كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 15

ساداق(ت): يۈسۈپ -ئەھمەد (داستان )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-29 11:04 AM  

سۆز بېشى:
ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق  داستانى «يۈسۈپ –ئەھمەد»سەھىپىسى  بىر قەدەر ئۇزۇن ۋەقەلىكلىرى كۆپ   ئىپىك داستان بۇلۇپ  بىر قىسىم خەلق داستانچىلىرىنىڭ  ئەجىر قىلىشى بىلەن بىيىت-نەزملىرى ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ  مەزمۇن جەھەتتىن  قىسقىراپ  يۇقلىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.  بۇ داستان   مۆھتەرەم ئۇستاز مۇھەممەت زۇنۇننىڭ نەشىرگە تەييارلىشى ، ئۇستاز ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ مۇھەررىرلىكىدە شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1981-يىلى 10-ئايدا 1-قېتىم نەشىر قىلىپ 1989-يىلى 1-ئايدا 3-قېتىم قايتا بېسىپ تارقاتقان . ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ  داستاننى تۇلۇق تېكىستى بىلەن  مۇنبەرداشلارنىڭ ئوقۇپ زوق ئېلىشىغا يوللاشنى ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ ئويلىدىم.
( پۈتۈن داستان جەمئى 230 بەت  بولغاچقا  مەزمۇن ۋەقەلىكىنى ئاساس قىلىپ بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈپ يوللاشنى لايىق تاپتىم. تىل جەھەتتە قەدىمىي پۇراق ساقلاپ قېلىندى)

يۈسۈپ –ئەھمەد
ئۇيغۇر خەلق داستانى
مۇنبەرگە يوللىغۇچى: مامۇتجان ئىمىن ساداق
(1)
ۋەقەلەرنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ،خەۋەرلەرنى دەۋىردىن-دەۋىرگە يۆتكىگۈچىلەر ،داستان سۆزلىگۈچىلەر ،سۆز خامانلىرىدىن باشاق تېرىپ ئالغۇچىلار شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى ،ئىسپىھان شەھرىدە بوز ئوغلانخان دىگەن بىر پادىشاھ بار ئىدى. ئۇ – ئۆزىنىڭ لەئلىخان ئايىم دىگەن سىڭلىسىنى ۋەزىرى ئاغابەگ خانغا توي قىلىپ بەردى. ئۇلاردىن ئىككى ئۇغۇل ،بىر قىز دۇنياغا كەلدى . ئوغۇللىرىغا يۈسۈپ بەگ ۋە ئەھمەد بەگ دەپ ئات قويدى . ئۇلار ئوقۇپ يۈرگەندە ئاتىسى ئاغابەگ خان ۋاپات بولدى . بۇلار تاغىسى بوز ئوغلانخاننىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ئۆستى . ئۇلار ئوقۇشتا كامالىغا يەتتى، ئەمدى ئۇلارنى ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنسۇن دەپ ياراق – جاندۇق، ئات ۋە سەرۇپايلارنى بېرىپ بىر نەچچە يىگىتلەرنى قوشۇپ قويدى.
بۇلار ئون ئىككى ياشقا  كىرگەندە ھەربى ئىشلارنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولدى . ئاندىن بۇلارنى ئوردا ئىچىدە مەھرەم بېشى قىلدى . بۇلار ئوردا يىگىتلىرىگە تولا ياخشىلىقلارنى قىلىپ ئۆزىگە قاراتتى ،پات –پات شىكارغا چىقىپ تۇراتتى .
ئەلقىسسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر سەركەردە كېلىپ پادىشاھ بوز ئوغلانخانغا :
-        ئەي پادىشاھىم ، سىزنىڭ شەپقەتلىك ھەمشىرىڭىز پەرزەنتلىرى يۈسۈپ بەگ بىلەن ئەھمەد بەگلەر ھەر تەرەپتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تۇرۇۋاتىدۇ ، ئاخىر سىزگە زىيان يەتكۈزەرمىكىن ،-دەپ ئەرز قىلدى .
-        بوز ئوغلانخان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غەزەپكە كەلدى –دە ،دەرھال مىرزىسىنى چاقىرتىپ ،«ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز، ئەخمەققە كالتەك ،ئۇلار بۇيرۇققا دەخلى قىلمىسۇن » دەپ نامە يازدۇرۇپ يۈسۈپ بەگ ۋە ئەھمەد بەگلەرگە ئەۋەتتى.
يۈسۈپ بەگ ۋە ئەھمەد بەگ نامىنى ئېچىپ كۆرسە مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن:
نەزم
بىر شەھەردە ئىككى سۇلتان نە ئىشلەر،
بۇ ئوغۇللار شاھلىق تەمە قىلۇرمۇ؟
بىر ئۇگىدا تۇرالماس بىر نەچچە قۇش،
قاغا-قۇزغۇن ،زاغ، ئارسلان بۇلۇرمۇ؟

نە ئىشلارنى قىلۇر مۇندا ئىككى ئوغلان ؟
ئىسپىھاندىن كۆچۈپ كەتسۇن بۇ زامان،
بىزگە دۈشمەن بۇلۇر بى شەك ، بى گۇمان ،
تۈلكىلەرنىڭ زاتى قاپلان بۇلۇرمۇ؟

ياخشى زەردىن كۇرسى ئاڭا قويدۇردۇم،
تىللا تۆشەك تەختكە ئانى مىندۈردۈم،
ئىسپىھاننىڭ نىسپى خراجىن بۇيرۇدۇم ،
كەلخەت قۇشلار شۇڭقار ئەلھان بۇلۇرمۇ؟

ئوغرى  مەككار بارۇر ئىمىش قاشىغە ،
كۆپ سەۋدالار چۈشەر ئادەم باشىغە،
ھالىن بىلىپ تۆۋەن قىلسۇن ئىشىغە،
ئول ئۆزىچە ھاكىمىيەت سورارمۇ؟

بوز ئوغلانخان دەر بەگلەرگە سالامىن،
مەن ئىبەردىم ئانچە توغرا كالامىن،
تېزراق قىلسۇن يول تەرەددۇت ئەنجامىن،
يۈسۈپ –ئەھمەد يۇرتقا سۇلتان بۇلۇرمۇ؟
ئەلقىسسە ، يۈسۈپ بەگ بىلەن  ئەھمەد بەگ بۇ نامىنى كۆرۈپ چىرايلىرى ئۆزگەردى. بېشىغا ئاتەش ئۆرلىدى. نامىنىڭ مەزمۇنىنى يىگىتلىرىگە بىلدۈرۈپ:
-دوستلار، تاغىمىز بوز ئوغلانخان ئەمدى بىزگە دۈشمەن بۇلۇپتۇ، -يىگىتلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غەزەپلىرى كېلىپ :
-ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈپ ،بوزئوغلانخان بىلەن جەڭ قىلىپ ئىسپىھان شەھرىنى ئالىمىز ،- دېدى.
يۈسۈپ بەگ يىگىتلىرىگە قاراپ :
-        ئەي يارانلار، دۈشمەن دىگەن كىشىنىڭ ئاياغ-ئاستىدا پەيدا بۇلىدىكەن ، بۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماق لازىم ئەمەس، مېنىڭ سىلەرگە بىر تەمسىل سۆزۈم بار،- دېدى.

نەزم
نا ئەھلى بىلەن سۆھبەت قۇرما ھەر يەردە،
دۈشمەنلەرگە ئېيتىپ سىرىڭ بىلدۈرۈر.
ئىچىڭدىكى سىرنى ئېيىتما نامەردكە،
ھەر كىشىگە سىررى ھالىڭ بىلدۈرۈر.

مۇھەببەتسىز گۈلدىن ياخشىدۇر ياپراق،
بى بەھرى گىياھتىن ياىشىدۇر تۇپراق،
بى ئەقىل يولداشتىن ياخشىدۇر تاياق،
كور كىشىگە يۈرەر يولىن بىلدۈرۈر.

يامانلارنى ئېلىپ بارما ھەر يەرگە،
سېنى سالۇر غەم-غۇسسەنىڭ چاھىگە،
مۇھەببەتسىز ھەمراھ بىلەن بارما ھەر يەرگە،
كۈچۈك ئىتتەك قاۋاپ پەيلىن بىلدۈرۈر.

يۈسۈپ بەگ دەر ئەقەپ زامان بولدىلەر،
بۇ يۇرت بىزگە ئەمدى ھارام بولدىلەر،
يامانلارنىڭ سۆزىگە كىرمەڭ يارەنلەر،
يامان خەقلەر يامان پەيلىن بىلدۈرۈر.

ئەلقىسسە، بۇ سۆزدىن كېيىن يۈسۈپ بەگ ، ئەھمەد بەگلەر ئونمىڭ ئۆيلۈك خالايىقنى باشلاپ ئىسپىھاندىن كۆچۈپ كەتتى. قىرىق بەش كۈن دىگەندە بىر چىمەنزارلىققا چۈشتى . ئاجايىپ خۇش ھاۋا جاي ئىدى. بۇلار ھەر تەرەپكە ئۆستەڭ قېزىپ ،دېھقانچىلىق قىلىپ بىر گۈزەل شەھەر بىنا قىلدى . بۇ شەھەرگە خىۋە دەپ نام بەردى. ئونمىڭ ئۆيلۈك كىشىلەرنى ماكانلاشتۇرۇپ ،ئەل ئىچىدىن بىرى مىڭغا تېتىيدىغان قىرىق يىگىتنى تاللاپ ئۇنۇڭغا تاغىسى ھۇشۇر بەگنى سەردار قىلدى.ئاندىن ھەر تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ ،مەردانىلىك كۆرسىتىپ ،ئەتراپتىكى ئىككى ئايلىق يەرلەرنى ئۆزىگە تەۋە قىلدى. بۇلارنىڭ شۆھرىتى ھەر تەرەپكە ئاڭلاندى. «ئىككى ئارسلان پەردا بۇلۇپتۇ ، قەيەرگە قەدەم قويسا ئالۇرمىش، بىر شەھەر بىنا قىلىپتۇ » دىگەن گەپلەر ئەتراپقا تارالدى.
شۇ چاغلاردا ئۈرگەنق يۇرتىدا بىر پادىشاھ بار ئىدى . ئېتى ئېر ئەلىخان ئىدى. بۇ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا نەدىربەگ، كۈنخان ، ئايخان ، ئىسمەتخان ، قىسمەتخان ئاتلىق بەش موھۇردار سۇلتان بار ئىدى. بىر كۈنى ئېر ئەلىخان بۇ سەركەردىلەرنى يىغىپ مەسلىھەت ئۆتكۈزدى.
-        ئەي، سەركەردىلەر ، مۇشۇ ئەتراپتا ئىككى شېرمەرد پەيدا بۇلۇپتۇ، ئۇلار بىزنىڭ شەھرىمىزگە يېقىن كېلىپ بىر شەھەر بىنا قىلىپتۇ، بۇلارنىڭ ئاتلىرى يۈسۈپ-ئەھمەد ئىمىش، ھۇشۇربەگ دەپ سەركەردىسى بار ئىكەن ، ئاخىرى بۇلار شەھرىمىزگە قەدەم قويغۇدەكمىش، بۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغىنىمىز ياخشىمۇ ياكى ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ پەھلىۋانلىقىنى سىناپ ، خۇي-پەيلىنى بىلگەن ياخشىمۇ؟-دېدى.
سەركەردىلەر:
-        ئەي پادىشاھىم ، ئۇلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ سىناپ كۆرگەن ياخشىدۇر ،-دېيىشتى.
پادىشاھ  سەركەردىلەرنىڭ مەسلىھىتىنى ماقۇل كۆرۈپ ، توققۇز تۆگىگە سوۋغا-سالام ، ئون يەتتە ئالتۇن قالقان يۈكلەپ ، سەركەردىسى ئايخاننى باش ئەلچى قىلىپ ، ئۆز نامىدىن بىر پارچە نامە يېزىپ ،شاھلىق مۇھۈرىنى بېسىپ خىۋە شەھرىگە ئۇزاتتى.
ئايىان بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپ خىۋە شەھرىگە يىتىپ باردى ۋە يۈسۈپ بەگنىڭ بەرگاھىغا كىرىپ ، نامىنى يۈسۈپ بەگكە سۇندى . يۈسۈپ بەگ نامىنى ئۇقۇپ كۆردى. قارىسا ، بەش سۇلتان مۈھۈر بېسىپتۇ . يۈسۈپ بەگ بۇ نامىنى ئەھمەد بەگكە كۆرسىتىپ بۇ سۆزنى ئېيىتتى:
نەزم
قۇلاق سېلىپ  ئەرزىم ئىشىت بەگ ئەھمىدىم،
بەگلەر بېگى بىزگە سالام ئىبەرمىش.
ئۈرگەنجىنىڭ ئادالەتلىك سۇلتانى،
ياخشى سۆزلەر بىلەن كالام ئىبەرمىش.

ئېتى ئايىخان ،ئېر ئەلىخان قانداشى،
كۈنخاننىڭمۇ تۇغقىنى ،ئىمىلداشى،
ئىككىمىزگە كەلتۈرۈپ كۆپ پىشكەشى،
مېھرىبانلىق قىلىپ ئىنئام ئىبەرمىش.

توققۇز تۈرلۈك تارتۇق بىلەن بىدۇ ئاتى،
بەش مۇھۈر بېسىلغان ئىكەن خېتى،
ئالماس قىلىچ بىلەن ئېركەن قالقانى،
ئىككىمىزگە شۇنچە ئىنئام ئىبەرمىش.

ھەر بەندىگە خۇدا بولسا مېھرىبان،
قايدا بارسا خار بولماس بى گۇمان،
ئۈرگەنجىنىڭ يۇرتىدا بىزگە بەش سۇلتان،
ئوغلۇم دىبان ياخشى كالام ئىبەرمىش.

ئايىان ئىكەن كەلگەن ئەلچىنىڭ ئاتى،
ئەسلىن سورىساڭ چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى،
دوستلۇق ئىكەن ئۇنۇڭ مەقسەت مۇرادى،
بەگلەر بېگى بىزگە سالام ئىبەرمىش.

يۈسۈپ بەگ دەر: بۇ دەۋرانلار غەنىيمەت،
بىزگە كەلدى بۈگۈن ئەييامى دۆلەت،
ئەھمەت خانىم نېمە دەرسىز مەسلىھەت،
كەلسۇن دېبان بىزگە رەقەم ئىبەرمىش.

ئەھمەد بەگ دېدىكى:
-        ئەي ئاكا، بىز بىر-ئىككى ئۆيلۈك ئەمەس، ئونمىڭ ئۆيلۈك قېرىنداشلىرىمىز بار ، شۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشكىنىمىز ياخشى ،«كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا بولماس»،-دېدى-دە تەمسىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:


نەزم
كېڭەشلىك تون قىسىا بولما ھەر يەردە،
ئاغا سىزنى ئاغا بىلگەن يىگىتلەر.
نىسىۋىس شۇنچە كۆپتۇر دۇنيادە،
ئۇلۇغلارنىڭ پەندىن ئالغان يىگىتلەر.

ئېر ئەلىخان ئېتى، ئۆزى ۋەلىدۇر،
ئەسلى خۇدانىڭ سۆيگەن قۇلىدۇر،
بىلسەڭ ئەگەر چىلتەنلەرنىڭ يارىدۇر،
گۈھەر بۇلۇر بىر نەزەر سالسا يىەىتلەر.

ھۈرمەتىمىز بۇلۇر بۇندىن زىيادە،
بۇلار كەبى سۇلتانلار يوق دۇنيادە،
نەزەر سالسا يىتىشۇرمىز مۇرادە،
پادىشاھلار دۇئاسىن ئالغان يىگىتلەر.

ياغدۇرۇپتۇ مۇندا كۈمۈش تىللانى،
بىر مەسلىھەتكە كەلمەك كېرەك ھامانى،
ۋەدە قىلغان يالغان ئەمەس ئىمانى،
ئۇلۇغلارنىڭ قەدرىن بىلگەن يىگىتلەر.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ يۈسۈپ بەگ ماقۇل بولدى . ئېر ئەلىخان ئىبەرتكەن تارتۇقلارنى خالايىقلارغا بۆلۈپ بەردى . بارچە خەلق مەمنۇن بۇلۇپ :
-ئەي يۈسۈپۈم، بارغىنىڭىز ياخشى، كىشى ئىززەت تاپقان يېرىدە ئېزىز بۇلۇر ، سىزنىڭ ئادالىتىڭىزدىن باياۋاندىكى شىر ،بۆرىلەرمۇ ئاماندا بۇلۇر،-دېدى.
      ھەر قايسى ئەمىرلەر ئۆز ھالىغا يارىشا مەسلىھەتلەرنى قىلدى. شۇنۇڭ بىلەن يۈسۈپ بەگ ئايخاننى چاقىرىپ ، ئالدىغا تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەرنى قۇيۇپ ، بېشىغا ئالتۇن سەللە ئورىدى، بېلىگە ئالتۇن كەمەر باغلىدى.  ئايخان تەزىم ۋە قۇللۇق بىجا كەلتۈردى . ئاندىن يۈسۈپ بەگ ئايخانغا:
-         بىزمۇ بەش – ئالتە كۈندىن كىيىن خىزمەتلىرىگە  يىتىپ بارۇرمىز، - دېدى ۋە ئايخاننى ئىززەت- ھۈرمەت بىلەن ئۇزاق يەرگىچە ئۇزىتىپ قويدى.
  ئايخان بىر نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كىيىن ئۈرگەنچىگە يېتىپ كېلىپ ئېر ئەلىخانغا  كۆرۈنۈش قىلدى . ئېرئەلىخان پۈتۈن ۋەزىر ،سەركەردىلىرىنى يىغىپ ئايخاندىن :
-ئول قانداق شەھەر ۋە قانداق ئادەملەر ئىكەن؟- دەپ  سورىدى.
ئايىان يۈسۈپ بىلەن ئەھمەدنى تەرىپ قىلىپ ،كۆرگەنلىرىنى  مۇنداق بايان قىلدى.

نەزم
خوپ بەگ ئوغلى ئىككى ئېسىل شاھزادە،
ساخاۋەت بابىدا ھاتەمچە باردۇر.
مەردى مەيدان ئىچرە بەلكى ئۇستادە،
شىجائەت بابىدا رۇستەمچە باردۇر.

بىر شاھىن شاھ ئىرۇر شاھى قەيسەردەك،
ھۇشۇر بەگ سەردارى دىۋە ئەىتەردەك ،
سىياسەت بابىدا رۇمى قەيسەردەك،
ئادالەت بابىدا« ئۆمەر»چە باردۇر.

كۈندە يۈزمىڭ خەزىنىسى ئاچىلۇر،
مەرىپەت قىلسا گۈھەر ساچىلۇر،
غازات قىلماقتا ئىجتىھات قىلۇر،
كىم ياخشى بولسا ئۇ شۇنچە باردۇر.

كەمسىتىپ بولماس بەگلىك بابىدا،
كەملىك كۆرمىدىم ھەر ئەسبا بىدا،
ئېتىنى چاپار يورغا بابىدا ،
شامالدەك يۈرۈشى قۇيۇنچە باردۇر.
يۈسۈپ –ئەھمەد ئىككىسى بىردەك،
ھۇشۇر بەە سەردارى شىرى يەزداندەك،
قىرىق يىگىتى بىر جان بىر تەندەك،
جاسارەت بابىدا «ئوسمان»چە باردۇر.

ھەپتىدىن سوڭ مۇنداق قىلۇر ئىرادەت،
ئۇلار ئۈچۈن قىلىڭ زەررىن ئىبادەت،
قادىر مەۋلان قىلۇر سىزگە كارامەت،
بىرى شىردەك بىرى قاپلانچە باردۇر.

ئىككى سۇلتان بىر-بىرىگە مۇۋاپىق،
خۇدايىم ياراتمىش دۆلەتكە لايىق،
ئايخان ئېيتۇر :كۆرۈپ كەلدىم خالايىق،
ئىشتسەڭلار بۇ سۆزۈم يۈزمىڭچە باردۇر.

ئەلقىسسە، ئېرئەلىخان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يۈز ھەسسە ئوت پىراق ئىچىدە كۆيدى. مۇھەببەتلىرى زىيادە بولدى. ئالتۇن ھەل بىرىپ ئىككى مېھمانخانا تەييارلىدى. بىر ھەپتىدىن كىيىن يۈسۈپ بەگ بىلەن ئەھمەد بەگ قىرىق يىگىتى  بىلەن ئاتلىنىپ ئۈرگەنچ يۇرتىغا يېتىپ كەلدى. ئېر ئەلىخان تامامى بەگلىرى بىلەن ئالدىغا چىقىپ ئىززەت- ھۈرمەت بىلەن  شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ تەخىتكە تەكلىپ قىلدى. يۈسۈپ بەگ ، ئەھمەد بەگلەر ئەدەب- ھۈرمەت ساقلاپ پەستە ئولتۇردى . ئېر ئەلىخان بۇلاردىن ھاردۇق سوراپ چىن قەلبىدىن بۇ سۆزلەرنى ئېيىتتى:

نەزم

خۇش كېلىپسىز بۇ شەھەرگە ئەزىزىم،
تاجۇ -تەختىم  ساڭا بولسۇن يۈسۈپخان.
باشىڭدىن ئۆرگىلەر ساھىب تەمىزىم،
مالۇ –مۈلكىم ساڭا بولسۇن يۈسۈپخان.

ئەگەشتۈرۈپ ياخشى يىگىت ئۇغۇللارنى،
قەددى شەمشاد ھۆسنى تازە گۈللەرنى ،
شىكار قىلىپ مۇرغىزارە چۆللەرنى،
شۇڭقار بىرەي ئويناپ يۈرۈڭ يۈسۈپخان.

دەپتىرىمدە بارۇ مالىم نەقدىمنى،
سىزگە بىرەي ئالتۇن تىللا تەختىمنى،
خۇدايىم ئاچقايلەر مېنىڭ بەختىمنى،
مېھمان بۇلۇپ يۈرۈڭ ئەمدى ئەھمەدخان.

باھاردا ئاچىلغان تازە گۈلۈمنى،
ھېچكىم بىلمەس مېنىڭ شەرھى دىلىمىنى،
سىزگە بەردىم بارچە تابە ئېلىمنى،
خالايىقلار يار بولسۇن سىزگە يۈسۈپخان.

ئېر ئەلىخان ئۇرفە راھىڭدۇر ئۆزۈم ،
قەدەم قويساڭ خاك پايىڭدۇر كۆزۈم،
كېچە –كۈندۈز دۇئاگۇيۇڭدۇر سۆزۈم،
سېنىڭ ياشىڭ ئۇزۇن بولسۇن يۈسۈپخان.

ئەلقىسسە، ئېر ئەلىخان يۈسۈپ بەگ ۋە ئەھمەد بەگلەرنى كۆپ ئىززەت- ئىكراملار قىلدى. بەگلەر ئەدەپ ساقلاپ پەستە ئولتۇردى. سەركەردىلەرمۇ بۇ كۆرۈپ :
-        بۇ بەگلەرنىڭ ھالى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ، ئىززەت – ھۈرمەتنى لايىق كۆرمىدى ،- دەپ شىكايەت قىلدى. يۈسۈپ بەگ بۇ  سكزلەرنى ئىشتىپ پادىشاھ ، ئەمىر ، سەركەردىلەرگە قاراپ مۇنداق دېدى:
نەزم

ئۇمرالار، ئاكا بىرلەر ھالىمنى بىلگەن ياخشىدۇر،
پادىشاھلار يولى ئۇلۇغ ، ئىززەت قىلغانىم ياخشىدۇر.

ئۇلۇغلارغا قىلسا خىزمەت، ئول كىشىلەر تاپقاي دۆلەت،
ئىنسان بەرەەي ئاڭا ھۈرمەت، ئۆزىنى بىلگەن ياخشىدۇر.

يىگىت دىگەن جۆھەر بۇلۇر،خىزمەت قىلسا نۆكەر بۇلۇر،
پادىشاھ خەلقى گۈھەر بۇلۇر،خىزمەت قىلغانىم ياخشىدۇر.

شاھىن شاھلار ھەر شەھەردە، كارۋانلار بۇلۇر چۆلدە،
پادىشاھلار نەزەر كەردە، دۇئا ئالغانىم ياخشىدۇر.

ئەدەبنىڭ جايى باردۇر، .ەدەب بىلمىگەن بىكاردۇر،
پادىشاھقا چىھلىتەن ياردۇر، خىزمەت قىلغانىم ياخشىدۇر.

پانى دۇر ئۇشبۇ جاھان ،باقى ئەمەستۇر جاۋىدان،
بۇ دۇنيادىن ئۆتەر سۇلتان ،سۇلتانغا ئەدەب ياخشىدۇر.

يۈسۈپ –ئەھمەدلەر قىشلاقى،دائىم يىگىتلەر يايلاقى،
بۇ دۇنيانىڭ خوۋلىقى، بىر-بىرىنى سۆيگەن ياخشىدۇر.

بۇ سۆزلەرنى تامام بەگلەر ئىشتىپ ، خىجىل بۇلۇپ بۇلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقىدى.
    ئېر ئەلىخاننىڭ گۈل ئەسەل ئايىم دەپ بىر قىزى بار ئىدى، ئۇ قىزنى يۈسۈپ بەگكە، نەدىر بەگ سۇلتاننىڭ بىر قىزى بار ئىدى ، ئۇنى ئەھمەد بەگكە نىكاھ قىلىپ قىرىق كېچە- كۈندۈز توي قىلىپ بەردى. ھەزارس دىگەن شەھەرنى يۈسۈپ ،ئەھمەدلەرەە تۇتتى. بۇلارنىڭ نامى ھەر تەرەپكە پۇر كەتتى.


ئىزاھات: پۈتۈن داستاننىڭ 1981-يىلىدىكى نەشىرى 230 بەت بولغاچقا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىغان .

تەييارلىغۇچى: مامۇنجان ئىمىن



يۈسۈپ –ئەھمەد  (2)

(ئۇيغۇر خەلق داستانى)


    ئەلقىسسە،  سۆز ئىىشىتمەك كېرەككى، مىسىز شەھرىدە گۈزەلشاھ ئىسىملىك بىر پادىشاھ بار ئىدى. ئۈچيۈز توقسان سەركەردىسى بار ئىدى . بۇلار كېچە كۈندۈز شاھنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. گۈزەلشاھ بىر كېچىسى چۈش كۆردى. چۈشىدە بىر تاۋاق تىللانى بېشىغا قۇيۇپ كىتىپ باراتتى، تۇساتتىن بىر كوچىدىن ئىككى يولۋاس چىقىپ ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئېغىز سالدى. بېشىدىكى تىللالىرى يەرگە چېچىلدى، ئاندىن كىيىن ئاغزىدىن بىر قارا قۇش ئۇچۇپ چىقىپ بېشىدا پەرۋاز قىلىپ ، ئايلىنىپ تۇردى. گۈزەلشاھ چۆچۈپ ئويغاندى. تاڭ ئاتقۇچە قورقۇپ ئۇخلىيالمىدى. ئەتىسى پۈتۈن مۇنەججىملەرنى  يىغدۇرۇپ ،كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرىنى سورىدى. ھېچكىشى جاۋاپ بىرەلمىدى. شۇ مەھەلدە  بىر سەھرالىق ئادەم گۈزەلشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ دېدىكى:
-        ئەي پادىشاھى ئالەم ، سارايغا چىن ماچىن شەھرىدىن بىر كارۋان كېلىپ چۈشتى. ئارىسىدا بىر دانا كىشى بۇلۇپ ئۈچ تۆگە كىتابى بار ئىكەن . كۆرگەن چۈشىڭىزگە شۇ كىشى تەبىر بېرەلەرمىكىن.
گۈزەلشاھ خۇشال بۇلۇپ ،دەرھال ياساۋۇللارنى ئەۋەتىپ ئۇ كىشىنى ئالدۇرۇپ كەلدى. كۆردىلەركى، بىر ئاقساقاللىق ، يۈزلىرى نۇرانە كىشى ئىدى. گۈزەلشاھ كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرىنى سوراپ خۇن-جىگىرىدىن بۇ بېيىتنى  ئوقىدى:

نەزم

ياتار ئىدىم تەخت ئۈستىدە بىر كېچە،
ئىككى يولۋاس ماڭا ھەيۋەت قىلدىلەر.
جانىمغە قەست ئەتتى ئۆز مىقدارىچە،
ۋەھشەت بىلەن بەرداشىمنى ئالدىلەر.

نەرە تارتىپ ماقا باقىپ يۈگۈردى،
ھەيبەتىدىن قامەتلىرىم پۈكۈلدى.
باشىمدىكى تىللالىرىم چېچىلدى،
قول ئۇزىتىپ ماڭا چاڭگال سالدىلەر.

كۆرگەچ ئانى قورقتۇم چاچراپ ئورنۇمدىن،
خەۋەر ئېيتقىن مېنىڭ ئۇشبۇ ھالىمدىن،
بىر قارا قۇش ئۇچۇپ كەتتى ئاغزىمدىن،
پەرۋاز قىلىپ كۆپ ئايلىنىپ تۇردىلەر.

گۈزەلشاھنىڭ كۆرگەن چۈشى نېچۈك چۈش،
چۈش كۆرگەندىن بۇيان ككڭلۈم خارامۇش،
بۇ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن ئەي دەرۋىش،
تاقىتىم تاق بولدى  ئەقلىم  كەتتىلەر.

ئەلقىسسە، گۈزەلشاھتىن بوۋاي قەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئىشتىپ ،پادىشاھقا:
-سوئال سورىغۇچى كىشى تەخت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ،جاۋاپ بەرگۈچى پەستە تۇرسا بۇلۇرمۇ؟-دېدى.
گۈزەلشاھ دەرھال تەختتىن چۈشۈپ ،ھەزرىتى بوۋاي قەمبەرنى تەخىت ئۈستىگە تەكلىپ قىلدى. بوۋاي قەمبەر بىرىم گۈزەلشاھنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ ،چۈشكە تەبىر بېرىپ بۇ بېيىتنى ئوقىدى:

نەزم

يولۋاس سۈپەت كۆرگەن يۈسۈپ بەگ خاندۇر،
يۈسۈپ ئالۇر شەھرىڭنى كۆگەن ئەھۋالىڭ.
كۆرگەنىڭنىڭ بىرى ئەھمەد بەگ خاندۇر،
يۈسۈپ ئالۇر شەھرىڭنى كۆگەن ئەھۋالىڭ.

خارەزىمدە باردۇ ر يۈسۈپ بەگ ئاتلىق،
قىلغان ئىشى دائىم زىكرى سۆھبەتلىك،
چۈشۈڭدە سەن كۆرگەن يولۋاس سۈپەتلىك،
يۈسۈپ ئالۇر شەھرىڭنى كۆگەن ئەھۋالىڭ.

باشىڭدا كۆتۈرگەن خانۇ- مانىڭدۇر،
تىللادەك چېچىلغان قىزىل قانىڭدۇر،
قارا قۇش بۇلۇپ ئۇچقان ئېزىز جانىڭدۇر،
يۈسۈپ ئالۇر شەھرىڭنى كۆگەن ئەھۋالىڭ.

نە سەۋەپتىن شاھىم رەڭگىڭ سارغايدى،
ئاسماندىن تكت كىتاپ ئىگەم ئىبەردى،
ئەلىنىڭ شاگىرىتى قەمبەر ۋەلى ھەق سكزلىدى،
يۈسۈپ ئالۇر شەھرىڭنى كۆگەن ئەھۋالىڭ.

ئەلقىسسە ، گۈزەلشاھ بۇ سۆزلەرنى  ئاڭلاپ ، دەر غەزەپ بۇلۇپ بوۋاي قەمبەرنى زىندانغا سالدۇردى. گۈزەلشاھ ۋارقىراپ جاكارلىدىكى:
-        كىمدە كىم ىارەزىم شەھرىگە بېرىپ ، يۈسۈپ-ئەھمەد دىگەنلەرنى تۇتۇپ كەلسە ئۇنۇڭغا كۆپ ئىنئاملار قىلۇرمەن ،بەگلەر بېگى قىلىپ ئەمەل بېرۇرمەن. مۈلكىمنىڭ نىسپىنى بېرۇرمەن .
بۇ ئىشقا ھېچكىم تەلەپكار بولالمىدى. شۇ ئەسنادا كۆكچى ئەييار دەپ نام ئالغان مىرزا ئەھمەد دىگەن بىرى چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ دېدىكى:
-ئەي پادىشاھى ئالەم ، مەن ئۇلارنى باغلاپ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىمەن .
گۈزەلشاھ خۇشال بۇلۇپ سورىدىكى:
-        ئەي مىرزا ئەھمەد ئۇلارنى قانداق ئېلىپ كېلۇرسەن؟- مىرزا ئەھمەد:
-        -پادىشاھى ئالەم ، مەن بارسام بىر نەچچە ۋاقىت ئۇلارغا خىزمەت قىلۇرمەن ،ئۆزۈمگە ئىشەندۈرۈپ ئېلىپ كېلۇرمەن ،-دېدى.
گۈزەلشاھ دېدىكى:
-ئۇنداق بولسا لازىم بولىدىغان نەرسىلىرىڭنى ئالغىن.
ئەلقىسسە ، مىرزا ئەھمەد  بىر ئايلىق يولنى ئۈچ كۈندە بېسىپ ، يىگىرمە بىر كۈن بولغاندا ئۈگەنىچ شەھرىگە يېتىپ كەلدى. يۈسۈپ بەگ بىلەن ئەھمەد بەە سەركەردىسى، قىرىق يىگىتى بىلەن شىكار قىلىپ يۈرەر ئىدىلەر. مىرزا ئەھمەد بۇلارنى كۆرۈپ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ بوينىغا ئارغامچا سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. يۈسۈپ- ئەھمەدلەر  بۇ كۆرۈپ :«بۇ نىچۈك كىشىدۇر؟» دەپ ئالدىغا كەلدىلەر. بۇ ھارامزادە بەەلەرنى كۆرۈپ ،تېخىمۇ نالە قىلىپ يىغلىغىلى تۇردى. يۈسۈپ بەە سورىدىكى:
-نىچۈك ئادەمسەن ؟
مىرزا ئەھمەد ئېيىتتىكى:
-        مىسىر شەھرىدىن كېلۇرمەن ، گۈزەلشاھنىڭ خەزىنىچىسى ئىدىم، بىر كېچە گۈزەلشاھ بىر يامان چۈش كۆرگەنىكەن ، ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى، پادىشاھ قېشىدا تۇرغان كىشىلەرگە غەزەپلىنىپ بەزىلىرىنى قوغلاپ چىقاردى ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. مەن ھەر قايسىلىرىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ پاناھ تىلەپ كەلدىم.
يۈسۈپ –ئەھمەدلەرنىڭ رەھىمى كېلىپ « بىزگە نۆكەر بولغىن» دەپ بىللە ئېلىپ كەتتى ، بۇ ھارامزادە ياخشى ئىشلەپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولدى.
  ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىتلار ئۆتتى ، ئىسپىھان شەھرىگە يۈسۈپ بەگ ۋە ئەھمەد بەگلەرنىڭ شكرىتى پۇر كەتتى. تاغىسى بوز ئوغلانىان كۆرۈشنى ئىختىيار قىلىپ ئىككىمىڭ مەھرەم يىگىتنى باشلاپ ئۈرگەنىچ شەھرىگە كەلدى.يۈسۈپ ئەھمەدلەر تاغىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ شەھەرگە باشلاپ كىردى. بىر –بىرلىرى بىلان كۆرۈشۈپ خۇرسەن بولدى. بەش-ئالتە كۈن مېھمان بولغاندىن كېيىن كېيىن بوز ئوغلانخان يۈسۈپ –ئەھمەدلەرنىڭ يىگىتلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدى. يۈسۈپ بەگ « خوپ بولغاي» دەپ يىگىتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى.بوز ئوغلانخان مىرزا ئەھمەدنىڭ دۈشمەنلىكىنى پەملەپ:
-        بۇ قىرىق يىگىتىڭىزدىن ۋاپا كېلۇر ، ئەمما بۇ چېقىر كۆز نۆۋكىرىڭىزدىن ۋاپا كەلمەس،- دەپ يۈسۈپ –ئەھمەدلەرگە قاراپ خۇن-جىگىرىدىن چىقىرىپ بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:

نەزم



نەزم

بىر نەسىھەت بالام ساڭا بايان ئەيلىسەم،
كۆزلىرى ئالادۇر ئۆلتۈر بۇ قۇلنى.
جانىمىنى جانىڭغا قۇربان ئەيلەيىن،
كۆزلىرى ئالادۇر ئۆلتۈر بۇ قۇلنى.

نەچچە كۈنلەر يۈرۈپ ھالىڭنى چاغلار،
ھىيلە بىلەن سېنىڭ قۇلۇڭنى باغلار،
ئىرانلىق تېغىدا باغرىڭىنى داغلار،
كۆزلىرى ئالادۇر ئۆلتۈر بۇ قۇلنى.

كۆزلىرى ئالادۇر، يۈزلىرى قانسىز،
چەت يەردىن كەلگەن سىزگە بۇ جاسۇس،
قۇلۇڭارنى باغلىغاندا ئاندىن تۇنۇرسىز،
باشىڭغا بالادۇر ئۆلتۈر بۇ قۇلنى.

ھىيلە بىلەن ئىختىيارىڭ ئالغاندۇر،
كېچە -كۈندۈز ساڭا خىزمەت قىلغاندۇر،
بىللە يۈرۈپ ئىچ سىرىڭنى بىلگەندۇر،
كۆزلىرى ئالادۇر ئۆلتۈر بۇ قۇلنى.

يامان قۇلدۇر ،ئۆزى زالىم بى ھۈرمەت،
باشىن كەسكىل، ئاڭا قىلما مۈرۈۋەت،
بوز ئوغلانخاندىن شۇلدۇر  نەسىھەت،
كۆزلىرى ئالادۇر ئۆلتۈر بۇ قۇلنى.

ئەلقىسسە، بوز ئغلانىاننىڭ بۇ سۆزى يۈسۈپ –ئەھمەدلەرگە قاتتىق تۇيۇلدى. تاغىسىنىڭ نەسىھىتىنى قۇبۇل قىلماي بۇ سۆزلەرنى ئېيىتتى:

نەزم

شۆھرىتىم ئېلىپتۇر يەتتە ئىقلىمنى،
ئېلىشىغا بەديىنى گۇمان بۇلۇرمۇ؟
ئاۋازىم تۇتۇپتۇر كۈللى جاھاننى،
دۇنيادا مېنىڭدەك ئارسلان بارمۇ؟

دوست-دۈشمەن كېلۇر مەردنىڭ قاشىغا،
ئۆلتۈرمەيمەن زامىن بۇلۇپ جانىغا،
بۇنداق قىلىش ئەيپ بۇلۇر مەردنىڭ شانىغا،
ئادەم ئوغلى كىشىگە دۈشمەن بۇلۇرمۇ؟

مېنى دەپ كەلگەندۇر كۆڭلىن بىلمىدىم،
دۈشمەن بولسا بۇ ئىشلارنى قىلمىدىم،
بۇ قۇلنى ئۆلتۈرۈپ نامەرد بولمىدىم،
مېنىڭدەك ساھىپقىران يەنە بۇلۇرمۇ؟

يەتتە باشتىن بىرى غازات قىلۇرمەن،
دۈشمەنلەرگە قارا كۈنلەر سالۇرمەن،
قەست ئەيلىسەم ئىسپىھاننى ئالۇرمەن،
يۈسۈپ –ئەھمەد كەبى سۇلتان بۇلۇرمۇ؟
بۇ سۆزلەر بوز ئوغلانخاننىڭ كۆڭلىگە قاتتىق تەگدى ۋە مۇنداق دېدى:
-نەسىھەت قىلسام قۇبۇل قىلمىدىڭلار، دۈشمەنلەرگە بەنت بولغاندا، بوينۇڭلاردىن باغلاپ سەرگەردان قىلىپ ، ئېلىپ يۈرگەندە، باشلىرىڭلارغا قا-يامغۇردەك قامچا ياغقامدا، ئاتقا سۆرىتىپ ماڭغاندا« تاغىمىزنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمغانكەنمىز » دەپ پۇشايمان قىلارسىلەر،ئۇ چاغدا قىلغان پۇشايمىنىڭلاردىن ئەسلا پايدا كەلمەس،- دەپ  يامانلاپ ئۆز شەھرىگە كەتتى.
ئەلقىسسە، كۆكچى ئەييار يۈسۈپ – ئەھمەدلەرنىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى كىرىشتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە  كۆكچى يۈسۈپ –ئەھمەدلەرنى ئازدۇرۇپ :
-ماڭا رۇخسەت بەرسىڭىز ، مىسىر شەھرىگە بۋرىپ ، گۈزەلشاھنىڭ خەزىنىسىدىن بىر مۇنچە مال دۇنيالارنى قولغا چۈشۈرۈپ خېچىرلارغا يۈكلەپ ھۇزۇرىڭىزغا ئېلىپ كەلسەم ،-دېدى.
يۈسۈپ بەگ دېدىكى:
-قانداق ئېلىپ كېلۇرسەن؟
مىرزا ئەھمەد دېدىكى:
-مەن بېرىپ  لات-مىناتقا سەجدە قىلسام ،ماڭا ئىشىنىپ خەزىنىسىنى تاپشۇرىدۇ. ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلەپ ئېلىپ كېلىمەن، سىز ئەسقەر تېغىدا شىكار قىلىپ تۇرۇڭ !
يۈسۈپ بەگ مىرزا ئەھمەدكە رۇخسەت بەردى. مىرزا ئەھمەد ياخشى ئاتتىن بىرنى تاللاپ ، ئۆزىنى ئوبدان جابدۇپ مىسىر شەھرىەە يولغا چىقتى. نەچچە كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ مىسىر شەھرىگە يەتتى-دە گۈزەلشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ سالام قىلدى.
گۈزەلشاھ :
-يۈسۈپ –ئەھمەدلەرنى كۆرۈپ كەلدىڭمۇ؟-دەپ سورىدى.
كۆكچى ئەييار گۈزەلشاھقا قاراپ مۇنۇ بېيىتنى ئوقىدى:

نەزم

يۈسۈپ-ئەھمەد تەرىپىنى بايان ئەيلىسەم،
ئۇرۇش مەيدانىدا ئارىسلانغا ئوخشاش.
كۆرگىنىمنى بىر-بىر ساڭا سۆزلىسەم،
ئۆزى رۇستەم سۈپەت پەھلىۋانغا ئوخشاش.

يۈسۈپ- ئەھمەد ئاكا-ئىنى ئىككىسى بىردەك،
ھوشۇر بېگى سەردارى دېۋە سەفتىدەك،
قىرىق يىگىتى باردۇر ، ھەممىسى شىردەك،
ھەر بىر يىگىتى شاھى سۇلتانغا ئوخشاش.

يۈزى نۇرلۇق ،تىلى زىكرى سانالىق،
بەقىرلەرگە مۆرىۋەتلىك ۋاپالىق،
ھەر بىر سۆزى شەھدۇ-شىكەردىن تاتلىق،
رىۋايەتتە سۈلۈكى ئىشانغا وجشاش.

ئارىسلاندەك يىگىتلىرى قاشىدا،
با ئەدەبلىك تۇرار دائىم يانىدا،
خۇب بەگ ئوغلى ئەينى ئون تۆت ياشىدا،
يۈسۈپ –ئەھمەد گۈلى رەيھانغا ئوخشاش.

گۈزەلشاھىم خىزمىتىڭنى قىلدىممەن.
خۇي- پەيلىنى بىر-بىر سىناپ كەلدىممەن،
ئىككى بەگزادىنى كۆرۈپ كەلدىممەن،
بىرى شىردەك ،بىرى قاپلانغا ئوخشاش.

مەن ئۇلارغا بىلدۈرمىدىم ئەسرارىم،
ئوغىرلىدى ئۇلار ئەقلىن ھىيلە-مىكرىم،
مىرزا ئەھمەد ساڭا بولدى تەرىپىم،
بىلسەڭ مېنىڭ ئىشىم شەيتانغا ئوخشاش.

شۇنۇڭدىن كېيىن كۆكچى ئەييار گۈزەلشاھقا بېقىپ دېدىكى:
-        ئەي پادىشاھى ئالەم ، لات-مىنات ساڭا يار بۇلۇپ ،مەقسىدىڭ ھاسىل بولدى. ماڭا دەرھال قىرىقمىڭ لەشكەر قۇشۇپ بەرگىن . ئارقامدىن يەنە يۈزمىڭ لەشكەر، ئۈچيۈز ئاتمىش توپ ئىبەرگىن، مەن ئۇلارنى باغلاپ ئېلىپ كېلىمەن .
گۈزەلشاھ دەرھال قىرىقمىڭ لەشكەر تەييارلاپ بەردى. كۆكچى ئەييار بۇلارنى باشلاپ يوللارنى كېزىپ ئەسقەر تېغى باغرىغا كەلدى. قېشىدا چوڭ ئۈڭكۈر با ئىدى. كۆكچى لەشكەرلەرنى شۇ ئۈڭكۈرگە مۆكتۈرۈپ قۇيۇپ ، ئۆزى يۈسۈپ بەگلەرنىڭ قېشىغا كەلدى.
يۈسۈپ-ئەھمەد بەگلەر  شىكار قىلىپ ئەسقەر تېغىغا يېقىن بىر مەنزىرىلىك جايغا چىدىر بارىگاھلارنى تىكىپ ، كەيپ-ساپا سۈرۈپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
كۆكچى ئەييار يۈسۈپ –ئەھمەدلەرنىڭ چېدىرىغا كىرگەندە بۇلار قاتتىق ئۇيقۇدا ئىدى. مىرزا ئەھمەد يۈسۈپ بەگنى تۈرتۈپ ئويغاتتى. يۈسۈپ بەگ كۆزىنى ئېچىپ سورىدېكى:
-        ئەي مىرزا ئەھمەد ، قېنى خەزىنىلەرنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟
كۆكچى دېدىكى:
-        قىرىق خېچىردا ئالتۇن-تىللا يۈكلەپۈ كەلگەن ئىدىم ، يۈز يىگىرمە كۈن بوپتۇ، ئاىشام ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن ، خېچىرلار تەرەپ –تەرەپكە تارقاپ كىتىپتۇ. پەقەت ئون خېچىرنىلا تاپالىدىم ، باشقىلىرىنى تاپالمىدىم، ئۆزلىرىنىڭ قېشىغا كەلدىم. ئۈچەيلەن بىللە بېرىپ تېپىپ ئېلىپ كەلسەك .
-        يۈسۈپ بەگ دېدىكى:
-        - سۆزۈڭ توغرا بولسا ئەھمەد بەگ بىلەن يىگىتلەرنى ئويغات!-كۆكچى دېدىكى:
-        بېگىم ، خىزمەتنى سىزلەرگە قىلدىم ، ئۇلارغا قىلمىدىم.
-        ئاڭغىچە كۆكچى ئەييار ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى ئىگەرسىز ئېلىپ كېلىپ ياۋىداق ئاتقا مىندۈرۈپ ،ئالدېرىتىپ ئېلىپ ماڭدى. يېرىم كېچە بولغاندا گۈمبەزنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى . كۆكچى ئەييار چاۋاك سوقۇپ بەلگە بەرگەنىدى، شۇ زامان دۈشمەنلەر ئوپۇر-توپۇر چىقىپ ،ئىككى بەگنى ئارىغا ئېلىپ ئۇرۇپ يىقىتىپ ، بوينىغا زەنجىر، قوللىرىغا كىشەن سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. يۈسۈپ بەگ مىرزا ئەھمەدكە قاراپ :
- بۇ نېمە قىلغىنىڭ بەدرەك!-دېدى.
-        مانا مۇشۇنداق قىلغىنىم !- دېگىنىچە مىرزا ئەھمەد يۈسۈپ ئەھمەدلەرنىڭ بېشىغا ئاتمىش قامچا ئۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى. سەھەر ۋاقتى بولدى. يۈسۈپ بەگنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئەسقەر تېغىغا قاراپ زار-زار يىغلاپ بۇ بېيىتنى ئۇقۇدى:
نەزم
ئۈستى قارلىق ئالا تاغلار،
بۇ ھالىمنى كۆردىڭلارمۇ؟
دۈشمەنلەرگە بەنت بۇلۇپ ،
چۈشكەنىمنى كۆردىڭلارمۇ؟

نەزەر ئەيلەڭ كۆز ياشىمغە،
ھېچكىم كەلمەيدۇ قاشىمگە،
قامچە يېغىپ بۇ باشىمغە،
تۇرغانىمنى كۆردىڭلارمۇ؟

قىرىق يىگىتىم بارچە قېلىپ،
ئۆزۈمنى مەن غەمگە سېلىپ ،
ئەھمەد بەگنى بىللە ئېلىپ
چۈشكەنىمنى كۆردىڭلارمۇ؟

بەندە بولدۇم شول ئىرادە،
قالدىم سانسىز مەن بالادە،
دۈشمەن ئاتلىق مەن پىيادە،
يۈرگەنىمىنى كۆردىڭلارمۇ؟

يۈسۈپ بەگ دەر سىنەم داغلاپ،
ئارمانىم كۆپ مۇندا يىغلاپ،
ئات ئالدىدا قۇلۇم باغلاپ ،
بارغانىمنى كۆردىڭلارمۇ؟

ئەلقىسسە ، بۇلار ئەسقەر تېغىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا ، ئەھمەد بەگنىڭ مەستلىكى يېشىلىپ ئاكىسىغا بېقىپ:
-        ئاكا بىز نېمە گۇناھ قىلدۇق؟ ھۇشۇر بەە سەردار تىرىك تۇرۇپ بىزلەرنى دۈشمەنلەرگە باغلىتىپتۇ،-دېدى،. ئاندىن يۈسۈپ بەگ ئەھمەد بەگكە قاراپ :
-        ئىنىم، ئۇنداق دېمە، ھۇشۇر بەگ ئارقىمىزدا قالغاندۇ، ئاڭلىسىلا يېتىپ كېلۇر ، -دەپ بۇ بېيىتنى ئۇقۇدى؛

نەزم

كۆزۈڭ ئاچقىل بەگ ئەھمىدىم،
نالان بۇلۇپ ئېلىم قالدى.
قول باغلىنىپ بەندە بولدۇق،
دىن ،خارەزىم  شەھرىم قالدى.

ئىسپىھاندىن بىللە كەلگەن ،
سادىق بۇلۇپ خىزمەت قىلغان ،
يىگىتلەرگە سەردار بولغان ،
ھۇشۇربەگدەك شىرىم قالدى.

ئادا بولماس مېنىڭ كۈيۈم،
سارغىيىپتۇ رەڭگى-روھىم،
غېرىپلىقتا دۇئا گۇيۇم،
قىبلەگاھىم ئانام قالدى.

ئەل كۆزىدىن بولدۇق غايىپ،
بۇ دۈشمەنلەر كەلدى غايىپ،
جان ئاكام !دەپ ساچىن يايىپ،
قالدىرغاچ ىان سىڭلىم قالدى.

باغلىنىپتۇ بىلەكلىرىم،
قۇبۇل بولماس تىلەكلىرىم،
كۆيدى مېنىڭ يۈرەكلىرىم،
قىرىق يىگىتىم جانىم قالدى.

بىزگە بولدى ئاخىر زامان،
پەلەك قىلدى بىزنى نالان،
ئوردا ئىچى كۈشەك ئايۋان،
خۇش مەنزىرە جايلار قالدى.

ئۇشبۇ بولدى كارۇ-بارىم،
جاندىن ئۆتتى دىل ئازارىم،
قولدىن كەتتى ئىختىيارىم،
خۇش يارانلار ئاندا قالدى.

يۈسۈپ بەگ دەر يوق ھەبېم،
پەلەك بۇزدى بۇ نەسىبىم،
ھەمدىمىم ھەم مۇساھىبىم،
گۈل ئەسەلخان يارىم قالدى.


بەگلەر  بىر-بىرىگە قاراپ ، ئۆزىمىزدىن ئۆتتى ، تاغىمىزنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىدۇق، ئەمدى باشقا كەلگەننى كۆرەيلى ،دەپ تەۋەككۇل قىلىپ كىتىپ باراتتى، قارىسا بالامان تېغى نامايان بولدى. بۇ تاغقا قاراپ ئەل يۇرتنى سېغىنىپ خۇن-جىگىرىدىن بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:

نەزم

بالامان تاغى دەر ئاتىڭنى سېنىڭ ،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.
دۈشمەنلەر باغلىدى قۇلۇمنى مېنىڭ،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.

قىرىقمىڭ لەشكەر كەلدى شاھتىن بىزلەرگە،
ئېتىمنى چاپمىدىم تۈزدىن-تۈزلەرگە،
بۇ باشىمدىن ئۈمۈد يوق قايتىپ كېلەرگە،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.

ئەھمەدبەگ كىچىكتۇرمەن تېخى ياش،
ئىلاھىم قىلمىغىن دۈشمەنگە يولداش،
دۈشمەنلەر قولىدا ساق قالماس بۇ باش،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.

دۈشمەنلەرنى زىندان ئىچرە سالمىدىم،
قىلىچلىشىپ مەيدان ئىچرە ئۆلمىدىم،
تاغام قىلغان نەسىھەتنى ئالمىدىم،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.

ۋەيران بولغاندۇر خارەزىم شەھرىم،
خازان بولدى بۈگۈن پەسلى باھارىم،
ئارقىمىزدىن كەلمىدى ھۇشۇر ساردارىم،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.

بىر كۈن يېتىپ كۆرگەن ئىدىم يامان چۈش،
ئېتىم ئىگەرسىز ئىدى بىلىم بوش،
ياراغىمنى ئېلىپ قاچتى بىر قارا قۇش،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.

يۈسۈپ بەگ دەر: ىاتا قىلدىم ئىشىمنى،
ئېتبار ئەتمىدىم بۇ كۆرگەن چۈشۈمنى،
مەن-مەنلىكتىن بەنت قىلدىم باشىمنى،
ئارمانىم كۆپ قالدى يازۇلجەلالىم.







ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 12:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا بەل باغلاپسىز، باسقان قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي!

ۋاقتى: 2016-2-19 11:32:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ داستاننى ئوقۇپ تارىخىمىز ھەققىدە يەنە بىر بالداق يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولدۇم تەشەككۈر ..

ۋاقتى: 2016-2-19 11:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ..

ۋاقتى: 2016-2-19 13:48:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەكۈر. قەلەملىرى  قۇت تاپسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-19 13:48:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەكۈر. قەلەملىرى  قۇت تاپسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-19 13:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەكۈر. قەلەملىرى  قۇت تاپسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-19 13:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەكۈر. قەلەملىرى  قۇت تاپسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-19 20:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتىكى ئەسكەرتمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ داستاننىڭ سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز ئەمەس بەلكى ئەجرىڭىز بىلەن مۇنبەرگە چىققانلىقىنى بىلدىم. ئەمما "ئىزگۈ"سەھىپىسىگە يوللانغىلى قانداق ئىش ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-20 10:01:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، ياخشىمۇسىلەر! ئۇيغۇر خەلق داستانى "يۈسۈپ -ئەھمەد" نىڭ باشتىكى بۆلىكىنى كۆرۈپ قىممەتلىك باھالارنى بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-20 10:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تۆرىبەگ قىزى ، مەن پەقەت سۆز بېشىدا ئېيىتقاندەك يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان داستاننى قايتىدىن  جانلاندۇرۇش مەقسىدىدە  مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايۇنىغا يوللىغان ، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن!

باھا سۆز

مۇ كۆپ تەشەككۈر، ئەجرىڭلار ئەزىم بولسۇن!  ۋاقتى: 2016-2-22 12:14 AM
كېرەك يوق قېرىندىشىم،ئەسەرئەمدى جايىنى تېپىپتۇ،سىزگىمۇ،مۇھەررىرلەرگى  ۋاقتى: 2016-2-22 12:13 AM
ۋاقتى: 2016-2-20 12:14:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ بولمىسا ھەقىقىي داستاننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە پايدىسى بولۇپ قالىدىكەن. مەنمۇ نەپ ئالدىم. ئەجىر ئۇنتۇلمايدۇ، دوستۇم...

ۋاقتى: 2016-2-20 18:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مامۇتجان تورغا يەتكەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا! ياخشى  تېمىلار بولسا يوللاپ تۇرغايسىلەر !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 13:28:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلەتجان ، ياخشىمۇ سىلە! خىزمەتنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرى ئىچىدىن ۋاقىت ئاجىتىپ خەلق داستانىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش