كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
»
مۇنبەر
›
ئۇنۋېرسال تېمىلار رايونى
›
ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ئۇچۇرلار
›
قاراقاش ناھىيەسىدە «نەق مەيداندا ئىمزالىق كىتاب، ئۈن-سىن پىلاستىن...
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
348
|
ئىنكاس:
0
قاراقاش ناھىيەسىدە «نەق مەيداندا ئىمزالىق كىتاب، ئۈن-سىن پىلاستىن...
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قايتماس
قايتماس
توردا يوق
ۋاقتى: 2016-2-15 20:48:03
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
قاراقاش ناھىيەسىدە «نەق مەيداندا ئىمزالىق كىتاب، ئۈن-سىن پىلاستىنكىلىرىنى سېتىش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى
) r3 n. K$ B- r( @; P
* A. n! [" V. W& t; q
دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى خەۋىرى:
# k$ Y% X2 W1 w/ r9 x1 P
; r- X% a$ h! b- r" Y2 [& w' X" f
يېقىندا قاراقاش ناھىيەسىدە نەق مەيداندا «ئىمزالىق كىتاب ۋە ئۈن-سىن پىلاستىنكىلارنى سېتىش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت قاراقاش ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەت مەيدانىغا ئۈرۈمچى ئىرپان شىركىتى تەرىپىدىن يېقىنقى بىر-نەچچە يىلدىن بىرى نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان «قۇتادغۇبىلىك»، «سۇتۇق بۇغراخان»، «ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى»، «بىر بەلباغ، بىر يول»، «بەخت ئىلكىڭىزدە»، «دانىشمەن ۋە ئۇنىڭ شاگرىتلىرى»،«ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت»، «بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر، قىزىم ئېيتقان ناخشىلار»، ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «قارا ھىجران»، «بىزگە قانداق ئوقۇتقۇچىلار كېرەك»، «مىننەتدارلىق تەربىيەسى» ۋە دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق داڭلىق ئالىم، كارخانىچىلارنىڭ ئېنتېرنىتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى سۆزلەنگەن ئون قىسىملىق ئالاھىدە دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر «ئېنتېرنېت دەۋرى» قاتارلىق ئۈن-سىن پىلاستىنكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلدى. بۇ ئۈن-سىن پىلاستىنكىلار ۋە كىتابلارغا ئىمزا قويۇشقا يۇقارقى پىلاستىنكىلارنىڭ ئاساسلىق دېكتورى، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «چىڭگىزخان»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق داڭلىق كىنو-تىياتىرلارغا ئاۋاز بەرگەن، «دېھقان بولماق تەس» ناملىق ئاۋازلىق ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى ئارقىلىق تونۇلۇپ، رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا كاتتا شەرەپلەرگە نائىل بولغان، «قۇتادغۇبىلىك» نى ئەڭ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ شان-شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقەييۇم ئىمىن تەكلىپ قىلىندى. بۇ پائالىيەت 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-، 6-كۈنلىرى ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىنىڭ يېنىدىكى «دانىشمەن ھەقسىز كۇتۇپخانىسى» نىڭ ئالدىدا، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ناھىيەلىك چوڭ بازارنىڭ پائالىيەت سەھنىسىدە ئېلىپ بېرىلىدى. پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا ئەسلىدە ئۈچ كۈن پىلانلانغان پائالىيەتنىڭ ۋاقتى يەنە بىر كۈن ئوزارتىلدى. جەمئى تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتكە قاراقاش ناھىيە دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتىنىڭ مەسئۇلى نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت رىياسەتچىلىك قىلدى، پائالىيەت جەريانىدا يۇقارقى كىتاب ۋە پىلاستىنكىلارنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى خەلق ئاممىسىغا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلدى. پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيىپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى، كىتاب، پىلاستىنكىلارنىڭ سېتىلىش نىسبىتى پەۋقىلاددە ياخشى بولدى، مۆھتەرەم ئۇستاز ئابدۇقەييۇم ئىمىن سېتىلغان پىلاستىنكا، كىتابلارغا ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇقەييۇم ئىمىن نەق مەيداندا كۆپ قېتىم ئاۋاز ماھارىتى ئورۇنداپ قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشتى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھەسەنجان ئابلىمىت، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غۇجابدۇللا ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەر پائالىيەت ئورنىغا كېلىپ ئابدۇقەييۇم ئىمىن ۋە ئىرپان شىركىتىدىن ئالاھىدە ھال سورىدى ۋە بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
4 ^( V3 A9 h, ~8 Q0 o) g! V
ئالاھىدە تەۋسىيە:
5 _' ~8 Z9 l" r5 C2 [; ?
ئىرپان شىركىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان يۇقارقى كىتاب ۋە پىلاستىنكىلار ھەقىقەتەنمۇ جاھان ھېكمەتلىرىگە تويۇنغان، ئادەملەرگە قانداق ياشاشنى، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىتىدىغان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆلمەس روھى، قىممەتلىك نەسىھەتلىرى ۋە مۇۋەپپىقىيەتنىڭ سىرلىرى سىڭگەن بىرسى-بىرسىدىن سەرخىل، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بولۇپ، بىز بۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈش، ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز، روھىمىزنى پاكلاپ، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى كۆپ دەرىجىدە ئاشۇرالايمىز.
شۇنداقلا ئەقىل-پاراسەتكە تولغان زامانىۋى كىشىلەردىن بولۇشنىڭ ئاساسىنى سالالايمىز! كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئىمكانىيەت يار بەرسە يۇقارقى پىلاستىنكا ۋە كىتابلاردىن بىر نۇسخىدىن ساقلاپ قويۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.
( U$ g, o+ [" j- D( }! w
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىرگە بېرىلدى:
: {3 J- }4 T* M0 H, j; s4 O
6 w' c) X6 u$ U C* u
% G- y- w2 J( q1 y j7 A/ K! v
% f+ h o4 F# e
0 O2 w; K% _% x' F
' c, f% u6 A; |1 Q* N0 a: Z
/ W" n% W% c$ b! q; s% W
$ H4 S$ U- `# R3 v6 F+ }6 p) a
5 T% t, v4 b" O4 `- p
* C/ ?3 g# z8 ^' k. ]
6 F3 P0 Q' K! ?3 h( v) l) R! M
( n" t2 u. o2 U! U" i# T
8 P2 `" j+ I# p1 l+ s' b
! u5 a6 v7 b% K$ A1 Z' B
: D( H% c6 c1 `$ c) f5 ]
+ l/ L% D( _ h& ?
6 H+ L4 D) s8 l: u" z4 E3 z
2 ?) Z# K: ^; {6 p& S& P
, `% D9 H" `* j1 q' A0 f
/ D% b+ G# Q [
; g3 u& w2 ^: d0 v
" v* Y/ I1 f! U% [+ p3 U
5 P$ {2 ^% i) f$ i, ]
/ t f2 j3 e" k" N1 r" `
7 J% C% s& V1 u/ o% i8 D( S) @
. x# Q1 w# Y2 c. N( v" X
, r1 {! f o: D8 \3 m6 ~
& p- d# J- j( b2 v: K4 B+ Q3 \
5 p# M" K7 V. o0 D; }; V0 z0 G
1 m& Z1 \2 |' G7 Z2 `5 Y
بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ خەۋەر ۋاقتىدا يوللىنالماي قالدى.
. ?1 B' j* Z) e) f2 n8 a' P6 c
) j0 T- S% Z- A& d' ^2 v! \, ?
/ |7 p4 U: q* U
$ S. T3 {9 Q; t e/ }% T+ }
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家协会网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش