كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 10

ئادىلجان ئابدۇرېھىم: ئالمىدەك قىزىرىپ پىشماقتا ھىجران

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئابدۇرېھىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-14 11:03 PM  



ئالمىدەك قىزىرىپ پىشماقتا ھىجران

ئادىلجان ئابدۇرېھىم


بىر قىز ھەققىدە

ئۇنى كۆرگەن گۈل
پۇشايمان قىلار ئېچىلغىنىغا.
ئۇنى كۆرگەن ئاي
چىقماس ئىككىنچى ئاسمانغا.
چېقىلار ئەينەكلەر دەھشەت بىلەن
ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئالدىدا.
ئۇنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن
سۆزلەر ئۆزىگە مەنا ئىزدەپ ئاۋارە
ئۇيغۇرتىلى باياۋىنىدا.

كۆزۈم كۆزىدە ئۈزىۋاتقاندا
ئاۋازىم ئۆزىگە پېتىۋاتقاندا
بىپەرۋالىقى جېنىمدىن ئۆتىۋاتقاندا
ئۇنىڭغا بىر گەپنى دېگۈم كەلدى،
لېۋىنىڭ ئالمىسىنى يېگۈم كەلدى.
كىرپىكىنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ
بىردەم ئارام ئالغۇم كەلدى.


بىلىمەن
بەلكىم ئەمدى ئۇ يوق
ئارىمىزدا كۆرۈنمەس بىر ئوق.
لېكىن ئۇ قىز ئۈچۈن
كۆڭلۈمنىڭ ئىشىكى قالدى ئوچۇق.

يۈزۈم يۈزىدە قالدى
كۆزۈم كۆزىدە.
تىكىلىپ قارىيالمىدىم ئۇنىڭغا
يۈرىكىم زېدە.

كىرمەكتىمەن ئۆزۈمنى يېتىلەپ
ئىچىمدىكى چۆلگە.
بەلكىم ئۇنىڭ ئالدىدا
شائىرلىقىم تەڭدۇر نۆلگە.


بىر ساپاق ئازاب

قاقلىدىم ئاپتاپقا خىياللىرىمنى،
سۆيمەكتە لېۋىمگە سارغۇچ ھاياجان.
قەلبىمنىڭ خازانلىق باغلىرى ئارا،
ئالمىدەك قىزىرىپ پىشماقتا ھىجران.

كۆكسۈمگە مىخ بولۇپ پاتتى غېرىبلىق،
تېنىمنىڭ دەشتىدە بولدۇم قەلەندەر.
سۈكۈتكە ئورالغان تەشۋىشلىرىمدىن،
قوناقتەك ساڭگىلاپ تۇرار كېچىلەر.

سىنتەبىر يالىڭاچ ئاۋازى بىلەن،
سۆزلەيدۇ كەچكۈزدەك تۇيغۇلىرىمغا.
زاغرىدەك يېرىلغان پەرىشانلىقىم،
دەرەخكە يامىشىپ چىقماقتا ئاستا.

ئېسىلىپ كۆڭلۈمنىڭ يوچۇن شېخىغا،
مەي بولغان ئازابتىن ئۈزدۈم بىر ساپاق.
ئۇچۇرار تەقدىرنىڭ شامىلى مېنى،
ئىدىم مەن نىھايەت سەرسان يوپۇرماق.


دادام تىككەن دەرەخكە باقسام

( شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ئىزىدىن)

دادام تىككەن دەرەخكە باقسام،
يېلىنجايدۇ قېنىمدا بىر چوغ.
غورۇرۇمنىڭ كۆك ئاسمىنىدا،
لەپىلدەيدۇ مۇھەببەتلىك تۇغ.

دادام تىككەن دەرەخكە باقسام،
روھىم ئىچرە چاقنايدۇ قۇياش.
دەرياسىدا ئەسلىمىلەرنىڭ،
ئۆركەش ياساپ ئاقىدۇ ئوتقاش.

دادام تىككەن دەرەخكە باقسام،
چېقىلىدۇ يۈرىكىم چۇل-چۇل.
قوللىرىمدىن ماڭار يېتىلەپ،
يىلتىزىمغا بارىدىغان يول.

دادام تىككەن دەرەخكە باقسام،
جىمىرلايدۇ كۆكسۈمدە پىراق.
كەچمىشلەرنىڭ باياۋىنىدا،
بۇلدۇقلايدۇ قاراڭغۇ بۇلاق.

دادام تىككەن دەرەخكە باقسام،
باسار مېنى تاغدەك سۈكۈنات.
قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ئاستا،
قۇچاقلايدۇ روھىمنى ھايات.


كەچكۈزدىكى سەھرا

كەلدى جىمجىت خازانلار ئارا،
ھارۋا ھەيدەپ توپىلىق يولدىن،
ناخشىسىنى ئېيتقانچە كەچكۈز.
دەرىخىدىن يېشىل ۋاقىتنىڭ،
تۆكۈلمەكتە قۇشلار يازغان سۆز.

چۈشلىرىگە يۆلەنگىنىچە،
كۈن نۇرىغا قاقلاپ كۆڭلىنى،
تام تۈۋىدە مۈگىدەر سەھرا.
ئەگەشتۈرۈپ خىياللىرىنى،
قويلىرىنى ھەيدەپ چۆچەكتىن،
چىقىپ كېلەر پادىچى بالا.

جۆر بولۇشۇپ ئۇچار غازاڭلار،
شاماللارنىڭ مىسكىن كۈيىگە.
ئېقىپ كېلەر سۇغا چۆمۈلۈپ،
شەھلا كۆزلۈك مەسۇم بۇلاقتىن،
ئالتۇن رەڭلىك شېرىن ئەسلىمە.

ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ تاڭنى،
جاراڭلايدۇ كۆمۈش قوڭغۇراق.
قەبرە تامان ماڭار ئاۋايلاپ،
ۋەتىنىنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ،
سەرسان بولغان ساددا يوپۇرماق.


نازاكەتلىك باغلار چېھرىدە،
ھۆكۈم سۈرەر سارغۇچ سۈكۈنات.
چىن ئەقىدە كۆكلەپ بۇ يەردە،
شېئىر بولۇپ يېزىلار ھايات.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-15 12:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ ئىنىم،ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم

ۋاقتى: 2016-2-15 10:26:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئادىلجاننىڭ بىرىنچى پارچە شېئىرىدىكى ئاجايىپ گۈزەل تەسۋىرىي ئوخشۇتۇشلارغا قول قويدۇم.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل گۈزەللىك بالقىپ تۇرىدۇ. پەقەت ئادىلجاننىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بۇ خىل گۈزەللىكنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى،رەقەملەر دۆۋىسى ئىچىدە يوقاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-15 10:59:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى ئىككى پارچە شېئىر ئۈچۈن مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-15 13:03:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام تىككەن دەرەخكە باقسام

بۇ ئەسەر ماڭا بەك يارىدى.

ۋاقتى: 2016-2-15 13:19:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇردۇم تېخىمۇ كوپ ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-2-15 17:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ خاس يولىنى ئىزدەۋاتقان  ئادىلجانغا داغدام يول تىلەيمەن ... ئىشلىرىڭ قانداق كېتىپ بېرىۋاتىدۇ ؟ ئىلاھىم ، ساڭا تېخىمۇ يارقىن ئىلھام يار بولغاي . غەزەللىرىڭنى توردىكى بۇرادەرلەر تېخىمۇ سېغىنغاندەك قىلىدۇ .... ئامان بول !

ۋاقتى: 2016-2-16 10:44:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-16 20:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرپىكىنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ ،
بىردەم ئارام ئالغۇم كەلدى .

بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ماڭا ئىنتايىن يېڭى بىلىندى .

ۋاقتى: 2016-2-17 01:03:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۇكام. "بىر قىز ھەققىدە" بىلەن "بىر ساپاق ئازاپ" ماڭا بەك يارىدى. بولۇپمۇ "بىر ساپاق ئازاپ" بەك تاتلىق چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-19 15:18:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىلىپ كۆڭلۈمنىڭ يوچۇن شېخىغا،
مەي بولغان ئازابتىن ئۈزدۈم بىر ساپاق.
ئۇچۇرار تەقدىرنىڭ شامىلى مېنى،
ئىدىم مەن نىھايەت سەرسان يوپۇرماق            
        


  بۇ مىسرا ياخشى چىقىپتۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش