يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 3

مەخەت ئابدۇرېھىم:ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-15 11:29 PM  

ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى (2)
توپلىغۇچى: مەخەت ئابدۇرېھىم

توخۇنىڭ خىيالى دان،
ئاغرىقنىڭ خىيالى جان.

تۆمۈر نەمدە تۈگەيدۇ،
ئۆمۈر غەمدە تۈگەيدۇ.

جان راھىتى تەن بىلەن،
تەن ساقلىقى يەم بىلەن.

چىۋىن ئۆزى مەينەت نېمە،
ئۇ قونغان نەرسىنى يۇماي يېمە.

چىش سوغۇقتىن ئاغرىيدۇ،
كۆز ئىسسىقتىن ئاغرىيدۇ.

چىش دورىسى ئامبۇر،
ئۆپكە دورىسى چامغۇر.

خوراز يېڭىلسە ۋاك دەيدۇ،
دوختۇر يېڭىلسە راك دەيدۇ.

دۇتارنىڭ كارامىتى تارىسى بىلەن،
تېۋىپنىڭ كارامىتى دورىسى بىلەن.

ساغلام بولاي دېسەڭ كۆپ يېمە.
ئىززەت تاپاي دېسەڭ كۆپ دېمە.

ساقايمايدىغان جاراھەت يوق،
خورىمايدىغان دارامەت يوق.

ساق ئاغرىقنى يوقلار،
ئاغرىق ساقنى قوغلار.

ساق بولاي دېسەڭ گېلىڭنى يىغ،
تىنىچ بولاي دېسەڭ تىلىڭنى يىغ.

ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق،
ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق.

سەھەر قوپقان سالامەت،
ۋاخچى قوپقان پالاكەت.

سەۋەپ قىلساڭ زاۋال يوق،
قىلالمىساڭ ئامال يوق.

سىڭمىگەن نەرسىنى يېمە،
يەپ كېسەل بولدۇم دىمە.

قايغۇ كېسەل چىللار،
خۇشاللىق كېسەلنى قوغلار.

قورسىقىڭ ئاغرىسا گېلىڭنى يىغ،
كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى يىغ.

قېرىشتىن قورقما،ھېرىشتىن قورق،
مېڭشتىن قورقما،يېنىشتىن قورق.

كۈزدە توي تولا،
ئەتىيازدا ئۆلۈم تولا.

كىسەل كىشى گۆش بىلەن تۈزۈلەر،
كاتىۋال كىشى مۇش بىلەن تۈزۈلەر.

كىسەلنىڭ باشلىنىشى ئەسنەك،
جىدەلنىڭ باشلىنىشى تەستەك.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 12:27:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلۇق بولسۇن، مەخەتكا، مۇشۇ مەزمۇندىكى ماقال-تەمسىللەردىن بېرەر كىتاب ئىشلەپ قويسىلا، يەنىمۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەردىن سانىلاتتى-دە. چۈنكى ھەممە ساغلاملىققا، ئۇزۇن ئۆمۈرگە ۋە ئىجاد-ئىختىراغا ئىنتىلىۋاتقان ۋە تەلپۈنىۋاتقان دەملەردە...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-16 13:11:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2016-2-16 12:27 PM
قۇتلۇق بولسۇن، مەخەتكا، مۇشۇ مەزمۇندىكى ماقال-تەمسىلل ...

يېقىندىن بىرى يازغان ئەسەرلىرىمدن ئىككى كىتاپ تۈزۈپ يوللىغان ئىدىم يەنى «قوياشنىڭ قولدىشى قەشقەر»دىگەن ماۋزۇدا سۆز ئويونلىرى توپلىمى،«ھايات سەيناسى» دىگەن ماۋزۇدا شىئېر،ھېكايە،نەسىر قاتارلىق ئەسەردىن ،
قوياشنىڭ قولدىشى قەشقەر دىگەن كىتاپ تەستىقلىنىپ نەشىرياتقا يوللاندى، ھايات سەيناسى دىگەن كىتاپنى مۇشۇ يىل ئىچىدە تەستىقلىماقچى.
ئۆزلىرى دىگەندەك خاتىرەمدە تەرمىلەرمۇ خېلى كۆپ.كىتاپ قىلىپ توپلاپ باقاي.ئېلھام بەرگەنلىرىگە رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-20 12:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجرىڭ سىڭگەن نوتىغا، بوك-باراقسان ئۆسكەنتى ،
سايە تاشلاپ ئەتراپقا، كۆڭۈللەرگە ياققانتى ،
مۇھىت گۈزەل ساپ ھاۋا، تەنگە شۇنچە ياققانتى ،
گۈل ۋەتەنگە ئىشقىمىز ،چىن يۈرەكتىن سوققانتى ،
باغۋەن ئەجرى ئۇلتۇلماس، سالام ساڭا مۇئەللىم .

كۆكتە دىڭىز، تاشيولدا، مۆجىزاتلار ماڭىدۇ،
ئاي شارىمۇ بىزلەرگە، بېشىن ئېگىپ باقىدۇ،
تەبىئەتنىڭ سىرىنى، ھەر قەدەمدە ئاچىدۇ،
ئىنسانىيەت بەختىگە، پارلاق نۇرنى چاچىدۇ،
ئۇستاز گويا بىر كومپاس، سالام ساڭا مۇئەللىم .

چاقناپ تۇرار ئوبرازىڭ، ھەر ئىنساننىڭ قەلبىدە ،
سېلىپ قويغان گۆھەرنى، سەبىيلىكتە مۇنبەردە،
ئادىمىيلىك خىسلىتىڭ، سۆز-ھەركىتى تەربىيدە،
ئۈلگە بولۇپ بىر ئۆمۈر، باغۇ-بوستان چۆللەردە،
قۇياش نۇرى ساڭا خاس، سالام ساڭا مۇئەللىم .

ھەۋەس قىلىپ تۇرىمەن ،سېنىڭ ئۇلۇغ روھىڭدىن ،
شەربەت تامار، بىزلەرگە ھەر بىر تامچە سۈيۈڭدىن،
پەخىرلەنسە بولىدۇ، بۇ ئالەمدە يولۇڭدىن ،
ھىچكىم تۇتماي ماڭمىغان، ساخاۋەتلىك قولۇڭدىن ،
سەنسىز دۇنيا پارلىماس،سالام ساڭا مۇئەللىم .

چىن دىلىمدىن سۆيۈنۈپ، تۇتاي ساڭا گۈلدەستە،
ھۆرمىتىم بار سوغام بار، قوبۇل قىلىڭ ھەۋەستە،
تۆھپە ئۇچۇن قۇت تىلەپ، پۇرسەت كەلدى مىڭ تەستە،
ئالىم ساڭا قايىلدۇر، باشنى ئىگىپ ھەم پەستە ،
باغۋەن ساڭا گۈلداراس، سالام ساڭا مۇئەللىم.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش