كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 15

شاھزادەم: سەھرايىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 11:07 AM  

                         شاھزادەم ئابدۇللا ئارف

    سەھرايىم





مېھرى ئىسسىق شۇ گۈزەل سەھرا،

چەكتى مېنىڭ قەلىب خانەمنى.

قاچقان ئۇيقۇم شۇ كېچىدە .

خىياللىرىم  كېزەر سەھرانى .



چىللاپ قوق-قوق ھەر كۈنى خوراز،

يېڭى نۇرلۇق سابانى باشلاپ.

ئاستا-ئاستا كېلەتتى سەھەر،

تۈن قىزلىرى كەتكەندە ياشلاپ.



ئۇرغۇياتتى قېنىمىزدا  قان،

ئۇزاتقاندا ئانام سۈتلۈك چاي.

ئۇنتۇلاتتى دادام جاپاسى،

توقۇغانچە بىر مۇڭلۇق ناي-ناي.



دەرياسىدا سەھرا چىمەننىڭ،

ئوينايتىم شوخ بېلىقچاق بولۇپ.

ئۇچۇپ كەلسە سەھرا شامىلى،

گاھ قوياتتىم ھېكايە توقۇپ.





ئانام  مېنى  ئۇزاتقان  كۈنى،

خوشلاشتىم شۇ سەھرالىرىمدىن.

ئۆسكەن يۇرتتىن بالىلىقتىنمۇ ،

گۈل غۇنچە، ئەركە چاغلارىمدىن.



مەن قوينىدىن ئۇزىغان بىلەن،

قېنىمغا قانداش ئەسلىمىلەر.

ئۇنتۇلمايدۇ ئۆسكەن سەھرايىم،

ئۆتمۇشلەرگە تۈكۈلسىمۇ قار.



2016-يىل2-ئاينىڭ16-كۈنى

              چىمەن



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-17 18:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر يېڭى ئەسىرىم ئېلان قىلىندى، تولىمۇ  خۇشالمەن .

ۋاقتى: 2016-2-17 18:42:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھزادەم ئابدۇللا ئارف-- ناملىق  ئەسىرىڭىز ئېلان قېلنىپتۇ راس،مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-17 19:25:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرغۇياتتى......بۇ سۆزنى ئويلىشىڭ.
ئېرچىن ئەپەندىمنىڭ يىراقنى كۆرەرلىگى كىشىنى قايىل قىلىدۇ،يېڭىدىن بۇ كوچىغا كىرگەن قىزنىڭ شتلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تەھرىرلىگەن بۇ ئەسەردىن مەنمۇ يىراق سەھرالارنى ئارىلاپ باقتىم.ئاددى،ئەمما سۆيۈملۈك ماكان،ئەشۇ ماكاندىكى ساددا كەچمىش،ئىلھاملانغان شائېرانە تۇيغۇ،مۇبارەك بولسۇن!

باھا سۆز

شۇنداقمىدى؟بىلىۋالدىم.  ۋاقتى: 2016-2-18 06:12 PM
ئېرچىن ئەمەس ئەر-چىن---چىن ئەر دىگەن مەنىدە بۇرادەر  ۋاقتى: 2016-2-17 10:26 PM
ۋاقتى: 2016-2-17 19:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىقچاق دىگەن سۆزنىڭ ئ‍ورنىغا بېلىجان دەپ قويساق تىخىمۇ ماسكىلىدۇ ، بىر قىسىم سۆزلەر تازا دىگەندەك جايىغا چۈشمەپتۇ، يەنىمۇ پىششىقلاڭ،توغرا كۆرسىڭىز!

ۋاقتى: 2016-2-17 22:12:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىردىكى بىر كۇپلىتنى باشقىچە يېزىپ باقسىڭىز بوپتىكەن.

مەن ئاشۇنداق [پۇتاق چىقىرىمەن دەپلا تۇرغان....]،چاخچاق-ھە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 17:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكران0908 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-17 07:33 PM
بېلىقچاق دىگەن سۆزنىڭ ئ‍ورنىغا بېلىجان دەپ قويساق تىخ ...

بولىدۇ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 17:59:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەر0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-17 10:12 PM
ئاخىردىكى بىر كۇپلىتنى باشقىچە يېزىپ باقسىڭىز بوپتىكە ...

بولىدۇ. رەھمەت  سىلەرنىڭ ياردىمىڭلەر ماڭا زور ئىلھام.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 17:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ مېنىڭ ئەسىرىمگە ئىلھاملارنى بەرگىنىگە رەھمەت تېخمۇ تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-18 23:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق تېرىشىڭ!ئېجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-18 23:32:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى ئىلھاملىرىڭىزغا ئاپىرىن !

ۋاقتى: 2016-2-19 11:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىغانى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 11:32 PM
يىڭى ئىلھاملىرىڭىزغا ئاپىرىن !

ئىلھامىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ، رەھمەت .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 12:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 11:31 PM
بۇ شىئېرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق تېرىش ...

ماقۇل رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 12:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 11:31 PM
بۇ شىئېرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق تېرىش ...

ماقۇل رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش