كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 21

تاھىر تالىپ بەكتۇر: شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 05:04 PM  

تاھىر تالىپ بەكتۇرنىڭ بەش پارچە شېئىرى

كېپىنىڭنى چىشلەپ ياتارسەن

ھەممىمىزنى چىشلەپ تۇراتتىڭ،
گاڭ بەلچىدەك چىشلىرىڭ بىلەن.
چىشلەيتتىڭ-يۇ، ئۈزۈپ ئالالماي-
يارا قىلىپ قويغىنىڭ تۈمەن.

سەپەر قىلىپ قالساڭ باقىيغا،
ئىسىت، كىمنى چىشلەپ تارتارسەن؟
خۇمار قىلساڭ، بىرلا ئامال بار:
كېپىنىڭنى چىشلەپ ياتارسەن.

ئەگەر يەنە قارا كۆرۈنسە

قارا قىلىپ كۆرسەتتى ئاقنى،
كۆزلىرىڭگە قارا كۆزەينەك.
ئۇ بولسىلا قىيىندۇر ساڭا،
ئاپتاپنىمۇ ئۆز رەڭدە كۆرمەك.


چۈنكى سېنىڭ ئاشۇ ئەينىكىڭ،
يورۇقلۇقنى قارا قىلغۇچى.
ئاق يانتاقنى لەيلى كۆرسىتىپ،
يۈز-كۆزۈڭنى يارا قىلغۇچى.

شۇ ئەينەكتىن قۇتۇل، ئاغىنە،
ئۆز كۆزۈڭدە ئالەمنى بايقا.
ئەگەر يەنە قارا كۆرۈنسە،
سوپۇن بىلەن كۆزۈڭنى چايقا.

مېھمان بىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا

سىز مېنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
مەن سىزگە مۇھتاجمەن، سىز ماڭا بەزى.
سىزدە سۇ يېتەرلىك، مەندە ئوت-يالقۇن،
سىز بۇڭا تەقەززا، مەن ئاڭا بەزى.

سىز مېنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
بىر يەردە يۈرسەكمۇ شۇنداق ھەمىشە.
ئاي-كۈندەك مۆكۈشۈپ يۈرسەكمۇ پىنھان،
ياشاشنىڭ ئىستىكى ئورتاق ھەمىشە.

سىز مېنىڭ مېھمنىم، مەن سىزگە مېھمان،
شۇڭا مەن سۇۋايمەن سىزگە ئۆزۈمنى.
كىم بىلەر ئەتىلا كىم بار، كىمىم يوق،
كۆرەلمەي قالامسىز تېخى يۈزۈمنى.

سىز مېنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
ھازىدار بولىمىز بالدۇر بىرىمىز.
سىزگىمۇ باشقىلار چىقار ئاق باغلاپ،
ئاشۇنداق ئۆچىرەتسىز مېڭىپ تۇرىمىز.

سىز مېنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
مېھمان بىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا.
مېھمان بىز، مېھماندەك ئۆتەيلى دوستلار،
ئىسسىق نۇر بېرىشىپ چېگىك دىللارغا.

چىشلەشمەيلى

قوينى كەڭرى باھار تۇغقان ئالەمنىڭ،
ھەممەيلەنگە پاتقۇدەك يەر يېتىدۇ.
ئەجەب ئىكەن خۇي-مىجەزى ئادەمنىڭ،
شۇنچە يەرگە سىغىشالماي كېتىدۇ.

بەزىمىز بار بىكار تۇرماي چىش بىلەپ،
باشقىلارنى چىشلىمەكچى بولىمىز.
ئۆز ئىشىمىز گوياكى ئاز كەلگەندەك،
خەق ئورنىدا ئىشلىمەكچى بولىمىز.

بەزىمىز بار ھالىمىزغا پايلىماي،
تاغلارنىمۇ ھاپ ئەتمەكچى بولىمىز.
بەزىمىز بار شېرىن جاننى ئويلىماي،
ھاتتا چوغنى كاپ ئەتمەكچى بولىمىز.

ياشاپ بوپمۇ ياشىغۇلۇق كۈنلەرنى،
ياپرىقىمىز سولغىنىنى بىلمەيمىز.
ئۇنتۇپ كېتىپ ھەتتا بەزى مەھشەرنى،
پەيمانىمىز تولغىنىنى بىلمەيمىز.

بىز ئېغىز گەپ، كىچىك بىر نەپ دەستىدە،
قان-قېرىنداش كانايلارنى سىقىشتۇق.
لېكىن تۈلكە قاش ئاتسا جان قەستىدە،
كۈچۈكلىنىپ ئېغىز-بۇرۇن يېقىشتۇق.

بۇ ئالەمنىڭ مېھمنىنى بىز ئەسلىدە،
مەڭگۈ تۇرساق بولالمايتتۇق ئەتىبار.
كۆكلەپ تۇردۇق ھەر بىر باھار پەسلىدە،
كونا چېچەك تۆكۈلمىگەن نەدە بار؟!

قېنى ئەمدى مېھمانلىقنىڭ ھۆرمىتى،
پۇت قويۇشماق بولۇشىمىز ئاماللاپ.
بەزىلەرنىڭ ئۇزۇن تىرناق قوللىرى،
يۈرمەمدۇ-ھە، ياقىلارنى قاماللاپ.

ئۆگەتمەيلى چىشىمىزنى غاجاشقا،
گۆرىدىمۇ كېپەن چىشلەپ ياتمىسۇن.
دۈشمەن بولۇپ كەتمەيلى دوست-ئاداشقا،
ئىنسام قولى ئىنسانغا مۇشت ئاتمىسۇن.

زورلاپ جاپا سېلىشمايلى ئۆزئارا،
تەبەئەتنىڭ جاپاسىمۇ يېتىدۇ.
ئادەم كۆڭلى ئادەمدىن سۇ ئىچمىسە،
ئۆلگەندىمۇ كۆزى ئوچۇق كېتىدۇ.

چىشلىگەنلەر يات بولۇپ كېتەر ئادەمگە،
چىشلىگەكتىن قاچار ئىنسان يىراققا.
چىشلىگەكنىڭ ئوغلى بويتاق، قىزى تۇل،
ھازىسىمۇ تولار ھەسرەت-پىراققا.

چىشلەشمەيلى، چىشلىمەيلى ھېچكىمنى،
باقىي ئەمەس ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەم.
ئۇنتۇمايلى بۇ ئالەمگە بىز مېھمان،
ھەم مېھماندۇر بىر-بىرىگە ھەر ئادەم.

شائىر قىسمىتى

شائىرى يوق ئەلگە دائىم ئۇيقۇ يار،
شائىرى بارلارغا ئوتلۇق تۇيغۇ يار.
شۇڭا ئەل شائىرنى تۆرگە تەگلىدى،
بەگ ۋە ئامباللار لېكىن بەك يەكلىدى.
مۇپتىدىن شائىر گۇناھىن سورىسام،
« ئۇيقۇنى بۇزدى» دېدى، گەپ كولىسام.
قازىنىڭ ئالدىغا بارسام « بەس» دېدى،
بۇيرۇدى جاللاتنى  دەرھال:«كەس!» دېدى.
****************
ئەمرىچە، « ئەللەيچى» بولسام بولغىدەك،
ياكى نەق « لەببەيچى» بولسام بولغىدەك.

مەنبە: شائىرنىڭ « مەن-ئادەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-17 17:27:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم بوۋاقى ،پىشقەدەملەر ئۇچۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۇلارنى جەمىيەتكە تونۇشتۇرۇشقا ئىزچىل كۇچ چىقىرۋاتىدۇ،ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2016-2-17 19:15:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىركامنىڭ بۇ قىسقا،ئىخچام،مەزمۇنلۇق شىېئرلىرى بىزگە يەنىمۇ تەلىم بىرىدۇ.يوللىغۇچىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-2-18 00:49:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىركامنىڭ ياخشى شېئىرلىرىنى يانا بىر قىتىم ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم، ھەممىسى دىگۈدەك ئېسىل شېئىرلاردىن ئىكەن .دوستۇم بوۋاقىغا كۆپ تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-2-18 08:01:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر تالىپ ئاكىغا ھۆرمەت بىلەن سالام!
قەشقەردە ئېچىلغان ‹‹مەملىكەتلىك 'قۇتادغۇ-بىلىك' ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى››دا سىزنى تونىغان.

‹‹مېھمان››،‹‹ئۆيلەنمەيمەن›› ناملىق شېئىرلىرىڭىز بىلەن سىزنى چۈشەنگەن ئىدىم.

ۋاقتى: 2016-2-18 18:05:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شىئېرلارنى ئوقۇغىنىمدىن خۇرسەنمەن .

ۋاقتى: 2016-2-18 19:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر تالىپ ئاكىمىزنىڭ شېئىرلىرى كىشىگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ....

ۋاقتى: 2016-2-18 19:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر تالىپ ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك يار بولغاي....

ۋاقتى: 2016-2-18 23:13:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئەھمىيەتلىك ئەدەپ ئەخلاق ئەنئەنىللىرى ئەكىس ئەتكەن ئەلبەتتە:

ئەجداتلارنى ئەسلەيلى،
ئەقىلدىكى ئەينەكتە.
ئەتىۋارلاپ ئەجرىنى،
ئەتتىگەندە ئەمگەكتە.

ۋاقتى: 2016-2-19 10:32:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىركامنىڭ ئ‍ەسەرلىرى كۈچكۈك ئ‍ىپادە، كەسكىن تىل بىلەن يۇغۇرۇلۇپ جەمئ‍ىيەتنىڭ يىرگىنىشلىك نوقتىلىرىنى ئ‍ېچىپ تاشلايدۇ. مەن نۇرغۇن شېئ‍ىرلىرىنى ياقتۇرىمەن، ئ‍ابلاجاننىڭ ئ‍ەمگىكىگە ھەشقاللا  

ۋاقتى: 2016-2-19 10:59:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



     تاھىركامنىڭ تېنىگە ساقلىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-19 11:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە ھېس - تۇيغۇلارنى ھېس قىلدىم ، تەشەككۈر ..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-20 12:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك دوستلىرىم، مەن پەقەت ھەقىقىي شېئىرلارنى ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ مەۋجۇدلۇققا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ ھېلىھەممۇ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، قەلەمنى قولىدىن چۈشۈرمەي، ئىجاد قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلدۇرۇش ئويىدا بولۇپ، ھاياتىنى ئۈن-تىنسىز ئىجاد قىلىش بىلەنلا ئۆتكۈزگەن مۆھتىرەملەرنىڭ بىر تۈركۈم نادىر شېئىرلىرىنى يوللاپ قويدۇم. بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. سىلەرنىڭ زوق ئالغىنىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇنداق شېئىرلارنىڭ قۇۋۋىتى دەل يۈرەككىلا بارىدۇ. پىكىر ئېنىق، قاراش دادىل، تىل يېنىك...ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك شېئىرلار مۇشۇنداق بولىدۇ.  مۆھتىرەملەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، سالامەتلىكى ياخشى، تۇرمۇشى خاتىرجەم، ئىجادىي تەپەككۇرى مەڭگۈ ئويغاق، ئىجادىيىتى مول  بولغاي!

ۋاقتى: 2016-2-21 19:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 11:13 PM
ئەجداتلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئەھمىيەتلىك ئەدەپ ئ ...

ئۆزىمىز بىلەن زامانداش،ياش پەرقى ئۆزىمىزدىن بىرئازلا پەرقلىنىدىغان كىشىلەرنى «ئەجدات»لار دەپ ئالساق،باشقىچە بىر ئاڭلىنامدۇ-قانداق،مۇئەللىم؟

ۋاقتى: 2016-2-21 22:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 12:18 AM  
ئەمەتجان يۈسۈپ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-21 07:55 PM
ئۆزىمىز بىلەن زامانداش،ياش پەرقى ئۆزىمىزدىن بىرئازل ...


ئەسسالاموئەلەيكوم ھۆرمەتلىك ئېنىم ئەمەتجان يۈسۈپ،ماڭا بەرگەن تەكلىۋىڭىز بەك توغرا بولغان،
ئەسلىدە بىز ياشاۋاتقان زاماندىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ئەجدادىمىز،كىيىنكىلەرنى ئەۋلادىمىز دەيمىز.ئەمما بىرلا ۋاقىتتا ئەجداد يەنى دادىمىز -ئانىمىز ۋە چوڭ دادا چوڭ ئانىمىز،بالىمىز-نەۋرىللىرىمىز ماۋجۇت.بۇ چاغدا سىنىڭ ئەجدادىڭ كىم،سەن كىمنىڭ ئەۋلادى دەپ سورىسا ئەلبەتتە شۇ بارلىنى ئاتايمىز-دە.يەنە مەسىلەن،كىلاسسىك ئەسەر ھەرگىز بۇرۇنقى ئەسەر دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ.ئۆلگۈلىك ئەسەر،نادىر ئەسەر دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،ھەرگىز بۇرۇنقى ئەسەر دىمەيمىز.ئۇلارنى ئۆلگۈلىك يازغۇچىلار دىگەن مەنىدە چۈشەنسەك بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش