بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېزىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 04:11 PM
قاڭشار چىقىرش ئېلانى
فىليەتۇن
ئېزىز تۇرسۇن
بىر كۈنى كەچتە رادىيونىڭ ئېلان پروگراممىسىدىن «قوش قاپاق چىقىرش، قاش چىكىش، قاڭشار چىقىرش...» توغرىسىدىكى بىر ئىلاننى ئاڭلاپ قىزىقىپ قالدىم؛ مىنىڭ بۇرنۇممۇ سەل پاناقراق ئىدى، قاشسىز، قاپاقسىزلارغىغۇ قاش چىقىرىپ، قاپاق ياساۋاتىدۇ، پاناقلارنىمۇ راستىنلا قاڭشارلىق قىلغىلى بولامدىغاندۇ؟!
مەكىت دولان قويىنىڭ تازا بازار تېپىۋاتقان چاغلىرى ئىدى. ئۇنى دېھقان، چارۋىچىلارلا ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەركەسىپتىكىلەرمۇ بېقىپ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.
بىر كۈنى قوشنىمىز بازاردىن بىر قوي سېىتۋالغانلىقىنى ئېيتىپ، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە دادامنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۆتۈندى. قويغا مەنمۇ قىزىقىپ ئۇلار بىلەن بىللە چىقتىم. قوي يامان ئەمەس ئىدى، قۇلىقىنىڭ سەل قىسقىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باش-ئايىقى شۇنداق قاملاشقان، بولۇپمۇ بەكلا قاڭشارلىق ئىدى.
-مۇشۇ قاڭشىرىنى دەپلا 5000يۈەنگە ئېلىۋەتتىم، قانداق، قىممەت ئەمەستۇ؟
دادام ئۇنىڭ جايىدا سودا قىلغانلىقىنى، قوچقارغا چۈشكەندە بىزنىڭ ئۆيدىكى قوچقارغا قويسا، قۇلىقىنىڭ قىسقىلىقى بىلەن ماسلىشدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قوشنىمىزنىڭ كۆڭلىنى تىنجىتتى. كىم بىلسۇن، تۆت كۈندىن كىيىنلا قوشنىمىز ئۆڭسۇلى ئۆچكەن ھالدا ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى.
-تۇرسۇنكا، قوينىڭ قاڭشىرى يوقاپ كىتىپتۇ!
قوشنىمىزنىڭ ئېغىلىغا كىرسەك، راست دېگەندەك بازار كۈنى ئالغان قوينىڭ تۇمشۇقى نوغۇچتەكلا تۈزلىنىپ قاپتۇ، قاڭشار دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق.
شۇ چاغدا قوينىڭ قاڭشىرىنىڭ ساختىلىقىنى، ساختىپەز قويچىلار تەرپىدىن قويۇلۇپ كەتكەنلىكىمىزنى بىلدۇق. ئەسلىدە قوينىڭ تومشۇقىغا قاتتىق نەرسە بىلەن ئۇرۇپ ئىششىتىپ مەجبۇرى قاڭشار چىقىرىلغانىكەن. دېمىسىمۇ، شۇ چاغلاردا قوينىڭ قاڭشىرى بىلەن قۇلىقىلا تۆت-بەش مىڭ يۈەنگە يارايتتى.
مۇشۇلارنى ئويلاپ، رادىيودا ئاڭلىغان ھۆسن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ «قاڭشار چىقىرىش» خىيالىمدىن تىزلا ۋاز كەچتىم.