يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3004|ئىنكاس: 29

«كېرىيە» ژۇرنىلى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 04:23 PM  

«تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»مۇكاپاتلىق  ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش


  كېرىيە ناھىيەلىك  ئەدەبىيات-  سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن خۇتەن  «خۇا شېڭ ئۆي- مۈلۈك ئېچىش شىركىتى » بىرلىشىپ، مەدىنىيەتنى جانلاندۇرۇش، ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش، ئەدىبلىرىمىز، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان مەنىۋىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ۋە تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسىنى كېرىيە ساياھىتىدىكى بىرىنچى بىكەت قۇرۇشنى نىشان قىلىش   مەقسىتىدە ،« كېرىيە» ژورنىلى ۋە «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» دە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ،2016 -يىلى« «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى .
بۇ قېتىملىق   «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.
    1- مەزكۇر مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 2016- يىلنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، 8- ئايغىچەئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا  تارقىتىلىدۇ. قۇبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر «كېرىيە» ژورنىلى ، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» نىڭ « «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»  مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىلىدۇ.
    2 -مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  شېئىر، پىروزا، ئەدەبىي ئوبزۇر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات، خەۋەر،فوتو سۈرەت ، مۇھاكىمە ماقالىسى، مەدىنىيەت ۋە ساياھەتكە دائىر تەتقىقات ماقالىسى ،تونۇشتۇرۇش ماقالىسى قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر بولىدۇ ، ژىيانىرى چەكلەنمەيدۇ.ۋە مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرئاپتۇرىغا يۇرت چەكلىمىسى قۇيۇلمايدۇ.
3-مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرگە، مەزمۇنى يېڭى ۋە ساغلام بولۇش، بەدئىيلىكى يۇقۇرى ۋە ئۆزگىچە بولۇش   ئۆلچىمى قويۇلىدۇ. مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان بارلىق ئەسەرلەر  بىر تۇتاش   «كېرىيە» ژورنىلى، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» دە ئېلان  قىلىنىدۇ.
    4- مۇكاپاتقا ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ  ئەسەر قاتناشتۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەسەر يوللىغۇچى  ئەسىرىنىڭ بېشىغا ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسىنى،ئادرىسىنى ۋە ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى تولۇق يېزىشى ، ئاخىرىغا «تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسى لوڭقىسى»پائالىيتىگە دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇشى لازىم.
   5-ئەسەر تەستىقلاش ئۆتكىلى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، باشقا سەھىپىلەرگە يوللانغان ئەسەرلەر باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. ژورنىلىمىز ۋە گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىرى مەزكۇر مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئەسەر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ئەمما باھالاش جەريانىدىكى «نامزات ئەسەر كۆرسىتىش» باسقۇچىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.
  6-مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى باھالىغاندا  ژانىرغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ. بۇ قېتىملىق باھالاشتا،  كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى ،تارىخى، مەدىنىيىتى، ئۆرۈپ- ئادىتى، ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەر شۇنداقلا   ناھىيەلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ ئەھمىيىتى ، تاختا كۆۋرۈك مەدىنىيەت باغچىسىنىڭ مەدىنىيەت ۋە ساياھەت  قىممىتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەر ئالدىن تاللاش ئۇبۇكتى قىلنىدۇ .
   7- مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر  «كېرىيە»ژورنىلى ، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى»  دىن باشقا ھەر قانداق مەتبۇئات ،تور بەتلەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنمىغان، يېڭىدىن ئىجات قىلىنغان،  پەقەت «كېرىيە» ژورنىلى، «كېرىيە دېھقانلار گېزىتى» غا خاس ئەسەرلەردىن بولۇشى لازىم. مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدىن كېيىن بۇ ئەسەرلەر توپلىنىپ ، ئايرىم كىتاپ قىلىنىپ نەشىر قىلىنىدۇ .
8-  مۇكاپات سوممىسى توت تۈرگە ئايرىلىدۇ.
1-دەرىجىلىك مۇكاپات  بىر . مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە 5مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىلىدۇ .
2- دەرىجىلىك مۇكاپات  ئىككى.. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 4مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بىرىلىدۇ .
3- دەرىجىلىك مۇكاپات ئۈچ   . مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 3 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بىرىلىدۇ .
4- مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن ئەمما ئەسەر قاتناشتۇرغان ھەرقانداق ئەسەر ئاپتۇرىغا كېرىيە ناھىيەلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتى ، ناھىيەلىك  تەشۋىقات بۈلۈمى،     ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نامىدىن «گۇۋاھنامە» تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە  200 يۈەندىن يۇقۇرى مۇكاپات بۇيۇمى  تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ .
جەمىيەتتىكى ھەرساھەلەردىكى ئەدىپ، سەنئەتكارلارنىڭ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى سورايمىز.
ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئىلخەت ئادرىسى ۋە پوچتا ئادرىسىمىز :
پوچتا ئادرىسىمىز-كېرىيە ناھىيەلىك ئەدىبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى "كېرىيە"ژورنىلى تەھرىر بۈلۈمى 848400     پوچتا نومۇرى .
تېلفۇن نۇمۇرى: 0903-6818005
ئىلخەت ئادرىسىمىز-  keriye@126.com

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.
كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-15 18:54:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،چوقۇم ئەسەر ئېۋەتىمەن .

ۋاقتى: 2016-2-15 19:39:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوچتىدىن ئەۋەتسەكمۇ بولىدىكەندە؟...بۇمۇ بولغۇدەك. توردا ئەسەر ئىۋەتەلمىگەندىكىن،ئۇنۇڭ ئۈستىگە كىرىيەدىن قاشتاش چېقىدۇ دەپ ئاڭلىغان.مېنىڭ قەلەم ھەققىگە كىرىيەنىڭ قاشتېشىنى ئالغۇم بار.

ۋاقتى: 2016-2-15 20:34:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-15 08:36 PM  
ئارف يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 06:54 PM
رەھمەت سىزگە ،چوقۇم ئەسەر ئېۋەتىمەن .


ئۇكام شاھزادەم مەن ئەسەر يوللاشنى بىلمەيمەن،ناۋادا مۇۋاپىق كۆرسىلە مىنىڭ ئەسەرلىرىمدىن ئۆزلىرى تاللاپ يوللاپ بىرەلا.

ۋاقتى: 2016-2-15 21:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، نادىر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-2-16 10:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 08:34 PM
ئۇكام شاھزادەم مەن ئەسەر يوللاشنى بىلمەيمەن،ناۋادا م ...

پاھ، قىززىق گەپ بولدىدە بۇ ؟ ئادەم ھەمىنى بىلىپ يارالغان ئەمەسقۇ.

ۋاقتى: 2016-2-16 10:57:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 07:39 PM
پوچتىدىن ئەۋەتسەكمۇ بولىدىكەندە؟...بۇمۇ بولغۇدەك. تور ...

قاشتاش لازىممىدى يائاللا،  ئەسەر ئېۋەتىپ    ئۈزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇنىنىڭ ئۈزى قاشتاش ئەمەسمۇ !!!!!!!!!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2016-2-16 11:11:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارف يوللىغان ۋاقتى  2016-2-16 10:54 AM
پاھ، قىززىق گەپ بولدىدە بۇ ؟ ئادەم ھەمىنى بىلىپ يارال ...

ئۇكام شاھزادەم سەمىمىيلىك بىلەن تەكلىپنى بەردىم،يول كۆرسەتسىڭىز ياكى ياردەملەشسىڭىز مەن ئۈچۈن خۇشاللىق.

ۋاقتى: 2016-2-16 11:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   S.M.Ramizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 11:43 AM  

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن ماۋۇ    keriya@126.com  ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرىسى توغرىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئەسەر يوللىساق ‹بۇ مېنىڭ شەخسى ئېلخەت ئادرىسىم، مېنىڭ بۇنداق ئىشتىن خەۋىرىم يوق › دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ. چۈشەنچە بېرىلسە.

ۋاقتى: 2016-2-16 12:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-16 11:11 AM
ئۇكام شاھزادەم سەمىمىيلىك بىلەن تەكلىپنى بەردىم،يول  ...

بولىدۇ،  يول كۆرسىتەي.    ئاۋۋال ئۈستىدىكى نۇمۇرغا تىلفۇن قىلىپ تەپسىلاتىنى سۇرۇشتۇرۇپ باققاندىن كىيىن  ئاندىن ئېۋەتىدىغان ۋاقىتتا مەن ياردەملىشەي .  2304863650  بۇ چچ  نۇمۇرىم.

ۋاقتى: 2016-2-16 16:23:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
S.M.Ramizan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-16 11:39 AM
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن ماۋۇ    keriya@126.com  ئەسەر قۇبۇل قىل ...

keriye@126.com

ۋاقتى: 2016-2-16 20:31:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر ياخشى پۇرسەتكەن !

ۋاقتى: 2016-2-16 22:54:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 05:44 PM  

ياخشى ئىش بۇپتۇ.يازغۇچىلارنى قوللىغانلار  ياشىسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-17 13:44:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ...

ۋاقتى: 2016-2-17 13:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش