئۆتۈندۈم.ئۇ « بولدى قىل دورىغا كۆنمە ،بۇ دورىنى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ،مەنلا ئىچەي» دىدى. ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق قېرىنداشلارچە كۆيىنىشىدىن كۆز جىيەكلىرىم ئىختىيارسىز نەمدەلدى.ئەتىسى بىز بىرنەچچەيلەن ئابلىكىم ھەسەننىڭ غۇلجىلىق يازغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىتەن سالغان داستىخىنىغا داخىل بولۇش ئۈچۈن بىئارتى ئاپتوبۇسىغا چۈشۈپ ، «ئالمىزار » رېستۇرانىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. مەنزىلگە كېلىپ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ، ئاز ماڭمايلا ئەنىۋەر ناسىرى سوقۇلۇپ كەتتىمۇ يا بېشى ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشتىمۇ بىلەلمەي قالدۇق، بىر چاغدا ئۇنىڭ «گۈپ» قىلىپلا يىقىلغىنىنى كۆردۈق. ئۇنىڭ يوغان گەۋدىسى يەرگە خېلىلا ئېغىر يىقىلغان ئىدى. بىز چۆچۈپ كەتتۇق،ئەمدىلا يۆلەپ تۇرغىزايلى دەپ تۇرۇشىمىزغا ئۇ ئورنىدىن ئۇزى تۇرۇپ كەتتى،ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىغا قاراپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ، بىر يەرلىرىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە قارىدىم-دە ، تەنتەربىيە ئىشتىنىڭ سول پۇت تەرەپ  قىسمى تىزدىن باشلاپ تۆۋەن تەرىپىنىڭ سىمۇنىت يولنىڭ تەسىرىدە تىتىلىپ كەتكەنلىكىنى ،ئۇ يەردىن سىرغىپ قان چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.ئىچىم ئېچىشىپ «ئەنۋەر» دىيىشىمگە ئۇ «گەپ قىلما» دىگەندەك ئىشارە قىلدى،بىز توپتىن ئايرىلىپ قالدۇق، ئۇ ھەمرالار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن«ئاداش،پۇتۇمنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق،مەن بۇنى دەپ يۈرسەم ،باشقىلارنى ئەنسېرىتىپ قويىمەن،خوشاللىقىغا سۇ سەپكەندەك بولىدۇ» دىدى.يۈرىكىم ئېزىلگەندەك بولدى.ئەنۋەر ناسىرى ئەنە شۇنداق مېھرىۋان ئېسىل يازغۇچى ئىدى.باشقىلارغا ئاۋارىچىلىقىنى سالمايدىغان يازغۇچى ئىدى.مەن ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپالمىغاچقا ،ھەدىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقمىغاچقا يوقلاپ بارالمىغانلىقىمدىن ئۆكىنىشتە ئىدىم ،ئۆزۈمنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى يوقلىقىدىن خىجالەت بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ، ئۇ«ئاداش،مەن سەندىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن،سەن جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە تۇرساڭ ، سەن كەلمىسەڭمۇ مەن سېنى يېنىمدا باردەك ،مەندىن ھال سورىغاندەك ئويلايمەن.سەن مىكرو ھېكايىلارنى ياخشى يازىسەن ،بۇ يولدىن ھەرگىز چېكىنمە » دەيتى. يېزىپ كەلسەم نۇرغۇن –نۇرغۇن ئەستىلىكلەر كۆز ئالدىمدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەك نامايەن بولىدۇ. ئۇنىڭ زور بەدىنىنىڭ ئاق كىگىزگە ئورۇلۇپ لەھەت ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقاندا،يۈرىكىم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ئازاپلاندىم. نەچچە يۈزلىگەن ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن سەپ بولۇپ جىنازىنى ئېلىپ ماڭغاندا،مەسچىت قوراسىنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغىنىدا قەدىرلىك يازغۇچىمىزنىڭ قانچىلىك ئېسىل ئادەم ،قانچىلىك ئېسىل يازغۇچى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
  شۇنداق ،ھەممىمىز ئەنە شۇ چىڭ دۇنياغا كەتكۈچىلەرمىز. ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز. بىز ئۆلگەننىڭ روھىغا ئاتاپ تىلەك بىلدۈرىۋاتقاندا ،ئۆلگۈچىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقساق،ئەنە شۇ پەزىلەتنى ئۆز ۋۇجۇدىمىزغا تەققاسلاپ ياشاپ باقساق، ئۆلگۈچىنىڭ روھى تېخىمۇ خوش بولارمىكىن،تېخىمۇ ئەمىن تاپارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئەنۋەر ناسىرى !!مەن كۆپ نەرسىلەرنى يازماقچى ئىدىم. قۇربىم يەتمىدى. ئەمما سېنىڭ ئىزگۈلىكىڭ، سېنىڭ ئادىمىلىكىڭ بىزنىڭ ۋۇجىدىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپسا ،سېنىڭ بىزدىن خوش بولىدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 17:30:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئەنۋەركا! بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى كېچىكىپ چۈشۈنىمىز،نۇرغۇن يېقىنلىرىمىزنىڭمۇ قەدرىگە ناھايىتىمۇ كېچىكىپ يىتىمىز.دۇنيادا شۇ قەدەر تاتلىق ۋە گۈزەل  ئەمما ئېرىشمەك مۈشكۈل نەرسە باركى ئۇ بولسىمۇ ئادىملىك.تىرىشىمىز بىر ئۆمۈر شۇئارلىرىمىزنىڭ تېڭى ئاتقۇچە...
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىگە جەننەتلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-18 18:30:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر نارسىرى ئىسىل پەزىلەتلىك ،غورۇرلۇق يازغۇچى ئىدى.بىراق ئۇ يۈرەكلىرىمىزگە
ئېغىر ھەسرەت تاشلىرىنى چۆكتۈرۈپ كېتىپ قالدى.مەن ئۇنىڭ روھىغا ئامانلىق تىلەيمەن،ھەر دۇئايىمدا ئۇنى ئەسلەيمەن!...خاتىرىجەم ياتقىن ئاغىنەم،بىز ھامان يېنىڭغا بارغۇچىلاردىن...
ئادىلجان سېنىڭ بۇ يازماڭ ئاز ۋە ساز بولغان تاتلىق يازما بوپتۇ!ساڭا رەھمەت،مېنىڭچە بۇ سەمىمى كۆۈل سوۋغاڭ ئەنۋەرنىڭ روھىغا تەگدى بولغاي!...

ۋاقتى: 2016-2-18 18:54:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەنۋەر ناسىرى ھەققىدىكى بۇ ئەسلىمىنى كۆرۈپ ئۆپكەم قايتىدىن ئۆرۈلدى.دەرىخا، بۇ شۇنداق ئالەمكەن. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيىتقاندا،ئەنۋەر ناسىرىنىڭ سۈپىتىگە گەپ كەتمەيىتتى.باھار كەلسە،ئىچى-تېشى باھارغا ئوخشايدىغان بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يوقلىقىنىڭ بىلىنىشى تېخىمۇ ئېنىق.ئادىلجان،ئەسلىمىنى ياخشى يېزىپسەن.ئۇنىڭ يېزىقچىلىق دۇنياسىغا ئەمەس،ئادىمىلىك سۈپىتىگە چۆكۈپ تۇرۇپ يېزىپسەن،بەك خوش بولدۇم.مەنمۇ مىركايىل نۇرالىمنىڭ رومان ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەنۋەر رەھمەتلىكنى خىيال قىلىپ ئولتۇرغان ھەتتا ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغۇرسىدا يازغان ئاددى مەرسىيەمنى ئۈنسىز زىكرى قىلغان. ئەنۋەر ناسىرى مۇشۇنداق سورۇنلارنىڭ خىلىغا خال بولۇپ يارىشىپ ئولتۇراتتى.
     ئەسلىمەڭدە ئىملا خاتالىقى خېلىلا ئېغىركەن،تۈزۈتۈپ قويساڭ بولغىدەك.

ۋاقتى: 2016-2-18 19:17:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلار كۆپ دۇنيادا ياخشىلار كۆپ،
ياخشىلارنى كۈيلەيدىغان ناخشىلار كۆپ.
                           -ئوسمانجان ساۋۇت
ياخشىلارنىڭ ئېسىل-پەزىلەتلىرى قەلبىمىزنى يۇرۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرلۇق چىراغ. ئەسلىمىنى ئوقۇپ مەرھۇم يازغۇچى ئەنۋەر ناسىرىغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 20:47:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

ۋاقتى: 2016-2-18 23:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر نارسىرى ئىسىل پەزىلەتلىك ،غورۇرلۇق يازغۇچى ئىدى.ھەي.......

ۋاقتى: 2016-2-19 13:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا بۇ گەپ ھەقىقەتەن توغرا زادى...........ئادەم ئۆمۇرلۇك ياشىمايدۇ ئەمما   ياخشى نام قالدۇرغۇچىلارنىڭ ئۆمرى ھاياتلار بىلەن بىللە. بىزلەر ئىزىنى باسقۇچىلاردۇرمىز. .................رەھمەت سىزگگ شوتا...............

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش