بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-18 03:41 PM
مەن مەشرەپنى سېغىندىم بۇ كەچ
ئابلاجان مۇھەممەد
ھېچنىمە دېگۈم يوق ،
بۇ كۈنلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە.
ئۆز ئۆزۈمنى ئىزدەپ يۈرىمەن ،
غېرىبلىقنىڭ گىرۋەكلىرىدە.
مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغۇم كېلىدۇ ،
غەملىرىگە شېرىك بولغۇم كېلىدۇ .
مىسرالاردە مىڭ يېنىپ،ئۆچۈپ ،
ئۆز قەلبىمگە تولغۇم كېلىدۇ .
ھەممە نەرسە قىممىتىنى يوقاتقاندەك ،
تاماق يېيىش بىھۇدە ئىشتەك ،
كۆز ياشلىرىم تۈگەپ كەتكەندەك،
بىر نۇقتىغا قالدىم تىكىلىپ .
كۈيلەردە مۇڭ، يۈرەك ئېزىلەر،
گۈللەردە غەم، كۆڭۈل چېگىلەر .
كەتتى ،كەتتى جانان كەتتىلەر ،
دۇنيا ساڭا شۇنى دېدىلەر .
مەۋجۇتلۇقنىڭ قىممىتى نېمە ؟
چىن ئاشىقنىڭ قىسمىتى نېمە ؟
كۆڭۈل بەردىم ،ھېممىتى نېمە ؟
كەتتى ،كەتتى ھەممىسى كەتتى .
قېنى ئاھۇ ، چۆللەر زارۇ- زار ،
قېنى يارۇ، دۇتار خارۇ -زار .
قېنى ،پەلەك كۆرسەت ھەممىنى ،
كۆتۈرگىدەك يۈرەك بارۇ بار.
مەشرەپنى ئىزدەپ كەتتى ،
بىر مېنى تاشلاپ كەتتى .
دۇنيانى ياشلاپ ئۆتتى ،
تۈن كېچىدە يېگانە بىر قۇش.
ئەر ،بايرام ، ئىزتىراپ
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى
دەپ ئۆتۈپ كەتتى يېنىمدىن بىرى.
دادا،
دادىلار بايرىمى باركەن ،
سېنىڭ بارىڭ بىز ئۈچۈن بايرام
ھەركۈن،ھەرچاغ،ھەربىر دەقىقە.
بىلمىدىم
بايراملارنىڭ قەدرى قالمىدىمۇ،
يا دادىلار نازۇكلىشىپ بەك
بىر بايرامغا ئېھتىياج چۈشتىمۇ.
يولۋاس ،شىرنى ئوۋلىغان كۈنۈڭ،
ئانام قەلبىن ئەل قىلغان كۈنۈڭ،
بىر ئىڭڭەنى ئاڭلىغان تۈنۈڭ،
ئىدى ساڭا ئۈن تىنسىز بايرام.
مەن قاي ھالدا بايرام ئويناي،
بالىلىرىم بولغاچقىلا
مەن دادا دەپ نام ئالغان ئۈچۈن ؟؟!!
دادىلار ئۈچۈن ۋەتەندۇر بايرام .
دادىلار ئۈچۈن پەرزەنىتدۇر بايرام .
بايرام ئەسلى دادا ھەممىگە ،
بىر ئۇلۇغ روھ دادا ئەسلىدە .
ئايالىدىن سوۋغاتلىق تىلەپ،
موھتاجلىقتا قىينىلاتتى ئەر.
قىز شادلىقى توي كۈنى بولسا ،
جەڭگاھ ئارا سىنىلاتتى ئەر.
بىر خورازدىن نېمە پەرقى بار ،
ئۇنداق ئەردىن بىزار ئەزىز يەر.
دادىنىڭ بۇرچى نېمە ؟
دادىلىقنىڭ قىممىتى نېمە ؟
بايراملارنىڭ مەنىسى نېمە ؟
ئىنسانلىقنىڭ ھىممىتى نېمە ؟
بىز بايرامغا خۇمار بوپ قالدۇق،
ئەنئەنىنى،گۈزەل ئەخلاقنى ،
چىن سۆيگۈنى،ئادىمىيلىكنى،
بايراملىق دەپ ساقلار بوپ قالدۇق.
بايراملارنى ۋابا دەيمۇ مەن،
بايراملارنى ۋەياكى سىناق؟
ئاتىلار بايرىمى،
ئاتىلارنىڭ غۇرۇرىنى
بىلەيدىغان چېغىڭ كەلدى
ئوتتۇز ئۈچ ياش
نېمىلەرگە ئىرىشكەندىمەن،
ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆتۈپ بولۇپتۇ.
مەن كىملەرنى كۈلدۈرگەندىمەن ،
چاناقلىرىم ياشقا تولۇپتۇ .
قالدىكىنە قانچىلىك ئىزىم ،
مەن ئارقامغا قارىدىم رەت-رەت .
مەن كىملەردىن رەنجىپلا كەلدىم ،
ھەم كىملەرگە باغلاپ مۇھەببەت .
توڭلىغانغا مەن ئوت بولدۇممۇ،
نېمە سۇندۇم ئۇسسغانلارغا .
باغرىم ئېچىپ كۈلۈپ تۇردۇممۇ ،
مەندىن ئېشىپ شەرەپ قۇچقانغا .
دوستلىرىمغا گۈلدەك باقتىممۇ،
دۈشمىنىگە دۈشمەنچە بولۇپ .
سۆيگۈ بولۇپ قايناپ ئاقتىممۇ،
قەلبلەردە قىيانغا تولۇپ .
كىملەر ئۈچۈن ئەسلىمە بولدۇم ،
كىملەر ئۈچۈن نەپرەتلىك سىما.
كىم ئالدىدا قول باغلاپ تۇردۇم ،
كىملەر ئۈچۈن سۆيگۈ ،تۇتىيا.
قالدى يەنە قانچىلىك نەپەس ،
ھەق رەھمىتى ياغسۇن دىلىمغا.
ئىزلىرىمدىن تىكەنلەر ئەمەس ،
گۈللەر ئۈنسۇن ھايات بېغىمغا.
كىروران گۈزىلى
كىرورانغا بارمىدىم لېكىن ،
مەلىكىنى كۆردۈم موزىيدا.
تارىخ ھالقىغان ئەسىردىن بىردە،
بىردە ئەسىر تارىخ قوينىدا.
قۇم ئاقاتتى ،بۈگۈن كۆز ئاقار،
مەلىكىنىڭ تېنى ئىزتىراپ.
باش ئېگەتتى تارىختا ھەممە،
بۈگۈن يۈرەر يۈرەك جىغىلداپ .
ئەينەككە قارىغان مەلىكە بۈگۈن ،
ئەينەك ئىچىدە ياتار ،مۇڭ تۆكەر.
ھەممە نەرسە قايتار ئەسلىگە ،
دۇنيا ئۆتكۈنچى، ئاقىدۇ،ئۆتەر.
( «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر )