بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-25 07:26 PM
ۋاز كېچىش
ئەرشىدىن ئەخەت ئەسرار
ھەممىسى ۋاز كەچ دېدى
ھەممىسىدىن ۋاز كەچتىم.
ئۇنى سۆي دېدى
ھەممىسىنى سۆيدۈم.
ئۇنى ئايلاندىم
مېنى ئايلىنىشتى
ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمەك بولدۇم
ھەممىسى ئۇنتۇپ كىتىشتى.
ئادەم دېڭىزىدا ئىدىم
سۇدەك ئاقاتتىم
ئشق گۈلخىنىدا ئىدىم
ئوتتەك كۆيەتتىم
ئۇنى سۆيەتتىم.
بىر كۈن بىر يىلغا ئايلاندى
كۆزلەر ئۆچتى
سۆزلەر كۆچتى.
ھاياجان ئورمانلىقىدىن چىقتىم،
قۇرۇق كۆڭۈل ئىدىم
پەرىشان كۈيلەرنى ئاڭلىدىم
پەرىشان ئىدىم.
يالغۇزلۇققا ئۈندۈم گۈلدەك،
ئوتنى ئۆچۈردۈم
توزۇتتۇم گۈلدەك
توزۇپ كەتتى مەغرۇر بىر يۈرەك.
2016-2-18
|