بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-18 03:07 AM
ساھىل ۋە مەن
(داستان)
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
(1)
كۆك ۋە زېمىن تۇتاشقان جايدىن،
زەيتۇن ئىزدەپ يۈرەر بىر چايكا.
قۇم ساھىلدا قەدىم بىر ئىز بار،
نوھنى ئېلىپ كەتكەن كېمىلەر
يافڧەس بىلەن قالار ساھىللار.
ئوغۇللىرى ياشاپ ئەسىرلەر...
كىم كىملەرگە قالغان ئايلىنىپ،
كىملەر ئىسىل، كىم پەس نەسىللەر؟
يۈسۈپ يېغلار باھاردا ھۇم-ھۇم،
بەزلەپ قويار قۇل دەپ ساتقانلار.
ئىندىئان زار، نېگىرغا بازار،
-شاھ! دەپ توۋلار بازار ئاچقانلار...
(2)
دەمدەر ئۈنى كېلەر يىراقتىن،
ھەسرىتىدىن يەر- زېمىن ئۈنلەر.
دېڭىز ساڭا رېۋايەت سۆزلەر...
قەدىم،
ئوقيا كەبى ئېگىلگەن ھىلال،
دېگەن- ئوغلان، يىراققا ئېتىل.
كوئىنلوندا قەسىرىڭ بولسۇن،
ئارامگاھىڭ سەلەڭگە، ئىدىل.
ھىندى، ئىلەم، تارىم، ئۆتۈكەن،
بۇرجەك بولسۇن نىل بىلەن سىپىل!
كۆك ۋە زېمىن تۇتاشقا جايدىن،
قولۇلە بوپ قىرغاققا ئېتىل.
ئەي بىچارە قەلەمنى تاشلا،
كەل دولقۇنلار سېپىگە قېتىل!
بەس، قۇملارغا سىزما خەرىتە،
ئىجاد بىرلە تارىخقا يېزىل!...
(3)
مەن تۇرارمەن ساھىل بويىدا،
قۇلدىن بەتتەر ھايات كويىدا...
- ئالتۇن بىلىق!
- كۈمۈش بىلىق!
-تۆمۈر بىلىق!...
يۈرۈكۈمنى موجۇيدۇ موماي،
قانلىرىمنى شورايدۇ موماي،
ساقال يۇلۇپ، تىللايدۇ موماي
تاپېنىمنى تېشىپ بىگىزدا
قانلىرىمنى شورايدۇ موماي...
مەن ساھىلدا، ساھىل مەن بىلەن
(بىر قەدىمى چۈشكە ئىشىنىپ)
يەتتە، توققۇز، قىرىق تىرىلىپ،
بەخىت كۈتەر خېيال تورىدا...
كۆپ چېكىتلەر ئۆرلەر ھورسىمان،
كۆز يەتكۈسىز يەلكەن دېڭىزىدا...
2016-يىل، 1-ئاينىڭ 06-كۈنى، ئىستانبۇل