سەنسىز كۈنلەردە …
ئەنۋەرجان ساۋۇت
توپا ياغار مېھىر ئارىلاش،
بۇ كېچەمنىڭ ھېجرانلىرى كۆپ.
تاراملىغان سېغىنىشىمنى،
ساقلاپ كەلدىم قەلبىمگە كۆمۈپ.
ھاياجاننىڭ بېلى چىم بولدى،
مۈگدىمەكتە تاتلىق ھېسلىرىم.
پارچىلانغان شېئىرنىڭ تېنى،
پەرىشتىنىڭ قەلبىدەك تېلسىم.
غېرىبلىقنىڭ چۇۋۇلدى باغرى،
توزۇماقتا مىسكىنرەڭ سۈكۈت.
يىرىڭدايدۇ ھېجران يارىسى،
ھېچكىم ماڭا قىلالماس ئۈگۈت.
مۇز تۇتماقتا نىگاھلار ئارا،
غېرىب تاشتەك ئۆزۈمگە پاتتىم.
تەشنالىقىم كۆيەر پاژىلداپ،
ئاھ كۆكسۈمنى كاچكۇلغا ياقتىم.
ئەسلىمىلەر ئۈششىدى تىترەپ،
يىرتىلماقتا سوغۇق پەنجىرە.
ئەي پەرىشتەم سەنسىز كۈنلەردە،
يۈرىكىمگە ياغار ۋەھىمە.
2016-يىلى 15-فېۋرال، دۈشەنبە، كېچە.
|