يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 3

جەۋھىرى (ئىزگۈگۈ): چۈمۇلىلەر ئوردىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 11:38 AM  

(‹‹ئىزگۈ تور  ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا›› تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر)

چۈمۈلىلەر ئوردىسى

يۈسۈپجان بارات جەۋھىرى

(بالىلار شېئىرلىرى)

قوزىچاق

قوي ئانىنىڭ بالىسى،
كىچىك دوستۇم قوزىچاق.
تىنىم تاپماي سەكرەيسەن،
قىلىقلىرىڭ بەك ئوماق.

قوزىچىقىم-قوزىچاق،
كۆزۈڭ قارا ئۆزۈڭ  ئاق.
كەڭ-ئازادە يايرايسەن،
جەننىتىڭ يېشىل يايلاق.

قوزىچىقىم –قوزىچاق،
توپتىن كەتمە سەن يىراق.
ھەزەر ئەيلە، ھۇشيار بول،
ئاچ بۆرىلەر بەك چاتاق.

قوزىچىقىم-قوزىچاق،
ساڭا ئاداش مەن ئامراق.
چىللار سېنى باھاردا،
دالادىكى تۆت قۇلاق.

تورت ساتقۇچى بالا

تورت ساتىمەن تورت،
ئالە دوستۇم، ئال.
قوشقان ئۇنىڭغا،
تاتلىق شىكەر، بال

تورت ساتىمەن تورت،
يەڭلار بالىلار.
تەنگە ئۇنىڭدىن ،
قۇۋەت تارىلار.

تورت ساتىمەن تورت،
تەتىل كۈنلەردە.
كوچا ئارىلاپ،
شەنبە-يەكشەنبە.

تورت ساتىمەن تورت،
تۈرىدۇر ھەر خىل.
رەڭگى چىرايلىق،
تەمى بەك ئېسىل.

تورت ساتىمەن تورت،
كەلگىن شا كىچىك.
ھەر كۈنى يىسەڭ،
بولىسەن تىتىك.

تورت ساتىمەن تورت،
باھاسى ئەرزان.
يۈرەككە مەلھەم،
يەپ باق ئۇكىجان.

تورت ساتىمەن تورت،
رەستە-يوللاردا.
ھارغىنلىق يوقتۇر،
چىۋەر قوللاردا.

تورت ساتىمەن تورت،
جۇغلاش ئۈچۈن پۇل.
ئالىمەن راۋان،
كىلەچەككە يول.

تورت ساتىمەن تورت،
قامدايمەن تۇرمۇش.
تەتىل تۈگىسە،
باشلايمەن ئوقۇش.

كىچىك سودىگەر،
تورتچى بالىمەن.
كۆپلەپ پۇل تىپىپ،
كىتاپ ئالىمەن.

تورت ساتىمەن تورت،
ھارمايمەن ھەرگىز.
باسقان قەدەمدىن ،
قالدۇرىمەن ئىز.

كوسا مۈشۈك رەسىمى

(ياش شائىر ياسىجان ئابدۇقادىر نىڭ ‹‹رەسسام چاشقان ›› ناملىق بالىلار شىېئىرلىرى توپلىمىدىكى‹‹رەسسام چاشقان ››  شېئىرى  ئىزىدىن...)

‹‹رەسسام چاشقان ››بىر كۈنى،
كىردى يالغۇز ھويلىغا.
ئېسىۋىلىپ بىر ئەپلىك،
تاختىسىنى بوينىغا.

باركەن تۈرلۈك قەلىمى،
قەغىزى،ماي-بويىقى.
ھىچكىم يوقكەن  بۇ يەردە،
مۈشۈك تۈگۈل مايىقى.

‹‹رەسسام چاشقان››ئەتراپقا،
خىلى ئۇزاق قارىدى.
بىر جۇپ چىقىر كۆزىدە،
ئوزۇق-تۈلۈك مارىدى.

ھويلىدىن ھىچ يىگۈدەك،
تاپالمىدى قورساققا.
بۇغداي ياكى نان سىزاي،
دېدى: تاختاي-بوياققا.

قۇلۇپ بولسا ئىشىكتە،
مېنىڭدە بار،تالانىت.
بولۇر قۇلۇپ ئاچقىلى،
سىزىپ چىقسام بىر كىلىت.

بېشى قاتتى رەسسامنىڭ،
كىلىتنىمۇ سىزالماي.
تىترەپ كەتتى بۇرۇتى،
بىر يەردە جىم تۇرالماي.

كۆز ئالدىغا كەلتۈردى،
رەقىبى شۇ مۈشۈكنى.
قورقۇپ كەتسە كىرگىلى،
كۆرۈپ قويدى تۆشۈكنى.

‹‹رەسسام چاشقان ››ئالدىراپ،
رەسىمنى تىز پۈتتۈردى.
ساقال سىزىپ مۈشۈككە،
بۇرۇتىنى يۈتتۈردى.

كوسا مۈشۈك بىر دەمدە،
بولدى ‹‹ئەرباپ›› ساقاللىق
چاشقان كۈلۈپ- تېلىقىپ
دىدى: پىقىر ئەقىللىق.

بۈگۈن مانا  قانغۇدەك،
مۈشۈكۋاينى بابلىدىم،
بۇرۇتىنى چۈشۈرۈپ،
ئاڭا ساقال چاپلىدىم.

بۇ يىڭىلىق ھەممىگە،
ئۆزۈم رەسسام ياراملىق.
كىم سىزغاندۇ؟ دەپ قالار،
كۆرسە مۈشۈك ھاراملىق.

‹‹غەيرى مەخلۇق›› بولدىغۇ،
قاراڭلار بۇ مۈشۈككە.
قورقۇپ كەتتىم قەۋەتلا،
قاچاي ،كىرمەي تۆشۈككە.

ساقىلىدىن مەن ئۇنىڭ،
قورۇقتۇم ئەجەپ  ھودۇقۇپ.
قالارمەنمۇ  ئەمدى مەن،
بىر بالاغا يولۇقۇپ.

چاشقان شۇئان رەسىمنى،
تاشلاپ تامنىڭ تۈۋىگە.
ئىلىپ تاختاي-بوياقنى،
ماڭدى دەرھال ئۆيىگە.

سەپ سالماستىن  يۈگرىدى،
‹‹تاختا مۈشۈك››يىنىدىن.
دەسسىۋالغاچ ئۇنىڭغا،
تۇتۇۋالدى گىلىدىن.

‹‹رەسسام چاشقان ››جان ئۈزدى،
كۆزىدە ياش لىقمۇ-لىق.
‹‹تاختا مۈشۈك ›› ياسىغان،
دىدى:‹‹ ئىنسان ئەقىللىق››

ئاق كەپتەر
ئاق كەپتىرىم ئاق كەپتەر،

‹‹بۇق-بۇق››قىلىپ ئۈنلەپ بەر.
ئۇچۇپ لەرزان سامادا،
تىنىچلىقنى كۈيلەپ بەر.

ئاق كەپتىرىم ئاق كەپتەر.
كۆكتە موللاق ئىتىپ بەر.
موللاقچىغا ئامراق مەن،
دان بىرىمەن ھەر  سەھەر.

ئاق كەپتىرىم ئاق كەپتەر،
باچكاڭغا دان توشۇپ بەر.
قونۇۋالماي پەغەزگە،
ئىگىز-ئىگىز ئۇچۇپ بەر.

ئاق كەپتىرىم ئاق كەپتەر،
شۇم لاچىندىن قىل ،ھەزەر.
كوۋۇكۇڭدا باچكىلار،
دانغا  ئەجەپ تەلمۈرەر.

ئاق كەپتىرىم ئاق كەپتەر،
‹‹بۇقبۇق-بۇقبۇق››سايراپ بەر.
‹‹موللاقچىلىق››ھەققىدە،
بىزگە دەرس سۆزلەپ بەر.

‹‹موللا تاپقاق›› ئويۇنى

‹‹موللا تاپقاق ››ئويۇننى ،
بالىلار كۆپ ئوينىغان.
بۇ ئويۇندا  ئايرىلار ،
كىملەر زىرەك، كىم چاققان.

قاتار-قاتار سەپ تۈزسە،
بالىلار بىر ئورۇندا.
موللا تاپقاق ئويۇنى،
باشلىنىدۇ سورۇندا.

بۇيرۇق بەرسە يىتەكچى،
دىڭ تۇتۇڭلار قۇلاقنى.
ئۇتۇپ چىققان بالىغا،
راست ئۇرۇڭلار چاۋاكنى.

موللاق! دىسە بۇيرۇقچى،
چاققان موللاق ئىتىڭلار.
دىسە دۈشمەن ئوق ئاتتى،
دەرھال يەردە  يىتىڭلار.

تىپىڭلار دەپ بۇيرۇقچى،
ئوقۇپ بەرسە تىپىشماق.
تاپالمىغان بالىلار،
ئاتار بەش قىتىم موللاق.

‹‹موللا تاپقاق ››ئويۇنى،
ئوينالمايدۇ بىكاردىن.
‹‹موللا بوك-بوك›› بولغانلار،
چىكىنىدۇ قاتاردىن.

تەڭ قاتنىشار ئويۇنغا،
سەپتە تۇرۇپ ئوغۇل- قىز
ھازىر جاۋاپ، چاققانلىق،
ھەركەت، بولۇر شۇنچە تىز.

‹‹موللا تاپقاق›› بولىدۇ،
چاققان بولۇپ  ئۇتقانلار.
‹‹موللا بوك-بوك›› بولىدۇ،
ئەقلى كەملىك قىلغانلار.

ئاخىرىدا ئويۇننىڭ ،
‹‹موللا تاپقاق ››‹‹چىمپىيۇن››،
‹‹موللا بوك-بوك›› بولغانلار،
تەمەچ تىرەر    يا، ئوتۇن.

‹‹موللا بوك-بوك ››بالىلار،
تۈرلۈك جازا ئۆتەيدۇ.
شوخ-شوخ ئۇسۇل ئوينۇشۇپ،
ئاندىن ئويۇن تۈگەيدۇ.

چۇمغاق

داادام ماڭا ئىلىپ كەپتۇ،
تاغدىن بىر چۇمغاق.
سايراشلىرى يىقىملىق،
ئۆزى بەك ئومەق.

دان تەڭلىسەم قانات قاقتى،
يىقىملىق سايراپ.
كەتتى ئۇنىڭ شوخلۇقىدىن ،
يۈرىكىم يايراپ.

كۆزى ئۆتكۈر،قىزىل تۇمشۇق،
تىنى قاپ-قارا.
قاغا ! دىسەم ئۇچۇپ بارار،
ئەگىشىپ ماڭا.

دان ئەكەلسەم  يەيدۇ ئۇنى ،
ئەركىلەپ- چوقۇپ.
قۇشقا ئامراق بالىمەن،
كەتمەيمەن قورقۇپ.

تىزلا ماڭا كۆنۈپ كەتتى،
باقتىم خوش بولۇپ.
تاتلىق-تاتلىق سايراپ بىرەر ،
دولامغا قونۇپ.

دادام دىدى: چۇمغاقنى،
باقما قەپەزدە،
ھويلىمىزدا يايرىسۇن،
ئەركىن نەپەستە.

ئۆزى يۇۋاش  قۇش بولغاچقا ،
ئاسانلا كۆندى.
سايراپ بەرسە قەلبىم مېنىڭ،
شادلىققا تولدى.

قاغا-قاغا !دىسەم شۇئان،
كىلەر قېشىمغا.
شوخلۇق قىلىپ گاھى تىخى،
قونار بېشىمغا.

ماڭا شۇنچە ئامراقتۇر،
ئوماق چۇمغىقىم،
ئاسراپ ئۇنى دان بىرىمەن،
كۈندە بەش قىتىم.

نورۇز سۆيگۈسى

قۇتلۇق بايرام –نورۇز كەلدى،
كۈلدى يۈرەكلەر.
مەپتۇن قىلار ھەر كىشىنى ،
گۈللەر-چېچەكلەر.

سۆيۈپ ئۆتسە چىرايلارنى ،
ئىللىق شاماللار.
يېشىللىقتىن كۈي تارىتار،
سۆگەتلەر-تاللار.

باھار چىللاپ چىقتى قوياش،
كۈلدى ئانا يەر.
دېھقان دادام ئېتىزلىققا ،
ماڭدى تاڭ سەھەر.

ئەجداتلىرىم ‹‹نورۇز›› قويغان ،
يىلنىڭ بېشىنى.
زەپ ئوخشاتقان بوۋاي-موماي،
‹‹نورۇز››ئېشىنى.

‹‹كۈن››بىلەن ‹‹تۈن››تەڭلەشكەن چاغ،
‹‹نورۇز›› بايرىمى.
ھەممە ياقتا قىزىپ كىتەر ،
شادلىق  قاينىمى.

‹‹نورۇز›› كەلسە  باغدا قۇشلار،
كۈي تۆكەر تاتلىق.
يېشىللىقتىن كۈلەر ئالەم،
كۈلەر ھاياتلىق.

مەجنۇنتالدىن چاچ ياسىسا ،
بۈدرە چاچ  قىزلار.
‹‹نورۇز››ئۈچۈن چاچقۇ چاچار،
ياقۇت يۇلتۇزلار.

بوۋاي-موماي چېھرىدە نۇر،
پەيزى باشقىچە.
ساما سالار يەتتە ياشتىن،
يەتمىش ياشقىچە.

شوخ بالىلار ياساپ چىقتى ،
تال چىۋىقتىن ئات.
بەيگە سالسا تار كىلىدۇ،
ھەتتا كائىنات.

قىز-يىگىتلەر ‹‹نورۇز›› ئۈچۈن ،
تىزدى گۈلدەستە.
ئىشقا چۈشتى يىل  بېشىدا ،
ھەممە بەس-بەستە.

چۈمۈلىلەر ئوردىسى

ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا،
كۆردۈم سانسىز چۈمۈلە،
تۇخۇمىنى كۆتىرىپ،
ئاتلىنىپتۇ سەپەرگە.

كارۋانلاردەك تىزىلىپ،
يول يۈرەركەن رەتمۇ-رەت.
كۆچكىنىنى قەيەرگە،
بىلەلمىدىم ،مەن پەقەت.

سورىسام مەن ئانامدىن،
ئورمانلىققا كۆچۈپتۇ.
ياز پەسىللىك ياسىغان،
ئوردىسىمۇ پۈتۈپتۇ.

ئۇزاققىچە قارىدىم،
چوڭ قوشۇنغا قىزىقىپ.
ماڭدى رەت-رەت قاتاردا،
ھەم كەتمىدى ئىزىقىپ.

مەنمۇ ماڭسام ئارقىدىن،
ئورمانلىققا يول ئالدى.
ئۆمۈچۈكلەر شۇ ھامان،
ئورمانلىقتىن يوقالدى.

راستلا باركەن ئورماندا،
چۈمۈلىلەر ئوردىسى.
قىشلىق ئوزۇق-تۈلۈككە،
لىق تولۇپتۇ ھوجرىسى.

چۈمۈلىلەر ئورماندا،
ئۆتىدىكەن ئۆم-ئىناق.
ماڭىدىكەن كۆرۈشۈپ،
ئۇچراشسا گەر ھەممە ۋاق.

ئىشچان بولغاچ ھەممىسى،
ئوردا ساپتۇ ئورماندا.
ئۆرنەك قىلدىم ئۇلارنى،
ئۈگۈنەي دەپ ئارماندا.

«مەن ئوغۇل بالا»
(4ياشلىق كىچىك دارۋاز-ئابدۇللاغا بىغىشلايمەن.)

قورۇقماس تاغ يۈرەك،
ئوغۇل بالا مەن.
ساغلام چوڭ بولۇپ،
دارۋاز بولىمەن.

خەتەردىن قورۇقماس،
جاسارىتىم بار.
خەلقىمگە سۇنغان،
ماھارىتىم بار.

كۆكتە شۇڭقاردەك،
قىلىمەن پەرۋاز.
ئادىل ئاكامدەك،
بولىمەن دارۋاز.

ماڭىمەن داردا،
كۆزۈمنى تېڭىپ.
ساما سالىمەن،
مۈشكۈلنى يېڭىپ.

قورۇقمايمەن ئەسلا،
مۈشكۈل- خەتەردىن.
ئەلگە سوۋغام بار،
قۇچقان زەپەردىن.

چىن ئوغۇلغا خاس،
يۈرەك بار مەندە.
ھارماس قانات بار،
ئىلىمدە،پەندە.

ماڭىمەن ھەر چاغ،
پولات ئارقاندا.
جەۋلان قىلىمەن.
ئىگىز،ئاسماندا.

ۋەتىنىم

مېنى  ئۆستۈرگەن ،
ۋەتىنىم-ئانام.
ئىللىق قوينىدا،
ئۆستۈم شاد-خورام.

ئىناقلىق كۈيى،
ياڭراپ ۋەتەندە.
چوڭ بولدۇم تىمەن،
گۈزەل چىمەندە.

ۋەتىنىم -ئانام،
قوينۇڭ چىمەنزار.
قۇۋەتكە تولۇپ،
ئۆستۈم بەختىيار.

ۋەتەننى گۈللەپ،
ياشىسام خۇشال.
كەڭ قۇچاق ئاچار،
ماڭا ئىستىقبال.

ۋەتەننى ياۋدىن ،
قوغدايمەن ھامان.
بۈيۈكتۇر شۇنچە،
مەندىكى ئارمەن.


مېھرىڭدە ۋەتەن،
چوڭ قىلدىڭ مېنى.
سەپكە قىتىلىپ،
قوغدايمەن سېنى.

ياراملىق  بول،دەپ ،
بەردىڭ كۈچ-قۇۋەت.
ئاچتى كەڭ قۇچاق،
ماڭا-سائادەت.

باش ئەگدۈرەلمەس،
مېنى مۈشكىلات.
رەقىپنى يېڭىپ،
قىلىمەن  بەرپات.

باھار كۈيى

كەلدى باھار قىش ئۇزاپ،
گۈللەر ئېچىلدى.
شوخ شامالدا خۇش ھىدلىرى،
دىلغا چېچىلدى.

چىمەنزارلىق گۈلباغلاردا ،
قۇشلار سايرىدى.
تال-چىۋىقتىن  ئات ياسىدۇق،
كۆڭۈل يايرىدى.

ئېچىلىپتۇ قىردا كۆركەم،
بىدە گۈللىرى.
ئوتياش تىرىپ قاپىرىپتۇ،
ئانام قوللىرى.

رەڭ تۈزەپتۇ باغلاردىكى،
شاپتۇل-توغاچلار.
ھويلىمىزغا كەپتۇ  قايتىپ،
ئوماق قالغاچلار.

باھار پەسلى رەڭدار گىلەم،
گۈزەل تەبىئەت.
تاشقىنلايدۇ دەۋرىمىزگە،
سۆيگۈ-مۇھەببەت.

باھار كىلىپ كۈلدى ھايات،
باغلار گۈلىستان،
كۆك ئاسماندا قۇشلار پەرۋاز ،
قىلىدۇ لەرزان.

شىلدىرلىشىپ ئىرىقلاردا،
ئاقتى سۈزۈك سۇ.
سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ كۆلدە ،
ئۈزەر جۇپ ئاققۇ.

بۇلدۇقلايدۇ چىملىقتىكى،
زىلال بۇلاقلار.
سۇغا قېنىپ چېچەكلەپتۇ،
يۇلغۇن-شىۋاقلار.

گۈلباھارنى كۈيلەپ باغدا،
سايرار بۇلبۇللار.
چىكىسىگە گۈل قىسىپتۇ ،
چېچى سۇمبۇللار.

ئىشچان قوللار بەركىتىدىن،
ئانا يۇرت گۈزەل.
بەخت بىزگە  قۇچاق ئاچقاچ،
ئارزۇيىمىز ھەل.

قار گۈلى

لەپ-لەپ ئۇچۇپ چۈشمەكتە ،
كۆكتىن ئاپپاق قار.
قاردىن ئاپپاق تون كىيىپ،
زېمىن پاكلىنار.

ئاققۇ كەبى كۆرۈنەر ،
تاغلار،دالىلار.
قاردىن بوۋا ياساپتۇ،
ئوماق بالىلار.

قار گۈلىدىن ھوزۇرلاندى،
كۆڭۈللەر خۇشال.
چوكا مۇزدىن ياساپتۇ،
دەرەخلەر ساقال.

ئاپپاق قارنى يىپىنغان،
تەبىئەت گۈزەل.
قار ئىلھامى كۈچ بولۇپ،
توۋلىدۇق غەزەل.

بالكۇنلاردا چېچەكلەپتۇ،
ئاپپاق قار گۈلى.
ياڭرار كۆككە  يۈرەكلەردىن ،
مۇقام مەرغۇلى.

ئاسماندىن ئاق قار كەبى،
سۆيگۈ چېچىلار.
زېمىن ئانا قار ئاستىدا ،
چۈشەيدۇ باھار.

لەگلىكىم بار چىرايلىق

لەگلىكىم بار چىرايلىق،
ئۆزۈم يالغۇز ياسىغان.
قويۇپ بەرسەم شامالغا.
كۆكتە ئۇچار شادىمان.

قۇشلار بىلەن بەسلىشىپ،
يامىشىدۇ پەلەككە.
تارىتسام گاھى يېپىنى.
قونۇۋالار تىرەككە.

لەگلىكىمنى ھەر كۈنى،
ئۇچۇرسام مەن ھاۋاغا.
بىللە ئۇچقۇم كىلىدۇ،
ئۇنىڭ بىلەن ساماغا.

ئۇچساڭ كۆكتە لەگلىكىم،
يايراپ كىتەر يۈرىكىم.
ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولسام،
لىيۇتچىك بولۇش تىلىكىم.

شاماللارغا مىنگىشىپ،
ئۇچ، لەگلىكىم توختىماي،
چىڭ ئېسىلىپ يىپىڭغا،
مەنمۇ كۆكتە تەڭ ئۇچاي.

سەھرانى سېغىنىش

ئانا بىزنى تەتىلدە،
ئىلىپ بارغىن سەھراغا.
دوستلار بىلەن مەشرەپتە،
چۈشسەم دەيمەن ساماغا.

ئانا، ئەجەپ سېغىندىم،
چۆچىكىنى بوۋامنىڭ.
ياردەملىشەي تۆشەكتە،
ئۆي ئىشىغا مومامنىڭ.

قوي باققىلى چىققاندا،
بوۋام بىلەن ئېتىزغا.
يۈگرەپ-سەكرەپ ئوينىسام،
دەسسەپ، قۇمغا-سىغىزغا.

چۆمۈلۈپ بىز بىرلىكتە،
دوستلار بىلەن ئىرىققا.
مومام بەرگەن توقاچتىن،
تاشلاپ بىرەي بىلىققا.

بىز بىلەن تەڭ يۈگۈرسە،
قوزا-ئوغلاق سەكرىشىپ.
ياۋا توشقان قوغلاشقا،
چۈشۈپ باقساق بەسلىشىپ.

تەتىل كۈنلەر سەھرادا،
ئۆتسە دەيمەن كۆڭۈللۈك.
ماڭا ئامراق بوپ قالسا،
سىرىق ئاسلان، ئاق كۈچۈك.

ماڭا ئارام بەرمەيدۇ،
گۈل سەھرانى سېغىنىش.
كۈندە سەھەر ئويغانسام،
مەن كۆرىمەن شىرىن چۈش.

مەكتىپىم


مەكتىپىم، باغچام،
سەندە يايرايمەن.
ئوماق قۇشلاردەك،
تاتلىق سايرايمەن.

مەكتىپىم، باغچام،
شۇنچە چىرايلىق.
بىلىم ئىلىشقا،
بەكمۇ قولايلىق.

مەكتىپىم، باغچام،
ھەممە يەر گۈللۈك.
خۇشال ئۆتىمىز،
ھايات كۆڭۈللۈك.

مەكتىپىم، باغچام،
باغۋەندۇر ئۇستاز.
ئۇنىڭ ئەجرىدىن،
قىلىمىز پەرۋاز.

مەكتىپىم ،باغچام،
مەن يۇمران چېچەك.
نۇرانە شۇنچە،
پارلاق كىلەچەك.

مەكتىپىم ،باغچام،
مەن يېشىل ياپراق.
دوستلىرىم ياخشى،
بىز،ئىجىل-ئىناق.

ئىبرەت

بەك ئۇستىدۇر بوۋىمىز،
قىزىق چۆچەك ئوقۇشقا.
گەپ-سۆزىنىڭ تىگى بار،
ئۇستا بىزنى چوقۇشقا.

قىزىق بولغاچ چۆچىكى،
بىز بوۋامغا بەك ئامراق.
ئەقىل-ئىدرەك ئۈگۈتەر،
بىزگە بىرىپ چوڭ ساۋاق.

بىز بالىلار تىڭشايمىز،
بوۋام ئەيتقان چۆچەكنى.
خەتەرلىك دەپ كۆرسىتەر،
سۇ قويمىغان كۆلچەكنى.

بوۋا،بوۋا جان بوۋا،
تۈگۈمىسۇن  چۆچىكىڭ.
بىز ئەقىللىق چوڭ بولساق،
گۈلگە تولار ئىتىكىڭ.

بىزگە يادا بوپ قالدى،
چۆچەكلىرى بوۋامنىڭ.
ئەمدى نۆۋەت كەپ قالدى،
چۆچىكىگە مومامنىڭ.

بىز بالىلار قورۇقمايمىز،
چۆچەكتىكى دىۋىدىن.
قۇتقۇزىمىز قوزىنى،
بۆرە دېگەن نىمىدىن.

ئۇزۇن بولسۇن ئۆمرىڭىز،
كۈلۈپ ياشاڭ جان بوۋا.
بىز بىرلىشىپ،بازاردىن
ئىپ بىرەيلى ئاق جۇۋا.

ئانا تىلىم

ئانا تىلىم،قەن-ناۋات تىلىم،
سېنىڭ بىلەن يورىدى دىلىم.
مەكتىپىمدە ئا،ب دىن باشلاپ،
ئالدىم ئەنە ھەسسىلەپ ،بىلىم.

ئانا تىلىم سۆيۈملۈك تىلىم،
خۇشاللىقىم، شادلىقىم پەخرىم.
يۇمشاقلىقىڭ -گۈزەللىكىڭدە،
جاھان ئارا بولماقتا قەدرىم.

ئانا تىلىم،قەدىرلىك تىلىم،
كۆز گۆھىرىم ،بايلىقىم.
پەن بېغىدا  داۋاملىق،
يايرايدىغان يايلىقىم.

ئانا

بەختىم-دۆلىتىم،
كۆيۈمچان  ئانا.
بەردىڭ ھەسسىلەپ،
مېھرىڭنى ماڭا.

قەدىردان ئانا،
تاجۇ-تەختىمسەن.
ماڭا قول-قانات،
مەڭگۈ بەختىمسەن.

كۆز نۇرۇم ئانا،
قەلبىڭدۇر ئوكيان.
ئۈمۈدلىرىڭنى،
ئاقلايمەن ھامان.

بۇزرۈكۋار ئانا،
سۆزۈڭ بال-ھېكمەت.
ياخشى ئوقۇ-دەپ،
سىڭدۈردۈڭ مېھنەت.

قۇت بولسۇن ئۆمرۈڭ،
ياشا  جان ئانا.
ئەمدى بارلىقىم ،
تەقدىمدۇر ساڭا.

توغراق

ئۆسۈپتۇ ھەيۋەت،
چۆلدىكى توغراق.
ئۇنىڭ ئوزۇقى،
بۇ ئانا تۇپراق.

بوي سوزۇپ كۆككە،
ئۆسۈپتۇ مەزمۇت.
قورقۇتالمىغاچ،
شىۋىرغان ۋە جۇت.

بىراۋدىن پەرۋىش،
قىلمىغاچ تەلەپ.
شۇنچە چىرايلىق،
ئۆسۈپتۇ كۆكلەپ.

كۆركەم،ياپ-يېشىل،
ئانا تەبىئەت.
بولغاچ توغراقتا،
چىدام،ۋە غەيرەت.

ئاشتى يۈرەكتىن ،
ھۆرمىتىم ساڭا.
قەيسەر ،ئىرادەڭ،
كۈچ بەردى ماڭا.

يىلتىز تارتىپسەن،
دالاغا-چۆلگە.
بولدى  قامىتىڭ،
مەن ئۈچۈن ئۈلگە.

يۈرەكتىن سۆيگۈم ،
ئىشىپ توغراققا.
ياقتىم باغرىمنى،
ئانا تۇپراققا.


كىتاب


مەن كىتاپقا بەك ئامراق،
چۈشمەس دائىم قولۇمدىن.
بىلىم ئىلىپ ھەر كۈنى،
ئىزىقمايمەن يولۇمدىن.

مەن كىتاپقا بەك ئامراق،
ئۇنى جاندىن سۆيۈمەن.
ئىلىم-پەننىڭ ئىشقىدا،
پەرۋانىدەك كۆيۈمەن.

كىتاپ تۈندە نۇر –چىراق،
سەبى دىلنى يورۇتقان.
قۇۋەت بولۇپ ھەممىگە،
نادانلىقنى قۇرۇتقان.

كىتاپ بىلىم بۇلىقى،
نۇر تاراتقان يۈرەككە.
تەشنالىقنى قاندۇرۇپ،
يەتكۈزىدۇ تىلەككە.

(‹‹ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ››تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر)

2016-يىلى2-ئاي15-كۈنى       يەكەن


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 15:37:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا خاس تەپەككۈر   بىلەن  بالىلارغا خاس تىل ، بۇ بىر يۈرۈش يازمىلارنى بالىلارغا خاس تۇرمۇش تۇپرىغىدا رەڭلەش ئىمكانيىتىگە  يەتكۈزۈپتۇ .
سىزگە ئامەت يار بولغاي!

ۋاقتى: 2016-2-19 14:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز تىخىمۇ قۇۋۋەت تاپسۇن ، چوڭ چوڭ شېئىرلارنى يېزىڭ..................

ۋاقتى: 2016-2-20 11:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جەۋھىرى.بۇ بىر يۇرۇش بالىلار شئىرلىرىڭىز قەلبىڭىزدەك سۈزۈك،ئوماق باللىرىمىزنىڭ تىلىدەك چۈچۈك ،تاتلىق يېزىلىپتۇ. سىزنى تەبرىكلەيمەن.مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش