بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-17 05:29 PM
قەلبىڭىز قانداق بولسا، دۇنيامۇ شۇنداق بولىدۇ
ماك.زۇكېربېرگ (ئامىرىكا)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئايىمنىسا
مەن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دادا بولدۇم. پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دوستلىرىم مەن ۋە مېنىڭ ئائىلەمگە بەخت تىلەشتى. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم. بىراق جۇڭگۇدىكى نۇرغۇن دوستلىرىم مەندىن گۇمانلاندى. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئىككى مەسىلە ئىدى. بىرى، ئالغان خوتۇنۇمنىڭ سەتلىكى، يەنە بىرى، 450مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى زىيان تارتقىنىم ئىدى. لېكىن مەن ئەزەلدىن باجدىن قېچىپ باقمىغان.
دوستلىرىمنىڭ قارىشىچە، مېنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، جوڭگۇلۇقلارنىڭ گىپى بويىچە: «قىش كۆرمىگۈچە ياز قەدرىنى بىلمەس» ،«قۇدۇقتىكى پاقا دېڭىزنى بىلمەس» دېگەندەك، ئادەمدە قانداق دۇنيا قاراش بولسا، شۇنداق دۇنيانى كۆرىدۇ، دەيدۇ. جۇڭگۇلۇقلارغا سەل قارىغىلى بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ بۇ گېپى مېنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالدى. بىراق بەزىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالىمايدۇ.
مېنىڭچە، ھازىرقى كۆچمە، بىرلەشمە ۋە چوڭ سىفىرلاشقان جەمىيەتتە «قىش پەسلىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان ياز قۇرتلىرىنى يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، قىش پەسلىگە ئاپىرىپ قويالايمىز. دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان قۇدۇقتىكى پاقىلارغا دېڭىزنى كۆرسىتىپ قويالايدىغانمۇ ئامالىمىز بار. شۇڭا مەن بۇ ئىككى مەسىلىگە جاۋاپ بېرىشنى قارار قىلدىم. شۇنداقلا يەنە جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. مەسىلەن، مەن نىمىشقا داڭلىق ماركىلىق ماشىنا سېتىۋالمايمەن؟ نىمىشقا دائىم بىر ئاددى مايكىنى كىيىپ يۈرىمەن؟ دېگەندەك بىر تالاي ئاددى سوئاللار.
بىرىنچى مەسىلە، مەن نىمىشقا سەت خوتۇن ئالدىم، دېگەندە، مېنىڭ ئاۋۋال سۆزلەشكىنىم قانچىلىك ساھىبجاماللار ۋە قانچىلىك سەت ئاياللار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەندە ھەرخىل ساھىبجاماللار بىلەن كۆرۈشىدىغان پۇرسەتلەر ناھايىتى كۆپ. بىراق، ئۇ ئاتالمىش گۈزەللەرنىڭ قەلبى ئەينەك قەلب، يەنە كېلىپ كىسەلمەن مەلىكىلەر، شۆھرەتپەرەسلەر. بۇنداق ئاياللارنىڭ تاشقى قىياپىتى گۈزەل بولغان بىلەن قەلبى تولىمۇ خۈنۈك، روھىنى چىركىنلىق قاپلاپ كەتكەن. تاشقى قىياپىتى گۈزەل بولغانلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ. ئەمما روھى-دۇنياسى گۈزەل بولغانلار يېشى چوڭايغانسىرى ئۇلارنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ. بۇ بىر نۇقتا. ۋال سىترىت كوچىسىدىكى بارلىق ئىقتىسادشۇناسلار بۇنى ئىنىق چۈشىنىدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش قىممىتى چۈشۈپ ماڭىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى خالىمايمەن.
ئۇنداقتا، مېنىڭ سۆيىدىغىنىم پۇرشىلا. چېنمۇ نېمە؟
ئاددىيلىق كۆڭۈلدە خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ. پۇرشىلا.چېننىڭ كۈلۈمسىرىشى شۇ قەدەر گۈزەل ۋە مۇلايىم. ئۇ ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مودا قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، يەڭگىگەندىن كېيىنكى بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇ قەدەر روشەن ئىدى. بىراق ئۇ شۇ قەدەر ئاددى-ساددا كىيىنەتتى، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن بەختلىك ئايال ئىدى. مەن ئۇنى تولۇق بەختلىك قىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. شۇنداق، مەن ئۇنىڭ رىئاللىقىنى، ئاددى-ساددىلىقىنى سۆيىمەن. مەن ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل، قەيسەرلىكىنى سۆيىمەن، مېنىڭ مۇھەببىتىم-ئۇنىڭ بارلىقى! مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا، تولىمۇ راھەت، ئەركىن، ئازادە ھىس قىلىمەن. مەن ئۇنى ئېگىز ئوقۇرغا ئېسىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. ئۇ ئىنتايىن ھىسياتچان بولغاندىن تاشقىرى، تولىمۇ ئەقىللىق. ئۇ خارۋارد تىببى ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. خارۋارد قانۇن ئۇنىۋىرسىتىتى، تىببى ئۇنىۋىرسىتىتى ۋە سودا ئۇنىۋىرسىتىتى پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئەقلى بار كىشىلەر كىرىشنى ئارزۇلايدىغان مۇھىم مەكتەپلەر. ئېگىز ئوقۇرغا ئېسىلىش دىيىشكە توغرا كەلسە، پەقەت مەن ئۇنىڭغا ئېسىلدىم دېسەم بولىدۇ.
نىكاھ بىر جۈپ كەشكە ئوخشايدۇ. ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى پەقەت كىيىپ باققان ئادەملا بىلىدۇ. شۇڭا سىز ئايالىمنىڭ سەتلىكىنى كۆردىڭىز، مەن گۈزەللىكىنى كۆردۈم. مەن ئۇنى ماڭا ماس كېلىدىغان بىردىنبىر گۈزەل، دەپ قارايمەن.
ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بەزىلەرنىڭ كۆزىگە باشقىلارنىڭ سەتلىكى كۆرۈنىدۇ، گۈزەللىكى كۆرۈنمەيدۇ. بۇنداق ئادەملەردىن بەخت ھەقىقەتەن يىراقلاپ كېتىدۇ. بۇ سىزنىڭ تەقدىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، چۈنكى، ئادەمدە قانداق قەلپ بولسا، شۇنداق دۇنيا بولىدۇ.
بىزنىڭ تارتقان زىيىنىمىز خەلق پۇلىغا ھىسابلىغاندا 2800مىليۇن، بۇ پەقەت بازارلىق باھا-خالاس، ئەمىلىيەتتە تارتقان زىيان ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشىمۇ، ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولۇشىم مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بازار بەلگىلەيدۇ. بىز زىيان تارتقان بۇ پۇللار مائارىپ مەبلىغى ۋە داۋالىنىش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بالىلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى دۇختۇرخانىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، داۋالىنىش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىش بىزنىڭ ئۈمىدىمىز. داۋالىنىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىزدە كەلگۈسى 100يىلغا نىسبەتەن كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە كونترول قىلىش قاتارلىقلار جەھەتتە زور ئۈمىدلەر تۇغۇلماقتا . بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى يۈرەك كىسىلى، راك، سەكتە ۋە باشقا تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماقتا. بۇ كىسەللەرنى داۋالاش جەھەتتە تېخىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
بىر كۈنى مەن خانىمىم بىلەن بىزنىڭ بالىمىزلا ئەمەس، بارلىق بالىلارنىڭ داۋالىنىش قىيىن بولۇشىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، بىز داۋالىنىشتىن ئىبارەت بۇ بىر تۈرگە مەبلەغ سېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، دەپ قارايمىز.
گۇدۇڭدا «دۇنيانى ئۆزگەرتىش» دېگەن بۇ بىر جۈملە گەپ بىر ئاغزاكىي چاقىرىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇ بىر ئىشەنچكە تولغان ھاياتىي كۈچ. بىزنىڭ غايىمىز، بارلىق تىرىشچانلىقىمىز مائارىپنى ياخشىلاش، داۋالىنىشنى ياخشىلاش، دۇنيانى تورلاشتۇرۇپ، جەمىيەتنى، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرگە ئورتاق بولغان بىر گۈزەل دۇنيانى قۇرۇپ چىقىش.
يەنە قانداق كىيىم كىيىش، قانداق ماشىنا ھەيدەش مەسىلىسىمۇ بار. مەن نۇرغۇن ئوپئوخشاش كۈلرەڭلىك قىسقا يەڭلىك مايكىلارنى سېتىۋالدىم. مەن تۇرمۇشۇمنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئويلايمەن. بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن ئارتۇق ئويلاشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق.
مېنىڭ ئۈچ ماشىنام بار. مەن ھەركۈنى سىرتتا يۈرىمەن. ئىلگىرى 16 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىلىق «بېنتىيەن فېيدۇ» ماركىلىق ماشىنىنى ھەيدىگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، 100مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. مېنىڭ يەنە«داچۇڭ گارفۇ» ماركىلىق 18 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان بىر ماشىنام بار، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا باھاسى 115مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، مەن سېتىۋالغان ئەڭ قىممەت ماشىنا بولسا «چۈگې XTS « ماركىلىق 30مىڭ ئامىرىكا دوللىرىلىق ماشىنا. خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 200 مىڭ يۈەن بولىدۇ. Facebook بازارغا كىرگەندىن كېيىن، مەن ماشىنامنى «داچۇڭ CTI» ماركىلىق بىر ماشىنىغا ئالماشتۇردۇم. ئامىرىكىدىكى مۇقىم باھاسى 30 مىڭ دوللار. خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، ئاۋۋالقىدەكلا 200مىڭ يۈەنگە يەتمەيدۇ. مېنىڭچە ماشىنا بىر خىل قاتناش قورالى، ئۇنچە كۆپ پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق.
مېنىڭ ھەممە نەرسەم داڭلىق ماركىلىق ئەمەس، مەن پەقەت ماس كەلسىلا بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسام شۇنى ئىشلىتىمەن، كاتتا بۇيۇملارغا ئۆزۈمنى باغلىۋالمايمەن. كاتتا بۇيۇم دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۆزىنىڭ ئەقلى ، ھىسياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەرسىلەرنى دېسە بولىدۇ. جوڭگۇنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى كىشىلەر «ئادەم ماددى مەئىشەتلەرگە بېرىلمەسلىكى كېرەك» دەپ قارايدۇ. مان داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەرنى قوغلاشمايمەن، ئۇنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تولىمۇ بىمەنىلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئادەمنىڭ قەلبى قانداق بولسا، ئۇنىڭ دۇنياسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. سىز دۇنيانىڭ گۈزەللىكىگە شەكسىز ئىشىنىڭ. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، گۈزەللىككە تولغان دۇنيانىڭ، كىشىلىك ھاياتنىڭ سىزگە قۇچاق ئېچىشىغا ھېچكىم ئامال قىلالمايدۇ.
بۇ ماقالە «ئوقۇرمەنلەر»ژورنىلىنىڭ 2016-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
|